[مەخپىي رېتسىپ] WordPressدە بارلىق ئۇلانمىلارنى يېڭى كۆزنەكتە ئېچىشنىڭ ئىككى تەدبىرى

65-1

ئالدىنقى كۈنلەردە چەۋەندازلار بلوگىنىڭ ئاپتورى WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىدە يوللىغان ئوخشاش تېمىسىدىكى يازمىسىدىن كېيىن، كەمىنە ئۆزىمىزدىكى بىر قىسىم بلوگلارغا قوللىنىپ كەلگەن ئىككى تەدبىرنى بلوگگېرلار بىلەن ھەمبەھىرلەپ بېقىشقا تىرىشتىم. ئىشىنىمەنكى، بۇ ئىككى تەدبىر ئارقىلىق بلوگىڭىزنىڭ pivسىنى ئاشۇرۇشقا قادىر بولالايسىز، ئەمىسە، دەرسخانىغا مەرھەمەت! …


1 – تەدبىر : مۇشەققەتلىك ئەمما تەۋسىيە تەدبىر

ئۇسلۇبنىڭ بارلىق ھۆججەتلىرى جۈملىدىن ئىدېكىس ھۆججىتى، ئارخىب ھۆججىتى، يەككە يازما، ئىزدەش بېتى، بەت قاتارلىق ھۆججەتلەردىن تۆۋەندىكى كودنى تېپىڭ :

ئاندىن بۇ كودنى تۆۋەندىكى كودقا بىر-بىرىلەپ ئالماشتۇرۇڭ :

ئىزاھات : ئالماشتۇرۇلغان كودقا دىققەت قىلسىڭىز يېڭىدىن target=”_blank” دېگەن كودنىڭ قوشۇلغانلىقىنى كۆرىسىز، ھالبۇكى، بۇ كود html ئۆگەنگەن ۋاقتىڭىزدا ئۇچرايدۇ، يېڭى كۆزنەكتە ئېچىش بۇيرۇقىنى كۆرسىتىدۇ.

شۇنداق قىلىپ بىرىنچى تەدبىر تۈگىدى، بۇ تەدبىرنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى ھەر بىر ئۇلىنىش ئايرىم-ئايرىم يېڭى كۆزنەكتە ئېچىلىدۇ، كەمچىلىكى ئۆزگەرتىدىغان ھۆججەتلەر سەل كۆپرەك، ئەمما pivسىنى ئاشۇرۇش ئۈنۈمى ھەممىدىن ياخشى. شۇڭا ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى بۇ تەدبىرنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇ!

2- تەدبىر : قولاي ۋە قولاي تەدبىر

ئۇسلۇبنىڭ بەت بېشى ھۆججىتى(header.php)نى ئېچىپ تۆۋەندىكى كودنى ھۆججەتتىكى خەتكۈچىنى كەينىگىلا قويۇڭ :

ئىزاھات : بۇ تەدبىرنىڭ ئارتۇقچىلىقى شۇكى بىر قەدەر قولاي، ئەمما كەمچىلىكى شۇ يەردىكى بىر بەتتىن پەقەت بىر تاللا يېڭى كۆزنەك ئاچالايسىز، ئىككىنچى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنلىرى ئالدىدا ئېچىلغان كۆزنەكنى يېڭىلاپ باشلىنىپ كېتىدۇ.

يازما يارىغان بولسا ئېلان چىكىشكە قاراپ ئاتلىنىڭلار باللا…捧腹大笑


16 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئۇدۇن | 2012.02.18 جاۋاب

    بۇ يازمىنى بىر يەرلەردە كۆرگەندەك قىلىمەن!

  • بۇلىدىغان ئۇسۇلكەن. مەن سىناپ باقاي. ئۇستاز مۇشۇ ئىنكاس كۆزنىكدىكى ‹گۈزەل بۇلاي دىسىڭىز تارتىنماي ئىنكاس يېزىڭ› دىگەندەك خەتنى قانداق چىقىرىمىز. بولسا مۇشۇنى بىر ئۈگۈتۈپ قويسىڭىز.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.18

      «WP تېخنىكىسى»نى قېدىرسىڭىز چىقىدۇ! :mrgreen:

  • ئالپبەگ | 2012.02.18 جاۋاب

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئۇيغۇربەگ ئەپەندى. مەن بىرنەچچە كۈن بۇرۇن بىر بلوگ قۇرغان ئىدىم، ئېئوتنى بىرئاماللارنى قىلىپ تونۇتقن چىرايمۇ تۇرىمەن… ئەمما ie6 دە ئاچسام خەتلەر نورمال كۆرۈنمىدى، سوگۇ كۆرگۈچىسى ۋە باشقا چەتئەلكاملارنىڭ كۆرگۈچىلىرىدە خەتلەر نورمال كۆرۈندى. بلوگىمنى كۆرۈپ باقسىڭىز ئېئوت تونىدىمۇ يوق بىلمىدىم :?:
    http://www.alpbeg.com سىزنىڭ بلوگىڭىز ie6 دىمۇ نورمل ئىشلەۋېرىدىكەن… ئەجىبا بۇنىڭ رېستىبى بارمۇ – يا؟ :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.19

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سېپىمىزغا قوشۇلغانلىقىڭىزنى قىزغىن ۋە دەھشەت قارشى ئالىمىز بارغۇ! :grin:
      گەپكە كەلسەك، مەندە ئۇيغۇرچە فونتلار بار بولغاچ بلوگىڭىز مەندە دەھشەت شاش كۆرۈندى، تۇرايىمىزدىكى رېتسىپقا كەلسەك ئاۋۇ ئۈستى سول تەرەپتىكى جايغا eot دەپ يازسىڭىز ئۈنۈمىنى كۆرىسىز! :oops:

  • تاتلىق | 2012.02.18 جاۋاب

    مانا مەن پەتىلەپ كەلدىم!! ياخشى يازما :idea:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.19

      مەنمۇ پەتىگە ماڭدىم، تورخۇمارنىڭ دىبىنى… :oops:

  • ئالپبەگ | 2012.02.20 جاۋاب

    بولمىسا ئېئوتنى سىزنىڭ دەرسلىكىڭىز بويىنچە تونۇتقان. يەنە بىر سوراپ باقسام قانچە تال ئېئوت ھۆججىتىنى بىرلا ۋاقىتتا قويغىلى بولىدۇ؟ ھەجەپ بىمەنە تۇيۇلدى بۇ سوئالىم :lol: شۇنداقتىمۇ سوراۋەردىم ئەمسە :razz:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.21

      بولىدۇ. ئەمما ئوخشاش فونتنىڭ ئۈنۈمى بىر خىل بولىدۇ، ئوخشىمىغان فونىتنىڭ ئېئوت ئۈنۈمى ئوخشىمىغان بولىدۇ، شۇڭا بىر تاللا ئىشلىتىپ تۇرسا ھەق…

  • يادىكار | 2012.02.21 جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! بىرىنچى تەدبىر بويىچە <> كۆرسېتىلگەن كودقا ئالماشتۇرۇش مەشغۇلاتىنى تاماملىغان بولساممۇ ئۇلانمىلار ئايرىم بەتتە ئېچىلمىدى. سەۋەبىنى بىلەلمىدىم.كۆرسەتمە بېرىلسە.

  • بۇمۇ بولىدىغان ئۇسۇلكەن. مەن كۆرسەتكەن ئۇسۇل Chrome دا نورمال قانچە ئۇلانمىنى چەكسە شۇنچە كۆزنەك ئېچىلىدۇ. باشقا توركۆرگۈچلەردە مۇشۇنداق ئەھۋال كۆرۈنىدىغان ياكى كۆرۈنمەيدىغانلىقىغا دىققەت قىلماپتىمەن.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.21

      ئەمما لېكىن، نۇرقۇتتىكى بىر يازمىدا ئېيتىلغاندەك بۇمۇ ھۆججەتتىكى مەلۇم كود بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەن…

  • مەنمۇ بۇ ئۇسۇلدىن ئۈنۈملىك پايدىلاندىم. قارىشىم چەۋەندازنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئىكەن. مەن ئادەتتە كۆپرەك Chrome نى ئىشلىتىمەن. بۇنىڭدا ناھايىتى نورمال. قانچىنى ئاچساق شۇنچە بەت ئېچىلىدۇ.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.22

      بىرىنچى ئۇسۇلنىڭ پىرىنسىپى ئوخشاش…

  • تورسودا | 2012.05.25 جاۋاب

    ھەقىقەتەن ياخشى ، بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك ھەم ئۆزۈم ئىھتىياجلىق بولغان بىلىمگە ئىگە بولدۇم، كاتتا رەھمەت بۇرادەر ;-)

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif