- سەھىپە:WP دەرسلىگى
- | باھا:19
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Wordpress, XAMPP
مەن ئادەتتە ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش ۋە ھەرخىل قىستۇرمىلارنى تەرجىمە قىلىشتا ئاساسلىقى كومپىيوتېرىمدىلا سىناق قىلىمەن. ئەلۋەتتە توردا سىناق قىلغاندىن كۆپ ئەۋزەل، ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت ئەمەسمۇ.
ئاۋال، سىز چوقۇم Apache、MySQL、PHP مۇھىتى ھازىرلىشىڭىز كېرەك. مەن سىزگە XAMPP نى تەۋسىيە قىلىمەن. سىز ئورگان تور بېتىدىن XAMPP نى چۈشۈرەلەيسىز: XAMPP نى چۈشۈرۈش.
XAMPP نى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن، مۇلازىمىتېرنى ئېچىپ، Apache ۋە MySQL نى قوزغىتىمىز)start دېگەن قوزغۇتىشنى كۆرسىتىدۇ(. تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك:
ئاندىن WordPress نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈپ، پرېستىن يېشىپ C:xampphtdocs نىڭ ئىچىگە ساقلايسىز. )دىققەت: ھۆججەت نام ئاخىرىدا لازىم بولدۇ.(
سىز بىرىنچى قېتىم WordPress ئىشلەتكەندە MySQL ساندان قۇرۇپ WordPress كە تەڭشەيسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن سىز http://localhost/phpmyadmin/ بۇ ئادرېسنى تور كۆرگۈچنىڭ كىرگۈزۈپ ئىجرا قىلىسىز. سانداننى باشقۇرۇش بېتىگە كىردىڭىز، utf8_unicode_ci ۋە utf8_general_ci نى سانداننىڭ فورماتى قىلىپ تەڭشەيسىز. ئاستىدىكى رەسىمدەك، سانداننىڭ ئىسمىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە بەلگىلىسىڭىز بولىدۇ.
تور كۆرگۈچنى ئېچىپ http://localhost/wordpress/ نى كىرگۈزسىڭىز WordPress نى قاچىلاشقا باشلايدۇ. )دىققەت: بۇ يەردىكى WordPress دېگەن خەت باشتا سىزگە ئەسكەرتكەن ھۆججەت نامى ئاخىرىدا سىزگە لازىم بولىدۇ دېگەندىكى ھۆججەت نامى شۇ، ئەگەر سىز ھۆججەت نامىنى ئۆزگەرتكەن بولسىڭىز، ئۆزگەرتكەن نامى بويىچە يازىسىز. (
بۇلارنى توغرا تولدۇرۇپ بولغان بولسىڭىز، يېڭى نامىڭىز ۋە پارولىڭىزنى تولدۇرۇپ، ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
WordPress نى كومپيۇتېردا قاچىلاش مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. چۈشەنمىسىڭىز ئالدىراپ سۇئال سورىماي، قايتا-قايتا سىناق قىلىڭ، ماتېرىيال ئىزدىنىڭ، چۈنكى بۇنىڭدا تېخىمۇ جىق بىلىمگە ئېرىشەلەيسىز. بەك ئامال بولمىسا سورىسىڭىز قولىمىز كۆكسىمىزدە.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- مېنىڭ WordPress نى تاللاشتىكى 10 باھانەم (10)
- PHPSay ئاتامانلىرى،ئۆز-ئارا ئەگەشمەيلىمۇ؟
- WordPress ئويناۋاتقانلارغا بىر قانچە تەۋسىيە بېكەت، چوقۇم سىز دائىم كىرىپ تۇرىدىغانلىرى بار… (8)
- [تەرجىمە دەرسلىكى] WordPress مۇھىتى ھازىرلاش
- PHPSay مىكروبلوگ سېستىمىسى ئۇيغۇرچىلاشقان نۇسقىسىنى تارقىتىلدى (3)
- wordpress دىكى Fatal error-cood خاتالىقىنى ئوڭشاش (5)
- WordPress نىڭ نەشىرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشدىن ئېرىشكەن تەجرىبەم (10)
- WordPress قا تىزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن چېكىنىپ چىقىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش (3)
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- نېمىشقا سىزنىڭ wordpress بلوگىڭىز E-mail ئەۋەتەلمەيدۇ (4)
- بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (2-باب: خاككېر ئېمپىرىيىسى) (3)
- Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن، تەكلىپ پىكىر بارمۇ؟ (28)