- سەھىپە:ئۇيغۇربەگنىڭ ئويلىرى
- | باھا يوق
- | زىيارەت: 820 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، internet, ئۇيغۇر, بېكەت
كومپيۇتېر بىلەن ئەمدى ئۇچراشقان ۋاقىتلىرىم،مېنىڭ باشلانغۇچنىڭ ئۈچىنچى يىللىقى ۋاقىتلىرى بولسا كېرەك.ئۇ چاغدا كىچىككىنە ناھىيىمىزدە 20 دانە كومپيۇتېر بىلەن ئاچقان بىر تورخانا بولىدىغان،ۋاقىتنى قەغەزگە يېزىپ قويۇپ،سائەتلىكىنى 3 كويدىن ئوينايتتۇق.دەسلەپتە،باشقا ساۋاقداشلار بىلەن بىرگە شۇ چاغدا يامان قىزىۋاتقان CS ئويۇنى بىلەن قىزىل تېرېۋوگا(红色警戒2)ئويۇنىغا دۈم چۈشتۈم،كېيىن،بارا-بارا ئۇيغۇرچە توربېكەتلەر بىلەن ئۇچرىشىشقا باشلىدىم.ئەلۋەتتە،ئۇچراتقان توربېكەتلىرىم ناھايىتى كۆپ بولۇپ،ھەممىسى دېگۈدەك بۇ چاغدا «ئالەمدىن ئۆتكەن»ىدى.ماڭا شۇ چاغدا ئاجايىب تەسىر قىلغان بىر قىسىم بېكەتلەرنى تۇيۇقسىز ئەسلەپ ئۆتۈشنى ئويلاپ بۇ يازمامنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن…
دەسلەپتە كۆرگەن توربېكەت-«باشئەگىم»دېگەن بىر چايخانا ئىدى.ھېلىمۇ ئېسىمدە،شۇ چاغدا يېنىمدا تۇرغان بىر يىگىت شۇ باشئەگىم دېگەن چايخانىدا ئۇيغۇرچە يېزىقنى كىرگۈزۈپ،تۈركىيەدىكى بىرەيلەن بىلەن مۇڭدىشىۋاتقانىدى،مەن ھەيرانلىقتا قاراپ قالغان،بولۇپمۇ كومپيۇتېردا شۇنچە يىراقتىكى بىرەيلەن بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىقىنى ماڭا ناھايىتى يېڭىلىق بولۇپ تۇيۇلغان ئىدى.مەنمۇ كىيىن،بۇ چايخانىغا قىز بالىنىڭ نامىدا كىرىپ پاراڭ سوقىدىغان بولدۇم،بىر يىلدەك ۋاقتىمنى <<تۈركىيىدە ئوقۇۋاتقان 25 ياشلىق قىز>>بولۇپ ئۆتكۈزدۈم،كېيىن بۇ چايخانا تۇيۇقسىز غايىب بولدى…
باشلانغۇچنىڭ ئالتىنچى يىللىقى ۋاقىتلىرى بولسا كېرەك،يېڭى يېزىقتا ئېچىلغان «كاككۇك»(www.kakkuk.cn) دېگەن توربېكەتنى ئۇچار قۇش تورخانىسىدىكى بىر تونۇشتىن ئۇچرىتىپ قالدىم.بۇ توربېكەتنى ئاچقان ھامانلا كاككۇك،كاككۇك دەپ بىر كاككۇكنىڭ سايرىشى چىقاتتى،ئاندىن،ئىنگىلىزچىمۇ،ياكى يېڭى يىزىقتىمۇ ئىشقىلىپ بىرمۇنچە خەتلەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ،ئاۋازلىق چايخانىغا كىرىش ئىشىكى چىقاتتى،شۇيەردىن كىرىپ،يەنە ئۆزىمىز كۆرۈپمۇ باقمىغان تورداشلار بىلەن ئاۋازلىق پاراڭلىشىپ يۈرەتتۇق.بۇيەردىمۇ تەخمىنەن بىر يىل ئېقىپ يۈردۈم.ئەمما كېيىن…
