- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:40
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، ئۇيغۇربەگ, توغۇلغان كۈن
ھەيھات،زامان پىرقىراپ،يەرشارى چۈرگىلەپ،زامان ئۆز يولىدا كېتىۋىرىدۇ.ۋاقىتنىڭ ئېقىشىغا كۆزىمىزنى مىتىلدىتىپ قاراپ تۇرۇشدىن باشقا ئىش قولىمىزدىن كەلمىسە كېرەك.شۇنداق قىلىپ،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىمۇ نەقمۇ-نەق بىر ياشقا كىرىپ،بارغانسىرى پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ يۈزلەنمەكتە ئىدى.دەسلەپدە تەمتىرەپ يۈرگەن بۇ گۈدەك بالا ئەمدىلىكتە پىشىپ يېتىلىشكە قاراپ يۈزلىنىپ،نەزىرىنى تېخىمۇ يېراق،تېخىمۇ ئۇزاق يەرگە قاراپ ئاغدۇرماقتا ئىدى.چۈنكى،ئۇ-چوڭ بولىۋاتاتتى؛چۈنكى-ئۇ يۈكسەلمەكتە ئىدى.
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرى
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى-دەسلەپ 2009-يىلى 10-ئايدا،Blogbus بلوگ سۇپىسى ئارقىلىق قۇرۇلغان بولۇپ،بۇ مەزگىللەر دىيارىمىزدا تور قامال قىلىنغان مەزگىللەر بولۇپ،نورمال ئېچىلىدىغان توربەتلەر ناھايىتى ئاز بولۇپ،تور قەھەتچىلىكى يۈز بەرگەن ۋاقىتلار ئىدى.بىرقىسىم مۇھىم ماتىرىيال-يازمىلارنى ساقلىۋېلىشنى شۇنداقلا باشقىلارغا كۆرسۈتۈشنى مەقسەت قىلىپ قۇرۇلغان بۇ بلوگ-نۆۋەتتىكى بىرقىسىم يېڭى بلوگگېرلارغا ئوخشاش ياخشى ئەسەرلەرنى يىغىدىغان يازمىخانىغا ئوخشاپ قالغانىدى.ئەمما،بۇ يىغىۋالغان بۇ يازمىلار «تاللانغان» خىل يازمىلار بولغاچ،رېن رېن تورى(人人网)دىكى ئۇيغۇر ستۇدېنتلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە سازاۋەر بولدى،بەزى يازمىلار ئۇدۇللا شۇ بېكەتكە چاپلىنىپ بەس-بەستە كۆرۈلدى،ھەتتا چەتئەلدىن بىۋاستە زىيارەت قىلىدىغانلارمۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى.بىرئاينىڭ ئىچىدىلا(يەنى 10-ئايدىن 11-ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە) 7،000 قېتىملىق زىيارەت قىلىنىشنى تامام قىلىپ بولغانىدىم.ئەمما،نېمىشقىكىن،بۇ يازمىلارنى ھەربىر كۆرسەم كۆڭلۈم بىرخىل بولۇپ كېتەتتى.كىيىن،ئاناتىلىم بلوگىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ،ئىجادىيەت قىلىش قارارىغا كەلگەندىن كىيىن،پرېستان ئەپەندىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى شۇنداقلا ياردەمدە بولىشى ئاستىدا،بىر ئۇسلۇبنى ئۆزلەشتۈرۈپ پۈتتۈرۈپ چىققاندىن كىيىن،2009-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى تۇنجى ئىجادىي يازمام « بويتاقلاربايرىمى(Bachelors Day)ھەققىدە»نى ئېلان قىلدىم.بۇ يازمىنىڭ ئېلان قىلىنىشى-نۆۋەتتە ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ رەسىمىي مەيدانغا كەلگەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولدى.
سۆرەتتە:يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يازما بېتىدىن كۆرۈنۈش
تۇنجى قېتىملىق شۇ ئىجادىي يازما يوللانغاندىن كىيىن،كەسپىي بىلىملىرىمنى ئۆگۈنۈش بىلەن بىرگە،نۇرقۇت تورى،خاقانىيە مۇنبىرى،داڭلىق مۇنبىرى قاتارلىق توربېكەت-مۇنبەرلەردە يۈرۈپ،تور ساھەسىگە ئالاقىدار بىلىملەرنى قىزىقىپ كۆرۈشكە باشلىدىم ھەمدە CSS,HTML,ASP بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈشكە باشلىدىم,بۇ جەريانلاردا پرېستان ئەپەندى كۆپلەپ ياردەملەردە بولدى.بۇ ۋاقىتلاردا دۇنياقارا،تارىم68،ئارامگاھ بلوگلىرىنى چۈرگىلەپ بلوگباس بلوگ سېستىمىسىنىڭ قۇرۇلمىسىنى قېدىرىپ تەكشۈرۈپ،كىرىشىپ تەتقىق قىلدىم.تەتقىقاتىمنىڭ مەھسۇلاتى سۈپىتىدە بىرقىسىم بلوگباس ئۇسلۇبلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ تارقاتتىم.بلوگباسدىكى يازمىلىرىمنى ئەسلەم كۆرسەم،ئاساسلىقى تور يېڭىلىقلىرى،تۈرك تىلى شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىم شۇنداقلا بىر قىسىم تەرجىمە ماتىرىياللار(چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇش ھەققىدىكى) ئىدى.
سۆرەتتە: بلوگباسنىڭ تاقىلىپ قېلىشىغا ئاتاپ يىزىلغان يازما بېتىدىن كۆرۈنۈش
يېڭى يىل كىرگەندىن كىيىن،ئىلىمىزدە ئۇمۇميۈزلۈك تور تۈزەش-تەكشۈرۈش ھەرىكىتى باشلاندى،بلوگباس،51نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تالاي بېكەتلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ ئىچىدە پالاقشىپ يۈرۈشكە باشلىغانىدى،ھەرىكەت باشلىنىپ قىسقىغىنا بىر ھەپتە ئىچىدە 10مىڭدەك بېكەتلەر ۋەيران بولۇشتى.51 تورى شەھۋانىي رەسىملەرنى يوللىغان دىگەن قالپاقنى كىيىپ قاتتىق بىرتەرەپ قىلىنىشقا ئۇچراپ،سىرىتقا قارىتا سۆرەت ئۇلىنىش قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ،بېكەتنى قايتىدىن رەتلەپ چىقىشقا مەجبۇر بولدى.بلوگباس شىركىتى بولسا ئۇدا بىرنەچچە ھەپتە ئېچىلماي قويدى.بلوگباسنىڭ ئېچىلماي قويىشىنى مېنى يەنە بىر قېتىم ئويلاندۇردى:مىڭ بىر جاپادا يازغان نەرسىلىرىم مۇشۇنداقلا يوقاپ كېتەرمۇ؟ ئالدىنقى مەزگىللەردە ئۇيغۇربلوگ،Blogpostلارنى ئىشلىتىپ كۆرگەن تورداشلارنىڭ يازمىلىرىنىڭ يۈتۈپ كېتىشلىرى ھەققىدىكى قاقشاشلىرىنى كۆرگەنىدىم،بۇ ئىش ماڭا بەك ئەلەم بولدى.ئاندىن،قەتئىي قارارغا كېلىپ www.uyghurbeg.net نامىنى ھەمدە بوشلۇق سېتىۋېلىپ،2010-يىلى 17-يانۋاردىن باشلاپ،تەدبىركار ئەپەندى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان Pjblog3 سېستىمىسىغا كۆچۈپ كىردىم.شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ Pjblog ھاياتى باشلاندى.
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ Pjblog ھاياتى
شۇنداق قىلىپ،يېڭى ئۆي Pjblogگە كۆچۈپ كېلىۋالدىم.بۇ چاغ،مېنىڭ ھەدەپ ئىمتىھانغا شۇنداقلا ئۆيگە قايتىش بىلەن ئالدىراش ۋاقىتلىرىم بولغاچ،قول ئۇچىدىلا رەتلەپ چىققان ئۇسلۇبنى ئۈستۈمگە ئارتىپلا،كونا بلوگدا جاكارنامىدىن بىرنى يوللىغان بولۇپ،Pjblogگە رەسىمىي كۆچۈپ كەلگەن بولدۇم.بلوگباسدىن Pjblogگە كۆچۈپ كېلىش بىر جاپاغا توختىدى،چۈنكى بلوگباسدىن بۇ يېڭى تۇراغا كۆچۈرۈپ كېلىش قورالىنى تاپقان بولساممۇ ھىچ ئىشلىتەلمىدىم.ئامال يوق،ھەممە يازمىلىرىمنى بىردىن-بىردىن كۆچۈرۈپ كېلىشكە توغرا كەلدى،يازمىلارنى كۆچۈرۈپ كېلىشكە ساق بىركۈن كەتتى.
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ يېڭى ئۈيىدە ئىشلەتكەن ئۇسلۇب(ئۈچىنچى نەشىرى،چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ)
يېڭى تۇراغا كۆچۈپ كەلگەندىن كىيىن،تەتىل قويۇپ بەردى.تەتىلگە بېرىپ-كەلگۈچە بولغان ئىككى ئاي ئىچىدە دىيارىمىزدىكى تور ئۈزۈكچىلىكى تۈپەيلى بلوگ تاشلىنىپ قالدى.كەلگەندىن كېيىنمۇ نېمە قىلارىمنى بىلمەي ئۇنى-بۇنى قىلىپ باقتىم،Pjblogنىڭ قىستۇرمىلىرى ۋە ئۇسلۇبلىرىنى تەتقىق قىلىپ كۆردۈم،كىيىن تور تەرجىمىسىگە قىزىقىپ،كەسپىي دەرىسىم بولمىش C تىلى بىلەن ASPنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش تېخنىكىسىغا كىرىشىپ كەتتىم.
سۆرەتتە:تولۇق ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققان شىركەت بېكەت سېستىمىسى
ئەمما،بلوگ يازمىچىلىقى ھەققىدە ھىچ بىر مەنزىل تاپالمايۋاتاتتىم.ئۇنى يېزىپ باقتىم،بۇنى يېزىپ باقتىم،ئۇسلۇبچىلىق قىلىپ باقتىم،ئۇيغۇر توربېكەتلىرى ھەققىدە خەۋەرلەر يېزىپ باقتىم،ئەمما ھىچ بىر خۇماردىن چىقمايۋاتاتتىم.نۇرقۇت ئەترىتى تورىدىن ئىگەللىگەن بىلىملىرىمنى بۇ بلوگ سېستىمىسىدا سىناپ كۆرەي دىسەم ھىچ ئەپلەشمەيۋاتاتتى،دىيارىمىزدىن تورغا چىقالايدىغانلار يوق؛ئىچكىرىدىن ئۇيغۇرچە توربېكەتلەرنى كۆرۈدىغانلارمۇ ساناقلىق بولغاچ،ئاخىرى بلوگ يېزىشدىن سوۋۇپ كەتتىم،كۈنلىرىم كەسپىي دەرسلىرىمنى ئۆگەنگەچ خەنزۇچە بېكەتلەردىكى تېخنىكىلىق بىلىملەرنى كۆرگەچ،ئۇنى ئۇيغۇرچە بېكەتلەرگە تەدبىقلاش بىلەن ئۆتۈپ كەتتى.كېيىن،Pjblogنىڭ باش مۇنبەرىگە ئەزا بولۇپ،ئۇ يەرلەردىن Pjblog بىلىملىرىنى كۆرۈشكە باشلىدىم،كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرىدە Pjblogنىڭ ئىقتىدار كېڭەيتىش جەھەتتىكى ئاجىزلىقىنى ئېتىراپ قىلاتتىم،بولسا بۇنىڭدىنمۇ نوچىراق بلوگ سېستىمىسىنى تەتقىق قىلغۇم،شۇ ئارقىلىق ئۆگەنگەن نەرسىلىرىمنى باشقىلارغا بىلدۈرگۈم كېلەتتى.گەرچە Pjblog4 ھەققىدە ئۇچۇرلارغا ئېرىشكەن بولساممۇ،ئەمما بۇ يېڭى نەشىردىكى Pjblogنىڭ رېۋايەت ئىكەنلىكىگە بارغانسىرى ئىشىنىپ قېلىۋاتاتتىم.شۇنداق ئالدىراش يۈرۈپ،بىريىلمۇ تۈگەي دەپ قالدى،كېتىدىغانغا يېقىن رېۋايەتلەردىكى WordPress سېستىمىسىنى ئۇچرىتىپ قالدىم.شۇنىڭ بىلەن يېڭى بلوگ ھاياتىم باشلاندى.
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ WordPress ھاياتى
مېنىڭ بۇ يېڭى سېستىمىغا بولغان قىزىقىشىمغا ئۇزھال بلوگى ناھايىتى تەسىر قىلدى بولغاي.ئۇزھال بلوگى ئېلان قىلىنغان دەسلەپكى مەزگىللەردە كۈندە نەچچە قېتىم ئۇ بلوگغا كىرىپ ئۇنى-بۇنى كوچىلاپ چىقىپ كېتەتتىم.Pjblog4نىڭ خەۋىرى چىقمىغاچ،ئىھتىياجىمنى قاندۇرالمايۋاتقان بۇ سېستىمىنى زادى تاشلىۋېتىش قارارىغا بىر كېلەلمەي بەك جىلە بولۇپ كەتتىم.خۇددىي «Pjblog4 دەۋرىگە قاچان كىرەرمىز؟»دىگەن يازمامدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك «كۈنلەر ياخشى باشلاندى،Pjblog3 بىلەن خۇشال ئۆتۈۋاتقان بولساممۇ،بۇ بلوگ سۇپىسىدىن بەكمۇ مىننەتدار بولۇپ كەتمىدىم،گەرچە بۇ نورمال ئىھتىياجىمنى قامداپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ،ئەمما يېڭىلىققا قىزىقىدىغان يۈرەك ئۈچۈن بىرئىزىدا توختاپ قالغان سۇدەك تەسىر بىرەتتى،نەچچە قېتىم WordPress ياكى Z-blogغا كۆچۈپ كىتەي دىگەن نىيەت بولدىيۇ،بۇ قەدىناسىمدىن ئوڭايلا ۋاز كەچكۈم كەلمىدى،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە Pjblog4 نىڭ ئېچىلىۋاتقانلىق ئۇچۇرى كەلدى،شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئۈمىد كەلدى.بۇ يېڭى بلوگنىڭ تارقىتىلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتتۈم»(كۈرۈڭ:http://www.uyghurbeg.net/?p=81)كىيىن،مەزكۇر WordPress بلوگ سېستىمىسىنى زادى بىر چۇۋۇپ چىقىش نىيىتىگە كېلىپ،مەخسۇس بوشلۇق سېتىۋالدىم ھەمدە قاچىلاپ-سىناپ كۆردۈم.
WordPressكە كۆچۈپ كېلىشمۇ خېلى قېيىنغا توختىدى،گەرچە توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ «Pjblogدىن WordPressكە كۆچۈش جەريانى»نى تاپقان بولساممۇ،Pjblogدا ئىشلەتكەن خەتكۈچ،سەھىپە شۇنداقلا بلوگغا چۈشكەن ئىنكاس-پىكىرلەرنى ئەپكېلىش مۇمكىن بولمىدى(ئەينى چاغ بەكلا ئالدىراپ كېتىپتىكەنمەن،ئالدىرىماي قىلغان بولساممىغۇ بۇلارنىڭ جاجىسى باركەنتۇق)،شۇنداق بولسىمۇ يېڭى بلوگىمنى قۇرۇۋالغىنىمغا خۇش بولۇپ،يەنە ئۆيۈمگە قايتىپ كەتتىم...
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ WordPress يېڭى ئۈيىدە ئىشلەتكەن ئۇسلۇب(چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ)
مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۆيدىن بالدۇرلا يېنىپ كېلىپ،بىر ئاي ۋاقىت بىكار تۇرۇپ قالدىم.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز تۇرغان شەھەر يازدا دەھشەت ئىسسىق بوپ كېتىدىكەنكى،يائاللا،تىنىپ قويسىمۇ بىر چېلەك تەر ئاققان،ھەرىكەت خوشياقماي،كومپىيۇتېرنىڭ ئالدىدىن قوزغالماي دىگۈدەك بولۇپ،بۇ مەزگىل مەخسۇس WordPress بىلىملىرىنى ئۆگەندىم.ئۆگەنگەنلىمنى تەدبىقلىغاچ بىرقانچە مۇنەۋۋەر ئۇسلۇبلارنى؛قولايلىق قىستۇرمىلارنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقتىم.بۇ جەريانلاردا بۇ سېستىمىغا ناھايىتى كۆيدۈمكى،ئاخىرى پۇخادىن چىققاندەك بولدۇم.ھەممىدىن مۇھىمى،ئورتاق ئوي بىلەن پىكىرلىشىپ كېلىۋاتقان يولداش پرېستان ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن پرېستان بلوگى بىلەن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى بىرلەشتۈرۈپ،يېڭىچە قىياپەت بىلەن ئىش باشلىدۇق.نۆۋەتتە،پرېستان ئەپەندى بىلەن بىرگە مەزكۇر بلوگنى ئۇيغۇرچە بلوگلارنىڭ سەركىلىرىدىن قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىۋاتىمىز!
سۆرەتتە:ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ماشىنىخانىدىكى يېڭى كىيىمى
بلوگ ھەققىدە بىرقىسىم مەلۇماتلار
تۆۋەندىكى رەسىمدىكى بلوگنىڭ 2010-يىلى 27-ئىيۇلدىن باشلاپ بۈگۈن(2010-يىلى 12-نۇيابىر)غىچە بولغان بولغان ئۈچ يېرىم ئايلىق زىيارەتچى ئىستاتىستىكىسى بولۇپ،مۇستەقىل زىيارەتچى جەمئىي 18135 نەپەر،مۇستەقىل IP 17204 دانە،PV جەمئىي بولۇپ 43017 دانە.
سۆرەتتىن مەلۇمكى،ھەر يېڭى بىر يازما يوللانغاندا،بولۇپمۇ ئۇسلۇب دىگەندەك پايدىلىق مەزمۇن يوللانغاندا،زىيارەتچىلەرنىڭ سانى كۆرۈنەرلىك ئاشقان،باشقا ۋاقىتلاردا نورمال ئەھۋالنى ساقلاپ كەلگەن.
مەزكۇر سۆرەت بلوگ زىيارەتچىلىرىنىڭ ۋاقىت كۆرسەتكۈچىسى بولۇپ،سۆرەتتىن مەلۇمكى،بېيجىڭ ۋاقتى 10دىن 22گىچە بولغان ئارىلىقدىكى زىيارەتچىلەر كۆپ قىسىمنى ئىگەللىگەن.
سۆرەتتىكىسى زىيارەتچىلەرنىڭ مەشخۇلات سېستىمىسى ھەمدە جاھاننامە كۆرسەتكۈچى,سۆرەتتىن مەلۇمكى،تورخانىدىن چىققان زىيارەتچىلىرىمىز خېلى بىر قىسىمنى ئىگەللەيدىكەن.
ئىستاتىستىكىدىن مەلۇم بولىشىچە،تىبەتتىن ئىككى،ئىچكى موڭغۇلدىن ئالتە كىشى ئېزىپ بلوگىمغا كىرىپ قالغان،باشقا رايونلاردىن ئېزىپ قالغانلار بىرقەدەر كۆپرەك.ھەممىدىن بەك كۆڭلۈمگە كەلگىنى،چىڭخەي تەرەپدىن بىرەر يولداش بىز ياقلارغا كەپ باقماپتۇ.يەنىلا دىيارىمىزدىكىلەر ئەڭ ئاۋانگارتكەن!ئۇنىڭدىن باشقا،ئامىرىكا تەرەپدىن 25 كىشى،ياپونىيە تەرەپدىن 16 كىشى،كانادادىن 15 كىشى،تۈركىيەدىن 43 كىشى،باشقا دۆلەتلەردىن بىرنەچچەيلەن تۇرايىمىزغا تاشقى پېلانىت ئادەملىرىدەك تۇيۇقسىز كىرىپ،كېتىشىپ قالغان.
سۆرەتتىكىسى تۇرايىمىزدىكى ئەڭ ئاۋات 8 يازما
سۆرەتتە:ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ئارقا سۇپىسىدىكى ئىستاتىسكا نەتىجىسى
ئاخىرقى سۆز
يۇقىرىدا كۆرۈپ ئۆتكۈنىمىزدەك،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى- ئۆزىنىڭ بىر يىللىق مۇساپىسىدە نۇرغۇنلىغان ئەگرى-توقايلىقنى بېسىپ ئۆتتى.تۇرايىمىز قولغان كەلتۈرگەن بۇ ئىلگىرلەش ۋە مۇۋاپپىقىيەتلەرنى ئەلۋەتتە تورداشلارنىڭ ۋە بلوگگىرلارنىڭ قىزغىن مەدىتى، ياردىمى ۋە قوللىشىدىن ئايرىپ قالغىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.بۇ جەريانلاردا نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى ۋە مەدىتىگە ئېرىشىپ كەلدۇق،بەزى تورداشلار ئىزچىل پايدىلىق پىكىر-تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،بىز بىلەن ھەمدەم بولۇپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى ئاشۇ ئاتەش يۈرەك تورداشلارغا ئۆزىنىڭ ئالىي سالىمىنى يوللايدۇ.
بۇ بىر يىلدا ئويلىغانلىرىم ناھايىتى كۆپ بولدى،بىريىل ئىچىدە ئېرىشكەن يەكۈنۈم شۇ بولدىكى:بىرئىش قىلىشنى نىيەت قىلىدىكەنمىز،چوقۇم ئاخىرىنى چىقىرىشقا تىرىشىدىغان بولساق،نەتىجىسىنى چوقۇم كۆرمەي قالمايدىكەنمىز.شۇڭا،بلوگ يېزىشقا يېڭى كىرىشكەن كەڭ ھەۋەسكار تورداشلارنىڭ بوشىشىپ قالماي،توختاۋسىز ئىزدىنىشىنى،شۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىگە خۇشاللىق تېپىشىغا تىلەكداشمىز.ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى-داۋاملىق سىلەر بىلەن بىرگە!
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [WordPress ئۇسلۇبى]ئۇزھال بلوگىنىڭ سابىق ئۇسلۇبى تارقىتىلىدۇ!…
- [كۈندىلىك خاتىرە]ئۇيغۇربەگنىڭ ‹‹دوپپا مەدەنىيەت كۈنى›› (1)
- [WordPress تېخنىكىسى]ئاكتىپ ئىنكاسچى تېمى قوپۇرۇش تېخنىكىسى
- يېڭى WordPressچىلەرنىڭ 5 قىززىق ئىشلىرى، سىز قانچىسىنى قىلىپ باقتىڭىز؟ (4)
- wordpress تا بەلگىلىگەن ۋاقىت ئىچىدىكى ئەڭ كۆپ ئىنكاسلىق يازمىنى چىقىرىش ئۇسۇلى (12)
- Prestan Simple 2 ئۇسلۇبىنى يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر بىر قىسىم تەڭشەشكە تېگىشلىك جايلار (17)
- [باياننامە] ئۇيغۇربەگ ئىمتىھان ھەلەكچىلىكىدە… (4)