- سەھىپە:WP تېخنىكىسى
- | باھا:22
- | زىيارەت: 2,252 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Wordpress, تېخنىكا
دېسەم بىلمەيسىز، يەرشارى باش تۇتاش سۆرىتى دەپ نام قويۇلغان Gravatar باش سۆرىتى بلوگنىڭ سۈرئىتىگە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر قىلىدۇ. ناۋادا، بىز قول تىقىپ ئوپىراتسىيە دەمدۇق، پوپىراتسىيە دەمدۇق، ئىشقىلىپ بىر نېمىلەرنى قىلىپ Gravatarنى يەرلىكلەشتۈرۈۋالساق، ھىم، ئالەششەنى، دېمەيدىغان گەپدىن بىرنى دەپ ساپتىمەن، بلوگىمىزنى ئوت ئالدۇرۇپ قالىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ خىل يەرلىكلەشتۈرۈش ئۈنۈمىنى ئوينايدىغان قىستۇرما ۋە تەدبىرلەر ناھايىتى كۆپ. بۈگۈن، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ تەدبىرىنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن، ئۇستاملار، ئامبۇر-كۇلۇچ دېگەن جابدۇقۇڭلارنى تەييارلاپ بولۇپ، يازمىغا قاراپ ھۇجۇم قىلىڭلار!…
يازمىدىن بۇرۇنقى بلوگ ساۋاتسىلىرىنى تازىلاش ھەرىكىتى
يەرشارى باش تۇتاش سۆرىتى Gravatar دېگەن نېمە؟
يازمىنىڭ داۋامى ۋە پايانى
خوش، بلوگىمىزنى ئوت ئالدۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى باسقۇچلارنى قانلىق بېسىپ ئۆتۈشىمىز لازىم :
1. يەرلىكلەشتۈرۈش ئامبىرى قۇرۇش
FTP قورالى بىلەن بلوگ ئورنىتىلغان باش مۇندەرىجىنى ئېچىپ، avatar دېگەن نامدا يېڭىدىن بىر فولدېر(ھۆججەت قىسقۇچ) قۇرۇڭ ۋە مەزكۇر فولدېر ھوقۇقىنى 777 قىلىپ بەلگىلەڭ.
2. سۈكۈتتىكى باش سۆرەت بەلگىلەش
سۈكۈتتىكى باش سۆرەت ئۈچۈن ئۆزىڭىز مۇناسىپ قارىغان سۆرەتنى تەييارلاڭ ھەمدە نامىنى default.jpg قىلىپ ساقلاپ، باياقى فولدېر «avatar»نىڭ ئىچىگە تاشلاڭ.
3. يەرلىكلەشتۈرۈش كودى ئورنىتىش
يۇقارقى ئىككى باسقۇچ تاماملانغاندىن كېيىن، تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇب ھۆججىتى بولمىش functions.phpنىڭ مۇۋاپىق جايىغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ :
function my_avatar($avatar) {
$tmp = strpos($avatar, 'http');
$g = substr($avatar, $tmp, strpos($avatar, "'", $tmp) - $tmp);
$tmp = strpos($g, 'avatar/') + 7;
$f = substr($g, $tmp, strpos($g, "?", $tmp) - $tmp);
$w = get_bloginfo('wpurl');
$e = ABSPATH .'avatar/'. $f .'.jpg';
$t = 1209600; //設定14天, 單位:秒
if ( !is_file($e) || (time() - filemtime($e)) > $t ) { //當頭像不存在或文件超過14天才更新
copy(htmlspecialchars_decode($g), $e);
} else $avatar = strtr($avatar, array($g => $w.'/avatar/'.$f.'.jpg'));
if (filesize($e) < 500) copy($w.'/avatar/default.jpg', $e);
return $avatar;
}
add_filter('get_avatar', 'my_avatar');
شۇنداق قىلىپ، بىزنىڭ قىسقىچە يازمىمىز «Gravatar باش سۆرىتىنى يەرلىكلەشتۈرۈشنىڭ تەدبىرى»مۇشۇ يەردە تاماملاندى. ئۇتۇقلۇق بولغانلار شۇ ھامان ئىنكاس تارتۇق قىلغايسىزلەر. ھە راست، مەزكۇر يەرلىكلىشىش زامانىغا كەلگەندىن كېيىن، سىزنىڭ بوشلۇقىڭىزدىن ناھايىتى ئاز بولغان ئېقىم مىقدارىنى سۈمۈرۈپ كېتىدۇ، ناۋادا ئېقىم مىقدارىنى سۈمۈرۈپ كېتىشىگە چىدىمىسىڭىز، گۈزەل بولۇش ئۈچۈن بولسىمۇ ئىنكاس تاشلاپ كېتىڭ، پايدىسى بار…
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- «ئەلكۈيى مىكروبلوگى»نى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشلىتىشتىن تۇغۇلغان ئويلار (2)
- EOT ئادرىسىنى ئۆزگەرتىش يۇمتالىنى چۈشۈرۈڭ
- [wordpress ئۇسلۇبى]يېڭى ئۇسلۇب ‹‹Adnroid››نى تارقىتىش پەرمانى چۈشۈرۈلدى!
- ئىجادىي ئۇسلۇب «پرېستان سەلتەنەت(PrestanSeltenetBeta)» سىناق نۇسخىسى ئېلان قىلىدى (11)
- [كاتتا رېتسىپ]بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى ‹‹.TK››گە ئېرىشىش قوللانمىسى (34)
- يېڭى دەۋر ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى ئۈچۈن «ئۈچۈن سەككىز شەرەپ، سەككىز نومۇس»، قوشۇلامسىلەر؟ (46)
- ۋوردپرەسكە زىيارەت قىلىۋاتقانلار سانىنى چىقىرىشنىڭ تەدبىرى (14)
- WordPress ئويناۋاتقانلارغا بىر قانچە تەۋسىيە بېكەت، چوقۇم سىز دائىم كىرىپ تۇرىدىغانلىرى بار… (8)
- بۇ قېتىم مەنمۇ قاراپ ئولتامىدىم، ئىجادىي بولمىسىمۇ ئۆزلەشتۈرمە ئۇسلۇب تارقىتىمەن، نامى: D4 (94)
- Windows بوشلۇقىدا ساختا تىنچ بەت(伪静态) ھاسىل قىلىشنىڭ تەدبىرى (15)
- [مەخپىي رېتسىپ] jQuery ئارقىلىق يۆتكىلىشچان ۋىجىت ياساشنىڭ تەدبىرى، ئۆگەنمىگەنلەر ئارماندا!… (22)
- WordPressدىكى خەتكۈچ ۋىجىتىدە خەتكۈچدىكى يازما سانىنى كۆرسىتىشنىڭ تەدبىرى (13)