كاككۇكتا بىرمەزگىل يۈرگەندىن كىيىن،«ئىزباسار»(www.izbasar.8u8.net)دېگەن يەنە بىر بېكەت مودا بولۇشقا باشلىدى.چۈنكى،بۇ بېكەتتىن ناخشا ئاڭلىغىلى بولاتتى،چۈشۈرگىلى بولاتتى،ئەمما بۇمۇ يېڭى يېزىقتا ئېچىلغان بېكەت ئىدى،گەرچە كىيىن بۇ بېكەت زورىيىپ،www.izbasar.com نامىدا شۇ چاغدىكى ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنىڭ سەركىسىگە ئايلانغان بولسىمۇ،كىيىن تور دۇنياسىدىن تۇيۇقسىز يوقاپ كەتتى…
مەھەللىمىزگە يېقىن بىر جايدا،ناھىيىمىزدىكى تۇنجى ئۇيغۇر ئاچقان تورخانا قۇرۇلدى.بۇ تورخانىدىمۇ 20 دانىلا كومپيۇتېر بار بولۇپ،تورخانا ئاچقان ئايالنىڭ مۇئامىلىسى شۇنداق قوپال،ھەتتا ئۆزى كومپىيۇتېرنى تۈزۈك بىلمەيدىغان بىر خوتۇن ئىدى.مەن شۇ چاغدا شۇ تورخانىغا كۆنۈپ قالغان ۋاقىتلىرىم ئىدى،شۇ چاغدا بىر قىسىم مەشخۇلاتلارنى بىلىدىغان بولغاچقا(گەرچە خەنزۇچە بىلمىسەممۇ ئۇ يەر بۇيەرلەرنى چىكىپ يۈرۈپ خېلى ئىشلارنى ئۆگۈنۈۋالغان ئىدىم)،ئۇ خوتۇن مېنى تورخانا باشقۇرۇشقا سالىدىغان بولدى.ئۇيغۇر ئاچقان تورخانا بولغاچقىمۇ،بۇ تورخانىغا كىرىدىغانلار كۆپىنچە ئۇيغۇر باللا بولاتتى(ئۇ چاغدا تورخانىغا قىزلارنىڭ كىرگىنىنى كۆرمەيتۇق).مەن بىر تەرەپتىن كومپىيۇتېردىن ئۇنى،بۇنى ئۆگەنگەچ ئاشۇ باللانىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى كۈزۈتۈپ تۇراتتىم،كۆرۈۋاتقان بېكەتلىرىنى ئۆزۈم قايتا ئېچىپ كۆرەتتىم.
بۇ چاغدا،ئۇيغۇرچە توربېكەتلەرمۇ بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقان بولۇپ،ئىلىكيۇرت كىرگۈزگۈچىنى ئىشلىتىپ،توربېكەت ياساۋاتقانلار ئاساسىي سالماقنى ئىگەللەيتى.شۇ چاغدا،mayinxamal.com دىگەندەك بېكەتلەرگە كىرىدىغان كىشىلەر ناھايىتى كۆپ ئىدى،ئاساسلىقى مۇنبەر ياكى چايخانىغا كىرىپ گەپ سېتىش،ناخشا-مۇزىكا ئاڭلاش ئۈچۈن كېرىشەتتى.شۇ ئارىدا،بىرەيلەننىڭ «باخشى»(www.bahxi.com)دەپ بىر توربېكەتنى كۆرۈۋاتقانلىقىغا قىزىقىپ،مەنمۇ شۇ بېكەتنى ئاچتىم ھەمدە شۇچاغدىكى مودا بولىۋاتقان مۇنبەر سېستىمىسى BBSنى ئىشلەتكەن مۇنبىرىگىمۇ ئەزا بولدۇم.شۇنىڭدىن كىيىن،مېنىڭ مۇنبەر ھاياتىم رەسىمىي باشلانغانىدى،بۇ بېكەتتە نۇرغۇن بىلىم ئىگىلىرى بار ئىدى،كومپيۇتېر بىلىملىرى،توربېكەت ياساش…ئىشقىلىپ،بۇ مۇنبەرنى كۈندە ئارىلىمىسام كۆڭلۈم ئۇنىمايتى،مۇشۇ مۇنبەرنى دەپ ئۇيغۇرچە خەت بېسىشنى ئۆگەندىم،مۇشۇ بېكەتتىن كۆپ ئىش ئۆگەنگەنىدىم.ئەمما،كېيىن،بۇ بېكەتمۇ تۇيۇقسىز تاقىلىپ قالدى،بېكەت ئىگىسى بىلگە ئەپەندىم گەرچە www.bilge.cn دەپ شەخسىي بېكەت قۇرغان بولسىمۇ،ئەمما،باخشىدىن تۇتاشقان ئوتنى ھىچكىم ئۆچۈرۈپ بېرەلمەيتى…
تۇلۇقسىز بىرىنچى يىللىق ۋاقىتلىرىم بولسا كېرەك،ئەمدى ئۇيغۇرچە توربېكەتلەردە FLASH دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنىدى،يەنى،FLASHدە ئىشلەنگەن ناخشىلارنى ئاڭلاش(چۈنكى ئۇ چاغلاردا ھازىرقىدەك ئۈن ھۆججىتىنى قويىدىغان تەييار بوشلۇقلار بولمىسا كېرەك)ئۈچۈن <<ئاق كەپتەر>>تورىغا كۆپ كېرەتتىم.مۇشۇ بېكەتىكى FLASH ناخشىلاردىن <<تەلمۈرۈپ يار يولۇڭغا>>نى ھازىرمۇ ئەسلەپ بېرەلەيمەن.كىيىن،بۇ بېكەتمۇ خاراكتىرىنى ئۆزگەرتىپ ئۇنىۋېرسال بېكەت بولۇپ قۇرۇلدى-بولغاي،كىيىن،مەن قايتىپ كەلگەندە بۇ بېكەتنىڭ قارىسىمۇ كۆرۈنمىدى…
FLASH دەپ سۆز ئېچىپ،يەنە بىر بېكەت تۇيۇقسىز ئىسىمگە كەچتى،يەنى FLASH ھەرىكەتچان فىلىملىرىنى ئىشلەپ شۆھرەت قازانغان <<دىلسىرى>>(www.dilsiri.com)توربېكىتىمۇ شۇ ۋاقىتتىكى داڭلىق بېكەتلەرنىڭ بىرى بولسا كېرەك.مۇشۇ بېكەتتىكىلەر ئىشلىگەن «پىچاقچىنىڭ ھىكايىسى» ناملىك كارتوننى ھازىرمۇ كۈلۈپ تۇرۇپ ئەسلەيمەن…
«ئىمىنجان»(www.iminjan.com)دەپ بىر توربېكەتمۇ بولىدىغان.بۇ بېكەتتە،بىرفىلىم قويۇش كۆزنىكى بار ئىدى،فىلىملەر شۇيەردىن ئارقىمۇ-ئارقا ئۈزۈلمەي قويۇلۇپ تۇراتتى،بىز بۇ بېكەتنى ئېچىپ قويۇپ يا ئويۇن ئوينايتتۇق،يا باشقا ئىش قىلاتتۇق…
تۇلۇقسىز ئىككىنچى يىللىقىغا چىققاندا،توربېكەت ياساشقا قىزىقىپ قالدىم،ناھىيىمىزدىكى بىرقانچە تورخانىچى تونۇشلارغا يالۋۇرۇپ يۈرۈپ،ئىلىكيۇرت ئارقىلىق خەت كىرگۈزۈش،ناخشا ئادرىسىنى تېپىش،Weftدىن ئۆتكۈزۈش دىگەندەك بىر قاتار ئاددىي بىلىملەرنى ئۆگەندىم،كىيىن،«شاھزادە»(www.xahzada.net) دەپ بىر بېكەتمۇ قۇرغان بولدۇم،دەسلەپتە باشقىلارنىڭ بېكەتلىرىنى كېلونلاپ ئىشلەتتىم(ئۇ چاغدا HTMLبېكەتلەر ئاساسلىق ئورۇندا تۇرغاچقا بېكەتلەرنى كېلونلىماق بىرقەدەر ئوڭاي ئىدى)،كىيىن «شاھزادە مۇنبىرى»نى ئاچتىم،ئەمما،بۇ بىچارە تور بېكىتىم ئۆزۈمنىڭ «يېقىنلىرى»نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ قەتئىي روناق تاپالمىدى.ھەتتا،بىر قېتىم بېكەتنى سېرىق رەسىملەرگە تولدۇرۇۋەتكەنىدى.كىيىن،ئىچكىرىگە ئوقۇشقا كېتىپ،تورغا چىقىش مۇمكىن بولماسلىقى تۈپەيلى بېكەتنى تورداش قاينامغا ئۆتكۈزۈۋەتتىم،بۇ بېكەتمۇ ئۇزاققا قالماي «ۋاپات بولدى»…
«شاھزادە»توربېتىنى ئېچىۋاتقان مەزگىلىمدە،دائىم كىرىپ تۇرىدىغان يەنە بىر مۇنبەر بار ئىدى.بۇ مۇنبەردە CS ھەۋەسكارلىرى بىر قەدەر كۆپرەك بولۇپ،«نەۋقىران»(www.nawkiran.net)ناملىق بۇ مۇنبەردە CS ھەققىدىكى قىزىقارلىق پاراڭلار،تورداشلار ئارا مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلاتتى.شۇ چاغدا،ئۇيغۇرچە بېكەتلەر Unicodeلۇق بېكەتكە كۆچۈۋاتقان مەزگىل بولۇپ،بۇ توربېكەتنىڭ ئاتامانىمۇ ئۆزى Unicode ئۆلچىمى بۇيىچە بىر بېكەتنى تەرجىمە قىلىپ،مۇنبەرنىڭ ئورنىغا دەسسەتتى،ئەمما،بۇ سىناق مەغلۇب بولدى بولغاي،ئۇزاققا قالماي «نەۋقىران» بېكىتىمۇ تور دۇنياسىدىن غايىب بولدى.شۇ چاغدا،Unicodeلۇق خەتلەردىكى تۆت چاسا بەلگىلەر ماڭا ئاجايىب غەيرىي تۇيۇلۇپ،قىسقىسى Unicode ئۆلچىمىگە نارازى بولۇپ كەتكەنىدىم،ئەمما،مەن شۇنچە نارازى بولىۋاتقان بۇ نەرسە ئىككى يىل ئىچىدە ئەسلىدىكى ئۇيغۇر توربېكەتلىرىدە ئۇمۇملاشتى،كىيىنچە ئېچىلغان بارلىق بېكەتلەر Unicode بايرىقى ئاستىدا مېڭىشقا باشلىدى…
تولۇق ئوتتۇرىدا،نەقمۇ-نەق تۆت يىل ئۇيغۇرچە توربېكەتلەرنى كۈزىتىپ يۈردۈم،ئۇيغۇرچە بېكەتلەرنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپەيدى،مەزمۇنلار خىللاشتى،بېكەتلەرمۇ ناھايىتى سىپتا،چىرايلىق،كۆركەم ياسىلىشقا باشلىدى.ئەمما،ئالىي مەكتەپ ھاياتىمغا قەدەم قويغان يىلى-بۇ توربېكەتلەرگە كۆز تەگدى،نۇرغۇنلىغان توربېكەتلەر بىر قېتىملىق شامالدىن كىيىن ۋابا تىگىپ كۆزدىن غايىب بولدى…ئىچكىرىدىكى غېرىبلىقىمغا يېڭى قانات چىقىرىۋاتقان «خاقانىيە»(www.hakaniya.cn)بىلەن«داڭلىق»(www.danglik.com)ھەمراھ بولدى.بۇنىڭ ئىچىدىكى «خاقانىيە»مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلارنىڭ بىخەستەلىكى تۈپەيلى بىر قېتىم تازىلاشقا ئۇچراپ،قايتا باش كۆتۈرگەن بولسىمۇ،بىر مەزگىللىك مەھەللىۋاز باشقۇرغۇچىلارنىڭ كاساپىتىگە تەككەن «داڭلىق» «ئۇ ئالەمگە» سەپەر قىلدى.گەرچە،«داڭدار»نامى ئاستىدا «داڭلىق» قالپىقىنى كىيىۋالغان توربېكەت دۇنياغا كەلگەن بولسىمۇ….
ئالدىنقى يىلى،قىشلىق تەتىلدە «ئېلتەبىر»دېگەن بىر مۇنبەرنىڭ يۇشۇرۇنچە قانات قېقىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئېدىم.ئەمما،تور ئەسلىگە كەلگۈچە بۇ قاناتنىڭمۇ پىيى قىرقىلىپ بولغانىدى…
تور ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن،بلوگ ۋە توربېكەتلەر يەنە قايتىدىن يۈكسىلىشكە باشلىدى،ئەمما،يەنە ھېلىھەم نۇرغۇنلىغان بېكەتلەر ئۆزلىرىنىڭ چىقىش يولىنى تاپالمايلا «بالدۇر تۈگەپ»كېتىۋاتاتتى.يەنە يېڭىدىن قۇرۇلغان بېكەتلەر ئاجايىب ئۇلۇغۋار ئارمانلارنى ئۆزلىرىگە يۈكلەپ،ئۇيغۇرلاردىكى «داڭدار»توربېكەت بۇلۇش ئۈچۈن ئۆزلىرىگە ئاجايىب ئارمانلارنى يۈكلەپ ئالغا قاراپ ماڭماقتا ئىدى…
تۆۋەندىكىلىرى مەن بىرمەزگىل پىرقىراپ يۈرگەن مەرھۇملار:
1.باشئەگىم چايخانىسى(؟)
2.ئىزباسار تورى(www.izbasar.8u8.net)
3.كاككۇك تورى(www.kakkuk.com)
4.زىمىستان تورى(زىمىستان چايخانىسىنىڭ توربېكىتى)(www.zimistan.com)
5.مەيىنشامال تورى(كېيىنكى سەلكىن تورى)(www.mayinxamal.com)
6.شامال تورى(www.xamal.cn)
7.دولان دىيارى تورى(كىيىنكى خىيال تورى)(wwww.dolandiyari.com)
8.باخشى تورى(www.bahxi.com)
9.ئاق كەپتەر تورى(www.ahkaptar.com)
10.سەنەم تورى(www.sanam.cn)
11.پەرىشتە تورى(؟)
12.چەۋەنداز تورى(؟)
13.ئىمىنجان تورى(www.iminjan.com)
14.ماكانىم(تەكلىماكان؟)تورى(www.makanim.com)
15.دىلسىرى تورى(www.xabnam.com)
16.شەبنەم(كېيىنكى شەبنەم تورى)(www.xabnam.com)
17.شاھزادە تورى(www.xahzada.net)
18.نەۋقىران تورى(www.nawkiran.net)
19.چاك-چاك(ھازىرقى چاك-چاك شۇمۇ بىلمەيمەن)تورى(www.qakqak.com)
20.زىلالە تورى(؟)
21.لەيلى تورى(www.layli.cn)
22.داڭلىق تورى(www.danglik.com)
دەماللىققا مۇشۇنچىلىك ئەسكە ئالالىدىم،قېنى دوستۇم،شۇ تاپتا سىز قايسى «مەرھۇم»نى ئەسلەۋاتىسىز؟
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- بىرنەچچە يۈرۈش WordPress چىراي ئىپادىلىرىنى توننىلاپ يوللىۋەتتۇققۇ! (13)
- PHPSay ئاتامانلىرى،ئۆز-ئارا ئەگەشمەيلىمۇ؟
- شېنجېن ئۇنىۋېرسىتىتى 2009-يىللىق قۇربان ھېيىت يىغىلىشىدا سۆزلەنگەن سۆز
- ھەقسىز تور نامى .TKنى ئىشلىتىۋاتقانلار دىققەت، مۇتنىڭ ۋاقتى كەپتۇ! (14)
- [تەۋسىيە يۇمتال]ئىكران سىن ئېلىش دېتالى Camtasia Studio ھەققىدە (5)
- wordpress تە باشبەت يازمىلارنىڭ بەت نومۇرىنى كۆرسىتىش (11)
- [ WordPress ھاياتىنى باشلاش ]WordPressگە قىستۇرما قاچىلاش دەرسلىگى (2)