WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ ئېچىلماسلىقى ھەققىدە قىسقىچە بايانات

74-1

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۇرايىمىزنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى. بىلگىنىڭىزلاردەك بىر نەچچە ئاي بۇرۇن تۇرايىمىزنىڭ پىلانلىشى ۋە كەڭ بلوگداشلارنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن WordPress ھەققىدىكى ئۇيغۇرچە مۇنبەر بولغان ۋە بلوگداش ئۇيغۇر بلوگگېرلىرىنىڭ كىچىككىنە تەشۋىقات-مۇنازىرە سەھنىسى بولغان WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدۇق، بىر نەچچە قېتىم ئېچىلماسلىق، ئېشەك ھارۋىسىدەك ئېغىر بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلگەندىن كېيىن، مۇئەللىم بلوگىنىڭ ئىقتىسادىي ياردەم قىلىشى بىلەن مۇنبەرنى قىياس بوشلۇقىغا يۆتكىگەن ئىدۇق. يېقىندا، قىياس بوشلۇقچىلىقىنىڭ مۇلازىمىتىرى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تەكشۈرۈلۈۋاتقان بولغاچقا، مەزكۇر مۇلازىمىتېردىكى WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن بېكەتلەرنىڭ ئېچىلماسلىقى كېلىپ چىقتى. بىز قىياس بوشلۇقىنىڭ ئاتامانىنىڭ بۇ قېتىملىق بوران-  چاپقۇندىن تىنچ-ئامان ئۆتۈۋېلىشىنى تىلەش بىلەن بىرگە، مۇنبەر ئەھلىنىڭ مۇنبەرنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتۈشىنى سورايمىز. شۇنداقلا، تورداشلارنى پىتنە-ئىغۋا تارقاتماسلىققا، پىتنە-ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىككە چاقىرىمىز…

مۇنبىرىمىز پات ئارىدا ئەسلىگە كېلىپ، داۋاملىق كەڭ بلوگگېر دوستلار ئۈچۈن خىزمەتتە بولغۇسى. بلوگداشلارنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئىھتىرام بىلەن :

WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى



无觅相关文章插件,快速提升流量


32 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ھە مۇنداقكەندە؟

  • بىراق،ئۇيغۇر ۋوردپرېس مۇنبىرىنىڭ تاقىلىپ قېلىشى،ئۇيغۇر ھەقسىز مەنبەلەر تورى قاتارلىق قىياس بوشلۇقى ئىشلىتىدىغان بېكەتلەرنىڭ تاقىلىپ قېلىشىدىن بالدۇرلىغۇ؟

    • سەھرالىق | 2012.05.24

      سەۋەب بەك ئاددىي، بىرسى ھەقسىز مەنبەلەر تورى تاقالغان ھامان زاپاسلانغان ماتىرىياللارنى باشقا بوشلۇققا يوللاپ، داۋاملىق ئوچۇق ھالەتتە تۇردى، يەنە بىرسى بىزنىڭ قەدىرلىك باشلىقىمىز ئۇيغۇربەگ باشقۇرۇشتا سۇسلۇق قىلىپ، مۇنبەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللىرىنى زاپاسلىمىغانلىقى تۈپەيلى، بۇرنىغا ئىككىنجى قېتىم سۇ كىردى… بۇ ئىشلارمۇ پات-ئارىدا ئوڭشالغۇسى…

  • ئىزتىل | 2012.05.24 جاۋاب

    تەققازالىق بىلەن كۈتمەكتىمىز. ئىشلار ئوڭۇشلۇق بۇلۇپ كەتكۈسى

  • پۇرسەت | 2012.05.24 جاۋاب

    قىياس كۇلۇبى ئۇيغۇر تورچىلىقى ئىچىدىن چىققان ھەقىقەتەن ئېسىل تورلاردىن بولۇپ قالغانتى،شۇلارغا بىر ئىش بوپ قالمىسىكەن دەيمەن

  • پۇرسەت | 2012.05.24 جاۋاب

    سەھرالىقنىڭ ئېيقىنىدەك«بىزنىڭ قەدىرلىك باشلىقىمىز ئۇيغۇربەگ باشقۇرۇشتا سۇسلۇق قىلىپ، مۇنبەرنىڭ مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللىرىنى زاپاسلىمىغانلىقى تۈپەيلى، بۇرنىغا ئىككىنجى قېتىم سۇ كىردى…»،مۇشۇنداق ئىش بولدىما ئۇيغۇربەگ؟بۇنداق بولسا ئېغىز-بۇرۇنلىرىدىن بىراقلا سۇ كىرگەن بولىدۇ :mrgreen:

    • نۇرنىجات | 2012.05.24

      ئەمدى كىرسە تۇنجۇقۇپلا قالىسىز جۇمۇ!ئۇيغۇربەگ!

  • uyghurboy | 2012.05.24 جاۋاب

    مەنمۇ نىمانداق ئىچىلمايدىكى دەپتىمەن ؟؟ :?:

  • ugking | 2012.05.24 جاۋاب

    بۇ ئەھۋاللارمۇ تىزلا ئوڭشىلىدۇ

  • مۇرشىدى | 2012.05.24 جاۋاب

    بېگىمنىڭ بۇرنىغا بۇنداق سۇ كىرىۋەرسە، ۋوردپرەس ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ «ۋوردپرەس ئورگان تەرەپ ئېتىراپ قىلغان مۇنبەر» لىك قالپىقى ئېلىپ تاشلانمىسۇن يەنە :grin:

    • ghenibay | 2012.05.24

      مۇنداق قالپىقىمۇ باركەندە، ئەسلى مۇنبەرنىڭ ….

    • مۇرشىدى | 2012.05.25

      بېگىم ئىزدەپ تېپىپ كەيدۈرۈۋاپتىكەن، ئورگان تەرەپمۇ ئەسلى قالپاقنىڭ مۇنداق چوڭ بولۇپ كېتىشىنى ئويلىماپتۇدەك :grin:

  • مۇزات | 2012.05.24 جاۋاب

    مەن دائىم كىردىغان بىر قانچە مۇنبەر نېمىشقا ئېچىلمىغانكى دېسەم ئەسلىدە مۇشۇنداقكەندە! مەن تېخى مەكتەپ تورىنىڭ ئىشى ئوخشايدۇ دەپتىمەن.

  • گىك | 2012.05.24 جاۋاب

    ۋاي باشقا بوشلۇققا قويغىلى بولماسمۇ بۇنى

  • تورداشلارنى پىتنە-ئىغۋا تارقاتماسلىققا، پىتنە-ئىغۋالارغا ئىشەنمەسلىككە چاقىرىمىز… :evil:

    • گىك | 2012.05.25

      ئومدان

    • سەھرالىق | 2012.05.25

      ئاز قالدى، مۇنبەرنىڭ يېڭى جامالىنى كۆرىسىلەر :mrgreen:

    • نۇرنىجات | 2012.05.26

      ئاڭلىسام،ئۇيغۇربەگ خاككىرلارنىڭ چىشىغا تېگىپ قويۇپ،مۇنبىرى تاقىلىپ كېتىپتۇ دەپ ئاڭلايمىزغۇ؟

  • قەقنۇس | 2012.05.26 جاۋاب

    تىزراق كۆرسەك بولاتتى جامالىنى .نەچچە كۇن بوپ كەتتى دىسە :?: شۇنداق ئۇزاق تەكشۇرەمدىغاندۇ دەيمەن

  • سەرگەردان | 2012.05.26 جاۋاب

    ئەجەپمۇ بىر ئىغىر كۈنلەر بولدىغۇ بۇ!؟ تزراق ئىچىلسا بولاتتى ئاۋۇ قەدىرلىك مۇنبەر! پىتنا – ئىغۋا تارقاتقانلارنىڭ ئىغىزى يىرتىلىپ كەتسۇن!! :mrgreen:

  • ئاڭلاڭلار ھەي خالايىق!!!
    ۋوردپرېس مۇنبىرىنىڭ بىگى بىر خەن قىزغا :grin: :grin: :grin: :grin: ئېتڭپتۇدەك
    ئۇقىز :twisted: كە كىلپ، :x دەپتۇدەك ۋە :cool: غا دەپتۇدەك
    ئاندىن :cool: لار كىلىپ بەگنى :arrow: دەك…………………………….

    • نىدا | 2012.05.26

      بۇنى مۇنداقراق دېسەك بولغۇدەك:
      ۋوردپرېس مۇنبىرىنىڭ بىگى بىر خەن قىزغا :grin: دەك، خەن قىز :twisted: دەك، ئاندىن :idea: غا :x دەك، :idea: بولسا :!: دەك ۋە بېرىپ :cool: غا :cry: بېرىپتۇدەك، :cool: لار كېلىپ بەگنى :arrow: قىپتۇدەك…
      ھە، راست، قىياسنى بالدۇرراق ئەسلىگە كېلىشىنى تىلەيلى، جۇما!
      ——-
      قوشۇمچە: بېگىمگە:
      ماۋۇ ئىنكاس رايونىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان قىلىپ قويساق بولغۇدەك، كېرەمجاندا پەسكىرەك تارتىپ چوڭايتىپ قويسام، بەتتىن يوغىناپ چىقىپ كەتتى..

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.29

      ئوخشاپتۇ ما ئىنكاس…

    • پرېستان | 2012.05.27

      بۇنى ئويلىشىپ باقساق بولغۇدەك.

  • «پىتنە-ئىغۋا » دىگەن مۇنداق بولىدۇ-دەيمەن :mrgreen: :lol: :idea: :smile:

  • ئالە شەنى، ما بەك قىززىق ئىنكاس بولاپتا :mrgreen:

  • يالغۇز | 2012.05.27 جاۋاب

    مەنمۇ نىمىشقا ئىچىلمايدىكىن دەپتىمەن،مۇنبەرگە يوللايدىغان يىڭى تەرقىمە قىلغان ئۇسلۇپ توغۇرلۇق گەپ بارتى،مانا باھا بىرىڭلار:http://yalhuz.000a.biz/?p=237

  • ئاڭلىسام ئۇيغۇربەگ،ئۇدۇن مەملىكىتىگە يېڭىدىن ئۇدۇنجاننى بەگلىككە تەيىنلەپتۇدەك!ۋەتەنپەرۋەر ئۇدۇن خەلقى ئۇدۇنبەگنىڭ چېرىكلىشىپ،يەپ ئىچىپ كۈن ئۆتكۈزىشىگە چىداپ تۇرالماي،پايتەخت مۇنبەرگە كېلىپ،توپىلاڭ كۆتۈرۈپتىدەك!شۇنىڭ بىلەن پرېستان ئاستا يۈك-تاقىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ،تىكىۋېتىپ.ئۇيغۇربەگنى يالغۇز قويۇپتىدەك.شۇنىڭ بىلەن بەگ ئەسكەرلەرنى سېپىلنى ياخشى قوغداشقا تاپشۇرۇپ،تۇرايىغا قايتىپ مۇشۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرغىدەك…

    • سەھرالىق | 2012.05.27

      ئاستانە تاشبالىققا يۆتكەلدى، ئىچكى خەۋەرلەرنى سىرتقا ئاشكارلىغان پاتقاق نېجاتقا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ، ئىت باشلىق جادۇغا بېسىپ ئىجرا قىلىنسۇن! :cool:
      خەۋەردار بولمىغان بلوگگىرلارغا خەۋەر قىلىپ قويۇڭلار باللار!

  • يەنە بىر دېھقانلار قوزغىلىڭى كۆتۈرەي دەۋاتامسىز؟يەنە شۇ سەھرالىقلار باشلايدۇ ئۇنى! :evil: :roll:

  • مۇنداق ئىشلارمۇ بولغانمىدى؟! ئىككى ئاي تورغا چىقالماي نۇرغۇن ئىشلاردىن خەۋەرسىز يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ!

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.06.11

      ئىككى يىل چىقمىغانلا ئاغا؟

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif