input كىرگۈزۈش رامكىسىدىكى سۈكۈتتىكى خەتنى كۆرسىتىش ۋە يۇشۇرۇش

ماۋزونى ئوقۇپ بولۇپ بۇ «قانداق گەپتۇ» دەپ ئويلاپ قالغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، بىراق دوستلارنىڭ ئۈنۈمنى كۆرگەندىن كېيىن چوقۇم ھېس قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەزكۇر بلوگنىڭ ئۈستى تەرىپىدە ئىزدەش input رامكىسى بولۇپ، ماۋۇسنى رامكىغا ئېلىپ كېلىشتىن بۇرۇن ئۈستىدە «ئىزدەش» دېگەن خەت كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئەمما ماۋۇسنى ئۈستىگە ئېلىپ كېلىپ تۇنجى ھەرىپنى يازغاندا «ئىزدەش» دېگەن خەت كۆرۈنمەيدۇ دە سىز يازماقچى بولغان خېتىڭىزنى يازىسىز، ئەمما بۈگۈن سۆزلىمەكچى بولغان input ئىزدەش رامكىسىغا ماۋۇسنى ئېلىپ كېلىپ بىرنى چەكسىڭىز خەت يېزىشىڭىزنى ساقلاپ تۇرمايلا سۈكۈتتىكى خەت كۆرۈنمەيدۇ، ئەلۋەتتە بۈگۈن كەينىدىكى ئۈنۈمنى سۆزلەيمىز.

90% تور بەتلەردە ئىزدەش رامكىسى، تىزىملىتىش رامكىسى قاتارلىقلا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇلدا يېزىلغان، تۆۋەندىكى ئۇسۇلدا javascript نى html نىڭ ئىچىگىلا يېزىپ ئۈنۈمگە ئېرىشىدۇ، خۇددى style نى html نىڭ ئىچگە يېزىپ قويغانداك، ئەلۋەتتە بۇ خىل ئۇسۇل W3C نىڭ ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلسىمۇ مەن يەنىلا ئامال بار ئايرىپ يېزىشنى ياقتۇرىمەن.

<input type="text" value="Birni Chekseng Ochimen" onfocus="if(this.value == 'Birni Chekseng Ochimen') this.value = ''" onblur="if(this.value == '') this.value = 'Birni Chekseng Ochimen'" />

ئايرىپ يېزىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى 3 باسقۇچنى بېسىپ ئۆتسىڭىزلاز كۇپايە.

html كودى

 type="text" id="input_test" value="ئىزدەش" />

jQuery كودى

<script type="text/javascript" src="http://ajax.googleapis.com/ajax/libs/jquery/1.7.2/jquery.min.js"></script>

script نى ئىجرا قىلىش

$(function() {
    var inputEl = $('#input_test'),
        defVal = inputEl.val();
    inputEl.bind({
        focus: function() {
            var _this = $(this);
            if (_this.val() == defVal) {
                _this.val('');
            }
        },
        blur: function() {
            var _this = $(this);
            if (_this.val() == '') {
                _this.val(defVal);
            }
        }
    });
})

ئۈنۈمىنى كۆرۈڭ

كۈچەپ بېسىڭ



无觅相关文章插件,快速提升流量


3 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئالپبەگ | 2012.12.17 جاۋاب

    دىۋاندا ئولتۇرۇپ ئاندىن ئوقاي :lol:

  • روھچىن | 2012.12.17 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بەگ بۇرادەر ئۇيغۇر بەگ بلوگىنىڭ ئالدىنقى 10 بلوگنىڭ قاتارىغا كىرگەنلىكىدىن ناھايىتى خۇشال بولدۇم. شۇنداقلا مىنىڭ بلوگىمنىڭمۇ 16- قاتارغا كىلەلىگەنلىكىمۇ سىلىنىڭ ئەجىرىڭلىدىن بولدى. مەن بلوگچىلىق ساھەسىگە كىرگەندە ھېچ نىمە بىلمەيتتىم. تەدبىركار، ئۇيغۇر بەك، پېرىستانلارنىڭ زىرىكمەي گىپىمنى ئاڭلاپ، بىلمىگەن يەرلەرنى ئۈگۈتۈپ، قىلالمىغاننى قىلىپ بىرىپ ھارماي يىتەكلەپ بۈگۈنكىدەك تاللانغان 20 بلوگىنىڭ قاتارىغا ئەكىردىڭلا بۇ يەردە بلوگنىڭ تاللانغانلىقىنى مۇبارەكلەش بىلەن، نەچچە يىلدىن بىرى مەندەك ساۋاتسىز بلوگگىرلارغا سىڭدۈرگەن ئەجىرىڭلارغا مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. رەھمەت سىلەرگە

  • ش.ئە.ئۇيغۇرى | 2012.12.22 جاۋاب

    ئالدى بىلەن پرېستان ۋە ئۇيغۇربەگ ھەمكارلىقىدىكى ئۇيغۇربەگ تۇرايىنىڭ 2012-يىللىق نادىر بلوگ قاتارىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، ئاخىرىدا بۇنى مەنمۇ سىناپ كۆرەي بلوگومدا، گەرچە كودتىن كۆپ خەۋىرىم بولمىسىمۇ ;-)

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif