سىزنىڭ ئورنىڭىز: خەتكۈچ بېتى

سىز «blog» خەتكۈچىدىكى يازمىلارنى كۆرۈۋاتىسىز!

Google-XML-Sitemaps

ئۇيغۇرچە بلوگ ۋە بېكەتلەردە SEO ئوينايدىغانلار ئازراق بولسا كېرەك، شۇنداقتىمۇ يوق بولمىسا كېرەك، خۇددى ئۇيغۇربەگنىڭ كەپىسىدە SEOغا ئائىت ھېچنېمە يوق بولغىنىدەك، خۇددى يولداش پرېستان ئەينى چاغدا بلوگىمىز فىلىم قانىلىنىڭ SEO قىسمىنى ئالامەت ئاقسا ئىشلىگەندەكچۇ. SEOنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى بلوگ ياكى تور بېكىتىمىز ئۇچۇرىنى ئىزدەش ماتورلىرىنىڭ ئۆمۈچۈكلىرى تەرىپىدىن كۆپرەك «تورغا ئىلىۋېلىش» بولغاچقا، بلوگىمىز ۋە تور بېكىتىمىزنى ئىزدەش ماتورلىرىدىكى ئىزدەش نەتىجىسىگە پايدىسى خېلى كۆپ، بۈگۈنكى يازمىمىزدا مۇشۇنداقراق ئىشلارغا ئەسقاتىدىغان مۇھىم قىستۇرما Google XML Sitemapsنى تونۇشتۇرۇپ قۇياي…

تۇلۇق ئوقۇش »

psd-photoshop-freebies-012

WordPressنىڭ يازما تەھرىرلىگۈچىگە بەك كۆنەلمىگەچكە ئەزەلدىن بىرى Windows Live Writer ئىشلىتىپ يازما يىزىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. ئەمما يېقىندا مەلۇم بىر بلوگنىڭ قۇرۇلۇش ئىشىنى ھۆددىگە ئالغاندىن كېيىن، بلوگگېرنىڭ تەلىپى بويىچە يازما تەھرىرلىگۈچىنىڭ ئىقتىدارىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن بىر قانچە قىستۇرمىلارنى ئىزدەپ، ئاخىرى قىستۇرمىسىزمۇ تەھرىرلىگۈچنىڭ ئىقتىدارىنى كۆپەيتىشكە قادىر بولدۇم. بۇ يەردە بۈگۈن بۇ رېتسىپنى ھەر قايسى بلوگگېرلار بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولىۋاتىمەن.

تۇلۇق ئوقۇش »

jquerspelempey

بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن پرېستان ئاپتورلىقىدىكى يازمىمىز «WordPress دە بەت ئۈستى، ئاستى ۋە ئىنكاس رايونىغا قايتىش كونۇپكىسى قوشۇش» ناملىق يازمىمىز ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، نۇرغۇن بلوگداشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. بۈگۈن مەن بۇ ئىقتىدارنى « بلوگ لىفىتى » دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە، wordpress سېستىمىسىدا jquery ئۈنۈمىدىكى بلوگ لىفىتى ئىقتىدارىنىڭ يېڭى تەدبىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن، دىققىتىڭلار يازمىمىزدا بولسۇن…

تۇلۇق ئوقۇش »

wp_dev_plugins_3_副本

بۈگۈنكى يازمىمىز تۇرايىمىزدا بىر قانچە كۈن بۇرۇن ئېلان قىلغان «WordPress سۇپىسىدا يازمىلارغا كود قىستۇرۇشنىڭ بىر نەچچە تەدبىرى (1)» ناملىق يازمىنىڭ داۋامى بولۇپ، WordPress سۇپىسىدا يازمىلارغا كود قىستۇرۇشنىڭ يەنە بىر خىل ئۇسۇلى بىلەن تونۇشۇپ ئۆتىمىز. دىققىتىڭلار يازمىنىڭ داۋامىدا بولسۇن.

تۇلۇق ئوقۇش »

where-is-prestan

ئالدىنقى يازمامنى يوللاپ يوقاپ كەتكىلى بۈگۈن دەل 1 ئاي بوپتۇ، بۇ جەريادا بولۇپ ئۆتكەن ئىشلار، يەنى مەكتەپ ھاياتىمدىن بىردىنلا جەمىئەت ھاياتىغا قەدەم بېسىش، ئائىلىدىكى قىلسا-قىلسا تۈگىمەيدىغان ئەمما قىلمىسا بولمايدىغان ئىشلار ۋە خىزمەت ئىزدەش جەريانىدىكى تىڭرىقاشلار سەۋبىدىن تورغا چىقالمىدىم، بەلكىم يۇقۇردا ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسى «بانا»دۇر، راست گەپنى قىلسام ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن تورغا چىققۇم كەلمەس بولۇپ قالغان ئىدى.

تۇلۇق ئوقۇش »

Windows بوشلۇقىدا ساختا تىنچ بەت(伪静态) ھاسىل قىلىشنىڭ تەدبىرى

ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىز «WordPressنىڭ مۇقىم ئۇلانما ئىقتىدارى ۋە كۆرسەتمە كودلار»نىڭ ئاساسىي مەزمۇنى ئەمەلىيەتتە ساختا تىنچ بەت(伪静态) ھاسىل قىلىشنىڭ تەدبىرى بولۇپ، بۇ تەدبىر ئادەتتە Linux مۇھىتىدا شۇنداق ساز ئىشلەيتى. يېقىندا بىر قىسىم بلوگداشلار ئېلخېتىمگە خەت يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ تەدبىرنى قوللىنالمىغانلىقىنى ئېيتىشتى. بىلسەم Windows بوشلۇقى ئىكەن، مەنمۇ بۇرۇن Windows بوشلۇقى ئىشلەتكەن ئىدىم، شۇڭا بۇ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى ئىزدىدىم. بۇرۇن بادام بلوگىدا مۇشۇ خىلدىكى يازمىنى ئۇچراتقان، بۇ قېتىم مەنمۇ يەنە بىر قېتىم توختىلىپ ئۆتەي. ھە راست، WordPress سېستىمىسىنى ياخشى ئىشلىتىمەن دېسىڭىز Windows بوشلۇقىدىن ئۇزاق تۇرۇڭ، يازمىغا مەرھەمەت…

تۇلۇق ئوقۇش »

xahzada-ekqut

خوش، بىر نەچچە كۈندىن بىرى كىنو-لەتىپە ئاڭلاپ ئارام ئالدۇق، ئەمدى تەنەپپۇسنى تۈگۈتۈپ دەرس ئۆگىنەيلۇق. قىسمەن بلوگگېرلار دىققەت قىلغان بولىشى مۇمكىن، تۇرايىمىزنىڭ شۇنداقلا بىر قىسىم بلوگگېرلارنىڭ يازما ئادرېسىدا .html دېگەن خەت بار. يەنە دىققەت قىلدىڭلارمىكىن، يازما تەھرىرلەش-يوللاش كۆزنىكىدە، ئارقا سۇپىدىكى بىر قىسىم تەڭشەكلەردە «مۇقىم ئۇلانما» دېگەن ئاجايىب بىرخىل سىرلىق سۆز بار. بۈگۈن بىز مۇشۇ سىرلىق سۆز بىلەن تونۇشۇپ چىققاچ، بلوگىمىزنىڭ مۇقىم ئۇلانمىسىنى باشقىچەرەك تەڭشەپ باقايلى.

تۇلۇق ئوقۇش »

615-1

مۇنبىرىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن، شۇنداقلا مۇنبىرىمىزنى قوللاپ كېلىۋاتقان كونا-يېڭى بلوگداش ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ زىيارەت قىلىشىغا قولايلىق بولىشى ئۈچۈن مۇنبەرنىڭ يېڭى ئادرېسى بولمىش  www.blogdax.com تور نامىنى رەسىمىي يولغا قويدۇق. بۇنىڭدىن كېيىن مۇنبىرىمىزنى  www.blogdax.com تور نامى ئارقىلىق زىيارەت قىلىشقا ئادەتلىنىڭ، ئەسلىدىكى ئادرېسhttp://bbs.uyghurbeg.net/forum.phpمۇ ئەلۋەتتە داۋاملىق ئىناۋەتكە ئىگە بولىدۇ.

ئىھتىرام بىلەن :
WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى

korean_code_v_matrix_full_hd_by_kartine29-d38hbwj

ئالدىنقى ۋاقىتلاردا blog.prestan.net نامىدا بلوگ يېزىپ يۈرگەن، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تور نامىنى prestan.net/blog قا يۆتكەش زۆرۈر بولۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ بۈگۈن قالاپ ئولتۇرۇپ PR=2 بولغان تور نامىنى تاشلاپ قويۇپ prestan.net تور نامىنىڭ قوينىغا قايتىپ كەلدىم. ئەلۋىدا blog.prestan.net ، سېنى مەڭگۈ ئەسلەيمەن! سالام يېڭى تور نام، يېڭى بلوگ…. ئەمدى دوستلار بىلەن تور نامىنى ئۆزگەرتىش جەريانىدىكى تەجرىبىلىرىمنى بۇ يەردە ئورتاقلىشىپ قويسام….

تۇلۇق ئوقۇش »

615-1

بۈگۈنمۇ كىچىككىنە كود ئارقىلىق يەنە بىر ئۇز تېخنىكىنى، يەنى، بلوگىمىزنىڭ يان بۆلىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان خەتكۈچ ۋىجىتىدىكى  خەتكۈچلەرنىڭ يېنىدا ھەر بىر خەتكۈچكە مۇناسىۋەتلىك ھالدا قانچە يازما يوللاندى شۇنى چىقىرىپ بىرىدىغان تەدبىرنى ئۆگىنىپ ئۆتەيلى. ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى دەرسلىكنىمۇ ئۇستاز ئۇيغۇربەگ سۆزلەپ ئۆتكۈسى.

تۇلۇق ئوقۇش »

  • سەھىپە:WP ئۇسلۇبى
  • | باھا:39
  • | زىيارەت: 3,918 قېتىم ئوقۇلدى
  • | ئاپتور: پرېستان
  • | 2012.03.21

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىغا دائىم كېلىپ تۇرىدىغان ياكى ئۇقۇشماي كىرىپ قالغان بلوگداشلار، نورۇز ئۆتكۈزىدىغانلارنىڭ نورۇزىغا مۇبارەك بولسۇن، ئۆتكۈزمەيدىغانلارنىڭ يېڭى كۈنىگە مۇبارەك بولسۇن. بۈگۈن تۇرايىمىزدا شۇنداق بىر ئىش بار، قايسى كۈنى بىرلەشكەن بلوگلار تەشكىلاتىنىڭ تەشۋىقات بۆلۈم مۇدىرى ئۇيغۇربەگ ‹‹Prestan Simple 2.0››ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئىدى، بۈگۈن كەمىنە توققۇز كۈن ئۇخلىماي، تاماق ئورنىغا سۇ ئىچىپ جاپالىق ئىشلەپ-تەتقىپ قىلىپ ئاخىرى بۇ ئۇسلۇبنى پۈتتۈردۈم. خاتالىقلىرىمۇ ئاساسەن ھەل بولدى، ئۇسلۇبنى ئەينى چاغ ئاكتىپ ئىنكاس يازغانلار بىمالال چۈشۈرسەڭلار بولىدۇ، ئۇ چاغدا خاتالىق كۆرسەتمىگەن بلوگگېرلار مەزكۇر ئۇسلۇبنى چۈشەرگەندە ‹‹پرېستان ئالىيلىرى ياشىغايلا!››دەپ قويغايسىزلەر، ناۋادا زىيادە چارچاپ كېتىپ ئاغرىپ قالسام ئاشۇ شۇئارلىرىڭلارنى ئاڭلاپ بولسىمۇ بالدۇرراق ئەسلىگە كىلىۋالغۇسىمەن، شۇئار توۋلايدىغان جاي مەزكۇر يازمىنىڭ ئاستىدىكى ئىنكاس ئورنىدا، باللا،  ئەمىسە ئۇسلۇبنى چۈشۈرۈشكە قاراپ : ئالغا!….

تۇلۇق ئوقۇش »

ئۇزۇن بوپتىكەن، تۇرمۇش خاراكتىدىكى بىر نېمىلەرنى يېزىپ باقمىغىلى. ئالدىنقى قېتىم، ئۆزقانى بلوگىنىڭ ئاتامانى ئۈچۈن Iphone 4Sنى سېتىۋېلىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمەلىيەتتىغۇ Iphone 4S ئېلىش ئۇنچىۋالا يوغان ئىشمۇ ئەمەس، شۇنداقلا بۇ خاتىرىنى يېزىشتىكى مەقسىدىم قانداقتۇر بىر ئىشنى كۆز-كۆز قىلىش ئەمەس، بەلكى، مۇشۇ Iphone 4S نامىدىكى تېلىفوننى سېتىۋېلىش جەريانىدا كۆرگەن-ئويلىغانلىرىمنى ئورتاقلىشىپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت. شۇنداق قىلىپ، ئازراق كۆپۈك چاچرىتىپ قويغاندىن كېيىن يازمامنى باشلىۋېتەي.

无觅相关文章插件,快速提升流量