مەن چۈشەنمىگەن كارتون 2011-يىلى قايسى بىر مۇكاپاتنىڭ ئەڭ نوچىسىغا ئېرىشىپتۇ! باھانە كۆرسىتىڭ!…

Paths_of_Hate_12_副本

ئالىي مەكتەپنىڭ تۆتىنچى يىللىقىغا چىققاندىن كېيىن بلوگ مالتىلاشدىن ئازراق زىرىكىپ، كاللامنى كۆپرەك ئارام ئالدۇرۇپ بىر يىللىق ھاياتىمنى ئوبدان پىلانلاشقا تىرىشماقتا ئىدىم. ئۆزۈمنىڭ كارتونغا ناھايىتى ھەۋىسىم بار، كارتون كۆرگەچ كود ئوينايدىغان ئادىتىمنى يولداش پرېستان بەك بىلەتتى، بەلكىم بۇنى باشقىلارمۇ بىلىدۇ. كارتون كۆرگەچ كاللامنى ئارام ئالدۇرۇش پىلانىم بۇيىچە توردىن نادىر كارتون دەپ ئىزدىسەم «قىساس يولى» ناملىق بۇ كارتون 2011-يىللىق سىگگىراف كارتون بايرىمىدا شۇ يىللىق ئەڭ نادىر كارتون دەپ باھالىنىپتۇ. توۋا دەپ قالدىم، مەندەك كاللىسى ئىشلەيدىغان ئادەم چۈشەنمىگەن بۇ كارتون قانداقسىگە بۇنداق كاتتا مۇكاپاتقا ئېرىشكەندۇ دەپ ھەيران قالدىم، ھازىرمۇ ھەيرانلىقتا ئاغزىمنى ئوچۇقلا قويماقتىمەن، ئەي ئەزىز بلوگدىشىم، مېنى قۇتقۇزۇپ بۇ كارتوننىڭ نادىر بولىشىغا باھانە كۆرسۈتۈپ قويۇڭ، ئۆتۈنەي…


ئۇيغۇربەگ فىلىمخانىسى



无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


12 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ۋىروس | 2012.10.14 جاۋاب

    ئۆز مۇخپىرىمىز ۋىروس خەۋىرى:
    تېخىمۇ نادىر كارتونلارنى كۆرۈپ تۇرماقچى بولسىڭىز نەزىرىڭىز تورخۇماردا بولسۇن .

  • ئالپبەگ | 2012.10.14 جاۋاب

    ئاۋۋال دىۋاندا ئولتۇرۇپ ئارام ئالغاچ كۆرەي.

  • مەلەك | 2012.10.15 جاۋاب

    چىقدىىغان ئادەملىرىنىڭ سەتلىكى بىلەن مەشھۇر ئوخشايدۇ :mreen:
    ئۆلەي دەپ قالسىمۇ ئۆچمەنلىك بىلەن ئۆمىلەپ يۈرۈپ ئاخېرى يەنە تۇتۇشتى ،قىسقاس ئېلىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ئۇستىلىق بىلەن كۆرسىتىپ بېرەلىگەن ئوخشايدۇ :lol:
    ۋايتاڭەي ،سىز چۈشەنمىگەن بولسىڭىز ،مەنمۇ چۈشەنمىدىم جۇمۇ

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.10.25

      مەن شۇ كۆرسەم كۆرسەم ئىچىم بىر خىل بولۇپ قالدىم، شۇڭا چۈشەنمىدىم…

  • تىلەك | 2012.10.16 جاۋاب

    بەگ يوقاپ كەتتىڭلارغۇ؟

  • يالغۇز | 2012.10.16 جاۋاب

    پەيزى كارتونكەنمەن مۇنداق چۇشەندىم،1.ئىككىلىسى ئۆز نىشانى ئۇچۇن ۋاز كەچمەپتۇ،بۇلارنىڭ مۇشۇخىل روھى2.ئادەملەردە قارغۇلارچە ئۆچمەنلىك،ئاداۋەت كۆپ شۇڭا .ئادەم بولىدىكەن ئۇرۇش توختىمايدۇ…..

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.10.25

      بۇنىڭمۇ خېلى ئاساسى بار ئىكەن….

  • يالغۇز | 2012.10.16 جاۋاب

    يەنە دەپ باقسام ئىككىنجى قارىشىم توغرىدەك قىلىدۇ!دۇنيا ئۇرۇشلىرىغا قارىساق كۆپىنچىسى قارغۇلارچە ئۆچ ئاداۋەتنى دەپ ئۇرۇشىدۇ،دىمەك مۇشۇ قارغۇلارچە ئادەۋەت بارلار بولىدىكەن،دۇنيادا ھەرگىز ئۇرۇش توختىمايدۇ…

  • نىدا | 2012.10.17 جاۋاب

    ھەممە نەرسىنىڭ ئىككى تەرىپى بولغىنىدەك، ئۆچ-ئاداۋەتنىڭمۇ ھەم ياخشى تەرىپى بار، ئۇ سىزگە ھەر دائىم ئۆز ئار-نومۇسىڭىزنى، ئاتا-بوۋىلىرىڭىزنىڭ ئارمانلىرى (ئەلۋەتتە، ئاتا دۈشمەنلىرى تەرپىدىن بەربات قىلىنغان گۈزەل ئارزۇ-ئارمانلار) نى ئەسكە سېلىپ تۇرىدۇ. :idea:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.10.25

      نىدا ئالىيلىلىرى دانادۇر!…

  • ئارزويۇم | 2012.10.17 جاۋاب

    ئىككىلىسى بىرنىيەتتىكى ئادەملەر ئىدى ،لېكىن بىر بىرىگە قارمۇ -قارشى ،ئۆچمەنلىك ئۇلارنى ھەممىدىن قۇرۇق قويدى ،بەخىتلىك ئائىلە ، قىممەتلىك ھايات ھاتتا ئېتقات ! بۇ ئۇرۇشقا قارشى فېلىمكەن ھە ؟!

    • يالغۇز | 2012.10.20

      شۇنداق ئۇرۇش دىگەننىڭ ياخشىسى يامىنى بولىدۇ،لىكىن ماۋۇ فىلىمدە شۇنداقراق مەنا ئىپادىلەنگەندەك قىلىدۇ!!!

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif