WordPress نىڭ پارولىنى ئۇنتۇپ قالسىڭىز قايتۇرۇپ كېلىشنىڭ ئەپچىل چارىسى(كۆچۈرۈلمە)

wordpress-password2_conew1

مەزكۇر يازما چەۋەندازلار بلوگىدىن ئالاھىدە تەۋسىيە بىلەن كۆچۈرۈپ كېلىندى

WordPress نىڭ ئىمنى (پارول) ئۇنتۇپ قېلىش كۆپ يۈز بېرىدىغان ئىشلاردۇر. تېخى مەن ھېلىلا تۈنۈگۈن ئۆزگەرتكەن ئىمنى ئەسلىيەلمەي ئىمنى ئۇنتۇپ قالغانلىق ئۇچۇرىنى WordPress ئارقىلىق ئې-خەتكە يوللىۋەتكەن بولساممۇ لېكىن ئې-خەتتىن جاۋاب كەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن توردىن ئىزدىنىپ يۇقارقىدەك باشقا بىر ئەپچىل ئۇسۇلنى تېپىپ چىقتىم!ئىمنى ئۇنتۇپ قالغانلىقىمنى باشقا تورداشلارغا دېسەم ئىمغا ئېرىشىشنىڭ باشقا ئۇسۇلىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيىتتى. WordPress نىڭ ئورگان بېتىگە كىرىپ مۇرشەدى ئەپەندىگە خەت قالدۇرسام تېزلا جاۋابى كەلدى ۋە بۇ توغرىسىدا باشقا ماتېرىياللارنى كۆرىۋاتقانلىقىنى ئېيىتتى. شۇنىڭ بىلەن توردىن كۆرگەن ئۇسۇل بويىچە ئۆزۈم بىر سىناپ باقاي دەپ سىناپ باقسام دەرۋەقە يېڭىدىن بېكىتكەن ئىم بىلەن ئارقا سۇپىغا كىردىم ۋە بۇ ئۇسۇلنى تورداشلار بىلەن تەڭ بەھىرلەنمەكچى بولدۇم. مۇرشەدى ئەپەندىنىڭ تەۋسىيىسى بويىچە بۇنى ئورتاقلاشماقچى بولدۇم.

1-ئۇسۇل: ئې-خەت ئارقىلىق ئىمغا ئېرىشىش.
ئەگەر سىز ئارقا سۇپىغا ئۆتۈپ قوللانچى نامى ۋە ئىمنى كىرگۈزسىڭىز خاتالىق كۆرۈلسە بىۋاستە ئىمنى ئۇنتۇپسىزمۇ دېگەن سۆزنى باسسىڭىز ئې-خەت تولدۇرۇش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. شۇ يەرگە سىز WordPress كە قوللانغان ئې-خەتنى كىرگۈزسىڭىز ئې-خەتكە ئاپتوماتىك ھالدا يېڭى ئىمدىن بىرنى يوللاپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن سىز يېڭى ئىمنى كىرگۈزۈپ ئارقا سۇپىدىن ئارخىپىڭىزنى تەھرىرلەپ ئىمنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ.

ئىمدا خاتالىق كۆرۈلگەن ئەھۋال

ئې-خەتكە خەت ئەۋەتىش كۆزنىكى

2-ئۇسۇل: password-resetter ھۆججىتى ئارقىلىق ئىمغا ئېرىشىش.
سىز ئالدى بىلەن password-resetter ھۆججىتىنى چۈشۈرىۋالسىڭىز بولىدۇ.
چۈشۈرۈش1 چۈشۈرۈش2
ئۇنىڭدىن كېيىن password-resetter.rar بولىقىنى يېشىڭ ۋە ئىچىدىكى password-resetter.php ھۆججىتىنى بوشلۇقىڭىزنىڭ /wwwroot/ ھۆججىتى ئىچىگە يوللاڭ. ئۇنىڭدىن كېيىن تور كۆرگۈچكە ئادرىسنى مۇنداق كىرگۈزۈڭ

http://torbetingiz’ning isimi/password-resetter.php

بۇ يەردىكى تور بېتىڭىزنىڭ ئىسىمى دېگەن يەرگە ئۆزىڭىزنىڭ توربىتىنىڭ ئىسمىنى بېسىپ بۇ بەتنى ئېچىڭ. ۋە بۇ بەتتە كۆرۈلگەن رامكىنىڭ ئىچىگە يېڭى ئىمنى كىرگۈزۈڭ. شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ يېڭى ئىمغا ئېرىشىش جەريانىڭىز مۇۋاپپىقىيەتلىك بولغان بولىدۇ. ئىمنى ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن بوشلۇققا يوللىغان password-resetter.php ھۆججىتىنى ئۆچىرىۋېتىڭ.

ئۇنداق بولسا سىز ئىمنى يۈتتۈرۈپ قويغان ياكى ئۇنتۇپ قالغان بولسىڭىز يۇقارقى ئۇسۇلنى سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. سىزگە ئامەت يار بولغاي!

يازما مەنبەسى: چەۋەندازلار بلوگى

مەنزىل:http://chewendazlar.com/

يازما مەنزىلى:http://chewendazlar.com/?p=844

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئالپبەگ | 2012.11.12 جاۋاب

    مەن بۇ پىشكەنلىككە ئىككىنجى قېتىم ئۇچرىغاندەك تۇرىمەن، ياتاققا چىقىپ بىي سىناپ باقاي. :arrow:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif