تېپىۋالغان پۇل،شەيتان ۋە ئادەم (ئەبجەش يازما)

كىچىگىمدىن ئاجايىب ئارمىنىم بار ئىدى.گېزىت-ژۇرناللاردىن،مەكتەپ رادىئوسىدىن دائىم ‹‹ پالانى مانچە توننا ئالتۇن تېپىۋېلىپ ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بەرگەن.››،‹‹پۇستانى مانچە مىليون خەلق پۇلى تېپىۋېلىپ ساقچىغانىغا ئاپىرىپ بەرگەن››دىگەندەك ئۇچۇرلارنى ئىشىتكەندە ئاشۇ كىشىلەرگە ئاجايىب ھەۋىسىم كېلەتتى.ئىچىمدە ئۆرتىنەتتىم،نىمىشقا ماڭىمۇ ئاشۇنداق پۇل،ئالتۇنلار ئۇچرىمايدىغاندۇ،نېمىشقا ماڭا شۇنداق ئۆزىنى كۆرسىتىش پۇرسىتى كېلىپ داڭقىمنى پۈتۈن ئالەمگە تارىتىدىغان ۋاقىت يوقتۇ دەپ ئۆكۈنەتتىم.شۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان ئاخشىمى بولسا ئاجايىب چۈشلەرنى كۆرەتتىم-يۇ يەنە ئويغۇنۇپ پۈتمەس ھەسرەتتە قالاتتىم.ھەي شۇ،شۇ ئارمانغا چۇشلۇق يول يۈرگەندە يەرنى تىشىۋەتكۈدەك قاراپ ماڭغان بولساممۇ،كىشىلەرنىڭ يانچۇقىغا ئوغرىدەك قاراپ قاچان بىر مانچە پۇلى چۈشۈپ قالاركىن دەپ تەلمۈرسەممۇ،ئۇنداق ‹‹تەلەي››لەر ماڭا نېسىپ بولمايۋاتاتتى،ئەمما ، گېزىتلەردە بۇنداق خەۋەرلەر زادى ئۆكسۈمەيتى،يۈرەك ئاغرىقىم ھەم توختىمايتى...
چوڭ بولدۇم،چوڭ بولغاندىن كىيىن مۇنداق خام خىيالنى بىر مەزگىل تەرك ئەتكەن بولساممۇ،بۈگۈنكىدەك يۇقىرى ئىستىمال مەزگىلىدە يانچۇقۇم ئۆكسۈشكە باشلىغاندا،شۇ خىيال ئازغۇندەك كاللامغا تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالاتتىيۇ ،بىردەملىك ۋەسۋەسىگە تاشلاپ قويۇپ يەنە يوقاپ كېتەتتى،مەنمۇ رېئاللىققا قول قويۇپ يەنە ئىشىمغا ماڭاتتىم.كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىسىدە كېتىپ باراتتى...

* * * * * *

بۈگۈن پەيشەنبە ،بىزنىڭ يۇرتتا ھەر پەيشەنبە كۈنى سەھەردە زاراتكارلىققا بېرىپ ئۆلگەنلەر ئۈچۈن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ قايتىپ كېلىدىغان ئادەت بار ئىدى،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ھەپتىدىن كىيىن دىيارىمدىن ئايرىلىپ مەكتىپىمگە قايتىدىغان بولغاچقا،ئۆلگەنلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويۇش ئۈچۈن سەھەر تۇرۇپ زاراتكارلىققا قاراپ يول ئالدىم.
سەھەر،كوچىدا ئادەم ئانچە كۆرۈنمەيتى،مەن تۇيۇقسىز باسقان مىسكىنلىك(بەلكىم تۈگەپ كەتكەن قېرىنداشلىرىم ئېسىمگە كەلگەچكىدۇ...)ئىچىدە غەمكىن كېتىپ باراتتىم.قاتار-قاتار ئۆيلەرگە قاراپ بەلكىم قەبرىلەر بۇ ئۆيلەردىن كۆپتۇر دەپ ئويلايتىم.ھايات-مەزگىللىك ئىدى،ئۆلمەيدىغان كىم بار،لوقمان ھەكىم،پىرئەۋىنلەرمۇ،پەيغەمبەرلەرمۇ ياراتقۇچۇمنىڭ بۇ ئىنئامىدىن خالىي قالغان ئەمەسقۇ،ئادەم جاھانغا قۇرۇق قول كېلىپ قۇرۇق قول كېتىدۇ دەپتىكەنغۇ ئەنە ئىسكەندەر زۇلقەرنەين(بۇنى قايسى كۈنى ئەلكۈيى توربېتىدە كۆرگەن) ...شۇنداق خىياللار بىلەن زاراتكارلىققا كەلگىنىمنىمۇ تۇيماي قاپتىمەن.بۇ يەر-ھەقىقەتەن سۈرلۈك ئىدى،زاراتكارلىق ئۆزىنىڭ مۇقەددەسلىكى بىلەن سۈرلۈك ئىدى،كىچىگىمدە چوڭلار ‹‹زاراتكارلىقتا مۈگدەپ قالغان ئادەم ئانداق بولىدۇ››،‹‹ئۇ يەردە كېچىلىرى دوزاخقا چۈشكەن ئادەمنىڭ ئاھۇ-پەريادى ئاڭلىنىدۇ››،‹‹زاراتكارلىقتىكى ئوت-چۆپلەرنى يۇلغان ئادەمنىڭ قۇلى تۇتماس بولۇپ قالىدۇ››دېگەندەك گەپلەر بىلەن تەربىيىلىگەچكىمۇ بۇيەرنىڭ سۈرلۈكلىكىگە سۈرلۈكلۈك قوشۇلۇپ كەتكەنىدى...
دادامنىڭ قەبرىسىدە ئۇزاق-ئۇزاق قىرائەت قىلغاندىن كىيىن دۇئا قىلىپ بولغاندىن كىيىن يانچۇقۇمغا سېلىۋالغان قوناقنى قەبرىگە چاچتىم.قەبرىنىڭ يېنىغا تاشلاپ قويۇلغان كىچىك بادرىنى ئېلىپ قەبرىنىڭ توپىسىنى بوشاتتىم. بۇ ئىشلاردىن كىيىن ياشلانغان كۆزۈمنى ئېيتىپ قەبرە بىلەن خوشلىشىپ،قېيمىغان ھالدا قايتىشقا تەييارلاندىم.
بەزى يەرلەردىن كېلىۋاتقان مۇڭلۇق قىرائەت ئاۋازى كېلىۋاتاتتى،مەن يەنە ئۆز خىيالىمغا بەند بولغاچ كېتىۋاتاتتىم.كاللام قۇپقۇرۇقيۇ،نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىمنى ھەم بېلمەيتتىم.تۇيۇقسىز بىرسى قارا دېگەندەك بولۇپ،پۇتۇمغا ئۇرۇلغان بىرنىمىدىن چۆچۈپ كەتتىم.بىر ياغلىق،ئىچىگە نىمىدۇر تۈگۈلگەن ياغلىق.ئەتراپىمغا قارىدىم،ھىچكىم يوق،باياتىن قىرائەت قىلىۋاتقانلار قوپوپ كېتىشتىمىكىن،يا قۇلىنى كۆتۈرۈپ دۇئاغا چۈشكەنتىمىكىن،ھىچ تىنىش يوق.‹‹نىمىدۇر بۇ؟...››ئەتراپىمغا يەنە رەت قارىۋېتىپ ھىچكىمنىڭ يوقلۇقىغا جەزىم قىلغاندىن كىيىن ياغلىقنى قولۇمغا ئېلىپ ناھايىتى ئاۋايلاپ ئاچتىم.خۇددى قىممەتلىك بىر تەۋەررۈكنى ئاچقاندەك...كۆز ئالدىمغا ئاق لاتىغا ئورالغان تۈگۈچ ھازىر بولدى.يۈرىكىم دۈپۈلدەپ كېتىپ باراتتى،خۇددىي بايقىلىپ قالغان ئوغرىدەك قورقۇپ كېتىۋاتاتتىم،تۈگۈچنىمۇ يەنە شۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن ئالدىرىماي يەشتىم.مانا كارامەت،پۇل!!!!...
كۆزۈمگە ئىشەنمەي ئۆزۈمنى چىمداپ باقتىم.كۆزئەينىكىمنى سۈرتۈۋېتىپ يەنە بىررەت تۈگۈچكە قارىدىم،دەرۋەقە تۈگۈچدىكى پۇل ئىدى،مېنى ۋەسۋەسىگە سېلىۋاتقان پۇل ئىدى.يۈرىكىمنىڭ سۇقۇشى تىزلەشتى،بەدىمنىمنى تۇيۇقسىزباسقان تىترەكتىن جالاقلاپ كېتىۋاتاتتىم.ئىس-يادىمنى يوقىتىپ پۇلنى سانىدىم،ئاۋايلاپ ئەمما تىز-تىز سانىدىم،بىررەت ئەمەس ئون رەت سانىدىم،بۇ كام ئەمەس ئون مىڭ يۈەن پۇل ئىدى.
شۇھامان،يېقىنلا بىر يەردىن ئاياغ تىۋىشى كەلدى،مەن ئۆزۈمنى مۈكۈندۈرۈپ ھەتتا تىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە تىنىچلاندىم.بەختىمگە بۇ ئاياغ تىۋىشى تىزلا يېراقلاشدى.يۈرىكىمدىكى شەيتان بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش باشلاندى.
-ھەي،ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال،ھۇدۇقما!-دەپ سۆز باشلىدى شەيتان مېنى بەزلەپ،-مانا،سەن كىچىگىڭدىن بىرى ئارزۇ قىلغان ئارمانىڭغا يەتتىڭ!بۇ پۇل سېنىڭ،سېنىڭ بولدى!خۇش بول،تىز يانچۇقۇڭغا جايلاشتۇرۇپ يولغا راۋان بول!...
-توختا ئۇيغۇربەگ!ھاياجىنىڭنى باس!-دېدى ئادەم يۈرىكىمنى تۇتۇۋېلىپ،-بۇ،سېنىڭ بەختىڭ ئەمەس،بۇ سېنىڭ تەرىڭگە كەلگەن ئەمەس بەلكىم ھارام!ئولۇغ ياراتقۇچىمىز بىزنى ھارامدىن تۇسىغان،پۇلنى جايىغا سېلىپ مۇشۇ يەردە ساقلاپ تۇر،ئىگىسى بەلكىم ھازىرلا كېلىشى مۇمكىن!ھارام يېسەڭ ئېنىقكى مۇھەممەدنىڭ ئۈممىتى بۇلالمايسەن!
-ھەي ئەخمەق،بۇ سەھەردە كىممۇ سېنى كۆرسۇن!قارا ئەتراپىڭغا،قەبرىلەر شۇنداق كۆپ،سان-ساناقسىز...ئەمما،ئۆلگەنلەرنى يوقلايدىغان كىشىلەرگە قارا،نىمىدىگەن ئاز!قارا،سەندىن باشقا ھىچكىم يوق ھازىر،ئىنسانلار پۇلنى دەپ ئاخىرەتنى ئۇنتۇدى.بۇ پۇللار ئۇلارنىڭ ھارام ئىشىدىن كەلگەن بولىشى ئېنىق،بولمىسا بۇنداق يەرگە تاشلاپ قويۇپ كېتەمتى،خەقنىڭ ھارام پۇلىنى سەن خەجلىسەڭ دۇرۇس بولىدۇ،سەن بۇ پۇلنىڭ ئازراق قىسمىنى قەلەندەرلەرگە سەدىقە قىلىپ يېنىڭغا سېلىپ قوي،ئاندىن بېرىپ مەكتىپىڭگە قەرزگە تۆلە،ئاندىن ئاشقىنىنى خەجلە!
-ياق ياق،ئۇيغۇربەگ،ئۇنداق قىلما!-دەپ ئالدىراشقا باشلىدى ئادەم،-ۋۇجۇدۇڭدىكى پاسىقلىقنى دەپ ئاخىرەتنى ئۇنۇتساڭ بولمايدۇ.ئاتاڭنى ئويلا،ئاتاڭ چېغىدا ساڭا ھەر ئايدا ئەۋەتىپ بىرىدىغان ئاشۇ پۇل ئۈچۈن ھارۋېنى سۆرەپ نەچچە رەت ماڭىدۇ كەچلىك بازارغا،نەچچە رەت خەققە تەلمۈرىدۇ! بۇ پۇلنىڭ ئىگىسى بەلكىم سېنىڭ ئاتاڭدىنمۇ بەك جاپا تارتقاندۇ،بەلكىم سەندەك ستۇدېنىت بالىلىرىدىن نەچچىسى باردۇ!ۋە ياكى،ئاغرىق-سىلاق ئايالى باردۇ...تېخى قايسى كۈنى كۆردۈڭغۇ،يوقسۇللۇقنىڭ دەردىدىن ھېلىقى ئاغرىقچان بوۋاي ئەمدى تېخى 9 ياشقا كىرگەن ئاتا-ئانىسى تاشلىۋەتكەن قىزىنى ئون مىڭ سومغا ساتىمەن دەپ بازارغا ئەپكەلدى.ھېلىقى كۆمۈرچى بوۋاي ئېسىڭدىغۇ،بىچارە بوۋاي پۇلنىڭ يوقلۇقىدىن شۇنچە قېرىغان تۇرۇقلۇق ئېغىر كۆمۈرلەرنى يۆتكەپ يۈرۈيدۇ،ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال،قارا تاڭ سۈزۈلدى،قۇياش قىزاردى،يەنە ئازراق ۋاقىت كۈتسەڭلا ئىگىسى قايتىپ كېلىشى مۇمكىن!
-ھەي ئەخمەق،-شەيتان ئالدىرىماي تەمتىرىمەي سۆزلەشكە باشلىدى،-نەدىن بېلىسەن،بۇ پۇلنىڭ ئىگىسى بىر مۇتەھەم ئوغرىمۇ...ئۇ پۇلنى قەستەنگە بۇ يەرگە تاشلاپ قويۇپ سەندىن پۇل ئۈندۈرمەكچىدۇ،ھېلى كېلىپ سېنىڭ ياقاڭغا ئېسىلىدۇدە،جامائەتكە جار سېلىپ ‹‹ۋاي ئوغرى،بايا يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى،بىردەمدىلا يانچۇقىمغا قارا ساناپ پۇلۇمنى ئېلىۋاپتۇ!..››دەپ سېنىڭ يۆزۈڭنى تۆكەر ھەمدە قاماققا تاشلاتقۇزار ۋە ياكى ‹‹ۋو مۇناپىق،قەبرىستانلىقتىمۇ ئوغرىلىق قىلدىڭمۇ؟››دەپ ئاھانەتكە قۇيار،يا بولمايدۇ ‹‹بۇ ئەسلى ئەللىك مىڭ سوم ئىدى،قالغان قىرىق مىڭ سومنى نەگە سوقتۇڭ؟››دەپ ئۆكتەملىق قىلار.شۇنداق ئىشلار نۇرغۇنغۇ...شۇڭا،تىز بول،‹‹تۆگە كۆردۈڭمۇ،ياق!››دەپ ئۆز يولىمىزغا راۋان بولايلى...
-بىردەملىك ھىسسىياتنى دەپ ئازمىغىن ئۇيغۇربەگ!-ئادەم ئەمدى روھلىنىشقا باشلىدى،-ئەجەبا سەن قايسى كۈنىدىكى ئويۇڭنى ئۇنتۇدۇڭمۇ؟سەن ئاپاڭغا:‹‹ھەرگىز پۇلنىڭ قۇربانى بولمايمەن!››دىگەن.جەمئىيىتىمىزدە نۇرغۇن ئېسىل زاتلار پۇلنىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ ئۆزلىرىنى يوقۇتۇشۇپ ئاخىرى ھالاكەت گىرداۋىغا بېرىشتى.ناۋادا،سەن بۇقېتىم پۇلنىڭ قۇربانىغا ئايلانساڭ،بوپتۇ،بۇ قېتىم ھىچنىمە بولمىدىڭ دەيلى،كىيىنكى قېتىم تېخىمۇ كۆپ پۇل ئۇچرىسا ۋە ياكى كۆپ پۇللۇق ھارام پايدا بار بولسا،ئېنىقكى بىر قېتىملىق ھارامغا تويۇنغان قەلبىڭ سېنى كىيىنكى قېتىملىققا زورلايدۇ،مۇشۇنداق قېلىپ،بارا بارا سەن ئۆزۈڭنى يوقىتىسەن،ۋەدەڭنى بۇزىسەن!ئۇ چاغ سەن ئېنىقكى بىر پاھىشەگە،روھى ئۆلگەن پاھىشەگە ئايلىنىسەن!
بۇ چاغدا،كۈن خېلىلا كۆتۈرۈلگەن بولۇپ زاراتكارلىققا كىلىۋاتقانلار كۆپۈيۈشكە باشلىدى.
-ئالدىرىما،-دېدى شەيتان ئالدىراپ،-بۇ جاھاندا باقىي ئىشلار بولمايدۇ،يەنى ھەممە ئىشنىڭ چىكى بولىدۇ!ياراتقۇچىمىز ناھايىتى ئەپۇچان.سەن باشقىنى ئويلىما،ئۆزۈڭنى ئويلا،قاراپ باقە ئۈستى بېشىڭگە،تۈزۈكرەك كىيىمىڭمۇ يوق.تۆنۈگۈن تېخى كىتابخانىغا كىرىپ كىتاب ئالاي دېدىڭيۇ،باھاسى ئالامەت ئۆرە كىتابلارنى ئالالماي يېنىپ چىقتىڭغۇ!بول تىز،پۇلنى يانچۇقۇڭغا سال-دە،كىتاب ئال.ھەممىسىگە كىتاب ئال.بۇچاغ،سېنىڭ روھىيىتىڭ تولۇقلىنىدۇ،ياراتقۇچىمىزمۇ سېنىڭ بۇ ئىشىڭدىن مەمنۇن بولۇپ گۇناھىڭنى كەچۈرىدۇ!قاراپ باقە ئەتراپىڭغا،نۇرغۇن موللا سۈپەت ئادەملەر چېغىدا ھەرخىل گۇناھلارنى قىلىپمۇ كۆزىنى يۇمۇپ يۈرۈپتىغۇ!
-سەن ئۆزۈڭنى ئۇ موللا سۈپەت ئادەملەر بىلەن سېلىشتۇرما!-دېدى ئادەم سالماقلىق بىلەن،-موللا سۈپەت بولغانغىلا ئۇلارنى دوراشقا بولمايدۇ.تۆنۈگۈن تېخى ‹‹ئەسلىي قىز بولغانلىقىمدىن پەخىرلىنەتتىم...››دېگەن ماقالىنى ئوقۇدۇڭ،ئۇنىڭدىمۇ موللا سۈپەت بىرى قىزىدەك ئادەمگە شۇنداق ھاقارەتلىك سۆزنى دەپتۇغۇ،دېمەك،سەللىدەك باش بولغاندىن چۈمۈچتەك باش بولسىمۇ ھىدايەتكە تولغان يۈرەك بولسىلا،مەيلى ئۇ موللا سۈپەت بولسۇن،ياكى قاراقچى سۈپەت بولسۇن ئۇنىڭدىن ئۆگەنسەڭ بولىدۇ!ھىسسىياتىڭ ئەقلىڭنى مىنمىسۇن!دىلىڭدىكى ئىمان پۇلدىن بولغانمىسۇن!
بۇ چاغ يېقىن ئەتراپدىن مۇڭلۇق قىرائەت ئاۋازى كەلدى.
-ھەي ھەي،تىز بول دەيمەن ! ئادەملەر كېلىۋاتىدۇ،تىز بول!-شەيتان ئالدىراشقا باشلىدى،-ئەمدى ئۈلگۈرەلمەيسەن!بىھۇدە ئارمانغا قالىسەن!بەلكىم سەن بۇ پۇلنى بىر يىل،ئىككى يىلدا تاپارسەن!بەلكىڭ ئاپاڭ بۇ پۇلنى ئۆمۈر بۇيى كۆرمىگەن بۇلىشى مۇمكىن!بول،بۇ پۇلغا ئاپاڭغا قۇۋۋەتلىك تاماق ئېلىپ بەر،كىيىم ئېلىپ بەر،ئاپاڭنى رازى قىل،دۇئاسىنى ئال!
-ياق!ھارام بىلەن ئاپاڭنىڭ سۈتتەك ئاق كۆڭلىنى بۇلغىما،ساڭا قىلغان ئەجرىنى يوق قىلما،ئۇ ئالەمدە ئۇنى قارا يۈز قىلما!...
-تىز بول،ئەمدى ئۈلگۈرەلمەيسەن!...
-ياق،يەنە بىردەم تەخىر قىل!ئۆزۈڭنى تۇتۇۋال...
-پۇشايمان!...
-ساۋاب ئال!...
ئادەم بارغانسىرى غالىب كېلىشكە،شەيتان كىچىكلەپ يېلىنىشقا باشلىدى.بۇ چاغ بىر ياشانغان كىشى يىتىپ كەلدى.
-ھەي شۇ،ئەتتىگەندە ئوغلۇمنىڭ ۋەسىيىتىگە ئاساسەن،ئۇنىڭ قەبرىسىگە دۇئا قىلىپ قويۇپ،ئۇ مايلامچىلىق قىلىپ يىغقان ئاشۇ ئون مىڭ سومنى يىتىملار مەكتىپىگە ئىئانە قىلىۋېتەي دەپ سەھەرلا ئۆيدىن قوزغۇلۇپ چىققانىدىم.نەدىمۇ چۈشۈپ قالغاندۇ بۇ پۇل!...قېرىغاندا ئادەم مۇشۇنداقمۇ دۆت بوپ قالامدىغاندۇ!ھەي ئىسسىت،ئوغلۇمنىڭ ۋەسىيىتىنى ....
بوۋاي ئۆز-ئۆزىگە سۆزلىگەندەك قىلىپ يېنىمدىن ئۆتۈپ كەتتى.شەيتان شۇ ھامان غايىب بولدى.ئادەم خۇشال كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ:‹‹بارغىن!...››دەپ مېنى غالىبانە ئۇزىتىپ قويدى.
2010-يىلى 25-فىۋرال شەھىرى توقسۇ

 

 

 

مەزكۇر يازمىنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدا.ھەرقانداق شەخىسنىڭ ھەرقانداق شەخسىي مۇنازىرە مۇنبىرى ۋە ياكى باشقا خىلدىكى توربېكەتلەردە ھەرخىل شەكىلدە ئېلان قىلىۋېلىشى چەكلىنىدۇ

 

 

 



无觅相关文章插件,快速提升流量


باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif