ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقىتلىرىمدا بىر مەزگىل فلاشقا ئىشتىياق باغلاپ ئانچە-مۇنچە نەرسىلەرنى لايىھىلەپ يۈرگەن ئىدىم. دوستلار بىلەن فلاش ئەسەرلىرىمدىن بىلەن بىرلىكتە ھۇزۇرلانساق دېگەن ئۈمىدتە يوللاپ قويدۇم.
مۇرات ناسىروف
مەرھۇم ئۇيغۇر ئوغلانى مۇرات ناسروفنى مېنىڭچە ھەممىمىز تونۇيمىز، تونۇمايدىغانلار بولۇپ قالسا مەزكۇر فلاشتا قىسقىچە چۈشەندۈرۈشى بار، شۇنداقلا سىز ھەم google.com دىن مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى ئىزدەپ تاپالايسىز. ئەينى ۋاقىتتا مۇرات ناسىروفنىڭ ناخشىلىرىنى بەكلا ياقتۇرۇپ ئاڭلايتتىم شۇنداقلا ئۇنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئوقۇپ تەسىرلەنگەن ئىدىم، شۇ سەۋەبتىن مەرھۇمنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ فلاشنى ئىشلىگەن )ئىشلەش دېگىلى بولمايدۇ، تەييار قېلىپنى ئۇيغۇرچىگە تەرجىمە قىلىش دەپ چۈشەنسەڭلار بولىدۇ(، قاچان ئىشلىگەنلىكىم ئېنىق ئېسىمدە قالماپتۇ، تەخمىنەن 2 يىلنىڭ ئالدىغۇ دەيمەن.
خاقان پۇتبول كوماندىسى
خاقان پۇتبول كوماندىسى بولسا بىزنىڭ مەكتەپتىكى شىنجاڭلىق ئوغۇللار قۇرغان كوماندا، مەن مەكتەپكە يېڭى بارغاندا قۇرۇلغان ئىدى. كوماندىمىزنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ فلاشنى ئىشلىگەن. كوماندىمىز يېڭىدىن قۇرۇلۇپ مەكتەپتىكى ئۇششاق-چۈششەك كوماندىلار بىلەن بىرەر قۇردىن مۇسابىقىگە چۈشۈپ، مەكتەپتىكىلەرگە شىنجاڭلىق بالىلار پۇتبولغا ھەقىقەتەن ئۇستا ئىكەن دېگۈزۈۋەتكەن، ھازىرمۇ ھېلىھەم شۇنداق. بۇ يەردە شۇنى بىلدۈرۈپ ئۆتسەم، بىز پەقەت مەكتەپتىكى كوماندىلار بىلەن مۇسابىقە ئويناپ قالماستىن جېجياڭ ئۆلكىسىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار بار بولغان مەكتەپلەر ئارا يىلدا 2 قېتىم «جەۋلان» لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئوينايمىز. كېلەر يىلى 4-ئاي ئەتراپىدا جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ساھىبخان بولۇپ 4- نۆۋەتلىك «جەۋلان» لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىدۇ.
يىپەك يولى مىللەتلەر ئۇيۇشمىسى
يىپەك يولى مىللەتلەر ئۇيۇشمىسى بولسا بىزنىڭ مەكتەپتىكى شىنجاڭلىق بالىلار ئۆزىمىز مەكتەپنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قۇرغان ئۇيۇشما بولۇپ، مەكتىپىمىزدىكى ساۋاقداشلارغا بىزنىڭ شىنجاڭنى تونۇشتۇرۇش، چۈشەندۈرۈش ۋە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش ھەركەتلىرىنى قېلىپقا سېلىش ئۈچۈن قۇرغان. ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈردۇق. ئۆز ۋاقتىدا ئۇيۇشمىنىڭ تەشۋىقات خىزمىتىنى ئىشلەپ يۈرگەن ۋاقىتلاردا ئۇيۇشمىمىزنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ فلاشنى ياساپ قويغان ئىدىم. شۇ قېتىم ياسىغانچە ھازىرغىچە ئۆزگەرتىشكە ئامال بولمىدى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
بۇ فلاشنى ئىشلىگىلىمۇ تەخمىنەن 2 يىلچە بولدىغۇ دەيمەن، تور بەتلەردە مۇشۇنداق شەكىلدىكى فلاش خەرىتىلەرنى كۆرۈپ قېلىپ ئۆزۈممۇ كىچىكرەك بولغان بىر خەرىتە لايىھىلەش مەقسىتىدە باشتىن ئاخىرى ئۆزەم بىر قوللۇق سىزىپ ئىشلىگەن، ئەسلىدە بۇ خەرىتە ئۈستىدە خېلە جىق پىلانلىرىم بار ئىدى، ئەپسۇس پىلانلىرىم ئەمەلگە ئاشماي قالدى.
ئاپتوردىن:
يۇقۇرىدىكى 4 فلاشنىڭ ئىشلەش جەريانى بولغان fla ھۆججىتىنى بوشلۇققا يوللاپ قويدۇم، لازىم بولغانلار چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭلار.
Dbank تىن چۈشۈرۈش Skydrive دىن چۈشۈرۈش

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [WordPress ئۇسلۇبى] Redion ئۇسلۇبى تارقىتىلىدۇ (67)
- [كاتتا رېتسىپ]بىرىنچى دەرىجىلىك تورنامى ‹‹.TK››گە ئېرىشىش قوللانمىسى (34)
- [Blogbus ئۇسلۇبى] ئۇيغۇربەگنىڭ سابىق ئۇسلۇبى ‹‹قىزىل ئارمان››تارقىتىلىدۇ
- چەتئەلدىكى داڭلىق 15 مەزمۇن باشقۇرۇش سېستىمىسى(CMS) تونۇشتۇرۇش (4)
- PHPSay مىكروبلوگ سېستىمىسى ئۇيغۇرچىلاشقان نۇسقىسىنى تارقىتىلدى (3)
- [Windows7 ئۇسلۇبى] ‹‹نانىيا رىۋايىتى3›› چۈشۈرۈشكە تەمىنلەندى (2)
- WordPressدىكى بلوگىمىزغا «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» ئىقتىدارىنى قوشۇشنىڭ تەدبىرى (14)
- [مەخپىي رېتسىپ] jQuery ئارقىلىق يۆتكىلىشچان ۋىجىت ياساشنىڭ تەدبىرى، ئۆگەنمىگەنلەر ئارماندا!… (13)
- WordPressدىكى خەتكۈچ ۋىجىتىدە خەتكۈچدىكى يازما سانىنى كۆرسىتىشنىڭ تەدبىرى (13)
- ۋوردپرەسكە زىيارەت قىلىۋاتقانلار سانىنى چىقىرىشنىڭ تەدبىرى (13)
- WordPressنىڭ نۆۋەتتىكى يېڭى نەشىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنمايدۇ! (7)
- WPtouch قىستۇرمىسى ئۇيغۇرچىلاشتى، ئەمدى ھەر قانداق تېلىفوندا بلوگىمىز پەچچەت چىققۇسى! (26)