[تاما-تاما كۆل بۇلار] ئوقۇغۇچى گۈزەلنۇرنىڭ ھاياتى جىددى ياردەمگە مۇھتاج!

201112724731362

مەزكۇر تېما مەشئەل تورىدى كۆچۈرۈپ كېلىندى. ئاللاھدىن ئۇ سىڭلىمىزغا شىپالىق تىلەيمەن!

ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 8-يىللىق 1-سىنىپ ئوقۇغۇچىسى گۈزەلنۇر ئەخمەت 16-كەنت 4-دۈيدىن بۇلۇپ، بۇ يىل 15 ياشقا كىرگەن ئىدى. 2011-يىلى 7-ئايدا بۆرەك زەئىپلىشىش كېسىلى بىلەن ئاپتونۇم رايونوۇق تىببى ئىنىستىتوت دوختۇرخانىسىدا داۋالانغان بولسىمۇ، كېسەللىك ئەھۋالى ياخشىلانماستىن بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپىراتسىيەسى قىلىشقا توغرا كەلدى. گۈزەلنۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى دېھقان بۇلۇپ، ئاران 10 تېرىلغۇ يېرى بار بولغاچقا، ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولماسلىق سەۋەبىدىن نۆۋەتتە بۇ سەبى ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتى خەۋىپ ئىچىدە تۇرماقتا.

 

تۈنۈگۈن مەن ئاقسۇ ۋېلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسىغا بېرىپ، گۈزەلنۇرنىڭ  ئەمىلى ئەھۋالىنى ئۆز كۈزۈم بىلەن كۆردۈم. ئۇ ھازىر بىر ئادەم يۆلەپ تۇرمىسا ياتالمايدىكەن. ئاغرىق ئازابىدىن بىچارە قىز كېچىچە ئۇخلىماي چىقىدىكەن. بۈگۈن ئەتىگەندە بارغىنىمدا، بۇ مەسۇمە قىز بىچارە ھالەتتە ياتقان بۇلۇپ، مەسئۇل دوختۇرى بىلەن كۈرۈشسەم، دەرھال ئۈرۈمچىگە يۆتكىمىسە خەتەرلىك ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، دوختۇردىن چىقىش رەسمىيەتلىرىنى پۈتتۈرۈپ قويغان ئىكەن. مەن كۆڭلۈم ئىنتايىن بىئارام ھالدا، بۇ سىڭلىمىز ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن خوشلۇشۇپ يېنىپ چىقتىم.
نۆۋەتتە بازارلىق ھۆكۈمەت باشلىقى بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ مەكتەپ بىلەن بىرلىكتە جەمئىيەتتىن، مەكتەپلەردىن، ئىدارە ئورگانلاردىن 30000 يىۋەندەك ئىئانە يىققان بولسىمۇ، لېكىن بۇ پۇل بۆرەك ئالماشتۇرۇشقا كېرەكلىك بولغان 200 نەچچە مىڭ يىۋەنگە كېپىل بولالمايدۇ.
مەن دوختۇرخانىغا بېرىپ مەزكۇر ئوقۇغۇچىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلىرىنى ئالغاندىن كېيىن، بۇ ئۇچۇرلارنى تورغا يوللىدىم.
بەلكىم سىزنىڭمۇ سىڭلىڭىز باردۇ، ۋە بەلكىم سىزنىڭمۇ قىزىڭىز باردۇ. ئازغىنە ياردىمىڭىز سەۋەپلىك كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزنىڭمۇ ئاشۇ ھەمشىرلىرىڭىز باشقىلارنىڭ ياخشىلىقىدىن بەھىر ئالسا ئەجەپ ئەمەس.
جەمئىيەتتىكى كەڭ ساخاۋەت ئىگىلىرى، مېھرى-شەپقەت يەتگۈزگۈچىلەر، ئاقكۆڭۈل قېرىنداشلار،مېھرىبان ئاتا-ئانىلار، ئاكا-ھەدىلەرنىڭ بۇ سەبى سىڭلىمىز، قېرىندىشىمىزغا مېھرى مۇھەببىتىمىزنى ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى قىينچىلىقىغا تامچە بولسىمۇ ياردەم قىلىپ، بۇ ئوقۇغۇچىمىزنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇشقا قاتنىشىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن ۋە گۈزەلنۇرنىڭ ئاتا-ئانىسى، گۈزەلنۇرغا ۋاكالىتەن ئۆتۈنۈپ سورايمەن.
گۈزەلنۇرنىڭ دادىسىنىڭ تېلېفون نومۇرى:
13999075460
سىنىپ مۇدىرى: ئايتىللا
تېلېفون : 13779419085
ئىئانە قىلغانلار تىزىملىكى ئايرىم ئېلان قىلىندۇ.
گۈزەلنۇرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى داۋاملىق تورداشلارغا يوللىنىدۇ...
66.png
55.png
44.png
33.png
22.png
11.png


4 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئۇيغۇربەگ | 2012.04.2 جاۋاب

    كەمىنە ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا ۋەكالەتەن ئاز بولسىمۇ كۆڭلۈمنى بىلدۈرۈپ قويدۇم، ئاللاھدىن سىڭلىمىزغا شىپالىق تىلەيمىز!

  • ئىزتىل | 2012.04.3 جاۋاب

    ئاللاھ سىڭلىمىزغا ئاسانلىق بەرسۇن، مەزكۇر تېمىنى تەستىقسىز ھالدا ئۇيۇلتاش ئوقۇغۇچىلار مۇنبىرىگە يوللاپ قويدۇم ئەمسە ؟!

  • مۈشۈك باي پەتىدە

  • ھەۋەسكار | 2012.04.3 جاۋاب

    ئاللاھ ھەممىمىزگە تىچلىق ئامانلىق ،ئاسانلىق بەرسۇن!! تەستىقسىز ئۆزۈمنىڭ بىلوگىغا سىكاننىرلاپ قويدۇم ھە!! نەشىر ھوقۇقىغا دەخلى يىتىدىغان ئىش بولسا 24 مىنىۇت ئىچىدە مەن بىلەن ئالاقىلاشسىڭىز 24 كۈن ئىچىدە ئۆچۈرلىدۇ !! :lol: :lol: :lol: :lol: :mrgreen: :mrgreen: :mrgreen:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif