[مەخپىي رېتسىپ]WordPressدە ئىنكاسچىلارغا رەسىم قىستۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشنىڭ تەدبىرى

831-1

بەزى بلوگگېرلارنىڭ ئىنكاسىغا كۆرە، بلوگ ئىگىلىرىدىن ياردەم سورىغاندا بەزى زۆرۈر رەسىملەرنى ئىسپاتلاپ بېرىش ئۈچۈن بولسىمۇ ئىنكاسچىلارغا رەسىم قىستۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشنىڭ مەلۇم دەرىجىدە زۆرۈرلىكى بارمىش. ھىم، بەلكىم شۇنداقتۇ، شۇ ھامان بىر خەنسوچە بلوگنى زىيارەت قىلىۋېتىپ بلوگگېرنىڭ مۇشۇ تېخنىكىنى تەدبىر ھالىتىدە يوللىغانلىقىنى بايقىدىم. شۇنىڭ بىلەن بۈگۈنكى «ئانا تىل بايرىمى»كۈنىدە «Wordpressدە ئىنكاسچىلارغا رەسىم قىستۇرۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلاشنىڭ تەدبىرى» دېگەن يازما ئاپىرىدە بولدى.

بۈگۈن ھەممە بلوگگېرنىڭ ئانا تىلىدا ساپ سۆزلەردە سۆزلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن …


مەزكۇر تېخنىكىنىڭ بايانى ۋە پايانى

1. تۆۋەندىكى كودنى كۆچۈرۈپ ئېلىپ كومپىيۇتېرنىڭ خاتىرە دەپتىرى(记事本)نى ئېچىپ كودنى چاپلىغاندىن كېيىن  rasim.js دەپ ساقلاڭ ( دىققەت : كېڭەيتىلگەن نامىنىڭ js. بولىشىغا دىققەت قىلىڭ ) :

// 评论贴图   

function embedImage() {   

  var URL = prompt('请输入图片 URL 地址:', 'http://');   

  if (URL) {   

    document.getElementById('comment').value = document.getElementById('comment').value + '[img]' + URL + '[/img]';   

  }   

}   

// 控制贴图大小   

$(document).ready(function() {   

    var maxwidth=500;   

    $(".commentlist img").each(function(){   

        if (this.width>maxwidth)   

         this.width = maxwidth;   

    });   

}); 

ئىزاھات : باشقا مەسىلىلەرنىڭ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ( ئاساسلىقى قالايمىقان كود چىقىشنىڭ) كود تۈرلىنىشى utf-8 دەپ ساقلاڭ. ياكى كود قويۇلغان تەييار ھۆججەتنى بۇيەرنى بېسىپ بىۋاستىلا چۈشۈرۈڭ.

2. يۇقارقى rasim.js ھۆججىتىنى بوشلۇقنى ئېچىپ، ئۇسلۇب فولدىرىنىڭ ئىچىگە يۈكلىۋېتىڭ.

3. تۆۋەندىكى كودنى ئۇسلۇب بەت بېشى ھۆججىتى(header.php)نىڭ كودىنىڭ ئاستىغىلا قويۇڭ :

4. تۆۋەندىكى كودنى ئىنكاس بېتى ھۆججىتى(comment.php)نىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويۇڭ :

تۆۋەندىكىسى ئۇيغۇربەگنىڭ سىناق مەزگىلىدە ئورناتقان ئۈلگە كودى :

 ( تېزلەتمە كۇنۇپكا:Ctrl+Enter )

       

شۇنىڭ بىلەن ئۈنۈمى تۆۋەندىكىدەك بولغان بىر ئىقتىدار بلوگغا قوشۇلىدۇ :

resimtobloggers

بۇ ئىقتىدارغا ئىنكاسچىلار ئىنكاسىغا رەسىم قىستۇرۇپ يوللىيالايدۇ.

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن


30 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • دىۋان يەنە مىنىڭ بوپتۇ. ;-) بىلوگۇمغا ئىنكاسچىلار پەيدا بولغاندا قىلىپ باقاي. رەھمەت سىزگە.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.21

      تۇرايىمىزدا دىۋان كەڭتاشا، تارتىنماي ئولتۇرۇۋېرىڭ! :razz:

  • ئىزتىل | 2012.02.21 جاۋاب

    بۇلىدىغان ئۇسۇلكەن ماۋۇ ؟!!!!

  • ئىزدەن | 2012.02.21 جاۋاب

    ماۋۇ ئىنكاس رايونىغا رەسىم يوللىغىلى بولمايدىكەن ھە!…

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.21

      مەن سىناق ئۈچۈن قىلىپ باققان، ئەمما كۆزۈمگە سىغماي يەنە ئېلىۋەتتىم، كېرەكلىكلەر پايدىلانسۇن دېدىمغۇ! لول لول…

  • كۆنچى | 2012.02.21 جاۋاب

    ئۇزۇن بوپتىكەن ماۋۇ كونا كەپەيڭگە كەلمىگىنى.تەتىلدىن كىيىن يوقلا ئۈتەي دىدىم،

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.21

      دىدار غەنىمەت ئىنى، قانداقراق ئىشلار ؟ دوقمۇشدا چاي ئىچىدىغانلار قالمىغىلى تۇردى ئاۋا!

  • لول لول نەچە گەپ ئەمدى بۇ

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.21

      تور تىلى، كۈلگەن چىراي ئىپادىسىنى بىلدۈرىدۇ :mrgreen:

  • تاتلىق | 2012.02.21 جاۋاب

    بولىدىغان تېخنىكىكەن! رەھمەت سىزگە! :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.21

      تاتلىق تاتلىق گەپلىرىڭىزگە رەھمەت، تورخۇمارنىڭ دىبىنى :|

  • ۋەتەن | 2012.02.21 جاۋاب

    گۈزەل بولاي دەپ تارتىنماي ئىنكاس يازدىم :roll:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.21

      ئورۇقلاي دېسىڭىز يازما يوللاڭ…لول لول لول…

  • پاھ! بىر قانچە كۈن بەگلىككە ئۆتەلمىسەم نۇرغۇن ئۇسۇللار چىقىپتۇ! يېقىندىن بېرى مۇشۇنداق خەنچە بىلوگلاردىكى تەرجىمە تېخنىكىلار كۆپىيىپ قالدى. لېكىن كۆپۈنچىسىدە يازمىنى ئوقۇغۇچىغا قارىتا بىر خىل تومتاق ۋە چۈشۈنىكسىز تەسىر بېرىش ئەھۋالىرى ئېغىر. بۇ تېخىنىكا ناھايىتى ياخشى ۋە جايىدا تەرجىمە قىلىنىپتۇ. بۇنىڭدىن كېيىن بىلوگ تېخنىكىلىرىنىڭ مۇشۇنداق يېزىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.24

      بىز ئۇدۇل تەرجىمە قىلىپلا يوللاپ قويمايمىز، بىر قانچە جايدا سىناق قىلىپ ئۈنۈمىنى كۆرگەندىن كېيىن، تىلىنىڭ چۈشۈنۈشلۈك بولىشى ئاساسىدا يوللايمىز، :mrgreen: شۇڭا بلوگىمىزغا كەلگەنلەر يەنە كېلىپ، يەنە كېلىپ، يەنە كېلىپ…خۇمار بولۇپ قالىدۇ. ئاستا WordPressخۇمار دەپ بىر بلوگ قۇرىدىغان ئىشمىكىن يا! :mrgreen:

    • چەۋەندازلار | 2012.02.24

      قوللايمەن :mrgreen:

  • heweskar | 2012.02.22 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ئۇسلۇب فولدىرىنىڭ بۇ گەپنى ئانچە چۈشەنمىدىمغۇ ؟؟ بۇ ئۇسلۇب فولدىرىنىڭ دىگەن قايسى ھۆججەتنى كۆرسىتىدۇ ؟؟
    كەچۈرۈڭ مىنىڭ تور ئىشلىرىغا دائىر بىلىمىم ئاساسەن يوق دىيەرلىك . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئاتالغۇلارنى ئانچە چۈشەنمەيدىكەنمەن .
    مەن بۇنى سىنا ھەقسىز بوشلۇقىغا قۇرغان بلوگىمغا سىناپ باقاي دىگەنتىم .

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.23

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، فولدېر بىز نورمال ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ھۆججەت قىسقۇچ(文件夹)نىڭ ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى…

  • heweskar | 2012.02.22 جاۋاب

    ئۈستىدىكى مۇۋاپىق ئورۇنغا قويۇڭ دىگەندىكى مۇۋاپىق دىگەننى قانداق چۈشەنسەم بولىدۇ . ئۇ كودلارنى خالىغان يەرگە قويۇپ قويسام بولامدا ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.23

      قانداق چۈشەندۈرسەم بولا…ھىم، مەسىلەن : دوپپىنى باشقا كىيىمىز، پايپاقنى پۇتقا كىيىمىز، كودنىمۇ شۇنداق، ئۆزىنىڭ مۇۋاپىق ئورنىغا قويىمىز، بولمىسا چاتاق چىقىدۇ…

  • ئەلكۈن | 2012.02.23 جاۋاب

    ئادرېس ئارقىلىق قوشامدۇ؟ بوشلۇققا بىۋاستە يوللىنىدىغان تېخنىكىنى كۈتۈپ تۇرسام بولغۇدەك :|

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.23

      بوشلۇققا بىۋاستە يۈكلەشنىما؟ ما ئىشنى، ئۆگىنەيلى، ئۆگىنەيلى…

  • izdan | 2012.02.25 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئۇسۇلemlogسۇپىسىدىم ئىشلەمدۇ ؟ مەن سىناپ باقسام ‹‹رەسىم يوللاش ››دىگەن خەتلەر چىقتى ئەمماrasim.jsنىڭ ئۇلىنىشىنى توغرا قىلالمىغان ئوخشايمەن.3-باسقۇچنى نىڭ قەيىرىگىرەك قويساق بولىدۇ شۇنى تازا قاملاشتۇرالمىدىم

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.25

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام…
      مەزكۇر تېخنىكىنى مەن ۋوردپرېسدىلا سىناپ بېقىپتىمەن، ئەمما emlogدە سىناپ باقمىدىم…

  • مەن بلوگىمغا سىزنىڭ دېگىنىڭز بويىچە قوشقان ئىدىم، بەلكىم بىر باسقۇچ خاتا بولسا كېرەك. rasim.js نىڭ ئورنى خاتامىكىن بىلمىدىم، رەسىمنىڭ ئۆزى چىقماي ئادرېسى چىقىۋالدى.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.29

      نۇرتېكىن بىلەن ئوخشاش مەسىلە ئىكەنغۇ، بۇ زادى قانداق ئىش بوپ كەتتى! :o

  • nurtekin | 2012.02.28 جاۋاب

    قىستۇرسام رەسىم كۇرۇنمەي پەقەت ئادرىسىلا كۇرۇنىۋالدى،مۇنداق:[img]http://www.xxxxx.com/01.JPG[/img]،قانداق قىلسام رەسىمىمۇ كۈرۈنەر،يول كۆرسەتسىلە بىگىم!!!

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.29

      سېستىمىنىڭ نەشىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوخشىمامدۇ؟ مەن سىنىغان سېستىما نەشىرى 3.0.2 ئىدى :o

  • يارقىن | 2012.04.23 جاۋاب

    رەخمەت مەنمۇ قىلۋالدىم . . .

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif