ئۇسلۇب تەرجىمە دەرسلىكى ھەققىدە دەسلەپكى پىلان

ئالدىنقى قېتىم، تۇرايىمىزدا ‹‹[چاقىرىق] ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش دەرسلىكىگە تەكلىپ-پىكىر قوبۇل قىلىنىدۇ!…››ناملىق يازما ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن تورداشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىغا ھەمدە قوللىشىغا ئېرىشكەن ئېدۇق. كۆرگىنىمىزدەك، ئارىلىقتا خېلى ۋاقىت ئۆتتى، بىر قىسىم تورداشلار پىكىرخانىمىزدا پات-پات ئۇسلۇب دەرسلىكى ھەققىدە ئىنكاس قالدۇرۇۋاتىدۇ. ئۈچۈنچى ئاي مەزگىلىدە، بىز ئىككى دەرسلىكىمىز(يەنى WordPress ئۆگۈتۈش دەرسلىكى ۋە WordPress ئۇسلۇبى تەرجىمە قىلىش دەرسلىكلىرى)نى دەسلەپكى پىلانغا ئالغان ئېدۇق. ئاپرېل باشلانغاندىن بىرى، ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش دەرسلىكىمىزنى جىددىي ئىشلەۋاتىمىز. تورداشلارغا بۇ خىزمىتىمىز ھەققىدە ئازراق بولسىمۇ ئۇچۇر بېرىش ئۈچۈن، بىر ئاي ئالدىدا تۈزۈلگەن مەزكۇر پىلاننى تورداشلارغا خەۋەر قىلىش قارارىغا كەلدۇق. نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن مەلۇمكى، پىلاندىكى مەزمۇن بويىچە ئېلىپ مېڭىش سەل قىيىنچىلىققا چۈشكۈدەك، بەلكىم نۆۋەتتىكى ئىشلەۋاتقان دەرسلىكىمىز پىلاندىكى مەزمۇن بىلەن ئوخشىماي قېلىشى مۇمكىن. بۇ پىلان پەقەت پايدىلىنىشقىلا سۇنۇلدى.ۋاقىت بولغايسىزلەر!…

پىلان مەزمۇنى

1) ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ پىرىنسىپى

1.ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە…

2) مەشخۇلات جەريانىدىكى نەزەرىيىۋىي بىلىملەر

3) تەرجىمانغا قويۇلىدىغان تەلەپ ۋە بىرىلىدىغان پىكىرلەر

2.Wordpress مۇھىتى ھازىرلاش

1) WordPress مۇھىتى ھازىرلاشنىڭ زۆرۈرلىگى ھەققىدە

2) بىرقانچە مۇھىت ھازىرلاش دەرسلىكى

3.ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش مۇھىتى ھازىرلاش

1) تەرجىمە قىلىش دېتاللىرى

2) تورغا يوللاش دېتاللىرى

3) خەت كىرگۈزۈش دېتاللىرى

4) سىناش دېتاللىرى(جاھاننامىلەر)

4.ئۇسلۇب تاللاش ۋە سىناش

1) ئۇسلۇب چۈشۈرۈش بېكەتلىرى ۋە بايلىق مەنزىللىرى

2) ئۇسلۇبلارنىڭ تۈرلىرى ھەققىدىكى قىسقىچە بايان

3) ئۇسلۇبنى دەسلەپكى قەدەمدە سىناش

4) ئۇيغۇرچە ئۇسلۇبلارغا بولغان تېخنىكىلىق تەلەپلەر ھەققىدىكى تەجرىبىلىرىمىز ۋە قىممەتلىك تەكلىپلىرىمىز

5.دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش

0) ئۇسلۇبنىڭ ھەرقايسى بۆلەكلىرى ۋە ئىقتىدارلىرى بىلەن تونۇشۇش

1) ئۇسلۇب ھۆججەتلىرىدىكى مۇھىم PHP كودلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئىقتىدارلىرى ھەققىدە (سىنلىق،يازمىچە)

2) دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش مەشخۇلاتى ۋە ئەمەلىي مىساللار(سىنلىق)

3) بىر قىسىم نازۇك تېخنىكىلىق مەسىلىلەر ۋە ھەل قىلىش ئۇسۇلى

5) بىر قىسىم زۆرۈر،كۆپ ئۇچرايدىغان كودلار

6) direction:rtl; كودىنى قىستۇرۇش

6.ئۇسلۇب گۈزەللەشتۈرۈش ۋە سىناش

1) ئىنكاس رايونىنى گۈزەللەشتۈرۈش

2) يان ئىستوننى گۈزەللەشتۈرۈش

3) ئاياغ قىسمىنى گۈزەللەشتۈرۈش

4) بىر قىسىم ئىستاتىستىكا كودلىرى

5) بىر قىسىم زۆرۈر قىستۇرمىلار

6) كۆرۈلۈش قېتىم سانىنى چىقىرىش

7) بەت سانىنى چىقىرىش

8) ھەرقايسى تور كۆرگۈلەردە سىناش

7.پاسۇن ھۆججىتى Style.css ھەققىدە  مۇپەسسەل بايان



无觅相关文章插件,快速提升流量


4 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • پۇرسەت | 2012.04.16 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەر،ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش توغرىسىدىكى دەرىسلىكلەر ھەممەيلەنگە تارقىتىلامتى يا؟مۇشۇ توغۇرلۇق دەرىسلىكلىرى بولسا بىزمۇ بىر كۆرۈپ ئۇسلۇب بىلەن ئېتىزشىپ باققان بولساق

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.04.16

      پىلانغا ئېلىنغان، ئەمما ۋاقىت ھەمدە ئىرادە يوق بولىۋاتىدۇ…

  • ساموراي | 2013.01.9 جاۋاب

    قېنى بۇ دەرسلىكلەر..؟ ماڭا بەكمۇ لازىم ئىدى ھەي.. مەنمۇ قانداق قىلسام ئۇيغۇر بەگدەك بىلوگ يازالارمەن

    • ئۇيغۇربەگ | 2013.01.18

      دەرسلىكلەرنى ئىشلەپ بولغان، تېخى بوشلۇققا يوللاپ بولالمىدىم…

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif