- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:19
- | زىيارەت: 960 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، Windows, Wordpress
پرېستان ئەپەندىمنىڭ مىكروبلوگىغا ئېزىپ كىرىپ قالغىنىمدا،ئۇ يەردە مېنى تولىمۇ قىزىقتۇرغان بىر نەرسىنى بايقاپ قالدىم.ئۇ بولسىمۇ Windows Live Writer ئارقىلىق يازما يوللاش ئىدى.بىلىشىمچە،ئىلقۇت بلوگىدىكى پەنگىيار ئەپەندى بىر قېتىم ماڭا بۇ ئۇسۇلنى تەۋسىيە قىلىپ ئۆتكەن،ئەمما ئۇ چاغدا ھەدەپ WordPress تەتقىقاتى ئىچىگە دۈم چۈشۈپ كەتكەن بولغاچ،ئۇ تەكلىپكە ئانچە ئىرەنشىمەپتىمەن.بۈگۈن،ئىچىمگە تۇيۇقسىز ئوت كىردى،شۇ ھامانلا Windows Live Writer نى قوزغىتىپ،سىنىقىمنى باشلىۋەتتىم.
تورغا چىقىپ ئاختۇرۇپ كۆرۈۋېدىم،بىرمۇنچە ئۇچۇرلارنى كۆردۈم.ئۇچۇرلاردا دىيىلىشىچە،Microsoft Live پىلانىنىڭ بىر قىسمى بولۇش يۈزىسىدىن،Live Writer بولسا ناھايىتى ياخشى لايىھەلەنگەن بلوگ سىرتىدا يازما يېزىش پروگراممىسى بولۇپ،بۇ پروگرامما يالغۇز Microsoft ئۆزىنىڭ Windows Live Spaces بېكىتىنىلا قوللاپلا قالماستىن،يەنە WordPressنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن بلوگ سېستىمىلارنى مەسىلەن:Blogger،TypePad، Movable Type،LiveJournal قاتارلىقلارنىمۇ قوللايدىكەن.
دەسلەپكى قەدەمدە Windows Live Writerنى سىناپ بېقىۋىدىم،شۇ ھامانلا بۇ نەرسىگە ئاشىق بولۇپ قالدىم.
WordPress ئارقا سۇپىسىنىڭ،بولۇپمۇ يازما يېزىش كۆزنىكى مېنى ناھايىتى بىئارام قىلاتتى.ئەمما بۇ كاساپەتنىڭ يازما يوللايدىغان ئورنى مېنى ئۆزىگە تولىمۇ جەلىب قىلدى،خۇددىي Wordتا خەت ئۇرۇۋاتقاندەك ھىسسىياتتا ئەركىن ئولتۇرۇپ خەت ئۇرۇۋاتاتتىم.’
خوش،Wordpress ئىشلىتىۋاتقان ئاتامانىم،سىزمۇ بۇ نەرسىنى ئىشلىتىشكە قىزىقتىڭىز،شۇنداقمۇ؟ئەمىسە،دىققىتىڭىز يازمىنىڭ داۋامىدا بولسۇن!
1. Windows Live Writerنى بلوگىمىزغا ئۇلاش ئۈچۈن،ئاۋۋال ئارقا سۇپىغا كىرىپ <<يىراقتا تۇرۇپ ئېلان قىلىش>>تۈرىدىن Atom يازما يېزىش كېلىشىمى ۋە XML-RPCنى قوزغىتىمىز.تەپسىلىي ئورنى:بلوگ باشقۇرۇش مەركىزى—تەڭشەكلەر—يېزىش— تۇرۇپ ئېلان قىلىش.
2.ئاندىن،Windows Live Writerنى قوزغىتىمىز.قوزغىلىپ بولغاندىن كىيىن،日志 – 添加日志账户 بۇ تەرتىپ بۇيىچە يېڭىدىن بىر ئەزا قۇرىمىز.
3.بۇ يەردىن باشقا يازمىلار مۇلازىمىتى(其他日志服务)نى تاللايمىز.
4.يېڭىدىن ئىشلەتكۈچى بەلگىلەش:بلوگىڭىزنىڭ ئادرىسى،باشقۇرغۇچى،پارول قاتارلىقلارنى كىرگۈزۈڭ.
05.Live Writer بلوگ بىلەن ئۇلىنىۋاتىدۇ…
6.ئەمدى بۇ يەرگە بلوگنىڭ نامىنى يازىمىز.
ماۋۇسى مېنىڭ Windows Live Writerدىمدىكى مەزكۇر يازمىنى يېزىۋاتقاندىكى كۆرۈنۈش،قانداق،پەيزىمىكەن؟

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [مەخپىي رېتسىپ]Blogbusدىن WordPressكە كۆچۈش(دەرسلىك) (1)
- WordPressدە ئىنكاس يازغاندا چىراي ئىپادىسى قوشۇشنىڭ غەيرىي رەسىمىي تەدبىرى (قىستۇرمىسىز) (13)
- [مەخپىي رېتسىپ]WordPressدە ئىنكاسچىلارغا رەسىم قىستۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشنىڭ تەدبىرى (30)
- [تەرجىمە دەرسلىكى] WordPress مۇھىتى ھازىرلاش
- Sinaapp گە wordpress3.3.1 نى قاچىلاش ئۇسۇلى (17)
- [تەسىرات](Günesi gördüm)دىن تۇغۇلغان ئويلار (9)
- ھەزرىتىم،WordPress بلوگىڭىزنى قەرەللىك زاپاسلاپ تۇرامسىز؟ (16)
- ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىدىكى يەنە بىر نەمۇنە-ساز بىلوگ جەمگاھى (10)
- [مەخپىي رېتسىپ] jQuery ئارقىلىق يۆتكىلىشچان ۋىجىت ياساشنىڭ تەدبىرى، ئۆگەنمىگەنلەر ئارماندا!… (12)
- مۇنبەرنى قايتا گۈللەندۈرۈش خىزمىتىگە ئاتلىنايلى! (8)
- WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ ئېچىلماسلىقى ھەققىدە قىسقىچە بايانات (30)
- ۋوردپرەسكە زىيارەت قىلىۋاتقانلار سانىنى چىقىرىشنىڭ تەدبىرى (13)