- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:4
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، ئىمتىھان, ئۇيغۇربەگ

نەچچە ھەپتىدىن بىرى،ئىمتىھان،ئىمتىھان دەپ ئالدىراش يۈرۈپ كەتتىم،تاللاپ ئوقۇغان گېرمان تىلى،دۇنيا ئەدەبىياتى،قوللىنىشچان ماتىماتىكا قاتارلىق دەرسلىرىمنى شۇنداقلا،جۇڭگو يېقىنقى زامان تارىخىدىن نەمۇنىلەر،سىياسىيدىن نەزەرىيە قاتارلىق مۇھىم دەرسلىرىمدىن ئىمتىھان بېرىپ بولۇپ،ئەمدى كەسپىي دەرسلىرىمىز،شۇنداقلا مەن تۇغما ئاجىز بولغان پەن بولمىش ئالىي ماتېماتىكا دەرسلىكىنىڭ ئىمتىھانىغا جىددىي تەييارلىق قىلماقتا ئىدىم...
مۇشۇ كۈنلەردە بەك چېچىلاڭغۇ بولۇپ قېلىۋاتاتتىم،قىزىقىشىم،شۇنداقلا خوشلۇقۇم بولمىش <<بلوگ>>ىممۇ ياتسىراشقا باشلىدى،ياردەم سوراپ كەلگەنلەرگە بۇرۇنقىدەك قىزغىن ياردەم قىلماي سوغۇق مىجەزلىك بىلەن ئۇنى كۆرۈڭ،بۇنى كۆرۈڭ دەپ يولغا سالدىم،بەزىلەر رەنجىپمۇ قالدى.كۈندىلىك خاتىرەمنىڭ نەچچە ئون كۈنلۈك بەتلىرى ئاق قالدى،مۇشتەرى بولغان ژۇرناللىرىمنى چوڭلاپ ئەپچىقىپ يوق بولدى،تورغا چىقىپ ئولتۇرۇپ نۇرغۇن پلانلىرىم نۆل بولدى،ھىچنىمە خوش ياقماي،ھەتتا تاماقنىمۇ دوستلىرىم ئەپكېرىپ بىرىدىغان بولدى،ئەڭ مۇھىمى-ئالىي ماتېماتىكا دەرسلىكىدىن قېلىش كرىزىسى كۈنسىرى يېقىنلاشقا باشلىدى...
ئۆزۈمنى كۈزەتتىم،گەرچە پىسخىكا توغرۇلۇق ھىچنىمە بىلمىسەممۇ،ئۆزۈمچە پىسخولوگىيەنىڭ ئالاقىدار بىلىملىرىنى قىياس قىلىپ ئۆزۈمگە دىئاگنوز قويۇپ باقتىم،مەن <<زىيادە بېسىم>>كېسىلىگە گېرىپتار بوپ قالغاندەك قىلىمەن،بەلكىم ئۇ ئەمەستۇر.ئۇنداق بولسا نىمىدۇ،ھە بىلدىم،چوقۇم ئىمتىھاندىن قورقۇش ئالامىتى...
بۇ ئالامەت-بەلكىم ئىمتىھان تۈگىگەندىن كىيىن تۈگىشى مۇمكىن،تۇرايىمنى ئۈزۈلمەي زىيارەت قىلىپ تۇرۇۋاتقان ھەر قايسى تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن،تۇرايىم تاكى ئىمتىھان تۈگىگىچە نورمال يېڭىلانماسلىقى مۇمكىن،بۇ مەزگىللەردە تۇرايىمنى غېرىبلاشتۇرۇپ قويماي پات-پات كەپ تۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن،ئىمتىھاندىن كىيىن،سەرخىل مەزمۇنلار داۋاملىق ھوزۇرۇڭلاردا بولىدۇ...

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- بلوگ يېزىپ چارچاپ قالغانسىز:ئەمدى چەستەي ناخشىدىن بىرنى ئاڭلىۋېتەيلۇق!…
- ئۇيغۇربەگنىڭ 500 دوللارلىق كىرىم قىلىش جەريانىدىكى خەتەرلىك سەزگۈرەشتىس (1)
- [wordpress ئۇسلۇبى]يېڭى ئۇسلۇب ‹‹Adnroid››نى تارقىتىش پەرمانى چۈشۈرۈلدى!
- [ WordPress ھاياتىنى باشلاش ] (1-قىسىم) WordPress نى تونۇش (32)
- [بلوگگېرلار چايخانىسى]ئۇيغۇربەگدىن ھەر قايسى بلوگگېرلارغا ساۋاق ۋە نەسىھەت (1) (20)
- Wrodpress تا ئاكتىپ ئىنكاسچىلارنىڭ ئاستىغا دەرىجە تاياقچىسى چىقىرىش تەدبىرى (19)
- [تەرجىمە دەرسلىكى] WordPress مۇھىتى ھازىرلاش
- پرېستان نەگە كەتتى؟ (10)
- Windows بوشلۇقىدا ساختا تىنچ بەت(伪静态) ھاسىل قىلىشنىڭ تەدبىرى (15)
- [ئالاھىدە تەۋسىيە] WordPressنىڭ مۇقىم ئۇلانما ئىقتىدارى ۋە كۆرسەتمە كودلار (17)
- مۇنبىرىمىزنى www.blogdax.com ئارقىلىق زىيارەت قىلىڭ! (13)
- ئۆي كۆچكەندىن كېيىن wordpress بلوگىنىڭ تور نامىنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەدبىرى (4)