[ ئاجايىباتلاردىن ] سىز بىلمەيدىغان 10 جاھاننامىنى تېپىپ چىقتىم،ماڭا ئىشىنەمسىز؟


چەۋەندازلار بلوگىدا يېقىندا ئېلان قىلىنغان ‹‹دۇنيادىكى 10 داڭلىق توركۆرگۈ(تۇرايىمىزدا ئىزچىل ‹جاھاننامە›دەپ ئېلىنىپ كېلىۋاتىدۇ›› ناملىق يازمىسىنى كۆرگەندىن كىيىن،تۇيۇقسىز كاللامغا ‹‹دۇنيادىكى سىز بىلمەيدىغان 10 تور كۆرگۈ(جاھاننامە) ››لەرنى تونۇشتۇرغۇم كېلىپ،مەزكۇر يازمىنى تەييارلاپ چىقتىم.ناۋادا،سىز Firefox. Internet Explorer. Chrome. Safari. Opera قاتارلىق جاھاننامىلەردىن زىرىكىپ قالغان بولسىڭىز،بۇ يەردە تونۇشتۇرغان جاھاننامىلەرنىمۇ كۆرۈپ بېقىڭ،بەلكىم نەزەر دائىرىڭىز تېخىمۇ ئېچىلىپ قالغۇسى.

1. Stainless


Stainless خۇددىي Google Chrome جاھاننامىسىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان جاھاننامە بولۇپ،Chromeنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارلىرىغا ئوخشاش ئىقتىدارلىرىدىن باشقا،يەنە ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئىقتىدارى بار.مەسىلەن:ئوخشىمىغان جاھاننامىلەردىكى ئوخشاش خەتكۈچلەر ئارقىلىق ئوخشاش بېكەتنى زىيارەت قىلىش،بىر بېكەتكە كۆپ ئەزا ھالىتىدە كىرىش(دىمەكچىمەنكى،بىر مۇنبەرگە كۆپ ئىسىمدا كىرىشكە بولىدۇ) قاتارلىقلار،بولۇپمۇ ماۋۇ كىيىنكى ئىقتىدارى بەزى تور مېتىلىرى ياكى تەشۋىقاتچىلارنىڭ ئۈنۈملۈك قورالى بولالايدۇ.

نۆۋەتتىكى نەشىرى:0.7.5

2. Maxthon

Maxthon(ئېلىمىزدە 傲游 دەپ ئىستىمال قىلىنىۋاتىدۇ)بولسا نۇرغۇن تەڭشەكلىرى بار،بىرقەدەر بىخەتەر بولغان جاھاننامە بولۇپ،مەزكۇر جاھاننامىنىڭ ئەخلەت ئېلانلارنى توسۇشدىكى ئىقتىدارى ئاجايىپ ئۆزگىچە.ئۇنىڭدىن باشقا،سىز 1400 خىلدىن ئارتۇق قىستۇرمىلىرى ئارقىلىق، مەزكۇر جاھاننامىنىڭ ئىقتىدارلىنى ئاشۇرۇپ-كېڭەيتەلەيسىز.باشقا مۇھىم ئىقتىدارلىدىن:ئېكراننى سۆرەتئكە ئېلىش،URL تونۇش،Feed مۇشتەرىخانىسى،ئاچقۇچ سۆزلەرنى باغلاش،مائۇس ئالاھىدە ئۈنۈمى قاتارلىقلار بار.
نۆۋەتتىكى نەشىرى: 2.5.11 (the Classic Version is also available: 1.6.5)
قوللايدىغان سېستىما: Windows

3. Sleipnir

Sleipnir ياپونىيەدە ئاجايىب قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن شۇنداقلا ياپونىيەدىكى ئاساسلىق بازارنى ئىگەللىگەن جاھاننامە بولۇپ،سۈرئەت ۋە سۈپەت جەھەتتا ئاجايىب ئۈنۈمگە ئىگە،شۇنداقلا ئالاھىدە قىستۇرما ۋە ئۇسلۇبلىرى ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ جاھاننامىسىنى ‹‹ياسىتىۋالسىڭىز››مۇ بولىدۇ.باشقا جاھاننامىلەرگە ئوخشاشلا،مەزكۇر جاھاننامىمۇ بىخەتەرلىك شۇنداقلا قوللىنىشچانلىققا ناھايىتى ئىتىبار بەرگەن.
نۆۋەتتىكى نەشىرى: 2.9.2
قوللايدىغان سېستىما: Windows 98 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشىرلىرى

4. Swiftfox

Swiftfox بولسا بىزگە تونۇش بولغان Firefox ئاساسىدا ئەلالاشتۇرۇپ ئېچىلغان جاھاننامە بولۇپ،Firefoxگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولغان سۈرئەت ۋە ئىقتىدارلارغا ئىگە شۇنداقلا Firefoxنىڭ ھەرخىل قىستۇرمىلىرىنى قوللايدىغان بولۇپ،بۇ جەھەتتە ئۇ Firefox بىلەن بىردەك،ئوخشىمايدىغان يىرى Swiftfox بىرقەدەر ئاددىي.
نۆۋەتتىكى نەشىرى: 3.5.6
قوللايدىغان سېستىما:Linux

5. Lunascape

Lunascape دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۈچ ماتورلۇق جاھاننامە  بولۇپ،Gecko، Trident، ۋە WebKit قاتارلىق ماتورلارنى ئۆزىگە ئىخچاملىغان.مەزكۇر جاھاننامە Firefox،IE  قاتارلىق جاھاننامىلەرنىڭ قىستۇرمىلىرىنىمۇ قوللايدىغان بولۇپ،ئەلۋەتتە،ئۆزىنىڭمۇ ئايرىم قىستۇرمىلىرى بار.
نۆۋەتتىكى نەشىرى: 6.0.1
قوللايدىغان سېستىما: Windows

6. Konqueror

Konqueror بولسا جاھاننامە،يېراق مۇساپىلىق ھۆججەت باشقۇرۇش،شۇنداقلا ھەممىباب مۇشتەرىخانىلارنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن ئوچۇد كودلۇق جاھاننامە بولۇپ،HTML 4.01،Netscape قىستۇرمىسى شۇنداقلا FTP ۋە WebDAV لەرنى قوللايدۇ.
قوللايدىغان سېستىما:Linux

7. SeaMonkey

SeaMonkey بولسا Mozilla شىركىتى تەرىپىدىن ئېچىلغان جاھاننامە بولۇپ،گەرچە ئىچكى قۇرۇلمىسى Firefox بىلەن ئانچە پەرىقلەنمىسىمۇ،ئەمما يەنە Internetنىڭ ئېلىمىنىتلىرىمۇ بار.مەزكۇر جاھاننامە Email،خەۋەر گوروپپىسى،HTML تەھرىرلىگۈچ،IRC مۇڭداشقۇ قاتارلىقلار بىرقىسىم قولايلىق قوراللارنى ئۆزىگە ئىخچاملىغان.

نۆۋەتتىكى نەشىرى: 2.0.1

قوللايدىغان سېستىما: Windows 2000دىن يۇقىرى نەشىرى، Mac OS X 10.4دىن يۇقىرى نەشىرى،Linux

8. OmniWeb

OmniWeb بولسا WebKit ماتورى ئاساسىدا OmniGraffle ۋە OmniOutlinerنىڭ تېخنىكلىرى تەرىپىدىن ئېچىلغان جاھاننامە بولۇپ،ئارتۇقچىلىقى ‹‹ناھايىتى قىزىقارلىق››،ئەپلىك.
نۆۋەتتىكى نەشىرى:

5.0.1قوللايدىغان سېستىما: Mac OS X 10.4.8 دىن يۇقىرى نەشىرى

9. Camino

Camino بولسا Gecko 1.9 ماتورى ئاساسىدا قۇرۇلغان جاھاننامە بولۇپ،ئۇنى Mac ئۈچۈن ئالاھىدە ياسالغان Firefox دىسىڭىزمۇ بولىدۇ.مەزكۇر جاھاننامە ئوغرى دېتال ھەمدە قانۇنسىز ئېلانلارغا قارشى تۇرۇشدا ئالاھىدە ئۈنۈملۈك.ئاساسلىق ئىقتىدارلىرىدىن ئېلانغا قارشى تۇرۇش،كۆزنەك ئېچىلىشىنى چەكلەش،AppleScript، Feed  رازۋېدكا قىلىش،پاراڭ ھالىتىنى ساقلاش قاتارلىقلار بولۇپ،ئۇنىڭدىن باشقا خەتكۈچلۈك ئۇلانما ئىقتىدارىنى قوللايدۇ.
نۆۋەتتىكى نەشىرى:2.0
قوللايدىغان سېستىما:Mac OS X 10.4دىن يۇقىرى نەشىرى

10.Flock

ئەمما لېكىن،پەمىمچە Flock يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن باشقا جاھاننامىلەرگە قارىغاندا بىرقەدەر داڭلىققۇ دەيمەن،بولۇپمۇ چەتئەلدىكى دوستلىشىش توربەتلىرىگە بەكرەك چىقىدىغانلار ئۈچۈن.سىز Flock جاھاننامىسى ئۆزىگە Facebook،Gmail، Digg،YouTube، MySpace، Flickr، Twitter، WordPress، Blogger،  Delicious ، Bebo، TypePad، Picasa قاتارلىق دوستلىشىش بېكەتلىرىنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ،ئارقىلىق دوستلىشىش بېكەتلىرى ئارىسىدا ئۇچۇر يوللاش مەقسىدىگە ئوڭايلا يىتەلەيسىز.
نۆۋەتتىكى نەشىرى:2.5
قوللايدىغان سېستىما:Windows، Linux، Mac OS X



无觅相关文章插件,快速提升流量


21 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • نىمە دىگەن كۆپ،زادى قايسىسىنىڭ ئىقتىدارى ياخشىدۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.11.6

      ئاق مۈشۈكۈمما،كۆك مۈشۈكۈم،چاشقان تۇتقان ئوبدان مۈشۈكۈم دەمتى كونىلار؟سىزگە قايسى ياقسا شۇنىڭ ئىقتىدارى ياخشى!

  • ھىچ قايسىنىڭ ياخشى ئەمەس، ھەممىدىن IE6 ياخشى.. :mrgreen:

    • ۋاي پىرىستان ئەپەندى سىز تىخى تەرەققى قىلمىغان ئوخشىمامسىز تىخىچە ie6 نى ئىشلىتىپ يۈرەمسىز ھى ھى ھى :mrgreen: :lol:

  • ھاھاھا،
    بىرنى بىلىدىكەنمەن، Maxthon ماۋۇنى كۆپ ئىشلىتىپ كەتكەنمەن. لېكىن ئاۋۇ قالغان 9 نى بىلمەيدىكەنمەن. شۇنداق بولسىمۇ بىرنى بىلسەممۇ بىلمىگەندىن ياخشىدۇر :lol:

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.11.6

      سىزنى خىجىل بولاپ قالمىسۇن دەپ سىز بىلىدىغان بىرىنى ئاتايىن تېپىپ كەلگەنىدىم مەن.:lol:

  • FD | 2010.11.6 جاۋاب

    seamonkey,maxthon نى ئىشلىتىپ باققانمەن. ھاھاھا … ئەمما firefox تىن تېخى زىرىكمىدىم

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.11.6

      مەنمۇ ھېلىھەم firefoxنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتىمەن،ئەمما مەكتىپىمىزنىڭ تورى يەنىلا IEنى مەركەز قىلغان جاھاننامىلەرنىلا قوللايدۇ دىسە،قىززىق…

  • ھەممىسى مايكىر سوفىتنىڭ كىيىنكى بازار ئەھۋالىنى توغرا مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكىدىن، بەزى نۇقتىلارغا سەل قارىغانلىقىدىن ئۆسۈپ چىققان بىخلار، مانا ئەمدى مايكىرسوفىتنىڭ ئىشىغا ھەممىسى تەڭ توپا چىچىۋاتىدۇ…ie6 ئەڭ ياخشى پىرىستان ئەپەندىم توغرا ئىيتىدۇ :-|

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.11.6

      بەلكىم شۇنداقتۇ،بەزىلىرى ئاتايىن ئاۋۇ ئالما ھەزرىتىم ئۈچۈن چىقارغاندەك قىلىدۇ…

  • ئۇيغۇربەگ ئاۋۇلىغا ئاران تەستە كېلىۋالدىم. مەن Maxthon ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى بولدى. سۈرئىتىمۇ ئىنتايىن تىز. ئۇنىڭدىن باشقا Opera نى ھازىر چۈشۈرۈپ ئىشلىتىپ باقسام ناھايىتى سۈپەتلىك ئىكەن. ھەممە تور كۆرگۈچلەرنى سىناق قىلىپ بېقىۋاتىمەن.قارىغاندا بۇلارنىمۇ سىناپ باقسام بولغىدەك. بۇنىڭ ئىچىدە Lunascape بۇنىڭغا رەسىمىگە قاراپلا قىززىقىپ قالدىم. قېنى بىر چۈشۈرۈپ سىناپ باقاي. كىلەركى قېتىم چەۋەندازلار ئاۋۇلىدا مەشرەپ! چەۋەندازلار ھەممىڭلارنى چاقىرىدۇ. مىھمان بولۇپ كېتىڭلار.

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.11.6

      ئېمپىرىيىمىزگە ئاران كېلىۋاپسىز ھە،ئاخشام توۋلىغاندەك قىلغانىدىم بولمىسا…سىلەر تەرەپكىمۇ ئۇزاق ئۆتمەي بارغۇسىمىز،داستىخانلىرىنى كەڭ يايغاچ تۇرالا…:lol:

  • ياۋايى | 2010.11.7 جاۋاب

    مەن سوگو تور كۇرگۇچنى ئىشلىتىمەن … ئۇنىڭ ئىقتىدارلىرىمۇ بولدىكەن … سىز بۇ يەردە تۇنۇشتۇرماپسىز … شۇنىڭغا قارىغاندا تۇۋەنمۇ نىمە ..ياكى سىز ئىشلىتىپ باقمىدىڭىزمۇ ؟؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.11.7

      تىمىغا تازا دىققەت قىلمايۋاتىسىزدە ئەمما لېكىن…بۇ يەردىكىلىرى سىز بىلمەيدىغان جاھاننامىلەر ئەمەسمۇ :idea:

  • بلوگىڭىزنىڭ تىما رايۇنى بىلەن ئىنكاس رايۇنى تەڭ ئەمەسقۇ ؟

  • ئاتەش | 2010.11.8 جاۋاب

    كۆپىنچەيلەن Maxthon نى ئىشلىتىدىغان ئوخشايدۇ،مەنمۇ مۇشۇنىڭغا كۆنۈپ قاپتىمەن.

  • زەردار | 2010.11.8 جاۋاب

    ماڭا دۇنيا جاھاننامىسىدىن باشقىسى باكا جۇما . شۇنىڭدىن باشقىسى ھازىرچە ماڭا ماس كەل مەيۋاتىدۇ .

  • مەزلۇم | 2010.11.14 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز ئۇيغۇر بەگ ئەپەندىم مىنىمۇ دوستانە ئۇلىنىشقا قىتىپ قويۇڭ بولامدۇ
    لوگو ئادىرسىم :http://filer.blogbus.com/6334814/6334814_1289210551l.gif

  • بۇرۇن greenbrowserنى ئىشلىتەتتىم،،ھازىر chromeplusقا ئۆتتۈم!

  • يالغۇز | 2012.06.30 جاۋاب

    ئەپسۇس مەن Maxthon نى بىلمەنكەن….

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif