- سەھىپە:WP ئۇچۇرلىرى
- | باھا:7
- | زىيارەت: 1,662 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، blog, Wordpress
WordPressنىڭ يازما تەھرىرلىگۈچىگە بەك كۆنەلمىگەچكە ئەزەلدىن بىرى Windows Live Writer ئىشلىتىپ يازما يىزىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. ئەمما يېقىندا مەلۇم بىر بلوگنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى ھۆددىگە ئالغاندىن كېيىن، بلوگگېرنىڭ تەلىپى بويىچە يازما تەھرىرلىگۈچىنىڭ ئىقتىدارىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن بىر قانچە قىستۇرمىلارنى ئىزدەپ، ئاخىرى قىستۇرمىسىزمۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىقتىدارىنى كۆپەيتىشكە قادىر بولدۇم. بۇ يەردە بۈگۈن بۇ رېتسىپنى ھەر قايسى بلوگگېرلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولىۋاتىمەن.
تەدبىرنىڭ بايانى ۋە بايانى
ئەلۋەتتە، WordPress سېستىمىسىدىكى يازما يىزىش تەھرىرلىگۈچى Wordدەك ئۇنچە كۆپ ئىقتىدارلىق ئەمەس. ئەمەلىيەتتە WordPressنىڭ سۈكۈتتىكى تەھرىرلىگۈچى TinyMCEنىڭ بىر قىسىم ئىقتىدارى يۇشۇرۇۋېتىلگەن بولۇپ، بىز كود ئارقىلىق بۇ يۇشۇرۇۋېتىلگەن ئىقتىدار كونۇپكىلىرىنى ئەسلىگە ئەكەلتۈرۈپ، تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتەلەيمىز، مەسىلەن: يازما پارچىلاش، خەت چوڭلىقىنى بېكىتىش، ماۋزۇ بېكىتىش دېگەندەك. ئۈنۈمى تۆۋەندىكى سۆرەتتىكىدەك:
خوش، ئەمىسە جىڭ گەپكە ئۆتەيلى.
كود ئويناش مەشىقى باشلاندى!
تۆۋەندىكى كودنى functions.php ھۆججىتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدىكى كود ?> نىڭ ئالدىغا چاپلاڭ:
function enable_more_buttons($buttons) {
$buttons[] = 'hr';
$buttons[] = 'del';
$buttons[] = 'sub';
$buttons[] = 'sup';
$buttons[] = 'fontselect';
$buttons[] = 'fontsizeselect';
$buttons[] = 'cleanup';
$buttons[] = 'styleselect';
$buttons[] = 'wp_page';
$buttons[] = 'anchor';
$buttons[] = 'backcolor';
return $buttons;
}
add_filter("mce_buttons_1", "enable_more_buttons");
يۇقارقى كوددا يۇشۇرۇۋېتىلگەن كونۇپكىلار تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىقتىدار ئىستونىدىكى بىرىنچى قۇردا پەيدا بولىدۇ. خالىسىڭىز ئىككىنچى قۇرىدا ياكى ئەڭ ئاستىنكى قۇرىدا پەيدا قىلالايسىز. بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى كودلاردىن خالىغان بىرىنى يۇقارقى كوددىكى add_filter("mce_buttons_1", "enable_more_buttons"); دېگەن كودلارنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرسىڭىزلا بولىدۇ.
ئىككىنچى قۇرغا چىقىرىش كودى:
add_filter("mce_buttons_2", "enable_more_buttons");
ئەڭ ئاستىدىكى قۇرغا چىقىرىش كودى:
add_filter("mce_buttons_3", "enable_more_buttons");
شۇنداق قىلىپ يۇقارقى كودلار ئارقىلىق قىستۇرما ئىشلەتمەي تۇرۇپمۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىقتىدارىنى كۆپەيتىشكە قادىر بولدۇق.
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- 20 تال نادىر ھەقسىز خەت نۇسخىسى
- ھەجۋىي رەسىملەردىكى جاھاننامە(تور كۆرگۈچ)لەرنىڭ پەرقى (2)
- [ WordPress ھاياتىنى باشلاش ] (1-قىسىم) WordPress نى تونۇش (32)
- [ئۇيغۇرچە خەتلىك كىنو] دۇنياۋى داڭلىق ئەسەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن نادىر كىنو–لەگلەك قوغلىغۇچى بالا (19)
- تۇرايىمىزنىڭ ئۇسلۇبىنى يېڭىلىغان، خاتالىق تېپىشىپ بەرسىڭىز چوڭ-چوڭ مۇكاپات… (50)
- ھەزرىتىم،WordPress بلوگىڭىزنى قەرەللىك زاپاسلاپ تۇرامسىز؟ (18)
- قۇربان ھېيتلىق پەرمان چۈشۈرۈلدى،جىددىي نەزەر سالغايسىزلەر!
- ئەزىز بلوگداش، 2012-يىلى نېمە ئىشلارنى قىلدىڭىز؟…. (22)
- بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (2-باب: خاككېر ئېمپىرىيىسى) (3)
- Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن، تەكلىپ پىكىر بارمۇ؟ (27)
- بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (1-باب: قىستۇرمىلار بىلەن جەڭگە تەييارلىنىش) (9)
- WordPress دە مەلۇم مەزمۇننى پەقەت باشبەتتىلا ياكى 1-بەتتىلا كۆرسىتىش (6)