فىلىم بېكەتلىرىدىن BTلىق فىلىم چۈشۈرگەن ۋاقىتلىرىمدا،迅雷نىڭ سۈرئىتىدىن ناھايىتى رازى بولمايتىم.نىمىلا دىمىگەن بىلەن بۇ جەھەتتە بۇ قارىمنىڭ سەل كەمچىكلىرى بار ئىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ تورىدىكى بۇ سۈرئەت كىشىنى ناھايىتى بىزار قىلاتتى.كىيىن،بۈگۈنكى يازمىمىزدا تونۇشتۇرماقچى بولغان يۇمتال-µTorrent نى قاچىلاپ ئىشلەتكەندىن كىيىن،بۇ كىچىك ئەمما ناھايىتى كۈچلۈك بولغان يۈك قورالىغا كۆيۈپ قالدىم،شۇڭلاڭقا،بۇ نەرسىدىن باشقا ئاتامانلىرىمىزنىمۇ پايدىلانسۇن دەپ تۇرايىمىزدا جاكارنامە يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن…
µTorrent ھەققىدە
µTorrent بولسا مەخسۇس BT چۈشۈرۈش ئابونت تەپ(客户端) پروگرامىسى بولۇپ،تاشقى توردىنلا ئەمەس،ئىچكى تورلاردىن چۈشۈرۈش سۈرئىتىگە گەپ كەتمەيدۇ.نۆۋەتتە،uTorrentنىڭ ئەڭ ياخشى نەشىرلىرى 2.X بولۇپ،تۇرايىمىز كۈچلۈك تەۋسىيە قىلىدۇ.
باشقا Torrent ئابونت تەپلەرگە ئوخشىمايدىغان يىرى شۇكى،µTorrent سېستىمىنىڭ بايلىقىنى ئۇنچىۋالا خورىتىپ كەتمەيدىغان بولۇپ،ئادەتتە پەقەت 6MB ئەتراپىدىكى ئىچكى سىغىمنى ئىگەللەيدۇ،شۇڭلاشقا،نورمال ئەھۋالدا سىز بۇ يۇمتالنىڭ ئىجرا بولىۋاتقانلىقىنى ئۇنتۇپ كېتىسىز.ئۇنىڭدىن باشقا،بۇ پروگراممىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەجىمىمۇ ئاران 220 KBلا خالاس.
بۇ يۇمتالنىڭ يەنە بىر ئالاھىدىلىكى،سىز ئۆزىڭىزنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئاساسەن خاسلىقىنى-يەنى كۆرۈنۈش تىلى،ئۇسلۇب(تېرە،皮肤)قاتارلىقلارنى تاللاپ،تەڭشەپ كىتەلەيسىز.µTorrent يەنە تىل بولىقىنى يەرلىكلەشتۈرۈشنى قوللايدىغان بولۇپ،ئىچىدىكى تىل بولىقى ھۆججىتىدىن پايدىلىنىپ،ئىشلىتىۋاتقان سېستىمىڭىزنىڭ تىلىنى يۇمتالنىڭ كۆرۈنۈش تىلىغا كىرگۈزەلەيسىز.ناۋادا،تىل بولىقى تىزىملىكىدە،سىز لازىم بولغان تىل ھۆججىتى بولمىسا،سىز باشقا تىللارنى بىۋاستە تەرجىمە قىلىپ،تەھرىرلەپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ(ئەمما،ھازىرچە ئۇيغۇر تىلى تىل بولىقى تەييارلانماپتۇ).ئۇنىڭدىن باشقا،بىزگە يەنە نۇرغۇن كىچىك قىستۇرمىلارنى تەمىنلىگەن بولۇپ،بۇ قىستۇرمىلار ئارقىلىق يۇمتالنى تېخىمۇ ئىقتىدارلىق ۋە كۆركەم قىلغىلى بولىدۇ.
µTorrent چۈشۈرۈش
uTorrent ئورگان بېتى:http://www.utorrent.com/
uTorrent نەشىرى:2.2.23774 Stable
ھۆججەت نامى:µTorrent | ھۆججەت سىغىمى: 320KB |
MDB تەستىقى:نامەلۇم | ۋىروسخورنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن! |
يۈك مەنزىلى:بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ | [چاقماق(迅雷)نى ئىشلىتىپ چۈشۈرۈڭ] |
◎تۇرايىمىزدىكى يۇمتاللارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىلغان،سودا خاراكتىرىدە پايدىلىنىش مەنئىي قىلىنىدۇ. ◎نەشىر ھوقۇقۇمغا دەغلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز،شۇ ھامان ئىنكاس قىلىڭ،24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرىمىز.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- ئەي بلوگداش، ئويلاپ باقتىڭىزمۇ، سىز زادى كىم ئۈچۈن بلوگ يېڭىلاۋاتىسىز؟… (25)
- [ WordPress تېخنىكىسى] بىلوگىڭىزغا ئاسما تىزىملىكنى مۇنداق چىقىرىسىز(كۆچۈرۈلمە) (2)
- بىرنەچچە يۈرۈش WordPress چىراي ئىپادىلىرىنى توننىلاپ يوللىۋەتتۇققۇ! (13)
- [ تىلەكنامە ]سالام قۇتلۇق 2011-يىلى…
- wordpress سېستىمىسىدا jquery ئۈنۈمىدىكى بلوگ لىفىتى ئىقتىدارىنىڭ يېڭى تەدبىرى (5)
- مەن چۈشەنمىگەن كارتون 2011-يىلى قايسى بىر مۇكاپاتنىڭ ئەڭ نوچىسىغا ئېرىشىپتۇ! باھانە كۆرسىتىڭ!… (14)
- [WordPress ئۇسلۇبى] يېڭى ئۇسلۇب compositio تونۇردىن سويۇلدى