WordPressدە بلوگ ئۈچۈن چىرايلىق رەڭدار خەتكۈچ بېتى قۇرۇشنىڭ تەدبىرى

756-1

ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىز «WordPressدە رەڭدار خەتكۈچ ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشنىڭ ئىككى تەدبىرى»دە بىز بلوگىمىزدىكى رەڭدار خەتكۈچنى قانداق ھاسىل قىلىشنى ئۆگىنىپ ئۆتكەن ئىدۇق. بۇ قېتىملىق يازمىمىزدا بولسا، ئاشۇ يازمىمىزدىكى تېخنىكىنىڭ داۋامى بولغان رەڭدار خەتكۈچ بېتى ياساشنى ئۆگىنىپ ئۆتكۈسىمىز. رەڭدار خەتكۈچ بېتىنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈپ باقماقچى بولسىڭىز ئاۋۋال ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدىكى خەتكۈچزارلىقنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ. خوش، يازمىنىڭ داۋامىغا مەرھەمەت…

تەييارلىق باسقۇچلار

مەزكۇر تەدبىرنىڭ قوللىنىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەجرىبىگە Prestan Simple ئۇسلۇبىنى ئىشلەتتۇق. ئۇنىڭدىن باشقا سىز ئاۋۋال «WordPressدە رەڭدار خەتكۈچ ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشنىڭ ئىككى تەدبىرى»دىكى ئىككىنچى تەدبىرنى ئاللىقاچان قوللىنىپ بولغان بولىشىڭىز شەرت. كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇسلۇبىڭىزنى زاپاسلىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ.

 

تەدبىرنىڭ بايانى

1. Prestan Simple ئۇسلۇبىدىكى page.php ھۆججىتىنى كۆپەيتىڭ(نورمالدا كۆچۈرۈپ چاپلاش مەشخۇلاتىنى قىلسىڭىزلا بولىدۇ)، ئاندىن كۆپەيتىلگەن ھۆججەتنىڭ نامىنى tags.phpگە ئۆزگەرتىڭ.

2. تۆۋەندىكى كودنى tags.php ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئۈستىگە چاپلاڭ:

/*powered by : Uyghurbeg.net*/

/*
Template Name: خەتكۈچزارلىق 
*/
?>

3. ئۇسلۇبىڭىزدىن تۆۋەندىكى كودنى تېپىڭ :

class="entry">
    

4. يۇقارقى كودنىڭ ئورنىغا تۆۋەندىكى كودنى ئالماشتۇرۇڭ :

"page-cnt" class="tags">
   'smallest=12&largest=18&unit=px&number=0&orderby=count&order=DESC');?>
           

ئىزاھات : يۇقارقى كوددىكى smallest بولسا خەتكۈچنىڭ ئەڭ كىچىك رازمىسى، largest بولسا ئەڭ چوڭ رازمىسىنى كۆرسىتىدۇ، unit=px خەت رازمىسىنىڭ بىرلىكى، number=0 بولسا بارلىق خەتكۈچنى كۆرسىتىشنى چۈشەندۈرىدۇ.

5. يۇقارقى باسقۇچلار تاماملانغاندىن كېيىن tags.php ھۆججىتىنىڭ تولۇق كودى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ :

/*powered by : Uyghurbeg.net*/

/*
Template Name: خەتكۈچزارلىق 
*/
?>

 

    if (have_posts()) : ?>
        while (have_posts()) : the_post(); ?>
            
class="post single_post" id="post-">
                

                
"page-cnt" class="tags">
    'smallest=12&largest=18&unit=px&number=0&orderby=count&order=DESC');?>
            
            
        endwhile; ?>
        else : ?>
            
class="post">
                

كەچۈرۈڭ، مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن تېپىلمىدى.

            
        endif; ?>
    
include_once("prestan_bar/pagebar.php"); ?>

6. خوش، باياتىندىن بىرى php ئوينىدۇق، ئەمدى css ئوينايلى، تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇب پاسون ھۆججىتى style.cssگە ئورۇنلاشتۇرۇڭ :

#page-cnt.tags,
#page-cnt.friends { height: 576px; padding: 6px 0 0; overflow: hidden; line-height: 30px; }
#page-cnt.tags,
#page-cnt.friends { height: auto; padding-top: 5px; overflow: visible; }
.tags a { display: inline-block; margin: 0 4px; white-space: nowrap; }

يازما خوش يېقىۋاتامدۇ؟ ئەمىسە قالغىنىغا بىردىن ئىنكاس يېزىپ بېقىڭە، قانچە ئادەمگە خوش ياقتى، بىر ساناپ باقاي...لول لول لول

سىز كۆرمەكچى بولغان مەزمۇن ئىنكاس يازغاندىن كېيىن كۆرۈنىدۇ


شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ قالتىس چىرايلىق بېتىمىزدىن بىرى پەيدا بولىدۇ.

خوش، يازما يېزىش داۋامىدا بىز ھارمىدۇق، سىز بولسىڭىزمۇ بەتنىڭ ئۈستى-يېنىدىكى ئېلانلارنى چىكىپ ھارمايسىز، ئىنكاس يېزىپ ھارمايسىز، شۇنداققۇ؟…

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


16 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif