- سەھىپە:WP تېخنىكىسى
- | باھا:14
- | زىيارەت: 2,524 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، wordoress, تىزىملىك
تىزىملىك ئىقتىدارى (Menus) بولسا wordpress نىڭ ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغان ئىقتىدارى، بۇ ئارقىلىق سىز ئۆزىڭىز باشلىغۇچى تىزىملىكنى ئىختىيارىڭىزچە قوشالايسىز ياكى ئېلىپ تاشلىيالايسىز. مەلۇم سەھىپىنى، ئىچكى-تاشقى ئۇلانمىنى ياكى مەلۇم بەتنى تىزىملىككە ئۇلاپ قويالايسىز، ئۇسلۇبىڭىزدا بۇنداق ئىقتىدار بولسا سىزگە ئاز بولمىغان قولايلىق ئېلىپ كېلىدۇ، مەسىلەن مەن يېزىپ چىققان Prestan Simple 2 ئۇسلۇبىدا تۇغ ئۈستى ۋە ئاستى ئايرىم-ئايرىم ئىككى خىل تىزىملىك بار. سىز پەقەت تۆۋەندىكى 2 قەدەمنى ئوڭۇشلۇق باسسىڭىز تىزىملىك ئىقتىدارى ئۇسلۇبىڭىزدا پەيدا بولىدۇ.
1. ئۇسلۇبىڭىزدا ئۆزى بەلگىلىگەن تىزىملىك ھاسىل قىلىش كودى
تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇبىڭىزنىڭ fonction.php ھۆججىتىنى ئېچىپ ئەڭ ئاستىدىكى < ? بەلگىسىنىڭ ئۈستىگە چاپلاپ قويسىڭىزلا بولىدۇ؛
register_nav_menus(
array(
'header-menu' => __( '1-Tizimlik' ),
'footer-menu' => __( '2-Tizimlik' )
)
);
2. تىزىملىكنىڭ كۆرسىتىلىش ئورنىنى بەلگىلەش كودى
1-تىزىملىك كودى:
2-تىزىملىك كودى:
يۇقۇرىدىكى ئىككى كودنى سىز ئۆزىڭىز تىزىملىكنى كۆرسەتمەكچى بولغان ئورۇنغا ئايرىم ئايرىم قويسىڭىز بولىدۇ. كوددىكى header-menu ۋە footer-menu دېگەن خەتلەرنى ئۆزىڭىز بەلگىلىسىڭىز بولدۇ، ئەمما بارلىق كودلاردىكى ئۆزگەرتكەن خېتىڭىز ئوخشاش بولىشى كېرەك. ئەمدى ئارقا سۇپىغا كىرىپ قاراپ بېقىڭ، تىزىملىك قوشۇش ئىقتىدارى ھازىر بولۇپتىمۇ قانداق. قالدى گەپ ئۆزىڭىز css يېزىپ بەرسىڭىز بولىدۇ، مەن بۇيەردە قانداق يېزىش ھەققدە توختالمايمەن، ئۆزىڭىز خالىغانچە يازسىڭىز بولىدۇ.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- WordPress بلوگىدىكى قسىتۇرمىلارنىڭ يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى يۇقىتىش (13)
- PHPSay مىكروبلوگ سېستىمىسى ئۇيغۇرچىلاشقان نۇسقىسىنى تارقىتىلدى (3)
- WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن فۇنكىسىيەلەر ئارقىلىق بېكەت ئۇچۇرلىرىنى ستاتىستىكىلاش (8)
- مۇنبىرىمىزنى www.blogdax.com ئارقىلىق زىيارەت قىلىڭ! (13)
- [قىززىق نۇقتا] بلوگباسدا يەنە نورمالسىزلىق كۆرۈلدى
- [WordPress قىستۇرمىسى] IE-Theme ۋە بۇ ئارقىلىق بىر بلوگدا ئىككى ئۇسلۇب ئىشلىتىش
- [يانفون دېتالى]قۇتبىلىك RSS ئوقۇغۇچنى سىناشقا قاتنىشىڭ