- سەھىپە:WP دەرسلىگى
- | باھا:32
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Wordpress
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنى WordPress يۆتكەپ ئەپكەلگەندىن بىرى،WordPress ھەققىدە نۇرغۇن ياردەم خاراكتىرلىق سۇئاللارنى تاپشۇرۇپ ئالدىم.بۇ سۇئاللار ئاساسلىقى WordPressدىن ئىبارەت بۇ بلوگ سېستىمىسىنى چۈشەنمەسلىكدىن كېلىپ چىققان ئاددىي مەسىلىلەر بولۇپ،گەرچە سېستىما ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تارقىتىلغان بولسىمۇ،ئەمما بۇ سېستىمىغا ئائىت ئۇيغۇرچە ماتىرىياللار يوقنىڭ ئورنىدا بولغاچقا،ئىشلىتىش داۋامىدا يەنىلا نۇرغۇن قېيىنچىلىققا ئۇچرىغان تورداشلار نۇرغۇن ئىدى.ئۇنىڭدىن باشقا،بەزى تورداشلار QQ ئارقىلىق،بەزى تورداشلار ئېلخەت ئارقىلىق،يەنە بىر قىسىم تورداشلار بولسا تۇرايىمغا بىۋاستە ئىنكاس قىلىپ مۇشۇ خىلدىكى ماتىرىياللارنىڭ تولىمۇ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ ئۆتۈشتى.شۇڭا،مۇشۇ خىل ئىھتىياجنى كۆزدە تۇتۇپ،ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدا [ WordPress ھاياتىنى باشلاش ] نامى ئاستىدا بىريۈرۈش دەرسلىكلەرنى تەييارلاش ھالىتىگە ئۆتتۈم.ئۆزۈم بىر ئوقۇغۇچى بولغاچ،ۋاقتىممۇ ناھايىتى قىس،ئەمما،كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە بۇ يۈرۈشلۈك دەرسلىكلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ ماڭغۇسىمەن.
سېستىما ئۇچۇرى
سېستىما چوڭلۇقى:
سېستىما ھەجىمى:1.2 MB
سېستىما تۈرى: چەتئەل سېستىمىسى / ھەقسىز سېستىما /Install-needed
ئىجرا بولىدىغان مەشخۇلات سېستىمىلىرى:
LINUX/Windows7/Win2000/WinXP/Win2003/WinVista
سېستىما تىلى:
ئەسلى ئىنگىلىز تىلىدا ئېچىلغان بولۇپ،ھازىر پىدائىيلار تەرىپىدىن نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىندى،ئۇيغۇرچە ئەڭ يېڭى نەشىرى 3.01 ئاللىقاچان چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى.
كىملەر بۇ سېستىمىنى ئىشلىتىۋاتىدۇ؟
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىمۇ مۇشۇ سېستىمىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلدى.ئۇنىڭدىن باشقا،مەن بىلىدىغان بلوگلاردىن WordPress نى تەرجىمە قىلىپ بىزگە سۇنۇۋاتقان ئۇسلۇبلار بلوگى؛تەدبىركار ئەپەندى تەرىپىدىن ماڭدۇرۇلۇۋاتقان تەدبىركار بلوگى،تورخۇمار بلوگى؛ ئالدىنقى يىللاردا ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ بولۇپ باھالانغان جەك بلوگى،يۈكسەل بلوگى؛ئەلسۆي تەرجىمە گوروپپىسىنىڭ بلوگى بولمىش ئىلقۇت بلوگى قاتارلىقلار دەل مۇشۇ WordPress دىن پايدىلىنىپ قۇرۇلغان.نۆۋەتتە،بىرتۈركۈم بلوگگېرلار ئەسلىدىكى ئۆزلىرىنىڭ بلوگىدىن WordPress كە كۆچۈپ كەلمەككە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ.
WordPress نى تونۇش
WordPress بولسا PHP تىلى ۋە MySQL ساندان تېخنىكىسدا ئېچىلغان ھەقسىز سېستىما بولۇپ،ئەزالار PHP ۋە MySQL مۇھىتى ھازىرلانغان بوشلۇقتا ئۆزىنىڭ بلوگىنى قۇرالايدۇ.
WordPress نىڭ قىستۇرما بايلىقى ناھايىتى مول بۇلۇپ،قاچىلاش ئىشلىتىشكە ئەپلىك ھەمدە ئوڭاي.نۆۋەتتە WordPress دۇنيادىكى ئاساسلىق ئېقىمدىكى بلوگ سېستىمىسىغا ئايلاندى.
WordPress ئەسلى ئىنگىلىز تىلىدا ئېچىلغان بولۇپ،UTF-8 فورماتىنى قوللايدۇ.نۆۋەتتە ئەڭ يېڭى نەشىرى 3.01 بولۇپ،بۇ نەشىرى پىدائىيلار تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئۇيغۇرتىلىغا تەييارلىنىپ ئىشلىتىشكە سونۇلدى.
WordPressنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار بولغان weblog سېستىمىسى دىيىشكە بولىدۇ.نۆۋەتتە ئېچىلىۋاتقان نۇرغۇن سېستىمىلار مەزكۇر سېستىمىغا تەقلىد قىلىپ ياسىلىۋاتىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا،WordPress نۆۋەتتىكى ئاساسلىق ئىزدەش ماتورلىرىغا بولغان قوللىشى ناھايىتى ياخشى بولۇپ،WordPress دىن ئازراق خەۋىرى بارلار ھەمدە بىرنەچچە مۇھىم قىستۇرمىلارنى قاچىلىۋالسىلا،ئىزدەش ماتورىغا قوشۇۋېلىشدىن ئەنسىرىمىسىمۇ بولىدۇ.
WordPress نىڭ ئۇسلۇبلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ،Googleغا چىقىپ ئىزدەيدىغان بولساق،ئۇسلۇب دېڭىزىغا چۆكۈپ كېتىمىز.ئەمما،ئۆزىمىز قول سېلىپ بىر ئۇسلۇب ياسىماقچى بولساق،ئادەتتىكى سېستىما تىللىرىغا پىششىق بولۇپلا قالماستىن،WordPress نىڭ ئۇسلۇب قۇرۇلمىسىدىن خەۋەردار بولىشىمىز كېرەك.
WordPress نىڭ قىستۇرما & ئۇسلۇبلىرى
WordPress بىر خەلقئارالىق سېستىما بولغاچ،قىستۇرما ۋە ئۇسلۇب مەنبەسى ناھايىتى كەڭ،بايلىقى ناھايىتى مول.ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن توردۇنياسىدىكى ھەقسىز قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ شەخسىي تور تۇرايىنى قۇرۇپ چىقالايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە، WordPress شەخىسلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبلارنى ياساپ چىقىشىنى قوللايدىغان بولۇپ،بەلگىلىك سەۋىيىگە ئىگە تورداشلار WordPress نىڭ ئالاقىدار قانۇنىيەتلىرىگە ئاساسەن مەلۇم ئىقتىدار ياكى ئۈنۈمگە ئىگە قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبلارنى ياساپ چىقسا بولىدۇ.خالىسىڭىز مۇناسىۋەتلىق قىستۇرمىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ شەخسىي تۇراسىنىلا ئەمەس،ھەتتا cms لىق بېكەت،مۇنبەر،ئۇنىۋېرسال بېكىتىڭىزنىمۇ قۇرۇپ چىقالايسىز.
ئېيتىلىشىچە(ئېنىقى،تەكشۈرۈشلەردىن مەلۇم بولۇشىچە) WordPress Theme خاسلىقىدىكى ئۇسلۇبلار نۆۋەتتە،دۇنيادىكى ئاساسلىق تور سېستىمىلىرى ئىچىدە ئۇسلۇب مەنبەسى ئەڭ كەڭرى ھەمدە سان جەھەتتە ئەڭ ئالدىدا ئىكەن.WordPress ئۇسلۇبلىرىنىڭ تۈرى كۆپ،پاسونى ھەرخىل،كۆرۈنۈشى سەرخىل،ئىقتىدارى ئۆزگىچە بولۇشدەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولغاچقا،نۇرغۇن بلوگ ھەۋەسكارلىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇسلۇبلارنى قاچىلاش ۋە ئىشلىتىش ناھايىتى قولايلىق بولۇپ،ئىشلەتكۈچىلەرگە ئاسانلىق يارىتىلىپ بىرىلگەن.
WordPress نىڭ قىستۇرمىلىرى ھەقىقەتەن بەك كۆپ،ئىقتىدارلىرىمۇ ھەرخىل.بۇ يەردە مەن قىستۇرمىلارنىڭ ئىقتىدارلىرى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتسەم بەلكىم بىر ئۆمۈرمۇ سۆزلەپ بۇلالماسلىقىم مۇمكىن(كۈلكە…)،پەقەت شۇنى دىيەلەيمىزكى،WordPress نىڭ ئەڭ نوچى شۇنداقلا كىشىنى ئەڭ جەلىب قىلىدىغان يېرى دەل مۇشۇ ‹‹قىستۇرما››سىدىن ئىبارەت.سىزگە لازىملىق قىستۇرمىلارنى بلوگ ئارقا سۇپىسىدىن بىۋاستە قاچىلاپ ياكى چۈشۈرۈۋېلىپ بوشلۇققا يوللاپ ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ،لازىمى بولمىسا بلوگدىن چىقىرىۋەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تۇرايىمىزدا WordPress نىڭ ۋەكىللىك قىستۇرمىلىرىنى داۋاملىق تۇنۇشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
WordPress نىڭ ئىقتىدارلىرى
WordPress ئەسلى بىر بلوگ سېستىمىسى بولسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭ ناھايىتى ياخشى بولغان كېڭىيىشچانلىقى تۈپەيلى نۆۋەتتە نۇرغۇن بېكەتلەر مۇشۇ سېستىمىدىن پايدىلىنىپ قۇرۇلماقتا،پەقەت ئۇ بېكەتلەر بلوگ تۈسىنى يوقاتقانلا بولغاچ،بىز ئۇنىڭ بلوگ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلماي قالىمىزلا خالاس.مەزكۇر سېستىمىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:
يازما يوللاش؛سەھىپە-ئارخىب قوشۇش ۋە ئايرىشنى قوللايدۇ؛
يازما،ئىنكاس،سەھىپىلەرنى كۆپ شەكىللىك RSS مۇشتەرىخانىسىغا جۇغلاشنى قوللايدۇ؛
ئۇلىنىش قوشۇش،تۈرگە ئايرىشنى قوللايدۇ؛
ئىنكاس باشقۇرۇشنى قوللاش،ئەخلەت ئۇچۇرلارنى سۈزۈۋېلىشنى قوللايدۇ؛؛
ئۇسلۇب ھۆججەتلىرىنى بىۋاستە ئۆزگەرتىشنى قوللاشنى قوللايدۇ؛
بلوگ سېتىمىسىنىڭ ئۆزىنىڭ بەتلىرىدىن باشقا مۇستەقىل بەت قوشۇشنى قوللايدۇ؛
بلوگ پارامېتىرلىرىنى خالىغانچە تەڭشەشكە بولىدۇ؛
تىنىچ بەت ھاسىل قىلىشنى قوللايدۇ؛
ئۇسلۇب قاچىلاش ۋە تەڭشەشكە بولىدۇ؛
قىستۇرما قاچىلاش ۋە ئىشلىتىپ-چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ؛
Trackback ۋە pingback ئىقتىدارلىرى ھازىرلانغان.
باشقا بلوگ سېستىمىلىرىدىن يازمىلارنى ئىمپورت قىلىشنى قوللايدۇ.
كۆپ ئەزالىق بلوگ قۇرۇش شەرتى ھازىرلانغان؛
باشقا ئىقتىدارلىرى…
شۇنداق قىلىپ، [Wordpress ھاياتىنى باشلاش] يۈرۈشلۈك دەرىسلىكنىڭ بىرىنچى قىسمى ئاياغلاشتى،كىيىنكى قىسىمدا WordPressنىڭ ئىشلەش پىرىنسىپى،بوشلۇق تاللاش شۇنداقلا قاچىلاش جەريانى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتىمىز،دىققىتىڭىز كىيىنكى يازمىمىزدا بولسۇن.

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- «1-قىسىم» HTML ئارقىلىق ئاددى تور بەت ياساش
- ئەمرە ئالتۇغ ئىجراسىدىكى مۇڭ ناخشا ‹‹ئاشىق قىيامەت››(ئۇيغۇرچە خەتلىك)
- تۇرايىمىز مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا ئۇسلۇب ئالماشتۇردى (8)
- بۈگۈن باشقا ئىش يوق، ئەمما فەچەت بىر ناخشا بار ، ئىسمى قارا تۇپراق… (9)
- Prestan Simple 2 ئۇسلۇبىنى يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر بىر قىسىم تەڭشەشكە تېگىشلىك جايلار (17)
- [wordpress ئۇسلۇبى]يېڭى ئۇسلۇب ‹‹hexwind››نى تارقىتىش پەرمانى چۈشۈرۈلدى
- [Blogbus ئۇسلۇبى] Muellim biz ئۇسلۇبى تارقىتىلىدۇ