- سەھىپە:بلوگشۇناسلىق تەتقىقاتى
- | باھا:24
- | زىيارەت: 2,700 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، ئۇيغۇر, ئۇيغۇربەگ, بلوگ, بلوگشۇناسلىق تەتقىقاتى
خوش، ئالدىنقى قېتىملىق يازمىمىز «[بلوگگېرلار چايخانىسى]ئۇيغۇربەگدىن ھەر قايسى بلوگگېرلارغا ساۋاق ۋە نەسىھەت (1)»دە ئېيتقاندەك بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈردۈق، تالاپەت ھەقىقەتەن ئېغىر بولدى. يەنە بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىقتىن ئامان قېلىش ئۈچۈن، بوشلۇق ۋە سانداننى ئالماشتۇردۇق. بۇ يازمىمىزدا بۇ قېتىملىق ئاپەتتىن كېيىن كەمىنىنىڭ يەكۈنلەپ چىقارغان ئۈچ مۇھىم نۇقتىسىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز. ھەر قايسى بلوگگېرلار جىددىي قۇلاق سالغايسىزلەر!
1. ئالغان بوشلىقىڭىز «ئەركەك»مۇ «چىشى»مۇ؟
مېنىڭ ئالدىنقى قېتىم ئالغان بوشلۇقۇم «چىشى» چىقىپ قالدى، بۇ قېتىم يېڭىدىن «ئەركەك»بوشلۇق ئالدىم. تەۋسىيە «ئەركەك» بوشلۇق ئېلىڭ.
خوش، قانداق بوشلۇقلار «ئەركەك» بوشلۇقلار؟
1) ناۋادا سىز بلوگىڭىزنى WordPress ئارقىلىق قۇرغان بولسىڭىز، Linux مۇھىتىدىكى بوشلۇق ئەركەك، Windows مۇھىتىدىكى بلوگ چىشى. چۈنكى WordPress دېگەن بۇ سېستىما Linux مۇھىتىدا ئالامەت پەيزى ئىشلەيدىكەن.
2) بوشلۇقىڭىزنىڭ قەرەللىك زاپاسلاش مۇلازىمىتى بارمۇ يوق، ناۋادا قەرەللىك زاپاسلاش مۇلازىمىتى بولسا بوشلۇقىڭىز ئەركەك، بولمىسا چىشى.
3) بوشلۇقنىڭ سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمىتى قانداق؟ بوشلۇق ۋە ياكى سانداندىن كاشىلا كۆرۈلسە، ئۇلار شۇ ھامان ئوڭشاپ بېرەمدۇ؟ ناۋادا سېتىشتىن كېيىنكى مۇلازىمەت ناچار بولسا بۇ بوشلۇق چىشى، ياخشى بولسا ئەركەك. ئەركەك-چىشى ئىكەنلىكىنى قانداق ئايرىيسىز؟ ئەڭ ئاددىيسى، ئۇ ئاداش توردا دائىم بارمۇ-يوق؟ ئوخشاش مەسىلىنى ئۈچ قېتىم سورىسىڭىز تېرىكمەي چۈشەندۈرۈپ بەرسە ئۇ ئەركەككەن!
ئەركەك بوشلۇق ئالغان بولسىڭىز، مۇبارەك بولسۇن! تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىنى كۆرمەيلا ئىنكاس يېزىۋەتسىڭىز بولىدۇ. چىشى بوشلۇق ئالغانلار يازمىنىڭ داۋامىغا نەزەر سالغايسىزلەر!
2. خوش، بوشلۇقۇم «چىشى» چىقىپ قالدى، قانداق قىلىشىم كېرەك؟
سىزمۇ مەندەك «ئەرزان» بوشلۇق ئىزدەپ، «چىشى»بوشلۇق ئېلىپ قالغان بولسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ خوش، تەقدىرگە تەن بېرىپ، ئۆزىمىزنىڭ «ئەركەك»لىكىنى نامايان قىلىش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن قەرەللىك ھالدا زاپاسلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك. زاپاسلاش ئىككى جەرياننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئىككىنچى قەدەم FTP ئارقىلىق زاپاسلاش، بىرىنچى قەدەم سانداننى زاپاسلاش.
ئاۋۋال، ئىككىنچى قەدەمنى بېسىپ ئۆتەيلى.
1) FTP قوراللىرى ئارقىلىق بوشلۇقىڭىزنىڭ FTP قىسمىغا ئاتلىنىڭ.
2) ئاندىن، wp-content دېگەن بۇ فولدېر(ياكى ھۆججەت قىسقۇچ)نى كومپىيۇتېرىڭىزغا چۈشۈرۈۋېلىڭ.
3) تامام، كېيىن بلوگدىن چاتاق چىققاندا، ئاۋۋال مۇشۇ فولدېرنى بوشلۇققا يوللاپ، ئاندىن WordPressنى قايتىدىن قاچىلاش مەشخۇلاتىنى ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ.
ئەمدى بىرىنچى قەدەمگە مەرھەمەت!
1) phpMyAdmin مەركىزىگە ئاتلىنىڭ.
2) ئاندىن ئېكىسپورتلاش(导出)نى بېسىڭ.
3) ئاندىن 导出方式دىن مۇۋاپىق قارىغىنىڭىزنى تاللاپ، ئىجرا قىلىڭ.
4) سىزگە كېڭەيتىلگەن نامى .sql دېگەن بىر ھۆججەتنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئۇنى ياخشى ساقلاڭ.
5) ناۋادا، پاجىئە يۈز بېرىپ، ساندانىڭىزنى يوقاتسىڭىز ئىككىنچى قەدەمنى بېسىپ بولغاندىن كېيىن، يۇقارقى رەسىمنىڭ يېنىدىكى ئىمپورتلاش(导入)نى بېسىپ، ئالدىدا ئېكىسپورتلىغان ھۆججەتنى كىرگۈزۈپ سانداننى ئەسلىگە كەلتۈرۈڭ.
ئەلۋەتتە، سانداننى بۇنىڭدىنمۇ قولاي باشقۇرىدىغان باشقا بىر قولاي قىستۇرمىلار بار، بىرى تور تۇرايىمىزدا بۇرۇن يوللانغان «ھەزرىتىم،WordPress بلوگىڭىزنى قەرەللىك زاپاسلاپ تۇرامسىز؟»دېگەن يازمىدا، يەنە بىرى كۆككەپتەر ئاغىمىزنىڭ «كۆك كەپتەرنىڭ WordPressنى ئاپتوماتىك زاپاسلاش ھۈنىرى» ناملىق يازمىسىدا تىلغا ئېلىنغان، ۋەھشىي دىققەت قىلغايسىز! قالغىنىنى شۇ يازمىدا تەپسىلىي بايان قىلدۇق.
3. RSS ئادرېسىڭىز مۇقىم بولسۇن!
RSSنىڭ قانداق نېمە ئىكەنلىكىنى ئاۋۋال خالاستان بلوگىدا ئېلان قىلىنغان تۆۋەنىكى يازمىغا دىققىتىڭىزنى ئاغدۇرۇڭ. مەنزىل:
بۇ قېتىم ئۇيغۇربەگ تور تۇرايىنىڭ يازمىلىرىنى قۇتبىلىك ئاغامنىڭ GOOGLE READERسىدىكى ئاتوم تەرمەچلىرىدىن تېپىپ چىقتۇق. نورمالدا، بلوگىڭىزنىڭ يازما-ئىنكاسلىرىنى GOOGLE READERدەك ياخشى قوراللارغا مۇشتەرى قىلىپ قويۇڭ. نورمالدا، باشقا سەۋەب بولمىسا بلوگىڭىزنىڭ RSS ئادرېسى مۇقىم بولسۇن!
ئاخىرىدا، ھەر قايسى ئۇيغۇر بلوگلىرىغا ئۇزاق مەزگىللىك ئەمىنلىك تىلەيمەن شۇنداقلا بلوگنىڭ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى ياخشى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن! خەيىر…ئىنكاسىمىزدا كۆرۈشەيلى!
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- WordPress نىڭ Embed ئىقتىدارى ئارقىلىق Youku دىكى فىلىملارنى يازمىغا قىستۇرۇش (29)
- [WordPress تېخنىكىسى] قىستۇرمىدىن خالىي چىراي ئىپادىسى ئۈنۈمى ھاسىل قىلىش (1)
- WordPress ئۆزى تەمىنلىگەن فۇنكىسىيەلەر ئارقىلىق بېكەت ئۇچۇرلىرىنى ستاتىستىكىلاش (8)
- WordPressدە رەڭدار خەتكۈچ ئۈنۈمىنى ھاسىل قىلىشنىڭ ئىككى تەدبىرى (10)
- « 58- نۆۋەتلىك بېرلېن ئەڭ نادىر قىسقا فىلىم مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن نادىر فىلىم – پەلەك (13)
- Windows8نىڭ 248 يۈئەنلىك ھەقىقىي نەشىرىنى تېخى سېتىۋالمىدىڭىزمۇ؟ 30 كۈنلۈك مۆھلەت قالدى… (14)
- WordPress كە كۆپ دانە ئۆزى بەلگىلىگەن تىزىملىك ئىقتىدارنى قوشۇش (14)
- WordPress ئويناۋاتقانلارغا بىر قانچە تەۋسىيە بېكەت، چوقۇم سىز دائىم كىرىپ تۇرىدىغانلىرى بار… (8)
- بۇ قېتىم مەنمۇ قاراپ ئولتامىدىم، ئىجادىي بولمىسىمۇ ئۆزلەشتۈرمە ئۇسلۇب تارقىتىمەن، نامى: D4 (94)
- Windows بوشلۇقىدا ساختا تىنچ بەت(伪静态) ھاسىل قىلىشنىڭ تەدبىرى (15)
- [مەخپىي رېتسىپ] jQuery ئارقىلىق يۆتكىلىشچان ۋىجىت ياساشنىڭ تەدبىرى، ئۆگەنمىگەنلەر ئارماندا!… (22)
- WordPressدىكى خەتكۈچ ۋىجىتىدە خەتكۈچدىكى يازما سانىنى كۆرسىتىشنىڭ تەدبىرى (13)