[كاتتا رېتسىپ]بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى ‹‹.TK››گە ئېرىشىش قوللانمىسى

tktornamigha erishsh

ھىم،بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى بولمىش‹‹.com,.net››لارنىڭ باھاسى ئۆسكەندىن كىيىن،دۆلەت-ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن توربەت ھەۋەسكارلىرى تېخىمۇ ئەرزان ھەمدە مۇقىم بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك تور ناملىرىنى ئىزدەشكە باشلىدى،بىزدىمۇ Duscuz X ھەمدە WordPress ئارقىلىق بلوگ-توربەت قۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەندىن كىيىن،‹‹ئەرزان چىقىم››ئارقىلىق بىر بەت تۈزۈپ چىقىش ئىھتىياجى تۇغۇلۇۋاتاتتى،مۇشۇ ئىھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ،بۇ قېتىم ناھايىتى ئىشەنچىلىك،مۇقىم ھەمدە ئېرىشىش ئوڭاي بولغان بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى بولغان .TK گە ئېرىشىش قوللانمىسىنى يېزىپ چىقتىم.


تور نام ھەققىدە

بىز بۇيەردە ئىشلىتىدىغان .TK نامى جەنۇبىي تىنچ ئوكيان دۆلىتى بولمىش توكېلاۋ(ئىنگىلىزچە يېزىلىشى:Tokelau)نىڭ دۆلەت تورنامى بولۇپ،دۆلىتىمىزدە DotTK بۇ تورنامىنى ھەقسىز ئىلتىماس قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.بۇ توربەت خەنزۇچە بولۇپ،بېشىدا ھەقسىز تورنامى بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بېكەتلەردىن بىرى.خەنزۇچە مەنبەلەرگە كۆرە،بۇرۇن بۇ نامنى ئىشلەتكەن جۇڭگولۇق تورداشلارنىڭ IP چەكلەنگەن ئىشلار بولغان،ئەمما يېقىندىن بىرى بۇنداق ئىشلار تۈگەپ،ئىچكى قۇرۇقلۇقدا يېڭىدىن ئىلتىماس قىلغىلى بولغان.ھەرقانداق تورداش خالىغان ئىسىمدا .TK نامى تىزىملىتىپ،ئۇلىنىش يۆتكەش،ئېلخەت يۆتكەش،CNAME ساختانام ساقلاش،MXئېلخەت خاتىرىسى،DNS مۇلازىمىتىر تەڭشەش...قاتارلىق مۇلازىمەتلەردىن بەھرىمەن بۇلالايدىكەن.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى،تورنام ئىلتىماس قىلىنىپ مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغاندىن كىيىنكى 90كۈن ئىچىدە مۇشۇ نامنىڭ زىيارەت قىلىنىش سانى 25 قېتىمدىن ئاشمىسا،تورنامى ئۆزلۈكىدىن ئۆچۈرۈلۈپ كېتىلىدىكەن.ناۋادا،سىز ئاچقان ئېلخەت ساندۇقى 90كۈن ئىچىدە تاپشۇرۇۋالغان ئېلخەت 10 پارچىدىن ئاشمىسا،ئابونت بىكار قىلىنىدىكەن.تورئادرىسى:http://my.dot.tk
خەنزۇچە بېكەت ئادرىسى:http://www.dot.tk/zh/index.html
سىناق قىلىپ ئېلىنغان تورناملىرى: www.uyghurbeg.tk www.prestan.tk

تور نامىغا ئېرىشىش جەريانى


tk01
1.ئاۋۋال .TK تورنامى ئىلتىماس قىلىش بېكىتىگە كىرىپ،سىز ئىلتىماس قىلماقچى بولغان تورنامنى تولدۇرىمىز.
مەسىلەن:بۇ يەردە بىز سىناق ئۈچۈن ‹‹xahzada.tk››نامىنى ئىلتىماس قىلماقچى بولدۇق،شۇڭا،كاتەكچىگە پەقەتلا ‹‹xahzada››دەپ يازساقلا كۇپايە،ئاندىن كىيىنكى قەدەم(下一步)تاللىشىنى چىكىپ،مەشخۇلاتنى داۋاملاشتۇرىمىز.
ئەسكەرتمە:ئىلتىماس قىلىش ئۈنۈمى ئۈچۈن ئامال بار،ئىسىمدىكى ھەرىپ سانىنى 3دىن يۇقىرى قىلىپ تاللاڭ،بولمىسا،ھېلىقى سەرخىل تورناملىرىنىڭ چىشىغا تىگىپ قۇيىسىز.

tk02

2.رەسىمدىكىدەك بەت ئېچىلغان بولسا،سىز ئېرىشمەكچى بولغان ئىسىمنى ئىلتىماس قىلىشقا بۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ،بىز كىيىنكى قەدەم(下一步)تاللىشىنى بېسىپ،تىزىملىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.

tk03

3. ئىلتىماس قىلغان ئىسىمغا ئۇلايدىغان تورنامى شۇنداقلا ئېلخەت ئادرىس ۋە تەستىق نومۇرىنى تولدۇرۇپ،تىزىملىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.
رەسىمدە كۆرسۈتۈلگەندەك،بۇ يەردە سىزنىڭ ئىككى تاللىشىڭىز بار،بىرىنچىسى،تورنامىنى يەنە بىر تورنامىغا بىۋاستىلا ئۇلاپ،بەت ئالمىشىش ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش.يەنە بىرى بولسا DNS باغلاش،يەنى،ئىلتىماس قىلغان تورنامىنى ئۆزىڭىزنىڭ بوشلۇقىغا ئۇلاش.ئوخشاشلا،.TK نامىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ DNS باغلىشىڭىزنى قوللايدۇ،رەسىمدىكىدەك:

tk04

4.تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن،كىيىنكى قەدەم(下一步)تاللىشىنى بېسىپ،مەزكۇر بەتكە ئەزا بولىمىز(ئىلتىماس قىلغان تورنامىنى باشقۇرۇشقا لازىم بولىدۇ).

tk05

5.يۇقاردىكى رەسىمدىكىدەك،بىرىنچىسىگە ئەزا نامىنى،قالغىنىغا پارولنى تولدۇرىمىز(پارولنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ)،ئاندىن كىيىنكى باسقۇچقا ئۆتسەك بولىدۇ.

tk06

6.يۇقارقىدەك بەت ئېچىلغان بولسا،دېمەك،ئىلتىماس قىلىش مۇۋاپپىقىيەتلىك بولدى،ئەمما،ئەمدى سىز تىزدىن بايا ئىشلەتكەن ئېلخەتكە كېرىپ،.TK باشبېتىدىن ئەۋەتىلگەن تورنامىنى ئاكتىپلاش ئېلخېتىنى تەكشۈرۈپ،تورنامى ئاكتىپلاش مەشخۇلاتى قىلىشىڭىز كېرەك.

tk07

7.ئېلخېتىڭىزگە كىرىپ،باياقى ئۇچۇرنىڭ كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ بېقىڭ.كەلگەن بولسا،ئېلخەتتىكى ئۇلىنىشقا كىرىپ،ئېلخەتتىكى تەستىق نومۇرى(验证码)نى كۆچۈرۈۋالغاندىن كىيىن،ئۇلىنىشدىن ئېچىلغان بەتتىكى تەستىق نومۇرى كىرگۈزىدىغان يەرگە چاپلايمىز.

tk08

8.تەستىق نومۇرىنى كىرگۈزۈپ بولغاندىن كېيىن،جەزىملەشتۈرۈش تاللىشىنى باسىمىز.

tk09

9.تۆۋەندىكىدەك بەت ئېچىلسا،مۇبارەك بولسۇن،سىز ئىلتىماس قىلغان تورنامى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا تىزىملىتىلدى،ئەمدى سىز ۋاقتىڭىزنى چىڭ تۇتۇپ،تورنامىڭىزنى تەشۋىق قىلىشقا،ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ يېڭى تۇرايىڭىزنى قۇرۇپ چىقىشقا ئاتلىنىڭ.سىزگە ئامەت يار بولسۇن!...



无觅相关文章插件,快速提升流量


34 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • بۇ ياخشى ئىشكەنتۇق،لېكىن مەن سېستىۋالغان بوشلۇققا ICPئىجازەتنومىرى بولغان ئىسىمنىلا ئىشلىتىشكە بولىدىكەن.بۇ خىل ئىسىمغا بىجىرگىلى بولامۇ؟

    • پرېستان | 2010.10.22

      بولىدۇ.

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.10.24

      بوشلۇق ساتقان تەرەپ بىلەن دىيىشىپ باقسىڭىز بولىدۇ.

  • مەنمۇ ئالغان ئىدىم ئىسىمنى، بىراق ئىلقۇت بلوگىنىڭ IP سىنى ئۇلاپ قويسام زىيارەت قىلىغىلى بولمىدىغۇ؟

    • پرېستان | 2010.10.22

      بوشلۇق ئىچىدىنمۇ ئۇلىدىڭىزمۇ؟

    • ي. م. ئىلقۇت | 2010.10.23

      ھە، ئاشۇ ئىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن ئەمەسما؟
      ھە راست، ئالدىنقى قېتىم سىز ماڭا بىر تور نامى ئېلىپ بەرگەندەك قىلغان. ھازىر ئاشۇ تورنامى بارمىدۇ؟

    • پرېستان | 2010.10.23

      بار.

  • تۇغچى | 2010.10.23 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.مەنمۇ تۇغچى نامىدا بلوگ ئاچقانتىم.ئۇسلۇبنى ئۆزەم ئۆزلەشتۈرۈپ قاچىلىغان.بىراق IE6 دا نورملا كۆرسىتىشكە ئاجىز كەپقالدىم.ۋاقتىڭىز بولسا بىر ياردەم قىلسىڭىز! چچ 365735538

    • پرېستان | 2010.10.23

      ئۇسلۇب ياسىغان كىشى IE6 گە ماسلاشتۇرۇپ ياسىغان بولسا، ئالدىرماي تەڭشىسەك نورماللىشىشى مۇمكىن، ئەممە لېكىن IE6 گە ماسلاشتۇرۇپ ياسىمىغان بولسا ئامال يوق جۇمۇ.
      قاراپ باقسام سىزنىڭ ئۇسلۇبىڭىزنى IE6 گە ماسلاشتۇرغىلى بولمايدىغاندەك قىلىدۇ جۇمۇ..ھى ھى .. قىلالمايدىغانلىقىمغا كۆزۈم يەتتى.
      سىزگە تەكلىپ: بىر بولسا يوقال دەپلا IE6 گە ماشلاشتۇرماڭ، ياكى بولمىسا ئۇسلۇب ئالماش تۇرۇڭ.

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.10.24

      ئەينى چاغ،مېنىڭ تۇنجى ئۇسلۇبۇممۇ IE6نى يەكلەيتى،بېشىدا بولدىلا دەپ ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇشنى خالىمىغان،ئەمما كېيىنچە بايقىسام،زېيارەتچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى IE6نى ئىشلىتىدىكەن،ئامال يوق،ئۇسلۇب ئالماشتۇردۇم ھەمدە IE6گە ئۇيغۇن كېلىدىغان قىلىپ تەڭشىدىم،پرېستاننىڭ پىكرىگە قوشۇلىمەن،ئويلىشىپ كۆرەرسىز… :?:

  • رەھمەت | 2010.10.25 جاۋاب

    ئۇيغۇربەگ تۇرايىغا رەھمەت،مەن بىرنى تىزىملىتىۋالدىم.ھەپتىلەر كىيىن تازا لازىم بولىشى مۇمكىن. :oops:

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.10.25

      كاتتا بېكەتتىن بىرنى قۇرۇپ چىقىشىڭىزغا تىلەكداشمەن 8)

  • بۇتىمىنى مەن بىلوگگا ئىلان قىلدىم :-o

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.10.25

      ئالەششەنى!… :lol: تىمىنىڭ بازىرىنى چىقىراي دەپسىزدە؟!… :arrow:

  • بۇنى مەنمۇ بلوگىمغا يوللاي دەپ ئويلىغان. تېخى تېمىنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەسىملىرىنىمۇ ئىشلەپ بولغان ئىدىم. مەندىن چاققان چىقىپسىز. :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.10.25

      مەنمۇغۇ يېرىم يىل ئاۋۋال يازاي دەپ ئولتۇرغان ئىدىم،ئاران بىر ۋاقىت چىقىرىپ تەييارلاپ قويدۇمغۇ… :idea:

  • مۇنداق يازسمۇ بولىدىكەن ئەسلى ماقالە دېگەننى

  • ناھايىتىمۇ پايدىلىق ئۇچۇر ئىكەن ، رەھمەت سىزگە ، ھە راست تۇرايىڭىزنى تارتىنماستىن ئۇلىنىشقا قۇتۇۋالدىم .ok ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.10.31

      تارتىنماڭ،يەنە تارتىنمىسىڭىز بېكىتىمىزنى يوغان قىلىپ ئېلان ئورنىغا تاشلاپ قويۇڭ.

  • كۆكيال | 2010.11.17 جاۋاب

    مەن مۇشۇ دېگەن بويىچە http://www.4tadu.tkنى ئىلتىماس قىلىۋالدىم، ئېيپىنىمۇ يازمىدىم ، تەسرەك بولسىمۇ بلوگىمغا ئۇلىنىۋاتىدىغۇ…

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.11.18

      مۇبارەك بولسۇن!سۈرئىتى يامان ئەمەس، بوپ قالىدۇ،بىكارغا بەگەندىكىن….

  • تارىم0097 | 2010.11.19 جاۋاب

    مەن مۇتەلەپ قىلغان لىكىن ئۇلانمىدىغۇ
    uydown.tk
    ئىدى

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.11.22

      قەيەرنى خاتا قىلغان بولغىيتىڭىز؟

  • مەنغۇ بىرنى تىزىملىتىۋالدىم ئەمما تۈزەلمەيۋاتىمەن قانداق ئۇسلۇپ قاچىلايدىكىن شۇنى بىلەلمىدىم :)

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.11.22

      نىمىگە ئۇسلۇب قاچىلايمىكىن دەيسىز؟

  • http://www.akilidrak.tkمەن مۇشۇنى ئىلتىماس قىلغانتىم ئىشلىتەلمىدىم تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ قويارسىزمۇ :)

  • مەن بىرنى ئىلتىماس قىلغان .بىر ھەقسىز بوشلۇقمۇ ئالدىم سىناپ بېقىش ئۈچۈن .لېكىن ئۇلانمىدى.مەن ئالغان بوشلۇقنىڭ تەڭشەيدىغان يەرلىرىنىمۇ تەڭشىدىم.ئوخشاشلا قايتىپ كىلىپ .سىلىنىڭ سىناق ئۈچۈن ئېلتىماس قىلغان ئادرىسنى ئاچسام ،ئۇمۇ ئىچىلمىدى .بىكا غا بىرىپ بولۇپ قانى ئاغرىمىغاندۇ ئۇ خەقنىڭ …..

  • ئەسەبىي | 2010.12.24 جاۋاب

    تورخانىدىن تورغا چىققۇچىلار بولسىمۇ بولامدۇ؟ (بىزنىڭ مۇقىم ئيپىرىمىز يوق ئەمەسمۇ؟) كۆكيالنىڭ ئيپىنى تولدۇرماي تەلەپ قىلىۋالدىم دىگىنىگە قارىغاندىغۇ بولىدىغاندەك قىلىدۇ؟ لېكىن مەن تەلەپ بويىچە توغرا تولدۇرغاندەك قىلساممۇ يەنىلا بولمايۋاتىدۇ دىسە. :?:

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.12.24

      بۇنىڭ تورخانا ياكى ئىشخانا بىلەن مۇناسىۋىتى يوق،تورغا چىققىلى بولسىلا ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ.

  • ئۈمىد | 2011.01.15 جاۋاب

    مەن بۇ ئىسىمنى باشقا مۇلازىمىتىرنىڭ ip غا باغلىيالمىدىم ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن
    您可以修改您免费域名名称里面的信息。请注意,您提交更改的信息将在三十分钟之内生效。

    使用我自己的DNS服务器

    如果您想使用您自己的服务器名称或者第三方的DNS服务,您都可以这样做。请详细列出您想使用的服务器名称。如果您的服务器名称与您的域名是配置在一起的,那么您还需要填入这个服务器名称的IP地址。否则的话,请将IP地址栏空出。

    服务器名称(Nameserver) IP地址
    بۇيەردىكى مۇلازىمىتىر ئىسمىغا قايسى ئىسىمنى تولدۇرىمىز
    (umidblog.com) بۇ ئىسىمنى تولدۇرسام تونۇمىدى
    服务器名称(Nameserver) IP地址

    • ئۇيغۇربەگ | 2011.01.15

      ئالدىڭىزدا تولىمۇ خىجىلمەن،تېخى ئۇ ئىسىمنى ipغا ئۇلاپ سىناپ كۆرمەپتىمەن.

  • ئۈمىد | 2011.01.15 جاۋاب

    http://umid.tk نى umidblog.com غا ئۇلىسام نورمال ئۇلاندى مەن بىۋاستە ip غا ئۇلاي دىگەن ياردەم قىلسىڭىز بوپتىكەن.

  • بەرگىيە | 2011.04.17 جاۋاب

    ماڭا پەقەت ئىلخەت كەلمەيۋاتىدۇ،ئاكتىپلاي دېسەم،ئىككى قېتىم سىنىدىم باشقا باشقا ئىلخەت ئادرىسىدا،يەنىلا ئىلخەت تاپشۇرۋالمىدىم

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif