- سەھىپە:WP تېخنىكىسى
- | باھا:29
- | زىيارەت: 834 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، wordoress
بىلگىنىمىزدەك WordPress سېستىمىسىدا بىر قانچە يۈرۈش سۈكۈتتىكى Gravatar سۆرەتلىرى تەمىنلەنگەن بولۇپ، ناۋادا بىز بۇلارنى ياقتۇرمىساق تورخۇمار بلوگىغا ئوخشاش ئۆزىمىز ياقتۇرغان Gravatar سۆرىتىگە ئالماشتۇرۇۋالساق بولىدۇ. بۇنىڭ تەدبىرنى ناھايىتى ئاسان، ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى يازمىمىزدا بۇ تەدبىرنى سۆزلەپ ئۆتكۈسىمىز!
تېخنىكىنىڭ بايانى ۋە پايانى
تېخنىكىدىن بۇرۇنقى سەمىمىي ئەسكەرتىش : بۇ قېتىم بىز ئويناپ قويىدىغان تېخنىكا ئاددىي بولغىنى بىلەن، ئازراق زىل بولغاچ، بىز ئۆزگەرتىدىغان ھۆججەت بولمىش function.phpنى ئالدىن زاپاسلاپ قويۇپ، ئاندىن مەشخۇلاتنى داۋام ئېتىڭ.
ئاۋۋال ئۆزىڭىز كۆنگەن تەھرىرلىگۈچدە ئۇسلۇبىڭىزنىڭ قاتىل ھۆججىتى function.phpنى ئېچىڭ. ئاندىن تۆۋەندىكى كودنى مۇۋاپىق جايغا ئورۇنلاشتۇرۇڭ :
add_filter( 'avatar_defaults', 'default_avatar' );
function default_avatar ( $avatar_defaults ) {
$myavatar = get_bloginfo('template_url'). 'http://www.uyghurbeg.net/wp-content/uploads/2012/02/wpavatar.png'; //默认图片路径
$avatar_defaults[$myavatar] = "ئۇيغۇربەگنىڭ بېشى"; //后台显示名称
return $avatar_defaults;
}
ئىزاھات : ئاۋۇ ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ تور ئادرېسى بار جاي دەل سىز سۈكۈتتىكى رەسىم قىلماقچى بولغان رەسىمنىڭ ئادرېسى، ئاۋۇ «ئۇيغۇربەگنىڭ بېشى»دېگەن خەت بولسا ئارقا سۇپىدا كۆرۈنۈدىغان بەلگە، سىز ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن ئۆزگەرتىشنى ئۇنۇتماڭ.
ئاندىن ئارقا سۇپا – تەڭشەكلەر – مۇھاكىمە دېگەن جايغا كىرىپ كۆڭۈلدىكى ئاۋاتار قاتارىغا قارىسىڭىز سىز بايا قوشقان باش سۆرىتى بار، ئۇنى سۈكۈتتىكى ھالەتتە تەڭشەپ قويسىڭىز تېخى Gravatar ئىشلىتىپ ئۈلگۈرمىگەن ئىنكاسچىنىڭ باش سۆرىتىگە سىز بەلگىلىگەن باش سۆرىتى چىقىدۇ. تۆۋەندىكىدەك :

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- بىر ياشقا تولغان كۈنۈڭگە مۇبارەك،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى!… (40)
- بلوگ سېستىمىسى] emlog 3.5.2 نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى تارقىتىلدى
- ئەلكۈيىدە يېزىشقان خەتلەر-1 (5)
- ھۈجەيرە ئىچىدىكى ھاياتلىق (5)
- قۇربان ھېيتلىق پەرمان چۈشۈرۈلدى،جىددىي نەزەر سالغايسىزلەر!
- مەخپىي رېتسىپ: wordpressبلوگىڭىزغا favicon بەلگىسى قوشۇۋېلىڭ!… (2)
- [ ئىجادىيەتلىرىمدىن] ئۆزىنى يۇتۇۋېتىش