- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا يوق
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، دەۋر, قۇربان ھېيت, نۇتۇق
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ساۋاقداشلار،ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك قۇربان ھېيىت ئەھلى،ھەممىڭلارنىڭ ئولۇغ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!
بۈگۈن،مانا مۇشۇنداق ئۇلۇغ بىركۈندە،يۇرتىمىزدىن ئايرىلىپ باشقا بىر شەھەردە،باشقا بىر يۇرتتا بۇ ئەنئەنىۋى بايرىمىمىزنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپتىمىز،شۇ تاپتا بۇ شادلىقتىن پۈتكۈل شېنجېن ئۇنىۋېرسىتىتى شۇنداقلا پۈتكۈل شەھەرئۆزگىچە بىر تۈسكە كىرىپ تۇرۇپتۇ.بۈ خاسىيەتلىك مىنۇتلاردىن نەچچە كۈندىكى قەھرىتان سوغۇق باھارنىڭ ئىللىق ئاپتىپىغا ئايلىنىپ تۇرۇپتۇ.مانا بۇ ھېيت شادلىقىنىڭ قۇدرىتى! مانا بۇ ھېيىت شادلىقىنىڭ خاسىيىتى! مانا بۇ ھېيىت شادلىقىنىڭ ماھىيىتى!دېمەك، بىزنىڭ بۇ شادلىقتىن پەخىرلىنىش ھوقۇقىمىز بار،چۈنكى بۇ ھېيىت بىزنىڭ،چۈنكى بۇ شادلىق بىزنىڭ،چۈنكى بۇ ھاياتلىق بىزنىڭ!
گەرچە، بىزگە ھېيىتلىق خۇشاللىقى ئاتا قىلىدىغان ئۇرۇق-تۇققانلىرىمىز يېراق يۇرتتا قالغان بولسىمۇ ئەمما بىزگە يېقىنلىق ھىس قىلدۇرىدىغان دىيارىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئورتاق خۇشاللىقتىن بەھىرلىنىپ ئولتۇرۇپتىمىز.گەرچە،بىزگە خۇشاللىق ئاتا قىلىدىغان ئەنئەنىۋى ئادەتلىرىمىز يۈرىكىمىزدە يادلىنىپ تۇرغان بولسىمۇ،ئەمما بىزگە شادلىق ئاتا قىلىدىغان بۇ ھېيىت يىغىلىشى بىزگە يېڭىچە قىممەتنى تونۇتۇپ تۇرۇپتۇ.دىمەك بۇ يەردە بىز يالغۇز ئەمەس،بىز غېرىب ئەمەس.مەيلى بىز نەگىلا بارايلى،قۇربان ھېيىت شادلىقى بىزدىن ھەرگىز ئۆكسۈمەس!
بۇ قېتىملىق قۇربان ھېيىت، بۇ يىل ئەمدى ئوقۇش باشلىغان، شۇنداقلا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان ستۇدېنىتلىرىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.يېڭى ستۇدېنتلارغا نىسبەتەن،تۇنجى قېتىم ئالىي مەكتەپتە قۇربان ھېيىتنى ئۆتكۈزۈپ تۇرۇپسىلەر. سىلەر ئالىي مەكتەپ قوينىغا يېڭىدىن قەدەم قۇيۇپ ئۈزۈڭلارنىڭ ئارزۇ ئىستىقبالىڭلارنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇنىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسماقتاسىلەر.كەلگۈسى تۆت يىلدا،سىلەر ئۆز غايەڭلەر ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ،دېلىڭلاردىكى ئارزۇيۇڭلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئۈچۈن تىرىشىسىسىلەر.ئىشىنىمەنكى،سىلەردىكى ياشلىق ئۇرغۇپ تۇرغان شىجائەت بىلەن بۇ تۆت يىلنى مەنىلىك ھەمدە نەتىجىلىك ھالدا تۆگىتىپ كىتەلەيسىلەر.تىرىشىڭلار ئەزىمەتلەر! ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان باھادىرلارغا نىسبەتەن بۇ قۇربان ھېيىت بەلكىم ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق ئەستەرلىك بوپ قېلىشى مۇمكىن.بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر ئۆز يولۇڭلاردا مېڭىپ كەسكىن جەڭگاھقا ئوخشايدىغان جەمئىيەت قوينىغا قەدەم باسىسىلەر.بەلكىم بۇجەرياندا نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىق يولۇڭلارنى توسۇپ تۇرىدۇ.بەلكىم نۇرغۇنلىغان قېيىنچىلىقلار ئىرادەڭلەرنى دەڭسەپ تۇرىدۇ.بىراق،مەن ئويلايمەن،سىلەردىكى قىزغىن روھ بىلەن ئاتەشتەك يۈرەك ھەرقانداق دەرىجىدىكى بوران-چاپقۇنلارنى توساپ قالالايدۇ.سىلەرنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كىيىن ئۆز كەسپىڭلار بۇيىچە نەتىجە قازىنالايدىغانلىقىڭلارغا ئىشەنچىم كامىل.
[align=center]‹‹ئۇلۇغدۇر قۇربان ھېيىت،ئۇلۇغ ئۇ بىزگە،
ئۇلۇغدۇر قۇربان ھېيىت،ئورتاق ئۇ سىزگە!
خۇشاللىق ھەم كۈلكە تولسۇن بۇ دەمدە،
يېڭى كۈن باشلانسۇن يېڭى قەدەمدە![/align]
رەھمەت ساۋاقداشلار،سۆزۈم مۇشۇنچىلىك بولسۇن،ئاخىرىدا ساۋاقداشلارنىڭ تىنىگە ساقلىق،ئۆگىنىشىگە ئۇتۇق تىلەيمەن ھەمدە بۈگۈننى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزىشىگە تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن،رەھمەت!
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- Prestan Simple 2.0 ئۇسلۇبى ئېلان قىلىندى، چۈشۈرمىگەن بلوگگېرلار ئارماندا… (39)
- تۈركىيە ھېكايە فىلىمى ‹‹ babam ve oglum ››(ئاتام ۋە بالام)دىن تەسىرات (24)
- كىنوخانىدا 148 لۈكچەكنى كۆردىڭىز، سىز ۋە قىز دوستىڭىزغا ئىككىلا ئورۇن قالغان بولسا قانداق قىلىسىز؟ (7)
- ئۇيغۇربەگ نېمە ئىشلارنى قىلىۋاتقاندۇ؟ (9)
- شۇ ناملىق پوۋېسىتقا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن مىكرو كىنو – رەھىمسىز دەريا (15)
- چەتئەلدىكى داڭلىق 15 مەزمۇن باشقۇرۇش سېستىمىسى(CMS) تونۇشتۇرۇش (4)
- ھەجۋىي رەسىملەردىكى جاھاننامە(تور كۆرگۈچ)لەرنىڭ پەرقى (2)