- سەھىپە:تۇرا يېڭىلىقلىرى
- | باھا:8
- | زىيارەت: 1,275 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، بلوگ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك ئاتامانلار، بلوگگېرلار، ياخشىمۇسىلەر؟ (چاۋاكدىن كېيىن، بىر ئاز سۈكۈتتە تۇرۇۋېتىپ داۋام قىلىنىدۇ…)
ئالدىنقى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىدا يوللىغان «WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ ئېچىلماسلىقى ھەققىدە قىسقىچە بايانات»تا ئېيتىلغاندەك، مۇنبەر جايلاشقان ئەسلى مۇلازىمىتىر تەكشۈرۈلۈپ تۇرۇلۇۋاتقان بولغاچقا مۇنبىرىمىز ۋاقىتلىق تاقىلىپ قالغان ئىدى، خىيالىمىزدا بۇ تەكشۈرۈلۈش پەقەت بىر قانچە سائەت ياكى بىر قانچە كۈن داۋاملىشىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدۇق، ئەمما قارىساق تا بۈگۈنگىچە مۇلازىمىتىر ھەققىدە يېڭى ئۇچۇرغا ئىگە بولالمىدۇق، مۇلازىمىتىرنىڭ ئەسلىگە كىلىشىنى ساقلاپ ئولتۇرۇشتىن كۆرە ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتۈپ تۇرۇشنى ئويلاشقان بولغاچقا، مۇنبەردىكى يېڭى ۋە كونا ئەزالارنىڭ تەشەببۇسى ۋە قىزغىن قوللىشى بىلەن يەنە باشقا جايدىن بوشلۇق ھەل قىلىپ، بۇرۇن ئۆي كۆچكەندە ساقلاپ قويغان ساندان ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق، مۇنبىرىمىزنىڭ ۋاقىتلىق قارارگاھىنى تىكلەپ تۇردۇق، ناۋادا مۇلازىمىتىردىن خەۋەر كەلسە شۇ ھامان مۇنبەر تاقالغان كۈندىكى ئۇچۇرلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ داۋاملىق ئىلگىرىلەيمىز، ناۋادا خەۋەر كەلمىسە ھازىرقى قارارگاھنى قۇماندانلىق شىتابى قىلىپ، مۇنبىرىمىزنى قايتىدىن گۈللەندۈرگۈسىمىز. قېنى ئاتامانلار. مۇنبەرنى قايتا گۈللەندۈرۈش خىزمىتىگە ئاتلىنايلى!(چاۋاك…چاۋاك….)، ئاڭلىغىنىڭلارغا رەھمەت!…
ئىھتىرام بىلەن :
WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرى باشقۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسى
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- WP Cleaner قىستۇرمىسى ۋە ئۇنى ئىشلىتىش
- [WordPress ئۇسلۇبى] سابىق ئۇسلۇبىمىز SimplePerfect تارقىتىلىدۇ (3)
- [چاقىرىق] ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش دەرسلىكىگە تەكلىپ-پىكىر قوبۇل قىلىنىدۇ!… (1)
- WordPressدىكى بلوگىمىزغا «يا بايدىن چىقارمەن، يا سايرامدىن» ئىقتىدارىنى قوشۇشنىڭ تەدبىرى (14)
- ئۇيغۇربەگ تەتىلدە…. (5)
- مىكروسوفت IE6 تەتۈر ساناش تور بېتىنى ئېلان قىلدى
- (كۆچۈرۈلمە)WordPress 3.1 بىزگە نېمە ئېلىپ كىلىدۇ؟ (2)
- [يەرلىك قىستۇرما] WP-beFont – ۋوردپرەس 3.5 نەشىرىگە ئۇيغۇرچە فونت ۋە كىرگۈزگۈچ قىستۇرمىسى (8)
- نېمىشقا سىزنىڭ wordpress بلوگىڭىز E-mail ئەۋەتەلمەيدۇ (3)
- بلوگنى سىپەمدىن قوغداپ قېلىشنىڭ 6 تەدبىرى (2-باب: خاككېر ئېمپىرىيىسى) (3)
- Prestan Simple 3 نەشىرىنى جىددي ياساۋاتىمەن، تەكلىپ پىكىر بارمۇ؟ (27)
- js ئارقىلىق بلوگ ئۈستىگە ئۇچۇر(ئېلان) چىقىرىش (2)