[چاقىرىق] ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش دەرسلىكىگە تەكلىپ-پىكىر قوبۇل قىلىنىدۇ!…

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ئەزىز مېھمانلىرى.
ئاۋۋال دۇنيا ئانا تىل بايرىمىنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن!
تەتىل مەزگىلىمىزنىڭ تۇشىدىغانلىقىغا يەنە بىرقانچە كۈنلا قالدى،پرېستان بولسا بۇكەمگىچە مەكتەپكە بېرىپ بولاي دەپ قالدى،ئالدىنقى كۈنلەردىكى تۇرايىمىزغا چۈشكەن ئىنكاسلارغا بەرگەن جاۋابدا كۆرسۈتۈلگەندەك،مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىش دەرسلىكى تەتىلدىن كېيىنغا سۈرۈلگەنىدى.تەتىلدىن بۇرۇن،Wordpress ھەققىدىكى يۈرۈشلۈك دەرسلىك(پرېستان يازمىچە،مەن سىنغا ئالماقچى بولغان)پىلانىمىزمۇ شۇ تەتىلدىكى جىددىيچىلىك تۈپەيلى كېيىنگە سۈرۈلگەن.دېمەك،تەتىل توشقان ھامان بۇ ئىككى دەرسلىكنى تەڭ تۇتۇپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ.Wordpress دەرسلىكىنى بۇ ساھەدىكى يېتۈك ئۇستاز دەپ قارىلىۋاتقان يولداش ساۋپىڭ(Caoping)نىڭ دەرسلىكى ئاساسىدا تۈزۈش ئويىغا كەلدۇق.ئەمما ئۇسلۇب تەرجىمە دەرسلىكىنى تۈزۈشتە سەل ئارىسالدى بولۇپ قالدۇق.


بۈگۈن بۇ دەرسلىك ھەققىدە كۆپچىلىكدىن لايىھە قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىپ باقتۇق.ناۋادا بىزگە قويۇپ بەرسە،CSS,PHP بىلىملىرىدىن خەۋىرى يوقلارنى ساقىت قىلغان ھالدا تۈزۈپ چىقماقچى،ئەمما،نۆۋەتتىكى ئەھۋاللاردىن مەلۇمكى،كۆپ قىسىم بلوگگېرلار ئەڭ ئاساسلىق CSS,PHP بىلىملىرىدىنمۇ خەۋەرسىز.ئۆزىمىزمۇ بىر سېستىمىلىق دەرسلىك تۈزۈپ باقمىغاچقا تېخى تەجرىبىسىز ھالەتتە تۇردۇق،شۇڭا،كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ خىل دەرسلىك ھەققىدىكى تەجرىبە-ساۋاقلىرى بولسا ۋە ياكى ئويلىغانلىرىنى ئورتاقلاشسىكەن دېگەن نىيەتتە  مەزكۇر يازمىنى يوللاپ تۇرۇپتىمىز.چۈشكەن ئىنكاسلار ۋە ئەمەلىي ئەھۋاللارنى چىقىش قىلغان ئاساسدا،كۆپچىلىككە تېخىمۇ نەپ تىگىدىغان ۋە چۈشۈنۈشلۈك بولغان دەرسلىكنى تۈزۈپ چىقىشقا تىرىشىمىز.دەرسلىك نۇرقۇت تورى ۋە ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىمىزدا تەڭ ئېلان قىلىنىدۇ.
قېنى،ئەمىسە،سۆزلەش نۆۋىتى سىلەرگە كەلدى!….


1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • پۇرسەت | 2012.04.16 جاۋاب

    مۇشۇنداق دەرىسلىكنىڭ تىزراق ئوتتۇرغا چىقىشىغا تىلەكداشمەن

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif