[تاماشا]دۇنيادىكى ئەڭ راھەت ئورۇندۇق

embody
يازمىنىڭ تېمىسىنى كۆرۈپلا بۇ ئورۇندۇقنىڭ ماتىرىيالىدىن كۆرە شەكلىگە بەكەرەك قىزىقتىڭىزغۇ دەيمەن.بۇ ئورۇندۇق داڭلىق لايىھىلىگۈچى Herman Miller تەرىپىدىن لايىھەلەنگەن بولۇپ،سىز ئۇنىڭغا بېكىتىلگەن يەتتە كونۇپكىلار ئارقىلىق ئورۇندۇقنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرىنى خالىغان ھالەتكە ئەپكەلگەندىن كىيىن،ئۆزىڭىزنى بەھۇزۇر تاشلاپ ئولتۇرغاچ ئىشىڭىزنى قىلىدىكەنسىز.ئەگەر سىز تەڭشەشكە ھورۇنلۇق قىلسىڭىز ياكى مەزكۇر ئورۇندۇقنى ئىشلىتىشنى بىلمىسىڭىز،ھىچقىسى يوق،ئۇنىڭ تۆت خىل شەكلىدىن بىرىنى تاللاپ قويسىڭىزمۇ بولىدىكەن.مەزكۇر ئورۇندۇققا ئىشلىتىلگەن تېخنىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم يىرى دۈمبە قىسمى بولۇپ،لايىھىلىگۈچىنىڭ دىيىشىچە،دۈمبە قىسمىڭىزدىكى ئۆزگىرىشلەر بۇيىچە.ئورۇندۇقنىڭ شەكلىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدىكەن ھەمدە دۈمبە قىسمىڭىزدىكى كۈچنى تەكشى بۆلۈپ قۇيالايدىكەن.بۇنداق بولغاندا،سىز خالىغان ھالەتتە ئولتۇرسىڭىزمۇ ماس كەلمەسلىك،چارچاش ھىس قىلمايدىكەنسىز،قان ئايلىنىشىڭىز ياخشىلىنىدىكەن،يۈرەك سوقۇش رېتىمىڭىز ياخشىلىنىدىكەن،ناچار ئولتۇرۇش ھالىتىڭىزنى تۈزىتىدىكەن.
قانداق،بۇ ئورۇندۇق ياخشىمىكەن؟....ئورۇندۇققۇ ياخشىكەن،ئاۋۇ پۇلىمۇ ياخشىكەن.بۇ ئورۇندۇقنىڭ نۆۋەتتىكى سېتىلىش باھاسى:1،600 دوللاركەن.ناۋادا 1.6 دوللار بوپ قالغان بولسا،مەنمۇ ياتىقىمغا تاشلاپ قۇيۇپ بەھۇزۇر ئولتۇرۇپ يازما يازاركەنمەن...:roll:  :-P   :oops:

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئويغۇر | 2010.07.26 جاۋاب

    تورىڭىز بەك ئىسىل بۇلۇپ كڭتڭپتۇ ، تەرەقى قىلىپ كىتىڭ، مەن كۆرگەن دڭلىق تور بەتنىڭ ئۇسلۇبىكەن

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.07.26

      رەھمەت دوستۇم! سىز دىگەن داڭلىق توربەت قايسىكىن؟

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif