[ئىجادىيەت] بلوگگېرلار ئۈچۈن ئېلان چىكىشكە ئون باھانە، ئەمدى ئېلانىمنى چەكمىگىنىڭىزنى بىر كۆرەي!

qsarfdsfsgsg

كەمىنە ئۇيغۇربەگنىڭ قانداق ئۇيغۇرچە بلوگ ياكى بېكەتكە بارسا ئەڭ ئاۋۋال ئېلانلىرىنى مارىلايدىغان ئادىتى بارتى، شۇڭلاشقىمۇ قەيەرگە بارسام شۇ يەردە ئېلان چىكىپلا يۈردۈم. بۈگۈن دەرس ۋاقتى دەرس ئاڭلاۋېتىپ، بلوگگېرلارنىڭ كىرىمىنىڭ شۇ قەدەر ئازلىقىغا ئېچىنغاچ، بلوگگېر ئۈچۈن ئېلان چىكىشىگە ئون باھانە تېپىپ چىقتىم، تۈگەشتىڭىز، ئەمدى ئېلان چەكمىگىنىڭىزنى بىر كۆرەي!

 

1. پارتىيە ئۈچۈن، ۋەتەن ئۈچۈن، ئولۇغ جۇڭگۇئانىڭ قايتا گۈللىنىشى ئۈچۈن چىكىمىزدە ئەلۋەتتە!

2. ئەلدىن-ئەلگە نەپ، ئېلانىڭىزنى چىكىپ قويسام ئۇيغۇرىمنى قوللاپ قويغىنىم بوپ قالار…

3. يازما يېزىش ئۈچۈن دەرسكىمۇ چىقماپسىز، خىزمەتكە كېچىكىپسىز، نومۇرىڭىزنى تارتىپتۇ، مۇئاشىڭىزنى تارتىپتۇ، ئېلانىڭىزنى چېكىپ قويدۇم، بىر قۇتا سۇ بولسىمۇ كېلەر…

4. يازغان يازمىڭىزنىڭ تۇتامى يوق، ئىنكاس يېزىشقا مەيلىم يوق، ئاچچىقىم راسا كەلدى، قانداق قىلاي، مەن يا تاماكا چەكمىسەم، ئاچچىقىمنى ئېلانىڭىزدىن ئالدىم!

5. ئاڭلىسام قىز دوستىڭىز(ئايالىڭىز) بىلەن ئۇچرىشىشقا دېيىشىپ قويۇپ، بلوگ ئوينايمەن دەپ ئۇچرىشىشنى ئۇنتۇپ قاپسىز، بەك ئەلەم بولغان ئوخشايدۇ، ئېلانىڭىزنى چىكىپ قويدۇم، ئالماس كۆزلۈك ئالتۇن ئۈزۈكدىن بىرنى ئېلىپ كۆڭلىنى ئېلىڭ.

6.كەسىپداشنىڭ دەردىنى ئۆزىمىز بىلىمىز، قوللاپ قويغىنىم بوپ قالا!…

7. ئاڭلىسام سىزنى يازما يېزىش ئۈچۈن تاماق يېيىشنىمۇ ئۇنتۇپتۇ دەيدۇ، ئېلانىڭىزنى چىقىپ قويدۇم، كەلگەن كىرىمگە بىر تال تۇخۇم بولسىمۇ كېلەر.

8. ئېلانلىرىڭىزدىكى ئاۋۇ چىرايلىق قىزغا كۆزۈم چۈشكەنتى…

9. ئېلانىڭىز ئارىسىدىن يازمىڭىزنى تاپىمەن دەپ ئۇقۇشماي چىكىپ قالدىم، ۋاي ئىسسىت!

10. كەچۈرۈڭ، بايا يېڭى ئالغان مائۇسىمنى سىناۋاتقانتىم، ئۇقۇشماي چىكىپ سالدىم…



无觅相关文章插件,快速提升流量


56 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • 10. كەچۈرۈڭ، بايا مائۇسىمنى سىناۋاتقانتىم، ئۇقۇشماي چىكىپ سالدىم…

    ماۋۇنىڭغا تازا سەت كۈلىۋاپتىمەن

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.7

      خەلقىمنىڭ كۈلگىسى مېنىڭ بەختىم، خەلقىمنىڭ ئىنكاسى مېنىڭ تەختىم!

  • كىم دەيدۇ ؟ باھانە ھامان چىقىدۇ ….
    1.مەن يازما ئوغىرىسى ، شۇڭا سىزنىڭ جاپا تارتىپ يازغان يازمىڭىزنى ئوغۇرلايمەن دەپ ، ئىلانىڭىزنى چىكىشكە ۋاقتىم يەتمىدى .
    2.بىلوگىڭىزغا ھەر كىرسەم ، ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ ، مەنمۇ نېمىشقا مۇشۇنداق يازالمايمەن ، مېنىڭمۇ نېمىشقا مۇشۇنداق بىلوگىم يوق ؟ دەپ ، شۇڭا ئىلان چىكىشنى ئۇنتۇپ ، ھەسرەت چىكىمەن .

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.7

      ھەي…بۇ چەكمەسلىكنىڭ باھانىسى ئىكەندە!

  • 3.ئنىكاس يېزىشقىمۇ ئىرىنمەن ، شۇڭا ئىلان چىكىشمۇ بىر خىل ئاۋارىچىلىق ….
    4.خەقكە ئىلان كىرىمى يارىتىشنى ماڭا كىم قويۇپتۇ ، ئىشىنى قىلسۇن ….دەدىغانلارمۇ چىقار ھەقىچان ؟

  • ئەمما ئىلان چىكىشمۇ بىر خىل ھۆرمەت ، چۈنكى ، بىلوگگىر ئوقۇرمەن ئۈچۈن يازىدۇ دە بىلوگنى ، گەرچە بىلوگ شەخسنىڭ قارىشىغا ۋەكىللىك قىلسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭدىن زوق ئالىدىغانلار يەنىلا بار ، ئىلان چىكىشنىڭ ئۆزى بىلوگگىرنىڭ ئەجىرىگە جاۋاب قايتۇرغانلىق ۋە بىلوگگىرنى قوللىغانلىق ، ئەقەللىيىسى ھۆرمەت قىلغانلىق ….شۇڭا ئىلان چىكىمەن ……

    • قەقنۇس | 2012.06.6

      مۇئەللىم توغرا دەيدۇ .نىمە دىگەن بىلەن مۇئەللىمدە :razz:

  • سەگەردان | 2012.06.6 جاۋاب

    بۇ بىلوگدا ئىلان چەكمىسەك، ئوڭدا يېتىپ ھەسرەت چىكىدىغان گەپ دەيمەن… :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.7

      يولداش سەرگەردان توغرا دەيدۇ!

  • گىك | 2012.06.6 جاۋاب

    ئۇيغۇربەگ سىز بىلوگىڭىزدىكى ئىنگىلىزچە ئىلانلارنى قانداق قولغا كەلتۈردىڭىز ؟ مىنىڭ بىلوگىمدا پەقەتلا ئىلان كۆرۈنمەي قالدۇ

    • نۇرنىجات | 2012.06.6

      گوگىل ئېلانى بولسا،تىل كودى قوشمىسىڭىز كۆرۈنمەيدۇ!

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.7

      نەق جاۋاب!

  • يارقىن | 2012.06.6 جاۋاب

    مۇئەللىم ئەپەندىم توغرا دەيدۇ…. مەنمۇ ئېلان چىكىشنى ئۇگىنىپ قويسام بولغۇدەك…. :|

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.7

      سىزمۇ جىڭ دېدىڭىز!

  • مۇزات | 2012.06.6 جاۋاب

    مەنمۇ سىزگە ئوخشاش قانداقلا بلوگقا كىرسەم ئېلان چېكىپ قۇيدىغان ئادىتىم بار.پەقەت مەكتەپنىڭ تور سۇرئىتى ياخشى بولسىلا. :mrgreen:

  • مېنىڭ ئادىتىم قايسىلا بلوگقا كىرسەم،ئاۋۋال ئېلاندىن ئىككىنى چېكىۋېتىپ ئاندىن زىيارەت قىلىمەن!

    • گىك | 2012.06.6

      تىل كودىنى قانداق قوشىتمىزا ؟؟

    • نۇرنىجات | 2012.06.6

      ئېلان كودىنىڭ//–>دېگەن قۇرىنىڭ ئۈستىگە يېڭى قۇر ئېچىپgoogle_language= ”eng“;نى كىرگۈزۈپ قويسىڭىز تامام!
      ئىزاھات:تىل كودىنى خالىغانچە تىللارغا تەڭشىسىڭىز بولىدۇ!مەسىلىگە دۇچ كەلسىڭىزhttp://uyghuradsense.comغا كېلىڭ،ياكى مېنى ئىزدەڭ!

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.7

      بۇ روھىڭىز مېنى ئازراق تارتىپ قاپتۇ!

    • گىك | 2012.06.10

      سىز دىگەندەك قىلىپ باقتىم يەنىلا بومىدى ، سىز بىكىتىڭىزگە قويغان ئىلاننڭ كودىنى text ھۆججىتى شەكىلدە 398487113@qq.com غا ئەۋەتىپ بېرىڭە ئۆزۈم بىر كۆرۈپ باقاي

    • سەھرالىق | 2012.06.10

      ئەگەر گوگىل تور كۆرگۈچىسىنى ئىشلەتكەن بولسىڭىز بەتنىڭ ئەسلى كودىنى كۆرگىلى بولىدۇ، شۇ يەردىن ئېلانغا قوشۇلغان تىل كودىنىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ… بۇ تىل كودىنى قوش دىگىنى ئېلاننىڭ ئېگىزلىكى بىلەن كەڭلىكىنى بەلگىلەيدىغان كودنىڭ ئاستىغىلا قوشسىڭىز ئىش تامام.

  • تاماكا چەكمەي ئېلان چېكىڭ.
    كلاسسىك…

  • مەنمۇ «تاماكا چەكمەي ئېلان چىكىڭ» دىگەننى ياقتۇرىمەن!

  • مەن كۈندە يوقلايدىغان بلوگلارنى سىلەر ھەرگىزمۇ پەرەز قىلىپ بولالمايسىلەر :cool: ،گەرچە باشقا ئىش قىلالمىساممۇ ئېلانلارنى ئانچە-مۇنچە چىكىپ باقىمەن :idea:

  • ما باھانە بوپتۇ

  • ئەمما لىكىن ماۋۇ بالا گەپكە بەك ئۇستىكەن جۇما….ماۋۇ يازمىنى ئوقۇپ قىيىپ كەتتىم ، شۇ ئەسنادا بىلىپ بىلمەي ئىلاندىن بىر نەچچىنى چىكىپ تاشلاپتىمەن…. :mrgreen:

  • يالغۇز | 2012.06.7 جاۋاب

    ئۇيغۇربەگ مۇنبەرگە تىما يوللىيالمىدىم :???: باش سۇرەت تەڭشەڭ دەيدۇ،بولمىسا بەلگىلەپ بولغان بىراق يەنىلا بەلگىلەڭ دەپ 1كۇن بولدى،ياكى باشلىقلار تەستىقلايدىغان ئىش بولسا،تەستىقلايدىغان باشقۇرغۇچىلار يوقمۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.7

      سالام، تۆۋەندىكى كوت-كوت بىلەن ئالاقە قىلىڭ: 761250477

  • يالغۇز | 2012.06.7 جاۋاب

    ئۇيغۇربەگ ئاڭلىسام ئاچچىقىڭىز بەكلا يامانكەن،گەپ بىلەنلا بىر تەرەپ قىلدىكەنسىز،بۇ ئەلشاتكامنىڭ گىپى يەنى ئاساسى مەقسەتكە كەلسەك ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبۇم(يىڭى ئۇسلۇب،firefox,chorme)دا ھەقىقى گۈزەل تۇرقىدىن بەھىر ئالالايسىز!)http://yalhuz.000a.biz دىكى ئۇسلۇب بۇنىمۇ ھەقسىز تارقىتاي دىگەن،ئاڭلىسام سىز بۇنى ھەقلىق تارقىتىپتىكەنسىز!شۇنىڭم بىلەن ئەلشاتكام مىنى ئەسكەرتمىگەن بولسا(سىزنىڭ ماڭا پالتا-پىچاق تۇتۇپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)لىكىن چوڭلارنىڭ ئالدىغا ئۆتۇپ تارقىتىۋەرسەم قانداق بولا؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.7

      ئالەششەنى، بازىرىمنى ئۆلتۈرەي دەمسىز؟(چاقچاق)
      ھىم، ئۆزىڭىزنىڭ ئەمگىكى بولغاندىكىن تارقىۋىرىڭ، مېنىڭدىن بۇ ئۇسلۇبنى سېتىۋالغانلارمۇ ئاز ئەمەستى، ئۇلار كېلىپ ياقامدىن ئېلىپ، مېنى ئۇرۇپ كەتمىسىلا سىزنىڭ بىر قۇشۇق قېنىڭىزدىن كېچەي!

  • يالغۇز | 2012.06.7 جاۋاب

    مانا،مانا چوڭ دىگەن چوڭدە!

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.7

      ئۇسلۇبلىرىنى WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىگە ھەم يوللىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز! ئۇ ھەممىمىزنىڭ مۇنبىرى، بلوگداشلارنىڭ مۇنبىرى!

  • يالغۇز | 2012.06.7 جاۋاب

    شۇڭا مەن بۇ ئۇسلۇپنى پەقەت 5 ئادەمگە تەمىنلىمەكچى!

  • يالغۇز | 2012.06.7 جاۋاب

    شۇ لىكىن باش سۇرەتنىڭ غىمى

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.7

      مەن قالدۇرغان نومۇر بىلەن ئالاقە قىلىڭ…

  • Forever | 2012.06.7 جاۋاب

    بەزى ئېلان ئورنىدا رەسىم چىقماي خەتلا چىقىدىكەن ، شۇنداق ئېلاننىمۇ چەكسەك بولاۋىرە ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.7

      بولىدۇ، ئاشۇنداق ئېلانلار بەزىدە بەكرەك پۇلغا ياراپ قالىدۇ… :grin:

  • يىگانە | 2012.06.7 جاۋاب

    ئون ئېغىز قۇرۇق گەپتىن بىر ئېغىز ئەمەلى ئىش ئەلا دەپتىكەن، شۇڭا مەنمۇ سېخىيلىق بىلەن ئېلاندىن بىر چىكىۋەاتتىمغۇ؟؟؟؟؟ :mrgreen:

  • پەخرىم | 2012.06.7 جاۋاب

    ئۇيغۇر بېگ جاناپلىرى سىز ئىشلىتىۋاتقان بۇ ئۇسلۇب پىرىستان ئۆز ھال ئۇسلۇبى 1 شۇكەن ھە ! ئازراق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپسىز ، مۇمكىن بولسا بىزگىمۇ مۇشۇنداق قىلىشنى ئۆگىتىپ قويسڭىزچۇ .

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.8

      قايسى?

  • huxhuy | 2012.06.8 جاۋاب

    مەن پەقەت 2-ئۇسۇل بويىچە ئېلان چېكىمەن.لېكىن كۈندە ئەمەس ھەمدە بارلىق بلوگدا ئەمەس. نېمىشقا؟ كۈندە چەكسەك ئېلاننىڭ توختاپ كېتىپ«كۆزنىڭ چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويۇشتىن قورقۇپ». ھەممە يەردە چەكمەسلىكتە-ئاز بىر قىسىملار ئېلاننى قات-قات قويىۋالغىنى بىلەن«مېۋىسى»نىڭ تەمى يوق. شۇڭا تەمسىز مېۋىگە كىمنىڭ چالما ئاتقۇسى كېلىدۇ؟ :lol:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.11

      بەزىدە چىكىپ قويغاننىڭ بەدەنگە پايدىسى بار…

  • ئەلىف | 2012.06.8 جاۋاب

    ئېلان چىكىش ئۈچۈنلا كىردىم جۇمۇ! :cool:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.11

      دەششەت قارشى ئالىمىزغۇ …

  • تاتلىق | 2012.06.8 جاۋاب

    مېنڭ بىلوگىمدا تېخى ئېلان يوق… ھازىرچە بىلوگىمدا ئېلان چەكمەي يازما چېكىپ تۇرۇرڭ… :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.11

      يازمىلارنى چىكىپ ئۆتتۈۋەتكەنتۇققۇ؟

  • مەن مۇشۇ ئۇيغۇربەگنىڭ يازمىلىرىدىن، ئۇنى ئۇ يەرگە قويۇڭ، بۇنى بۇ يەرگە قويۇڭ دېگەن سۆزلىرىدىن، ئىشنى جايىدا قىلالماي قاتتىق جاپا چىكىپ كىتىمەن. ئاخىر بولالماي، بولدىلا! جاپا چەككىچە ئېلان چېكەي دەپ ئېلان چىكىپ سالىدىكەنمەن. چۈنكى مەن ئاران شۇنىلا قىلالايدىگەنمەن. قاچانمۇ چوڭ بۇلارمەن …….

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.11

      ئەتە…

  • تۇيغۇن | 2012.06.10 جاۋاب

    ئېلاننى چىداپ تۇرۇپ چەكمەي چىقىپ كەتتىم ھە ! :grin:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.11

      ئىلاھىم كومپىيوتۇرىڭىزغا ۋىروس، باكتىرىيە، ھۈجەيرە قاتارلىقلار توننىلاپ كىرسۇن ئىلاھىم، سۈف!

  • گىك | 2012.06.11 جاۋاب

    ماۋۇ يازمىڭىزنىڭ بىتىدىكى ئىلانلار ئۆزىنى ماڭا تۆت بەش قىتىم چەكتۈرىۋەتتىيا …

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.11

      ئۇنداقتا ئۇتۇق قازانغان ئوخشايمەن!

  • ئۇيغۇربەگنىڭ باشقا ئېلانلارنى چېكىۋاتقانلىقىغا ھېچ ئىشەنمەيمەن جۇمۇ :grin:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.08.10

      ئەمما چىكىۋاتقانلىقىم راست :oops:

  • ئەرۋاھ | 2012.08.10 جاۋاب

    ھەي ئۇيغۇر_بەگ شەيتان_بەگ دىسەك بولغۇدەك جۇمۇڭ سىزنى :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.08.10

      قانداق دەيسىز؟

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif