- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:15
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، blog, ئۇيغۇربەگ
يۈكسەل بلوگىدىكى ‹‹كۆپ كىشىلىك Blog نىڭ كەلگۈسى›› نامىدىكى سەرلەۋھەلىك يازما ئېلان كىيىن،بەزى شەخسىي بلوگگېرلار(بلوگچىلار) ئۆزلىرىنىڭ بلوگىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا باشلىدى.شۈبھىسىزكى،كۆپ كىشىلىك بلوگنىڭ شەخسىي بلوگلارغا قارىغاندا ئۆزىگە چۇشلۇق ئارتۇقچىلىقىنىڭ بارلىقىنى ئېنىق،ئەمما،شەخسىي بلوگچىلارنىڭ كەلگۈسى چوقۇم كۆپ كىشىلىك بلوگغا ئايلىنىش جەريانىدۇ؟بۇنىسى بىزگە نامەلۇم،بۈگۈن مەن ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرى ئاساسدا بۇ يازمىنى تەييارلىدىم،بەلكىم،يېڭى بلوگ يېزىشنى باشلىغان ھەۋەسكارلار ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ مەدەت بېرەلىسە ئەجەب ئەمەس.
شەخسىي بلوگنىڭ تەبىرى
يازمامنىڭ بېشىدا،شەخسىي بلوگ ھەققىدە ئازراق ئىزاھات بىرىشنى قارار تاپتىم.شەخسىي بلوگ دىگەن ئىسىمدىن بىلىنىپ تۇرۇپدىكى،بۇ خىل بلوگ مەلۇم شەخس تەرىپىدىن قۇرۇلغان ‹‹شەخسىي››بلوگ.بۇ يەردىكى ‹‹شەخسىي››دىگەن ئۇقۇمغا يەنە ‹‹ئايرىم››دىگەن سۆزمۇ بىرىكىپ كەلگەن بولۇپ،بۇ خىل بلوگنىڭ ئادەتتىكى يەككە كىشىلىك بلوگدىن پەرقى شۇ يەردىكى-بۇ خىل تىپتىكى بلوگ ئاپتورىنىڭ ئايرىم تورنامى بولىدۇ،مۇنداقچە ئېيتقاندا،شەخسىي بلوگ-مەلۇم كىشىنىڭ ئايرىم تور بوشلۇق ۋە تورنامى ئاساسىدا مەلۇم بلوگ سۇپىسىنى ئىشلىتىپ قۇرۇلغان بلوگنى كۆزدە تۇتىدۇ(ئەمما يازمىمىزدا،ئۇيغۇر بلوگچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەمەلىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ،ئادەتتىكى ھەقسىز بلوگ سۇپىلىرىدىن قۇرۇلغان بلوگلارنىمۇ بۇ كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈپ پىكىر بايان قىلىمىز)،ئۇيغۇرچە بلوگلاردىن:تەدبىركار بلوگى،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى،ئۆركەش بلوگى ،جەك تور خاتىرىسى،80خالتا،ئۇيغۇرتېكىن... قاتارلىق بلوگلار بۇ شەخسىي بلوگ قاتارىغا كىرىدۇ.
شەخسىي بلوگلارنىڭ ئەۋزەللىكى
تېما ئەركىنلىكى-شەخسىي بلوگلار خۇددى سىزنىڭ توردىكى بىر دۆلىتىڭىز بولۇپ،سىز بۇ دۆلەتنىڭ ھەممە تەقدىرىنى بەلگىلىيەلەيسىز،خالىسىڭىز ئۈزىڭىزنىڭ كەيپىياتى،تۇرمۇشىڭىزدا يۈزبەرگەن ئىشلار،مەلۇم ئىش-ۋەقە،ئوي-پىكىرگە بولغان قارىشىڭىزنى يېزىپ،تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشالايسىز.خالىسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيە-پىكىرلىرىڭىزنى تەشۋىق قىلالايسىز.
ئىجادىيەت ئەركىنلىكى-يازما يېزىش ياكى يازماسلىق سىزنىڭ ھوقۇقىڭىز دائىرىسىدە،خالىسىڭىز كۈنىگە ئون پارچە يازما يازسىڭىز بولىدۇ،بولمىسا،ئىلھامىڭىز كەلگۈچە ساقلاپ،بىرمەزگىل توختۇتۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
دوستلىشىش پۇرسەتلىرى -شەخسىي بلوگچىلار بلوگ يېزىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ پىكىر-ئىدىيىسىنى ئورتاقلىشىش داۋامىدا،ئوخشاش ئوي-پىكىردىكى ياكى قىزىقىشى،مىجەزى كېلىشىدىغان تورداشلار بىلەن ئۇچرىشىپ تۇرىدۇ،بۇ جەرياندا بەلكىم،بىرەر يېقىن تور دوست تېپىۋېلىشىڭىز مۇمكىن.
تېخنىكا ئۆگىنىش-ناۋادا،سىز مەلۇم ساھەدە بەلگىلىك بىلىم ياكى تېخنىكىغا پىششىق بولسىڭىز،شەخسىي بلوگ ئارقىلىق بىلىملىرىڭىزنىڭ ‹‹زاكىتى››نى بىرىپ،ئوخشاش ساھەدىكى تورداشلار بىلەن تېخنىكا ئالماشتۇرۇش ياكى ئۆگۈنۈش مەقسىدىگە يېتىشىڭىز مۇمكىن.
شەخسىي بلوگلارنىڭ ھاياتلىق مەنبەسى
تېخنىكا-بلوگ قۇرۇش ۋە ئاسراش داۋامىدىكى تېخنىكىلىق مەسىلىلەردىن خەۋەردار بۇلىشى كېرەك.
ئىقتىساد-تور بوشلۇقى ۋە تورنامى شۇنداقلا بلوگ ئاسراش داۋامىدىكى بىرقىسىم خىراجەتلەرنى ھەل قىلالىشى كېرەك.
ۋاقىت-بلوگ يېزىش ۋە ئاسراشقا بەلگىلىك ۋاقىت چىقىرىپ،بلوگنىڭ نورمال يۈرۈشۈپ كىتىشىگە كاپالەتلىك قىلالىشى كېرەك.
يېڭىلىنىشچانلىق-پات-پات يېڭى يازما ئېلان قىلىپ تۇرۇپ،بلوگنىڭ نورمال يېڭىلىنىپ تۇرىشىغا كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك.
شەخسىي بلوگلارنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسى
ئىلھام-ئېنىقكى،شەخسىي بلوگنىڭ يېڭىلىنىشى ئۈچۈن بلوگچىدىن ئېلھام تەلەپ قىلىدۇ،ئېلھام بولمىسا،يېڭى يازما نەدىن كەلسۇن.
نىشان-بىرنىشانلىق بلوگچى بىلەن نىشانسىز بلوگنىڭ ئېنىرگىيە قۇۋۋىتىنى سېلىشتۇرۇپ بولغىلى بولمايدۇ.ئالدىنقىسى ئۆزىنىڭ نىمە قىلىش كېرەكلىكىنى بىلىدۇ،ئەمما كىيىنكىسى...
ئىنكاس-بلوگچىلار ھىس قىلىپ يىتىدۇكى،بلوگنىڭ يېڭىلىنىشى ئۈچۈن مەدەت بۇلىدىغىنى يەنىلا ئىنكاس،ئىنكاس قانچە چۈشكەنسىرى،بلوگچىنىڭ ئىلھامى شۇنچە تاشىدۇ،ئەكسىچە،ئۇدا بىر ئاي بلوگ يېزىپ بىر تال ئىنكاسمۇ چۈشمىسە....بلوگچىلارنىڭ رايى يېنىپ كىتىش خەۋىپى بار.
كىرىم-ناۋادا،بلوگچى بلوگ يىزىش داۋامىدا بەلگىلىك كىرىمگە ئېرىشەلىسە،بەلكىم بلوگچى ئۈچۈن بىر پۈتمەس-تۈگىمەس ئېنىرگىيە بولىشى مۇمكىن.
تېما-بلوگچى بلوگچىلىقدىن ئىبارەت بۇ كاتتا يولدا داۋاملاشتۇرۇپ ماڭالىشى ئۈچۈن، مەلۇم بىر تېما(ياكى كۆپ تېما) ئاستىدا قارارگاھ تىكلىيەلىشى زۆرۈر.ناۋادا،بلوگچىدا تېما قەھەتچىلىكى يۈزبەرسە،داۋاملىق بلوگ يېزىپ كىتەلىشى تەسكە توختىشى مۇمكىن.
زىيارەتچى-كۈنلۈكى 100IPلىق زىيارەتچىسى بار بلوگچى بىلەن كۈنىگە 1IPلىق زىيارەتچىسى بار بلوگچىنىڭ قىزغىنلىقىنى سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ،ئەلۋەتتە.
شەخسىي بلوگنىڭ كەلگۈسى
پەن-تېخنىكا ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان دەۋرىمىزدە،ئېنتېرنىت تورىنىڭ تۇرمۇشىمىزدىكى رولى بارغانسىرى ئاشماقتا،كۆپلىگەن شائىر-يازغۇچىلار،باھاچىلار،تەتقىقاتچى... چىلارمۇ بارغانسىرى ئېنتېرنېت تورىنىڭ ئەۋزەللىكىنى تونۇپ يېتىشكە باشلاپ،ئۆزلىرىنىڭ ئېنتېرنېت تورىدىكى بوشلۇقىنى ئىزدەشكە باشلىماقتا،مۇشۇ ئىزدىنىشلەر ئاساسىدا،بلوگچىلىقنىڭ ئورنىمۇ بارغانسىرى يۇقىرى كۆتۈرۈلمەكتە.خۇددىي،دىيارىمىزدا ئۇيغۇر بلوگچىلىرىنىڭ پەيدا بولۇپ،كىيىنچە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە سان جەھەتتىن شىددەت بىلەن ئېشىشى بۇ نۇقتىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ بىرەلەيدۇ،جۈملىدىن،‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 10 داڭلىق بلوگ››نىڭ سايلىنىپ چىقىش جەريانى بۇخىل يۆنىلىشنىڭ ئېنىق دەلىلى بولالايدۇ.گەرچە دىيارىمىزدا تور قامال قىلىنىپ بلوگچىلىق مەلۇم تەسىرلەرگە ئۇچراپ،بىر ئاز سوۋۇپ قالغان بولسىمۇ، يېقىنقى مەزگىللەردىكى بىر قىسىم .ئەھۋاللاردىن WordPress قاتارلىق مۇنتىزىم بلوگ سۇپىلىرىدا بلوگ قۇرۇش دولقۇنىنىڭ پات يېقىندا كۆتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغانلىقىنىڭ بىشارەتلىرى مەلۇم بولماقتا.شۇنىڭ بىلەن بىرگە بلوگباسدا بلوگ قۇرۇۋاتقان ھەۋەسكارلار كۆپەيمەكتە،بىر قىسىم شەخسىي بلوگچىلار پارتىزان ھالەتتىن مۇنتىزىم بلوگچى قوشۇنىغا قوشۇلماقتا،ئۇنىڭدىن باشقا،بىر قىسىم نوپۇزلۇق كىشىلەر(قەلەمكەش،تەتقىقاتچىلار)مۇ ئۆزلىرىنىڭ توردىكى بلوگىنى بەس-بەستە قورۇپ چىقىشماقتا،دىمەك،يۇقىرىدا تىلغا ئالغان ھەمدە تىلغا ئېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن بىرقانچە يۈزلىنىشلەردىن شەخسىي بلوگنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا تۇتقان ئورنى ھەمدە تەسىرى بارغانسىرى يۈكسىلىشكە قاراپ ماڭغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز .
شەخسىي بلوگنىڭ چىقىش يولى
1.يازغان نەرسىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيىتى بولسۇن،ھەرگىزمۇ ئۇيەر،بۇيەردىن يازما تېرىپ كېلىپ ياكى ئوغرىلاپ ئەپكېلىپلا‹‹يازمىلىرىمنى كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ››دىگەن قالپاقنى كىيگۈزۈپلا بولدى قىلماڭ.ناۋادا،بلوگنى سىز ئۆزىڭىز ئۈچۈن قۇرغان بولسىڭىز،ئەڭ ياخشىسى بلوگنى قۇلۇپلىۋېتىڭ،بولمىسا يازما كۆچۈرمىكەشلىك بىلەن داڭق چىقىرىپ زىيارەتچىلەرنى ئوڭايلا سەسكەندۈرۈپ قۇيىسىز.
2.يازمىڭىزنىڭ بەلگىلىك سۈپىتى ھەمدە قىممىتى بولسۇن.ئامال بار ئۇيغۇر تىلى ئىملا قائىدىسىگە دىققەت قىلغان ئاساسدا،زىيارەتچىلەرگە مەلۇم تەسىر قالدۇرغۇدەك يازما يېزىڭ،ھەرگىزمۇ ‹‹ئاسماندا قۇشلار ئۇچتى››،‹‹بۈگۈن تاماق يېدىم››دىگەندەك مەنىسىز يازمىلارنى يازماڭ.شۇنداق بىر يازما يېزىڭكى،ئۇ سىزنىڭ ئەتراپلىق ئويلىشىڭىز ھەمدە پلانىڭىز ئاساسىدا چىقسۇن؛شۇنداق يازما يېزىڭكى،يازغان نەرسىڭىزنى ئوقۇغانلار ھىچ بولمىسا نىمە دىمەكچى ئىكەنلىكىڭىزنى چۈشۈنەلىسۇن؛شۇنداق يازما يېزىڭكى،ئوقۇغانلار ئىختىيارسىز ھالدا ئىنكاس كۆزنىكىگە كەلسۇن،ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئىنكاس يازسۇن.قىسقىسى،ئاز يازسىڭىزمۇ ساز يېزىڭ.
3.بلوگىڭىزنىڭ خاسلىقىنى بەلگىلىۋېلىڭ.بلوگنىڭ خاسلىقىمۇ زىيارەتچىلەرگە مەلۇم تەسىرلەرنى پەيدا قىلالايدۇ،سىز بىر ئاي تور ئۇچۇرلىرى بلوگى،بىر ئاي كومپىيۇتېر بلوگى،بىر ئاي كۆڭۈل ئېچىش بلوگى قىلىپ ‹‹ئايدا بىر تېرە››تاشلىسىڭىز،زىيارەتچىلىرىڭىزنى ئوڭايلا قايمۇقتۇرۇپ قۇيىسىز.
4.بلوگىڭىزنى قەرەللىك يېڭىلاپ تۇرۇڭ،بولسا،شۇ قەرەلنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇۋېلىڭ،زىيارەتچىلىرىڭىزنى شۇ قەرەلگە ئادەتلەندۈرۈپ قويۇڭ،يەنى زىيارەتچىلىرىڭىز قەرەللىك ھالدا بلوگىڭىزغا كىرىپ يېڭى يازما بارمۇ يوق كۆرۈپ چىقىشقا ئادەتلىنىپ قالسۇن،بىلسىڭىز،سىز زىيارەتچىلىرىڭىزنى مۇشۇ ھالغا ئەپكېلەلىسىڭىز،شۈبھىسىزكى،بۇ سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئۇتۇقلىرىدىن بىرى بولغۇسى.
5.ئاكتىپ دېپلومات بولۇڭ.ھەرقايسى بلوگلار بىلەن دوستلۇق ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بىرىڭ،بلوگچىلار بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ،دوستانە مۇناسىۋەت شەكىللەندۈرۈڭ.مۇنبەرلەردە ئىمزايىڭىزغا بلوگ ئادرىسىڭىزنى قىستۇرۇپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.
6.چوڭراق بېكەتلەردە ياخشى يازمىلىرىڭىزنى تەۋسىيە قىلىڭ.كەمىنە ئۇيغۇربەگمۇ بەزى يازمىلىرىمنى ئەلكۈيى،شىنجاڭ كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى قاتارلىق توربېكەتلەردە ئېلان قىلىپ،بەلگىلىك زىيارەتچىلەرگە ئېرىشتىم،بۇ ئۇسۇلمۇ ھەقىقەتەن ئەسقاتىدۇ.
7.بلوگلارغا بېرىپ ئىنكاس يېزىش ئادىتى شەكىللەندۈرۈڭ.سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئىنكاس سانى سىزنىڭ باشقا بلوگلارغا قالدۇرغان ئىنكاس سانى بىلەن ئوڭ تاناسىب تۈزىدىغان بولۇپ،سىز قانچە كۆپ ئىنكاس قالدۇرغانسىرى،كىشىنىڭ دىققىتىنى شۇنچە كۆپ تارتالايسىز.ئەمما،شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى،ئىنكاسىڭىزنىڭمۇ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىڭ،‹‹ياخشىكەن››،‹‹بوپ قالىدىكەن››دىگەندەك قۇرۇق گەپلەرنىڭ ئورنىغا شۇ يازمىغا بولغان باھايىڭىزنى يازسىڭىز ئۈنۈمى بەكرەك كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.
قىسقىسى،شەخسىي بلوگچىلارنىڭ تۇرمۇشى كۆپ كىشىلىك بلوگدىكى بلوگچىلارنىڭ تۇرمۇشىدىن تەسرەك بولىشى مۇمكىن،ئەمما،مۇتلەق ئۇنداق بولۇپ كېتىشى ناتايىن.جەك تور خاتىرى،تەدبىركار بلوگى،80خالتا بلوگى،دۇنياقارا بلوگى قاتارلىق نادىر بلوگلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىدىن بۇ نۇقتىنى بىلىپ يېتەلەيمىز.بلوگىڭىزنىڭ چىقىش يولى بارمۇ-يوقمۇ؟ئەمدى،ھەممىسى ئۆزىڭىزگە باغلىق بولۇپ قالدى.

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [مەخپىي رېتسىپ]Blogbusدىن WordPressكە كۆچۈش(دەرسلىك) (1)
- [WordPress ئۇسلۇبى] يېڭى ئۇسلۇب compositio تونۇردىن سويۇلدى
- [يۈك قورالى]نۆۋەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك BT چۈشۈرۈش قورالى-µTorrent
- [ئىجادىي ئۇسلۇبلىرىمىز] خەنچە ئۇسلۇب UP1.0 تارقىتىلىدۇ
- WordPressنىڭ نۆۋەتتىكى يېڭى نەشىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمايدۇ! (7)
- WordPress 3.0.1 نىڭ CSS لىرىنى ئۇيغۇرچىغا ماسلاشتۇرۇۋېلىڭ (20)
- wordpress سېستىمىسىدا بلوگنىڭ تور ئادرېسىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەدبىرى (4)
- [ئالاھىدە تەۋسىيە] WordPressنىڭ مۇقىم ئۇلانما ئىقتىدارى ۋە كۆرسەتمە كودلار (16)
- WordPress نىڭ كىرىش پارولىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ (7)
- ئۆي كۆچكەندىن كېيىن wordpress بلوگىنىڭ تور نامىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەدبىرى (4)
- WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن فۇنكىسىيەلەر ئارقىلىق بېكەت ئۇچۇرلىرىنى ستاتىستىكىلاش (6)
- Sinaapp گە wordpress3.3.1 نى قاچىلاش ئۇسۇلى (17)