[مەخپىي رېتسىپ] jQuery ئارقىلىق يۆتكىلىشچان ۋىجىت ياساشنىڭ تەدبىرى، ئۆگەنمىگەنلەر ئارماندا!…

[مەخپىي رېتسىپ] jQuery ئارقىلىق يۆتكىلىشچان ۋىجىت ياساشنى ئۆگەنمىگەنلەر ئارماندا!…

مانچە كۈن ئالدا تۇرايىمىزغا jQuery ئارقىلىق يۆتكىلىشچان ۋىجىت ياساپ، ئېلاندىن بىرنى قوندۇرۇپ قويۇپ شۇنچە تاما بىلەن بىرەر ھەۋەسكارنىڭ ئۆگىنىۋېلىش تەلىپىنى كۈتسەم، يا بايقىمىڭلارمۇ ياكى قىزىقمىدىڭلارمۇ بىلمىدىم، ھېچكىم سوراپمۇ قويمىدى. بوپتۇ، مەن ئۆگىتەي، ئاۋۋال بەگلىكنىڭ باش بېتىگە قايتىپ بەتنىڭ ئاستىغا لىفىت بىلەن چۈشۈپ سول تەرەپكە قاراڭلار، ئېلان بار، ئۈستىگە چىقىڭلار، ئېلان بار، بۇ قېلىن ئېلان نەگە بارسىڭىز شۇ يەرگە بارىدۇ، بۇ دەل بۈگۈنكى مەخپىي رېتسىپنىڭ ئۈنۈمى. ئېلاننى چىكىۋەتكەندىن كېيىن ماۋۇ يازمىغا قايتىپ كېلىپ، تېخنىكىنىڭ داۋامىغا قۇلاق سالغايسىزلەر…


تەدبىرنىڭ بايانى ۋە پايانى

1. تۆۋەندىكى كودنى خاتىرە دەپتەر(记事本)گە چاپلاپ elan.js قىلىپ ساقلاڭ:

$(function() {

var $sidebar = $("#elan"),

$window = $(window),

offset = $sidebar.offset(),

topPadding = 15;

$window.scroll(function() {

if ($window.scrollTop() > offset.top) {

$sidebar.stop().animate({

marginTop: $window.scrollTop() - offset.top + topPadding

});

} else {

$sidebar.stop().animate({

marginTop: 0

});

}

});

});

دىققەت: ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامىنىڭ .js بولغان-بولمىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ

2. ئاندىن يۇقارقى elan.js ھۆججىتىنى ئۇسلۇب فولدېرىدىكى jquery فولدېرى ئىچىگە يۈكلەڭ.

3. ئۇسلۇبىڭىزنىڭ بەت بېشى ھۆججىتى(header.php)نى ئېچىپ تۆۋەندىكى كود بارمۇ يوق تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ:

ناۋادا بەت بېشى ھۆججىتىدە يۇقارقى كود بار بولسا تۆۋەندىكى كودنى مۇشۇ كودنىڭ ئاستىغا چاپلاڭ:

ناۋادا بەت بېشى ھۆججىتىدە يۇقارقى كود كۆرۈنمىسە، تۆۋەندىكى كودنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ دېگەن كودنىڭ ئالدىغا چاپلاڭ:

4. تۆۋەندىكى كودنى يان بۆلەك ھۆججىتى(sidebar.php)نىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ:

"elan">

 

 

<---- siz korsetmekchi bolghan kodi! ---->

 

نورمالدا يان بۆلەك ھۆججىتى(sidebar.php)دىكى تۆۋەندىكى كودنىڭ ئاستىغا ياكى ئۈستىگە ئورۇنلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ:

if ( !function_exists('dynamic_sidebar') || !dynamic_sidebar() ) : ?>endif; ?>

ئەسكەرتىش: كوددىكى <---- siz korsetmekchi bolghan kodi! ----> بولسا سىز كۆرسەتمەكچى بولغان مەزمۇننىڭ كودى، خالىسىڭىز گۇگېل ياكى 890 ئېلانىڭىزنىڭ كودىنى مۇشۇ كودنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇۋەتسىڭىز بولىدۇ.

 

مەشخۇلات قىلىشدىن بۇرۇن ھۆججەتلىرىڭىزنى زاپاسلاشنى ئونۇتماڭ. يازمىنىڭ تېخنىكىلىق گەپلىرى كۆپرەك بولغاچقا، چۈشۈنۈشلۈك بولىشى ئۈچۈن ئارتۇقچە ئىزاھاتلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، قەدەم باسقۇچلىرىنى كۆپەيتىپ قويدۇم. ئەقىللىق بلوگگېرلىرىمىزنىڭ بۇ تېخنىكىنىمۇ ياخشى ئۆگىنىپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز، يازمىمىز ياققان بولسا ھەر قايسى ئېلانلاردىن ئاچچىق-چۈچۈك قىلىپ چىكىپ قويىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز….



无觅相关文章插件,快速提升流量


22 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئىزتىل | 2012.05.31 جاۋاب

    مۇنۇ ئۇسسۇلنى بىلگيار بلوگىدا ، ئاندىن بەگلىكتە كۆرگەن ئىدىم ئاخىرى سىرى ئاشكارلىنىپتۇ دە ، سىناپ باقاي قېنى .

    • پاسىبان | 2012.05.31

      ھازىر تېخى يوقتىيا ما ئىنكاس! :evil:

  • پاسىبان | 2012.05.31 جاۋاب

    ژىگېت! مۇشۇ بىژنىمىنى جىق بى ئىزدەپ كېتىپتىم! ئا ئايفونلىرى بالدۇراق ساقايغاي :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.31

      ئالدىراپ نەشىرىنى يۇقىرىلاتقاننىڭ پايدىسى! :sad:

  • ئىزتىل | 2012.05.31 جاۋاب

    بۈگن بەگلىكتە دىۋاندا ئولتۇرۇ] يازمىنىڭ تەمىنى تېتىيدىغان بولدۇم دە . :grin:

  • بۇ تېخنىكا بەگلىكتە تازا ئىشلىمىگەندەك قىلىدۇ. تورخۇمار بىلەن ھەزرەتنىڭكىدە بەك پەيزى چىقىپتىكەن… سىنىغان تور كۆرگۈم گوگىل كروم… ھازىر يان ئىستوندا ئىككى تال«تاماكا چېكىش» ھەققىدىكى تەۋسىيە ئېلان ئورنى تۇرىدۇ…

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.7

      ئۇيغۇربەگدە ۋىجىتنى ئەڭ ئاخىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان ئەمەسمۇ، شۇڭا ئاشۇنداق بولۇپ قالغان بولىشى مۇمكىن!

  • مەنمۇ بايقىغان ئىدىم!مەن تېخى قىستۇرما ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغان ئوخشايدۇ؟دەپ تۈكۈرۈكۈمنى يۇتۇپ ئولتۇرۇپتىمەن!

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.7

      ئەمدى ئۆگەنمىسەك بىكار!

  • ئومدان قارىسام ماۋۇ تېخنىكا بەگلىلتە ياخشى ئىشلىمىدۇ نىمە ؟ ئېلان ئىلتىماس قىلسام زادى بىر قويماي قويمايمەن . :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.7

      ئېلانىڭىز چىققۇچە بەگنىڭ ئېلانىنى قويۇپ سىناپ تۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ ۋاي!

  • قەقنۇس | 2012.06.1 جاۋاب

    گۇگل چورىمدا ئۇيغۇر بەگنىڭ بۇ تىخنىكسى ئىشلىدى .بۇمۇ ئۆگىنىپ قويىدىغان ھۆنەركەن :idea:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.7

      ئېيتىڭ، ئىشلىگەنلىكىنى ئىسپات داۋامىدا قانچە ئېلانىمنى چېكىپ قويدىڭىز؟

  • ماۋۇ يازمىنىڭ تېگىدىكى تەۋسىيە ماركىلىق ئېلانلار كارامەت چىقىپتۇغۇ :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.7

      قانداق دەيسىز؟ قايسى ئېلان بولغىيتى ئۇ؟

  • بۇ تېخنىكىنى باشتا ھەزرەتتىن، كېيىن تورخۇماردىن بۈگۈن ئۇيغۇربەگدىن كۆرۈپ قاتتىق ھاياجان ئىلكىدە بۇ تېخنىكىنى سىناشنى باشلىۋەتتىم :idea:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.7

      مىلتىق تۇتمىغان ئەسكەر ئەمەس، كود ئوينىمىغان بلوگگېر(ئەمەس)!…

  • پەخرىم | 2012.06.2 جاۋاب

    ۋوردپرسس تتىكى ياززمىدكى ياكى نادىر سۇرەتكە سۇ باسما چىقىرىدىغان ئامال بامۇ ، ئە راست مەن مۇنبەرگە كىرەمىدىم ئىسىمىم : kaliptax ئىسى كۇرۇپ باقسىڭىز

  • مەن ئۇچۇرالمىدىم ياردەم قىلاسىزمۇ بىگىم

  • مۇشۇ كود توغرۇلۇق يازما ۋە گەپ بولسا، بېشىم قاتتىق ئاغرىيدۇ مىنىڭ. تېز مەنپەئەت قىلىدىغان ئۈنۈملىك دۇرىسى بولسا تەۋسىيە قىلغان بولساڭلا بوپتىكەن. …… (چاخچاق)

  • بولىدىغان بىلىمكەن، مەنمۇ بىر سىناي ، رەھمەت :oops:

  • نۇر | 2012.09.1 جاۋاب

    رەھمەت! سىناپ باقتىم. ie8,firefox لاردا نورمال ئىشلىدى.
    لېكىن يان ئىستوننىڭ ئەڭ ئۈستىگە قىلسام نورمال ئاستىغا چىقارغىلى بولمايۋاتىدۇ

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif