[wordpress ئۇسلۇبى]يېڭى ئۇسلۇب ‹‹hexwind››نى تارقىتىش پەرمانى چۈشۈرۈلدى

hexwind ئۇسلۇبىنى يېڭىدىن تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئاپتورى دەل  checkerize ئۇسلۇبىنىڭ ياسىغان كىشى، ئەلۋەتتە ئاپتورى بىر بولغاندىكى ئۇسلۇب قۇرۇلمىسى ۋە لايىھىلەش ئۇسلۇبى ئوخشاش بولىدىغان گەپ. شۇ ۋەجىدىن بۇ قېتىمقى ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىش ئاسانغا توختىدى دېسەم بولىدۇ. دەسلەپكى تەرجىمە قىلىشقا 2 سائەتكە يېقىن ئالتۇندىن قىممەت ۋاقتىم كەتتى(ھى ھى)… ئۇنى تەڭشەش، رەسىم لايىھىلەش ۋە ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە نورمال قىلىش دېگەندەك پارچە-پۇرات ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپ بۈگۈن ئاساسىي جەھەتتىن ئاخىرلاشتى.

ئۇسلۇب ھەققىدە

بۇ ئۇسلۇب zen نىڭ ئۇسلۇبى بولۇپ، بىر قەدەر پاكىز ئازادە چىققان ئۇسلۇب دىيىشكە بولىدۇ. قارىغاندا ئاپتور checkerize ئۇسلۇبىنىڭ قېلىپىغا سېلىپ ئانچە-مۇنچە ئىش قوشۇپلا ياسىغان ئوخشايدۇ، ئەمما بۇنچىلىك قىلىشمۇ ئاسان ئەمەس. نېمە؟ ئاپتورنىڭ تور بېكىتى قايسى دېدىڭىزما؟ ئوبدان قاراڭلار، ئۇسلۇبنىڭ ئاستى تەرىپىدە بار. بۇ ئۇسلۇب ھەرقايسى تور كۆرگۈچلەردە ئاسىي جەھەتتىن نورمال كۆرۈنىدۇ، بۇ يېرى ماڭا ئەڭ يارايدۇ، ئۇسلۇب ئاپتورى ھەقىقەتەن ماھارەت بىلەن لايىھىلىگەن ئۇسلۇب ئىكەن.

بايانات

بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۇسلۇبلارنى ھەقلىق تارقىتىمەن دەپ توۋلاپ يۈرگەن ئىدىم. قارىسام سودا تاز كاسات، بولدىلا، ئۇسلۇب ۋاشاڭ دەپ توۋلاپ تارقىتاي ئەمدى،،،،ھەقسىز تارقاتتىم، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئالدىنقى قېتىملىق checkerize ئۇسلۇبىمۇ ھەقسىز تەمىنلەندى، ۋاقىپ بولغايسىلەر.

تەكلىپ ۋە پىكىر

مېنىڭچە بىرقىسىم يەرلىرىدە كەمچىلىك بولىشى مۇمكىن، تورداشلارنىڭ ئۇسلۇبنى ئىشلىتىش جەريانىدا بايقىغان خاتالىق بولسا ئاۋارىچىلىق كۆرمەي خاتالىق كۆرۈنگەن ئورۇننى رەسىمگە تارتىۋېلىپ nijat@live.cn غا ئەۋەتىپ قويساڭلار، شۇنداقلا خاتالىقنى تۈزىتىپ ئۇسلۇبنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ تارقىتىمەن.

كۆرگەزمە

كۆرگەزمە رەسىمى(چەكسىڭىز چوڭىيىدۇ):

[2010.11.26] كۆرگەزمە مەنزىلى: بۇيەرنى بېسىڭ

چۈشۈرۈش

ئەسكەرتىش

[2010.11.28] كۈنى ئۇسلۇبنىڭ functions.php ھۆججىتى يېڭىلاندى. بۇرۇن چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەنلەر ئەسلىدىكى ھۆججەتنى باستۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ. يېڭىدىن چۈشۈرمەكچى بولغانلا چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋەرسە بولىدۇ.

[2010.11.28] كۈنى ئۇسلۇبنىڭ sidebar.php, simple_recent_comments.php ھۆججىتى يېڭىلاندى. بۇرۇن چۈشۈرۈپ ئىشلەتكەنلەر ئەسلىدىكى ھۆججەتنى باستۇرۇپ ئىشلەتسە بولىدۇ. يېڭىدىن چۈشۈرمەكچى بولغانلا چۈشۈرۈپ ئىشلىتىۋەرسە بولىدۇ.



无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif