بلوگگېرنىڭ باشقىلارنى بىزار قىلىدىغان 6 ئادىتى

blogbbyadetliri

ھەربىر بلوگ ھەۋەسكارلىرىغا ئايان بولغىنىدەك،بىز ھەمىشە بلوگىمىزنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە،كۆركەم قىلىشقا تىرىشىمىز.مەسىلەن:يازمىمىزنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش،ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش،بلوگغا ئىقتىدار قوشۇش،SEO ئەلالاشتۇرۇش دىگەندەك.بىزنىڭ بلوگىمىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان تىرىشچانلىقىمىزنى ئەلۋەتتە،ھەممەيلەن ئېتىراپ قىلىدۇ.ئەمما،شۇنىسىنى ھەم ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى،بىز شۇ تىرىشىش داۋامىدا بىلىپ-بىلمەي زىيارەتچىلىمىزنى ساقىت قىلىپ تاشلاپ،ئۆزىمىزنىڭ سەنىمىگە دەسسەيدىغان ئىشلارنى قىلىپ قالىمىز.ئاندىن،بۇ ئىشلار ئاخىرى كېلىپ زىيارەتچىلىرىمىزنى بىزار قىلىدىغان ئىشلارنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىپ قالىدۇ...

1.ھە دېسىلا ئۆزىنى ئۇچۇرۇش ئادىتى
بەلكىم سىز مۇنداق بلوگگېر بولىشىڭىز مۇمكىن:ھە دېسىلا بلوگىڭىزدا ئۆزىڭىزنى ماختاپ ‹‹مانچە كۈندە مانچە ئادەم كېرىپ،مۇنداق رېكورد ياراتتىم،مانچىلىق ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈپ،مانچىلىك شان-شەرەپلەرنى قولغا كەلتۈردۈم›› دەپ يازما يوللىشىڭىز مۇمكىن،قارىسا،بلوگىڭىزدىكى يازمىلارنىڭ ئەمەلىي قىممىتى بار بىلەن يوقنىڭ ئورنىدا.بەزىدە ئۆزىڭىزنى خوش قىلىدىغان يازما يوللاپ،نەتىجىدە ئاتايىن يوقلىغىلى كەلگەن زىيارەتچىلىرىڭىزنىڭ كەيپىنى ئۇچاردىڭىز،بۇلار ئاز كەلگەندەك قالدۇرغان ئىنكاسلىرىغا سوغۇق گەپلەرنى قىلدىڭىز.ئاخىرى ئۇلار ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قىسمىدىكى قىزىل بەلگىنى بېسىۋەتتى.

2.بلوگنى ئارتۇقچە ‹‹بىزىۋېتىش›› ئادىتى
ئېسىڭىزدە باردۇ،بلوگىڭىزنى كۆركەم قېلىمەن دەپ ئەينى چاغ دۇنياقارا بلوگى،پرىستان بلوگى، تارىم بلوگى قاتارلىق بلوگلاردا پىرقىراپ يۈردىڭىز،ھەتتا خەنزۇچە بېكەتلەرنىمۇ ئايلىنىپ كۆردىڭىز.شۇنداق قىلىپ،بلوگىڭىزدا سىز ياقتۇرۇپ ئەكەلگەن نۇرغۇن ئۈنۈملەر پەيدا بولدى،ئەمما بەزىلىرى ئارتۇق ئۈنۈملەر ئىدى،بېتىڭىزدە ئىزدەش ماتورى،كالىندار،دۆلەت تەۋەلىكىنى كۆرسىتىدىغان سانىغۇچ،ھاۋارايى مەلۇماتى،كىچىك ئۇيۇنلار،كۆپلىگەن ئېلانلار پەيدا بولدى.ئەمما،بلوگىڭىزنىڭ قۇرۇلمىسىغا ماس كەلمىدى،بلوگىڭىزنىڭ سۈرئىتى ئاستىلاپ كەتتى،بەزىدە،يازغان يازمىڭىزدىن قويغان ئېلانلىرىڭىز كۆپ بولۇپ كەتتى،بۇ قالايمىقانچىلىق ئىچىدە گاڭگىراپ قالغان زىيارەتچى ئاخىرى ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قىسمىدىكى قىزىل بەلگىنى بېسىۋەتتى.

3.بەتنى قالايمىقان قىلىۋېتىش ئادىتى
ئاران جاپادا بلوگىڭىزنىڭ ئۇسلۇبلىرىنى تەڭشەپ بولدىڭىز،تۇيۇقسىز قارىسىڭىز بلوگىڭىزدىكى خەت چوڭلۇقى ناھايىتى كىچىك،ئاندىن بىراقلا ئۈچ ھەسسە چوڭايتتىڭىز،رەڭگىنى ئېنىق كۆرەلمەي بلوگىڭىزنىڭ قۇرۇلمىسىغا ماس كەلمەيدىغان قېنىق رەڭلەرنى ئىشلەتتىڭىز،يازمىڭىزدا ئىشلىتىلگەن سۆرەتنى بىرتەرەپ قىلمايلا يوللاۋەردىڭىز،كود قىسمىلىرىغا پىششىق بولمىغاچ،بەزى ئۈنۈملەرنى قوشۇش داۋامىدا بلوگىڭىز ئوت تۈلكىسىدىن باشقا تور كۆرگۈچدە نورمال كۆرۈنمەس بوپ قالدى،بۇلار بىلەن چاتىقىڭىز بولمىدى.بلوگىڭىزنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغان كىشى بولسا،بلوگىڭىزدىكى قالايمىقانچىلىق ئىچىدە ئېزىپ قېلىپ،ئاخىرى ئوڭ تەرەپ يۇقىرى قىسمىدىكى قىزىل بەلگىنى بېسىۋەتتى.

4.ئالدامچى ئۇلانما قوشۇش ئادىتى
بەلكىم بىر چاغلاردا قايسى بىر ئېلان شىركىتىدىن ئېلان ئېلىپ،كىرىمىڭىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ‹‹بۇ يەرنى چەكسىڭىز كاتتا مۇكاپات بار››،‹‹بۇ يەرنى چەكسىڭىز مانداق بولىدۇ!››...دىگەندەك قىزىقتۇرىدىغان سۆز-ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپ،زىيارەتچىلىرىڭىزنى كۈشكۈرتتىڭىز،بەزىدە سىزمۇ بىلمەيدىغان بىرىنىڭ گىپىگە ئىشىنىپ پايدا ئېلىش نۆۋىتىدە يامان غەرەزلىك كود قوشۇلغان بېكەتلەر ئۇلىنىشىنى يازما يىزىپ ئېلان قىلدىڭىز.بۇنداق ئىش،باش بېتىڭىزدىلا ئەمەس،ئاۋۇ ھەر بىر يازمىڭىزنىڭ ئاستى ۋە ئۈستىدە بولۇپ كەلدى،نەچچە رەت ئەخمەق بولۇپ،ھېچنىمىگە ئېرىشەلمىگەن زىيارەتچى شۇ ھامان بلوگىڭىزدىن چېكىندى.

5.زىيارەتچىلەرنى نەزەردىن ساقىت قىلىش ئادىتى
سىز بەلكىم نۇرغۇن ‹‹قۇرۇق›› ئىنكاسلارغا ئۇچراپ كەتكەچكىمۇ ئىنكاسلارغا ئانچە ئېرەڭشىپ كەتمەس بولۇپ قالدىڭىز.ئەمما،بۇ ئادىتىڭىز ئاخىرى بېرىپ سىزنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرىڭىزگە تەسىر كۆرسەتتى،بەلكىم،ئوقۇرمەنلىرىڭىز خەت بېسىشنى ئەمدى ئۆگەنگەندۇ،بەلكىم شۇ سىز بىلەن تونۇشۇشنى ئويلايدىغاندۇ،ياكى ئازراق سۇئاللىرى باردۇ.ناۋادا ۋاقتىڭىز بولمىسا،ئازراق ئىزاھات بېرىپ قويۇپ،كىيىنچە جاۋاب بەرسىڭىز بولىدىغان بولغاندىكىن،يازغان ئىنكاسلىرىنى كۆرمەسكە سېلىۋالسىڭىز بولمايدۇ.

6.يازما ئوغرىلاش ئادىتى
بەلكىم،سىز بلوگىڭىزنى يېڭىلا باشلىدىڭىز،بلوگ ياساشنى بىلمىگەچ بىر بلوگ ئۇستىلىرىدىن بلوگ ئۇسلۇبى سوراپ ئالدىڭىز،ئەڭ ئاۋۋال بەت ئاستىدىكى نەشىر ھوقۇقىنى ئۆزگەرتتىڭىز،ئەمما،نىمە يېزىشىڭىزنى بىلمىدىڭىز،قارىسىڭىز ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدا سىز ياقتۇرىدىغان بىر يازما ئۇچراپ قالدى.شۇ ھامان كۆچۈرۈپ ئەپكەلدىڭىز،ئۇزاق ئۆتمەي تەدبىركار بلوگى مۇھىم بىر تېخنىكا ئۆگەتتى،ئۇنىمۇ ئوغرىلاپ ئەپكەلدىڭىز،كۈنلەر ئۆتۈۋېرىپ،تۇيۇقسىز بۇ يازمىلارنى ئوقۇپ بولغان بىر زىيارەتچى بلوگىڭىزغا ئېزىپ كىرىپ قالدى.قارىسا،بلوگىڭىزدىكى ‹‹مول مەزمۇنلۇق يازمىلىرىڭىز››نى بىر يەرلەردە كۆرگەندەك قېلغان،ئىزدەش ماتورىدا ئىزدەپ بېقىۋىدى،دەرۋەدە باشقا بلوگگېرلارنىڭ قان-تەرى سىڭگەن يازمىسى ئىدى.ئۇ شۇھامان ئىچىدە سىزنى مىڭنى قارغىۋەتتى-دە،بلوگىڭىزنى شۇ ھامان قارا تىزىملىككە تاشلىۋەتتى.

شۇنداق قىلىپ،‹‹بلوگگېرنىڭ زىيارەتچىلىرىنى بىزار قىلىدىغان 6 ئادىتى›› دىگەن يازمام تاماملىنىش ئالدىدا تۇردى.تۇيۇقسىز،مەزكۇر يازمامنى تەييارلاش داۋامىدا،ئەلكۈيى مۇنبىرىدىكى ئىملاغا ئائىت مۇنازىرىلەرنى كۆرگەنلىكىم ئېسىمگە كېچىپ،ئىملا خاتالىقىنىڭمۇ زىيارەتچىلەرگە بولغان تەسىرىنى ئويلاپ قالدىم.ئەمما،بۇ بىر نازۇك مەسىلە بولغاچ،جۈملىدىن ئۆزۈممۇ بۇ سەھۋەنلىكدىن بەزىدە ساقلىنىپ بولالمىغاچ بۇ يەردە كۆرسۈتۈپ ئولتۇرمىدىم.بەلكىم،يۇقارقى ئويلىرىمنى كۆرگەن بەزى بلوگگېرلار ئىچىدە قايىل بولماسلىقى مۇمكىن،ئەمما،خاتالىق دىگەن خاتالىق،بىز خاتالىقلارنى ئېتىراپ قىلىشقا شۇنداقلا ئۆزگەرتىشكە جۈرئەت قىلساقلا،بەلكىم بۇ خاتالىقلار ئىچىدىن قەد كۆتۈرۈپ چىقالايدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىم كامىل.
ئەمىسە سىزچىچۇ؟



无觅相关文章插件,快速提升流量


11 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • بولىدىغان گەپ يەنە بىرسى يېرم يالىڭاچ رەسىملەر بار بىكەتنىمۇ چاقماق تىزلىكىدە تاقايمىز ھەم ئىككىنجى قېتىم كىرىپمۇ قويمايمىز

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.09.17

      ھىم…بۇ مەسىلە تېخىمۇ مۇھىم ئىدى راست..

  • رەھمەت سىزگە ئۇيغۇربەگ ، ھەقىقەتەن تىلۋىزىيە ئىستانسىنىڭ ئالتۇن ۋاقتىدا ئىلان قىلغۇدەك ئىسىل تىما بولۇپتۇ ، كەڭ بلوگداشلار بۇ يازمىنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن ياخشى ئويلىنىپ ئۆزىمىز ۋە بلوگىمىزدىكى كەمچىللىكلەرنى تېپىپ چىقىپ تۈزەتمىسەك بولمىغۇدەك

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.09.17

      رەھمەت قېرىندىشىم،بلوگىڭىزنى قايتىدىن باشلىغىنىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن!

  • مېنىڭ بايقىغان يەنە بىر ئىش ”تېمىنى يۇشۇرۇش“ ئادىتى ، يەنى تەڭگىگە سېتىۋېلىپ كۆرۈش ، ئەزالارلا كۆرۈش ….. دىگەندەك . بۇ خىل قىلمىش كۆرۈنىشكە ”ئەزا كۆپەيتىش رول ”ىنى ئۆتىگەندەك كۆرۈنسىمۇ ئەخلەت ئىنكاس كۆپەيتىۋېتىدۇ ھەم بىر قىسىملارنى رايىنى قاچۇردۇ .
    ئورۇنلۇقمۇ يا دوستۇم .

    • قۇتبىلىك | 2010.09.19

      دولقۇن731 نىڭ پىكىرى ئورۇنلۇق بوپتۇ، خەقنى كۆرسۇن دەپ يازغان ماقالىنى يەنە يۇشۇرۇپ نىمە قىلىدۇ؟ بۇ بىر ئېزىپ قالغان بىلگگىرنىڭ قىلدىغان ئىشى.

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.09.20

      بۇ گىپىڭىزنى ئاڭلاپ،ئەينى چاغ pjblog ئىشلىتىپ يۈرگەن چاغلىرىمدا،ئەزا بولمىسا ھۆججەت چۈشۈرەلمەس قىلىپ قويغىنىم ئېسىمگە كەچتى… :-|

  • ئۇستازلارنىڭ ئىنكاسلىرىنى كۆرۇپ تىخى كاللامنىڭ ئانچە ئىچىلمىغانلىقىنى بىلدىم بولسا مۇشۇنداق تىما ئىنكاسلار كۆپەيسە ياخشى بولاتتى

  • ئازغۇن | 2010.11.29 جاۋاب

    سىزنىڭچە كۆچۈرگەننىڭ ھەممىسى ئوغرىلىق بولارمۇ؟ :( ئەگەر يازما مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرگەن بولسىچۇ؟ مېنىڭچە بۇ مەسىلىگە ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ سوغۇق قانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان ياخشى. بەزىدە كۆچۈرۈلمە يازمىلارمۇ تورداشلارغا كۆپ قولايلىقلانى يارىتىپ بىرەلەيدۇ. 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇرۇن بىزدە مەخسۇس كۆچۈرۈلمە يازمىلارنى يوللايدىغان تور بەت « يادىمدا تورى» بار ئىدى. ئۇ توربەتمۇ تورداشلارنى بىزار قىلمىغان.

  • كارو | 2011.02.15 جاۋاب

    ھازىر مۇكەممەل ھېسابلىندىغان، ئۇيغۇرچە ps دەرىسلىك تور بېتى بارمۇ؟

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif