[ ئىجادىيەتلىرىمدىن] ئۆزىنى يۇتۇۋېتىش

شېئىرغا كۈيۈپ يۈرگەن زامانلىرىم تۇيۇقسىز ئېسىمگە كېلىپ قالدى.شۇنداق،ئۇزۇن بوپتۇ،قەلەم بىلەن مۇڭدىشىپ يۈرۈكۈمدىكى گەپلەرنى تۆكۈپ باقمىغىلى.تۇيۇقسىز،ئۇ -قەلەم كەلدى،مېنىڭ ھالىمنى سورىدى.يېغلىدىم،ھەيران بولدى؛كۈلدۈم،ئەجەبلەندى.شۇنىڭ بىلەن يۈرۈكۈمدىكى ئويلار پۈتۈلۈپ بىر شېئىر بولدى....
-خاتىرەمدىن

ھايات دەيمەن ئۆزۈمنى كۆزۈم تۇرغاچ پارقىراپ،
روھىم ئۆلگەن ۋە لېكىن،غۇرۇرۇمنى قارىلاپ.
مەن ئۆتمۈشكە ئۆزۈمنى قىلىۋەتتىم تەسەددۇق،
رېئاللىقدىن بەزگەچكە ئىسيان ئويلار ئارىلاپ.
* * * * * * * * * *
كەلگىن دېسە بەزىلەر كەتكۈم كېلەر ئەكسىچە،
كېسىۋەتتىم تىلىمنى ھەق گەپ ئۈچۈن دەشنام يەپ.
بەخىت نېمە؟ ئۇ ئەمدى ئەمەس مېنىڭ نىشانىم،
چىقتىم مۈشكۈل سەپەرگە ۋىجدانىمنى قازاي دەپ.
* * * * * * * * * *
بىلەلمىدىم بۈگۈننىڭ پەرقى نېمە ئەتىدىن،
بىر خىل پىكىر ئىچىدە ئېزىپ قالغاچ گاڭگىراپ.
يۇتۇۋەتتىم ئۆزۈمنى راست ‹‹ئۆز››ۈمنى تاپالماي،
‹‹يولۋاس››سۈپەت بىر كىشى مېڭىپ يۈرسە ھاڭگىراپ.
* * * * * * * * * *
تاڭ ئاتماقتا،خورىزى ئۇخلاپ ياتقان مۇنبەردە،
نامى ئولۇغ كىشىلەر غاجاشماقتا ۋاقىتنى.
ئويلانماقتا ئوخشاشلا باشقا يەردە كىشىلەر،
ناشتا قىلغاچ مۇڭدىشىپ،ئۇنتۇش ئۈچۈن ئۆتمۈشنى.
* * * * * * * * * *
يۇتۇۋەتتىم ئۆزۈمنى،يۇتۇۋەتتىم پۈتۈنلا،
ھازىر بەرگەن ئازابدىن قۇتۇلايچۇ بىر نەپەس.
ئىھ،ئۇيغۇربەگ يېرتىۋەت خىيالىڭنى بىر قېتىم،
ئەجەپ ئەمەس غايەڭدىن قۇرۇۋالساڭ بىر قەپەس...

2010-يىلى 13-ئاپرىل.شەھىرى شېنجېن



无觅相关文章插件,快速提升流量

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif