[ئويلىنىش]Pjblog4 دەۋرىگە قاچان كىرەرمىز؟

بلوگ يېزىش تۇرمۇشىمنىڭ-ئالىي مەكتەپ ھاياتىمدىكى بىر ئەھمىيەتلىك ئىشقا ئايلىنىپ قالغانلىقىغا ئۆزەممۇ ھەيران.دەسلەپتە بلوگباسنىڭ ئىچ-تېشىغا ھەۋەس بىلەن كىرىپ قېزىپ چىقىپ،بۇ سىرلىق بلوگ سۇپىسىغا ناھايىتى مەپتۇن بولۇپ قالغانىدىم.خۇددىي،جېك تور خاتىرىسىدە ئېيتىلغاندەك مەنمۇ بىر بلوگ بېسىمىغا گېرىپدار بولغان ئىدىم،توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنيادا،ئۆزۈمنىڭ قىممىتىنى خۇددىي بلوگ ئارقىلىق تېپىۋاتقاندەك ئاجايىب ھىسلارغا چۈمۈلگەن ھالدا بلوگ يېزىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتىم...

كۈنلەرنىڭ بىرىدە،ئۆزۈمنىڭ بلوگخۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى ھىس قىلدىم،دەرسدىن بوشىغان چاغلىرىمدا،ئىچىم پۇشقان،ئاچچىقىم كەلگەن،زىرىككەن چاغلىرىمدا ئۇدۇل بلوگىمنى ئېچىپ بلوگنىڭ ئۇيەر،بۇ يەرلىرىنى چۇقچىلاپ باقىدىغان بولدۇم،بۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا بەزى بىلىملەرگە ئىگە بۇلىۋاتاتتىم.

ئاخىرى بىركۈن،بلوگباس تورتۈزەش ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە بىرمەزگىل تاقىلىپ قالدى،بۇ ئىش كاللامغا تەسىرقىلىپ بلوگباسقا نىسپەتەن بىرخىل ئەنسىرەش پەيدا بولۇپ قالغانىدى،ناۋادا مىڭبىرجاپادا يازغان نەرسىلىرىم بۇ كالامپاي بىلەن تەڭ يوقاپ كەتسە قانداق قىلارمەن دىگەن ۋەسۋەسىدە ئۆزۈمنىڭ يېڭى بىر ھاياتىنى،يەنى Pjblog ھاياتىمنى باشلىۋەتتىم.

كۈنلەر ياخشى باشلاندى،Pjblog3 بىلەن خۇشال ئۆتۈۋاتقان بولساممۇ،بۇ بلوگ سۇپىسىدىن بەكمۇ مىننەتدار بولۇپ كەتمىدىم،گەرچە بۇ نورمال ئىھتىياجىمنى قامداپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ،ئەمما يېڭىلىققا قىزىقىدىغان يۈرەك ئۈچۈن بىرئىزىدا توختاپ قالغان سۇدەك تەسىر بىرەتتى،نەچچە قېتىم WordPress ياكى Z-blogغا كۆچۈپ كىتەي دىگەن نىيەت بولدىيۇ،بۇ قەدىناسىمدىن ئوڭايلا ۋاز كەچكۈم كەلمىدى،شۇنداق كۈنلەرنىڭ بىرىدە Pjblog4 نىڭ ئېچىلىۋاتقانلىق ئۇچۇرى كەلدى،شۇنىڭ بىلەن ماڭا ئۈمىد كەلدى.بۇ يېڭى بلوگنىڭ تارقىتىلىشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتتۈم...

بىر ئاي ئۆتتى،بۇ كاساپەتتىن ھىچ خەۋەر يوق،ئىككى ئاي،ئۈچ ئاي...تۆتىنچى ئېيىغا كەلگەندە ئۇ ئاخىرى ئۆزىنى كۆرسەتتى. ئاچقۇچى تەرەپ تورداشلارنىڭ قىزغىنلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن Pjblog4نىڭ ئارقا سۇپىسى كۆرۈنۈشىنى ئېلان قىلدى،ئەمما...ئالدى بەت كۆرۈنۈشى قاچان پۈتەر،بۇ يەنىلا بىر سىر بولۇپ كىشىلەرنى قىزىقتۇرۇشقا باشلىغانىدى.مەن ئارقا بەت كۆرۈنۈشى كۆرۈپ چىققاندىن كىيىن،بۇ يېڭى بلوگ سۇپىسىنىڭ چۇقۇم بىردەۋىرلىك يېڭىلىق ئېلىپ كېلەلەيدىغانلىقىغا چىن پۈتتۈم.ئاچقۇچى تەرەپنىڭ بايان قىلىشىچە،ھازىر ئۇلار ھەدەپ بۇ سېستىمىنىڭ قىستۇرما،ئۇسلۇب بۆلەكلىرىنى تەتقىق قىلىۋېتىپتىمىش،قېنى ئۇلار داۋاملاشتۇرۇپ ماڭسۇن،بىزمۇ بۇ يەردە تەخىر قىلىپ كۈتەيلى ۋە ياكى باشقىچە ئۇسۇل ئارقىلىق Pjblog4نى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ تۇرايلى!...

ئارقابەت كۆرۈنۈشلىرىدىن :


1 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif