‹‹ 10 چوڭ Blog ›› قا نامزات كۆرسىتىش باشلاندى،بلوگگېر،تەييارلىقىڭىز پۈتتىمۇ؟

يۈكسەل بلوگى باش بولۇپ تەشكىللەپ،نۆۋەتتە تەشۋىقات ھالىتىدە تۇرغان ‹‹2010-يىللىق  10 چوڭ Blogنى باھالاش›› پائالىيىتىنىڭ چاقىرىقنامىسى يوللانغان چاغدا،كەمىنە ئۇيغۇربەگ ھەدەپ ساياھەت تەييارلىقىدا تۇرغان بولغاچقا،مەزكۇر ئەھمىيەتلىك پائالىيەتكە بولغان قوللىشىمنى ھەمدە ئۆزۈمنىڭ ئويلىغىنىنى بىلدۈرۈشكە ئۈلگۈرەلمىگەن ئىدىم.نۆۋەتتە،ئۆزۈمنىڭ بىلىپ-بىلمەي قىزىقىش ئىچىدە شۇڭغۇپ كىرگەن بۇ بلوگ ھاياتىمغا نەزەر تاشلاۋېتىپ،ئەينى چاغ 2008-يىلى ئۇيغۇرلاردىكى ئون چوڭ بلوگ بولۇپ باھالانغان جەك بلوگى،دۇنياقارا بلوگى ئارامگاھ بلوگى، ئاناتىلىم بلوگى،شۇنداقلا كىچىكىپرەك بايقىغان يۈكسەل بلوگىنىڭ ماڭا بەرگەن تەسىرلىرىنىڭ ناھايىتى زورلىقىنى ھىس قىلدىم،نۆۋەتتە،بۇ پائالىيەت يەنە داۋام ئەتمەكتە ئىدى،بۇ قېتىم مەنمۇ بۇ پائالىيەتنىڭ باش-ئاخىرىنى كۈزەتمەكتە ئىدىم...

ئەسلەپ باقسام،تولۇق ئوتتۇرا تۆت يىللىق ھاياتىمدا،گەرچە مۇئەللىملەرنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا قاتتىق دېتال بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈپ ماڭغان بولساممۇ،ئۇيغۇر توربەتچىلىكى،بولۇپمۇ ئۇيغۇر بلوگگېرلىقى ھەققىدە ھىچقانداق چۈشەنچەم يوق ئىدى.كىيىن،ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ،تاكى مەكتەپكە كەلگۈچە قەدەر،دىيارىمىزدىكى تور ئۈزۈكچىلىكى سەۋەبلىك،يازلىق تەتىلىم ئۇيۇن ۋە قاقشاش ئىچرە ئۆتكەنىدى.ئايلار،كۈنلەر ئۆتۈۋەردى،ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ستۇدېنتلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىرنەچچە مۇنبەرلەردە ئىچ-پۇشۇقۇمنى چىقارغاچ ھالدا،ئۆزۈمنىڭ تور ھاياتىنى داۋام ئەتمەكتە ئىدىم.كىيىن،خاقانىيە مۇنبىرىدە باشقۇرغۇچى بولدۇم،تىما تەستىقلاش جەريانىدا نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ ئۇ بلوگ،بۇ بلوگلاردىن كۆچۈرۈپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى نەزىرىمنى تارتتى،شۇئان ‹‹بلوگ››دىگەن بۇ ئۇقۇمغا بولغان قىزىقىشىم كۈچەيدى،مېنىڭ ئادەتتە بىر نەرسىگە قىزىقسام ئۇ تەرىپىدىن كېرىپ،بۇ تەرىپىدىن چىقمىغۇچە بولدى قىلمايدىغان ‹‹ناچار››ئادىتىم بار ئىدى،شۇڭا،كىشىلەر ‹‹بلوگ››دەپ تەرىپلىشىۋاتقان بۇ نەرسىگە بولغان قىزىقىشىم ئاخىرى تەتقىق قىلىشقا ئۆزگەردى،مەن بلوگباسنى قېزىپ يۈرگەن چاغلىرىمدا،يازمىنىڭ بېشىدا تىلغا ئالغان دۇنياقارا،تارىم68،ئارامگاھ قاتارلىق بلوگلاردىن بلوگباس تېخنىكىسى ئۆگەنگىلى؛جەك بلوگىدىن ‹‹ئامېرىكا غايە››مگە تەسەللىي تاپقىلى؛ئاناتىلىم بلوگىدىن ‹‹ئانا تىل غۇرۇرى››تاپقىلى؛يۈكسەل بلوگىدىن ئۇنى-بۇنى،بولۇپمۇ قاباھەتلىك ئەيدىز ھەققىدە قورقۇنچ ئىزدىگىلى باراتتىم،شۇ جەريانلاردا،ئۆزۈمنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدا يوقۇتۇپ قويغان بەزى قىزىقىشلىرىم يەنى تورخۇمارلىق،ئىجادچانلىقىمنى تېپىۋالغانىدىم،ئاخىرى ‹‹ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى››نامى ئاستىدا،بىر بلوگ ئېچىپ،نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشدىن كەچۈرگەندىن كىيىن ھازىرقى ھالغا كەلدىم.بۇ جەريانلاردا كۆرگىنىم كۆپ بولدى،كۆرگىنىم بىلەن تەڭ ئۆگەنگەن نەرسەممۇ كۆپەيدى.توردا پىكىرلىشىپ،مۇڭدىشىپ پرېستان،يۈكسەل،ئىلقۇت،تەدبىركار،جەلىبكار،تۈركىزاد،مۇئەللىمبىز،ئېلتەبىر،ئۇيغۇرتېكىن،ئوۋچى...قاتارلىق بلوگگېر ۋە بلوگ ھەۋەسكارلىرى بىلەن تونۇشدۇم،بۇلاردىن جەلىبكار،تۈركىزاد ۋە غايە بلوگىنىڭ ئاپتورلىرى بىلەن بۇ قېتىملىق بېيجىڭ ساياھىتىدە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك سۆھبەتتە بولدۇم.كۈنلىرىم ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھەمدە خۇشال-خۇراملىقدا ئۆتۈشكە باشلىدى،ماڭا بۇ مەنىلىك تور ھاياتىنى ئاتا قىلغان ‹‹بلوگ››غا ناھايىتى تەشەككۈرۈم بار ئىدى.

بلوگ ھاياتىم داۋام قىلىۋاتقان بۇ مەزگىللەردە،يۈكسەل بلوگى بىر يىل داۋاملىشىپ،كىيىن مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى توختاپ قالغان ‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ››سايلىمىنى قايتىدىن تەشكىللىگەنكىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ناھايىتى سۈيۈندۈم،تور ئېچىلغاندىن كىيىن يامغۇر كەينىدىكى بامبۇكلاردەك ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرچە بلوگلاردىكى تىما پاخاللىقى،مەزمۇن قەھەتچىلىكى،شۇنداق كۆچۈرمىكەشلىكنىڭ ئېغىرلىقى دىگەندەك بىر قاتار مەسىلىلەر مەۋجۇد بولغاچقا،بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش-نۆۋەتتىكى تەخىرسىز مەسىلىلەرنىڭ بىرى ئىدى،ئەمما،بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يالغۇز بىرنەچچە كىشىنىڭ قولىدىن كەلمەيتى،ئويلىغىنىمدا مۇشۇ پائالىيەت ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىققان ‹‹10 چوڭ بلوگ›› ئۆزىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يېڭى بلوگگېرلارغا تەسىر كۆرسەتسە،ئۈلگە بولسا دىگەندەك گۈزەل تىلەكلىرىم بار ئىدى،شۇنداق قىلىپ،مەن ھەمدە ماڭا ئوخشاش نۇرغۇن تورداشلار سەككىز كۆزى بىلەن كۈتكەن دەقىقىلەر يېتىپ كەلدى.بۈگۈندىن باشلاپ يۈكسەل بلوگىدا ‹‹ ‹ 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog › قا نامزات ›› كۆرسىتىش باسقۇچى داغدۇغىلىق باشلاندى،مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئىدىتلىق ۋە تەرتىپلىك بولۇشى ئۈچۈن بىرلا ئورۇندا يەنى يۈكسەل بلوگىدا نامزات كۆرسىتىلىدۇ. نامزات كۆرسىتىشتە مۇشۇ تېمىغا ئىنكاس شەكلىدە كۆرسىتىلسە بولىدۇ.
نامزات قوبۇل قىلىش ۋاقتى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىن تاكى 11 – ئاينىڭ 25 – كۈنى كەچ سائەت 0 گىچە داۋام قىلىدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقىت چېكىدىن كېچىكىپ كۆرسىتىلگەن نامزاتلار نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ.
ئۆزىگە ئىشەنچى بار،بلوگ يېزىش ھەۋىسى بار،بەلگىلىك تەسىر ياراتقان بلوگگېرلارنىڭ ئاكتىپلىق ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئۇلىنىش ئارقىلىق،2010-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ سايلىمىغا قاتنىشىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز! ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق،ئوڭۇشلۇق بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ!

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


8 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • سۈرئەت خېلى تىزغۇ!!! ھەزىرەت….

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.11.1

      ئامال يوق بىزلەرگە،سىلىنى كۆرسىتىپ بولغۇچە ئۆزلىرى كۆرسۈتۈپ بوپلا،ئامال يوق بۇ يەردە چاقىرىقنامە يوللاپتىمەن… 8)

  • شەمسى | 2010.11.1 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. سىزنى نامزاتلىققا كۆرسىتىۋەتتىم ئەمسە، سىزنى قوللايمىز…..

  • جاپپار | 2010.11.1 جاۋاب

    بۇ قانداق بولار http://sazgo.blogbus.com
    http://new126.com :!:

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.11.1

      يۈكسەل بلوگىدا تەۋسىيە قىلغايسىز… :)

  • sndibat | 2010.11.4 جاۋاب

    بۇ يىل سىزنى كۆرسىتىپ تۇراي!كىلەر يىلى ئۈزۈمنى كۆرسىتىمەن! :-D

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.11.5

      كىم بىلىدۇ،كىلەر يىللىق ئاتامان سىز بولۇپ قالامسىز تېخى! 8)

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif