- سەھىپە:WP تېخنىكىسى
- | باھا:10
- | زىيارەت: 853 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، post, theme, wordoress
بىلگىنىمىزدەك، بەزەن چاغلاردا بىز بلوگىمىزدا ياكى تور بېكىتىمىزدە مۇشۇ يېقىنقى كۈنلەردە ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن يازمىلارنى چىقىرىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ھىس قىلىپ قالىمىز. ھىس قىلىپ قالغانغىلا بولامتى، ئۇنىڭغا تەدبىر ئىشلەش كېرەك. ئۇنىڭ تەدبىرى نەدە؟ ئۇنىڭ تەدبىرى بۈگۈنكى «WordPressدە يېقىنقى 30 كۈن ئىچىدىكى ئاۋات يازمىلارنى چىقىرىشنىڭ تەدبىرى»ناملىق يازمىمىزدا، ئەمىسە، دەرسخانىغا مەرھەمەت…
تەدبىرنىڭ پايانى ۋە بايانى
1. ئۇسلۇبنىڭ functions.phpھۆججىتىنى ئېچىپ تۆۋەندىكى كودنى ئەڭ ئاخىرىدىكى ?>دېگەن كودنىڭ ئالدىغا قۇيۇڭ :
// Awat yazma by : Uyghurbeg.Net
function simple_get_most_viewed($posts_num=10, $days=30){
global $wpdb;
$sql = "SELECT ID , post_title , comment_count
FROM $wpdb->posts
WHERE post_type = 'post' AND TO_DAYS(now()) - TO_DAYS(post_date) < $days
ORDER BY comment_count DESC LIMIT 0 , $posts_num ";
$posts = $wpdb->get_results($sql);
$output = "";
foreach ($posts as $post){
$output .= "\n.get_permalink($post->ID)."\" rel=\"bookmark\" title=\"".$post->post_title." (".$post->comment_count."条评论)\" >".$post->post_title." ";
}
echo $output;
}
ئىزاھات : يۇقارقى كودتىكى $days=30 بولسا 30 كۈن دېگەننى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، سىز خالىغان كۈنگە مەسىلەن بىر ھەپتە ئىچىدىكى ئاۋات يازمىلارنى كۆرسەتمەكچى بولسىڭىز 30نى 7گە ئۆزگەرتىۋالسىڭىز بولىدۇ. $posts_num=10 بولسا كۆرسۈتۈلمەكچى بولغان يازمىلارنىڭ ئۇمۇمى سانى، بۇ يەردە 10 پارچە يازمىنى چىقىرىپ بىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.
2. ئاندىن يېقىنقى 30 كۈن ئىچىدىكى ئاۋات يازمىلارنى كۆرسەتمەكچى بولغان ئورۇنغا تۆۋەندىكى كودنى قۇيۇڭ :
3. شۇنىڭ بىلەن تامام!…
يېقىندىن بۇيان، بىر قىسىم بلوگگېرلار، بولۇپمۇ يېڭى بلوگگېرلار يازمىدىكى « كودنى قويىدىغان ئورۇن»نى ئېنىق دەۋەتسىڭىز بولمامدۇ، نېمانداق قىلىسىز، ماۋۇ جاينىڭ ماۋۇ جايىغا قوي دېسىڭىزلا ئىش پۈتمەمدۇ، نېمە ئادەمنى موتورولا قىلىسىز دېگەندەك گەپلەرنى قىلىۋىدى، يا كۈلۈشۈمنى، يا يىغلىشىمنى بىلەلمەي قالدىم، ئەپسۇسكى، بۇ كود دېگەن نەرسىنىڭ 1،2،3 دەپ نومۇرى بولمىغاچقا، مېنىڭ ئۇسلۇبۇمنىڭ ما يېرىگە ماس كەلگىنى سىزنىڭ ئۇ يېرىگە ماس كەلمەيدۇ، شۇڭا سىزنىڭ بىر ئاز ئىزدىنىشىڭىزگە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، بۇ قېتىممۇ يەنە « كودنى قويىدىغان ئورۇن»نى تومتاقلا سۆزلەپ ئۆتۈپ كەتتىم، خالىسىڭىز يان بۆلەككە قويۇڭ، خالىسىڭىز يازما بېتىگە قويۇڭ…
تۇرايىمىزدىن دوستانە ئەسكەرتىش : ئۆزگەرتىدىغان ھۆججەتلەرنى زاپاسلاپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ، بولمىسا كېلىپ چىققان بارلىق ئىقتىسادىي، قانۇنىي، روھىي،سىياسىي ئاقىۋەتلەرگە تۇرايىمىز ئىگە ئەمەس!

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [ئىجادىي ئۇسلۇبلىرىمىز] خەنچە ئۇسلۇب UP1.0 تارقىتىلىدۇ
- [تەجرىبىلىرىم]AppServ ئارقىلىق PHP مۇھىتى قۇرۇش
- [WordPress ئۇسلۇبى] Redion ئۇسلۇبى تارقىتىلىدۇ (67)
- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،WordPress دۇنياسى… (8)
- بلوگ سېستىمىسى] emlog 3.5.2 نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى تارقىتىلدى
- [مەخپىي رېتسىپ] WordPressدە سۈكۈتتىكى Gravatar سۆرىتىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەدبىرى (29)
- WordPress دە بەت ئۈستى، ئاستى ۋە ئىنكاس رايونىغا قايتىش كونۇپكىسى قوشۇش (20)
- WordPress نىڭ كىرىش پارولىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ (6)
- ئۆي كۆچكەندىن كېيىن wordpress بلوگىنىڭ تور نامىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەدبىرى (4)
- WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن فۇنكىسىيەلەر ئارقىلىق بېكەت ئۇچۇرلىرىنى ستاتىستىكىلاش (6)
- Sinaapp گە wordpress3.3.1 نى قاچىلاش ئۇسۇلى (17)
- wordpress تە ئۆزى بەلگىلەش بۆلىكى ئارقىلىق يازمىغا خەت قوشۇش (6)