- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:24
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، تۈركىيە
ئۇھ،تەتىل باشلىنىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا،مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى مەكتەپكە قايتىپ كېلىۋالغان ئىدىم.ئىشلىرىمنى تىزلا پۈتتۈرگەندىن كىيىن،قېپ قالغان بىرئاي ۋاقىتنى ياتاقدا يالغۇز يېتىپ ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ قالدىم.ئامال قانچە،يالغۇزلۇقدا ئادەمگە ئۆگۈنۈشمۇ خوش ياقماس بولۇپ قالىدىكەن،كۈتۈپخانىغا قارىسىڭىز ئەتراپىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەممىسى سۈپۈرگە كۆتۈرۈپ ئۇياق-بۇياققا مېڭىپ تازىلىق قىلىۋاتلار،ئىشىڭنى قىلە دەپ كىتابنى تاشلاپ ياتاققا قايتىپ خىزمەت ئۇچۇرى كۆرگەچ مۇنبەر ئارىلاپ،ناخشا تىڭشاپ،كىنو كۆرۈپ ئۆتىدىغان گەپكەن،ھەي،يالغۇزلۇق يامانكەن يالغۇزلۇق يامانكەن...
شۇنداق ئىچىم پۇشۇپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئالدىنقى قېتىم چۈشۈرۈپ ئالدىراپلا كۆرۈپ چىققان تۈركىيە ھېكايە فىلىمى ‹‹ babam ve oglum ››(ئاتام ۋە بالام)نىڭ خەنزۇچە خەتلىك نۇسخىسىنى تېپىۋالدىم.ئالدىنقى كۈنلەردە تۈركچە سەۋىيەمنىڭ يوقلۇقى،فىلىمنى پەقەت سۆرىتى ۋە پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق چۈشۈنۈپ كەلگەن ئىدىم،بۇ قېتىم ھەم خەنزۇچە خەتلىك بولغاچ ھەم ئالدىنقى كۈنلەردە ئۆگەنگەن ئازغىنا تۈركچە سۆزلەرنىڭ تەسىرىدىنمۇ،كىنونىڭ ئىچىگە كىرىپلا كېتىپتىمەن.ياتاقدا يالغۇز ئىدىم،چىراقلار ئۆچۈك ئىدى،كىنو تۈگەپ خېلىكەمگىچە كۆزۈمدىن مۆلدۈرلەپ ئېقىۋاتقان ياشلاردىن ئۆزۈمنى بېسىۋالالمايتىم.چۈنكى،فىلىمدىكى Deniz نىڭ تەقدىرى مېنىڭ كەچۈرمىشىم بىلەن ئوخشاش ئىدى،مەنمۇ دەل دېڭىز(Deniz)دەك ۋاقتىمدا قەدىردان ئاتامدىن ئايرىلىپ قالغان،تا ھازىرغىچە ئاتامنىڭ غۇۋا قالغان چىرايىنى ئەسلەپ ئۆكسۈپ يېغلايتىم...
فىلىمنىڭ مەزمۇنى مۇنداق:
فىلىمدىكى باش پېرسوناژ سادىق-تۈركىيەدىكى سولچىل گېزىت مۇخبىرى بولۇپ،ئەينى چاغ،ئاتىسىنىڭ ئارزۇسى-يەنى،ئالىي مەكتەپتە يېزا ئىگىلىك كەسپىدە ئوقۇپ،يۇرتىغا قايتىپ پومىشچىك بولۇش ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا ئۆزى ياقتۇرغان مۇخبىرچىلىقنى تاللىغان بولغاچ،ئاتىسىنىڭ زور قارشىلىقىغا ئۇچراپ،ئاخىرى ئىدىيە تۇقۇنۇشى تۈپەيلى يۇرتىنى تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ ھەمدە يات شەھەردە توي قىلىپ مۇخبىرلىقىنى داۋام قىلىپ كېتىدۇ.فىلىمنىڭ بېشىدا،يەنى 1980-يىلى9-ئاينىڭ12-كۈنى،سادىقنىڭ ئايالى تولغاق بېسىپ،سادىق ئايالىنى دوختۇرغا ئاپىرىش ئۈچۈن سىرىتقا چىقىدۇ،ئەمما مۇشۇ كۈنى،دەل تۈركىيەدە سىياسىي ئۆزگۈرۈش بولغان ۋاقت ئىدى،بۇ مەزگىلدە سىرىتتا ھىچكىم چىقمىغانىدى،ئامالسىز قالغان سادىقنىڭ ئايالى تولغاق ئۈستىدە تۈگەپ كېتىدۇ،بالىسى قان ئىچىدە تۇغۇلۇپ ھايات قالىدۇ،فىلىمنىڭ مۇشۇ يېرى ئاجايىب قانلىق،ھەمدە ئاجايىب تەسىرلىك.قانغا بويالغان بوۋاق،قانغا بويالغان ئاتا...
سادىق سولچىل مۇخبىر بولغاچ،سىياسىي ئۆزگۈرۈش مەغلۇب بولغاچ،قاتتىق قېيىن-قىستاققا ئېلىنىپ،كىيىن بىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قايتىپ چىقىدۇ.دېڭىز-كىچىگىدىن ئاتىنىڭ،ئانىنىڭ مېھرىگە تويماي چوڭ بولغان بولسىمۇ،ناھايىتى ئەقىللىق چوڭ بولغانىدى.سادىق-بالىسى دېڭىزنىڭ ئۆزىدىن كىيىن قالسا ئۆيسىز،مېھىرسىز قېلىشىدىن ئەنسىرەپ،ئاخىرى ئۆزى تاشلاپ كەتكەن يۇرتىغا،ئاتىسىنىڭ قېشىغا قايتىپ كېتىش قارارىغا كېلىدۇ.چۈنكى،كىچىگىدىن ئانىسىز قالغان بالا ئەمدى ئائىلىسىز قالسا بولمايتى.بالىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن،سادىق چۇقۇم بۇرۇنقى ئازارچىلىقنى ئۇنتۇشى،بەلكى،ئەمدى قەتئىي ئىرادە بىلەن ئائىلىسىگە قايتىپ،بالىنى بۇ يېڭى ئائىلىگە سىڭدۈرۈشى لازىم ئىدى،بۇ سادىق ۋە سادىقنىڭ ئاتىسى ئۈچۈن چوڭ بىر سىناق ئىدى.
يولدا كەلگۈچە،ئوماق سەبىي دېڭىز بوۋىسىنى قەھرىمان كەبى ئويلاپ توختىماي ئاتىسى سادىقتىن سۇئال سورايتى،ئەمما،تۇنجى كۆرۈشۈشدىلا،بوۋىسى نەۋرىسىنى ئېتىراپ قىلىشنى خالىماي توڭ تىگىپ كېتىپ قالىدۇ.سادىقمۇ ھەم ئاتىسىنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشەلمەي،ئاخىرى،بالىسىنى قويۇپ قۇيۇپ ئۆزى كېتىشنى ئويلاپ تۇرغىنىدا،ئاخىرى،ئەقىللىق دېڭىز-بوۋىسىنىڭ يۈرىكىدىكى مۇزنى ئىرىتىدۇ.بۇ بوۋاي،سادىرغا تۇيدۇرماي(ئەمەلىيەتتە سادىر ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ)نەۋرىسى ئۈچۈن كىتاب ئالغىلى بارىدۇ،نەۋرىسىنى دېڭىزغا ئاپىرىپ ئوينىتىدۇ،كۆپ نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ،ئۆگىتىدۇ.ئەمما،سادىرغا نىسپەتەن ئۆچمەنلىكنى،ئاداۋەتنى ساقلاپ تۇرىدۇ.سادىق-ئاخىرى،بۇ تۈگۈننى يىشىش ئۈچۈن دادىسى بىلەن كۆرۈشمەك بولىدۇ،مۇشۇ جەرياندا،ئۇزۇن مەزگىللىك قېيناش ۋە قېيناشدىن كەلگەن ئاغرىق تۈپەيلى،سادىق قان تۈكۈرۈپ توپا يەرگە يېقىلىدۇ،كىيىنكى مەزمۇنلارنى كۆرۈرمەن دوستلار ئۆزلىرى كۆرۈپ چىققىيدى...
سادىقنىڭ يېزىغا قايتقاندىن كىيىنكى بۇ جەريانلاردا،يەنە نۇرغۇن پىرسوناژلار ئوتتۇرىغا چىقىدۇ،سادىقنىڭ ناھايىتى ئاقكۆڭۈل كەلگەن ئاكىسى ۋە يەڭگىسى،تولۇق ئوتتۇرا مەزگىللىرىدىلىدىكى شەھەر تۇرمۇشىغا ئىنتىلگەن ئەمما ئۇ تۇرمۇشقا ئېرىشەلمىگەن قىز دوستى(شۇنداققۇ دەيمەن؟)،ئاغزى ئىتتىك كۆڭلى تۈز ھاممىسى،ئاقكۆڭۈل،ئىشچان،تىتىك ئاپىسى...ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت گويا يىلتىزى باغلانغان دەرەخ كەبى بولۇپ،كىشىلەرگە ئىنسانلاردىكى سۆيگۈنىڭ نەقەدەر يۈكسەكلىكىنى تونۇتىدۇ،گويا،شېئىرغا ئوخشايدىغان بۇ سۆيگۈنىڭ تۈركىيە قىشلاق ھاياتى تۇرمۇشىدىكى فىلىمدا ئەكس ئېتىشى فىلىمنىڭ ئۈنۈمىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.جاھىللىق ئاستىدىكى ئاتىلىق سۆيگۈسى-فىلىمدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا ئىدى.
سادىق ئۆلدى،سادىقنىڭ قېرىنداشلىرى قان يېغلاپ قالدى.سادىقنىڭ ئاتىسى-ئۆزىنىڭ جاھىللىقىدىن ئۆكۈنۈپ قالدى،ئەمما،سادىقنىڭ ئۆلۈمى،جۈملىدىن دېڭىزنىڭ تەقدىرى-بىرمەزگىل تارقىلىپ كەتكەن بىر جەمەتنى قايتىدىن بىر يەرگە جەم قىلدى.
فىلىم شۇنداق تۈگىدى،ئەمما،تۇيۇقسىز،سەبىي دېڭىزنىڭ ئالدىدا-سادىق قايتا پەيدا بولدى،ئۇ بالىسىغا چۇڭقۇر مېھرى بىلەن قارىۋەتكەندىن كىيىن،يەنە غايىب بولدى...
شۇنداق قىلىپ فىلىم تۈگىدى.
فىلىم تۈگىدى،ئەمما مېڭەمدە سادىققا بولغان ئېچىنىش،دېڭىزغا بولغان ئىچ ئاغرىتىش،ئاتامغا بولغان سېغىنىش لەيلەپ يۈرەتتى.تۈركىيە كىنولىرىدا،كۆپىنچە ھاللاردا بىر كىشىنىڭ تەقدىرىنى ئاشۇ كىشىنىڭ كەچۈرمىشلىرى ئىچىگە سىغدۇرۇۋاتىدىغان بولغاچ،بىزگە ناھايىتى چۈشۈنۈشلۈك ئىدى.‹‹babam ve oglum››دىگەن فىلىمدىمۇ،فىلىم ئاپتورى ناھايىتى مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا سادىق(Sadik)نىڭ ھاياتىنى فىلىم بېشىدا يۈزبەرگەن ئايالىنىڭ قېيىن تۇغۇتى ھەمدە تۈركىيە سىياسىي ئۆزگۈرىشى بىلەن باغلاپ چىقىپ،ئاخىرىدا،بالىسى دېڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ئەينى چاغدا تاشلاپ كەتكەن يۇرتى،شۇنداقلا ئاتىسىنىڭ قېشىغا قايتىپ كېلىشى ھەمدە بۇ جەرياندىكى بىر قاتار روھىي زىددىيەتلەر ئارقىلىق فىلىمدىكى ئېچىنىشلىق،ئەمما،مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان تىراگىدىيەنى تاماملاپ چىققانىدى.
شۇنداق قىلىپ،تەتىلىمدە ياخشى كىنودىن بىرنى كۆرۈۋاپتىمەن،ئۇھ!...ئەمدى قايتىپ ئازراق كىتابقا قارايچۇ!
فىلىمدىن كۆرۈنۈشلەر:
فىلىمغا قىزىققان بولسىڭىز،بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ
◎中文 名 我的父亲、我的儿子
◎片 名 Babam Ve Oglum
◎年 代 2005
◎国 家 土耳其
◎类 别 剧情/喜剧
◎语 言 土耳其语
◎字 幕 英文/德文/法文
◎IMDB评分 9.2/10 (3,441 votes)
◎IMDB链接 http://www.imdb.com/title/tt0476735/
◎文件格式 XviD + AC3
◎视频尺寸 656 x 352
◎文件大小 2CD 2 x 49 x 15MB
◎片 长 112 Min
◎导 演 Cagan Irmak
◎主 演 ?etin Tekindor .... Hüseyin
Fikret Kuskan .... Sadik
Hümeyra .... Babanne
Serif Sezer .... Teyze
Yetkin Dikinciler .... Salim
Binnur Kaya .... Hanife
?zge ?zberk .... Sadik's Girlfriend
Halit Ergen?
Tuba Büyüküstün
Mahmut G?kg?z
Bilge Sen
Ege Tanman .... Deniz
Erdal Tosun
Nergis ?orak?i
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- ئەي خالايىق، يېڭى بىر ئۇسلۇب قاتىللىقىغا گۇۋاھ بولغايسىزلەر، تىز كېلىڭلار، قۇتقۇزۇڭلار… (34)
- بىر قىسىم ئۇسلۇبلاردا Trojan.JS.Redirector نامىدىكى ۋىرۇس بايقالدى (18)
- [تەنەپپۇس مەزگىلى]مۇڭلۇق تاتارچە ناخشا-بۇلبۇل
- [ تىلەكنامە ]سالام قۇتلۇق 2011-يىلى…
- [ ئىجادىيەتلىرىمدىن] ئۆزىنى يۇتۇۋېتىش
- نېمىشقا سىزنىڭ wordpress بلوگىڭىز E-mail ئەۋەتەلمەيدۇ (3)
- ھەقسىز تور دىسكىسى DBank