تور بېكەتنىڭ باشقىلارنى جەلپ قىلالماسلىقىدىكى يەتتە سەۋەب<

image

ئەگەر سىز بىر ئەركىن كەسىپتىكى خادىم بولسىڭىز، تور بېكەت سىز ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بولغان تىجارەت قورالى ھېسابلىنىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇ سىزنىڭ سېتىش ۋاكالەتچىڭىزگە ئوخشاش خېرىدارلارنى جەلپ قىلالايدۇ. شۇنداق دېيىشكىمۇ بولىدۇكى، ئەگەر سىزنىڭ تور بېكىتىڭىز مۇناسىپ ھالدا مەزمۇن تەمىنلىيەلىسە، مۇناسىپ تورداشلارنى جەلپ قىلالايدۇ. بۇ ھەقىقەتەن ناھايىتى توغرا تاللاش، ھەم سىزنى ھەقىقىي خۇشال قىلالايدۇ. ئەمما ، بىز ئۇزۇن يىللىق كۆزىتىش ۋە ئەركىن كەسىپتىكى خادىملار بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش ئارقىلىق، ئەركىن كەسىپتىكى خادىملارنىڭ تور بېكەت لايىھەلىشىدىكى بىر قاتار خاتالىقلارنى يەكۈنلەپ چىقتۇق. ئۇلار قايسىلار؟ مەزكۇر يازمىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغايسىز!…

 

1. تور بېكەت تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەت ئېنىق ئەمەس

كىشىلەر دائىم:« تورداشلار تور بېكەتكە كىرگەن بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدىلا زىيارەت بۇ بەتنى زىيارەت قىلىش ياكى زىيارەت قىلماسلىقىنى قارار قىلىدۇ» دېيىشىدۇ. ئەمەلىيەتتە، تور بېكەت مۇنداق «بەش سېكۇنتلۇق قائىدە» دىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ:« ئەگەر سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزنى زىيارەت قىلىدىغان تورداش بەش سېكۇنت ئىچىدە تور بېكىتىڭىز تەمىنلەيدىغان مۇلازىمەتنى ئايدىڭلاشتۇرالمىسا، ئۇ تور بېكىتىڭىزدە ئۇزۇن تۇرالمايدۇ ياكى تور بېكىتىڭىزدىن شۇ ھامان ئايرىلىدۇ. بۇنداق تور بېكەتكە ئىككىنچىلەپ قەدەم باسمايدۇ».
تورداشلار سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزگە كىرگەن قىسقىنىغا بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدە تۇنجى بولۇپ كۆرىدىغىنى تور بېكىتىڭىزنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە لايىھەلىنىشى، ئاندىن كېيىن، ئۇلار تور بېكىتىڭىزدە قانداق پايدىلىق نەرسىلەر بارلىقىغا دىققەت قىلىدۇ.

2. ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنىڭ كەم بولۇشى

ئەركىن كەسىپتىكى خادىملار دائىم ئۆتكۈزىدىغان بىر خاتالىق شۇكى، ئۇلار  خېرىدارلارنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقىلىشىدىغان ئۇسۇللارنى قالدۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. ئەگەر سىزنىڭ تور بېكىتىڭىزنى ئابونتلار  ياقتۇرسا، سىز بىلەن ھېچ بولمىغاندا ئېلخەت ئارقىلىق بولسىمۇ ئالاقىلىشىدۇ. ھەمدە سىزگە مەلۇم ئېھتىياجى ئېيتىدۇ. دېمەك، ئابونتلارنىڭ ئېھتىياجى سىز بولۇپمۇ ئەركىن كەسىپتىكى خادىملار ھەل قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئىشتۇر. شۇڭلاشقا، سىز تور بېكىتىڭىزدە ئابونتلار ئۈچۈن قۇلايلىق ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى قالدۇرۇشىڭىز كېرەك.

3. ئېلان مۇلازىمىتى توغرسىدا

نۇرغۇن كىشىلەر تور بېكەتلەردىكى ئېلانلاردىن بىزار ئىكەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ. ئەمما ئېلانلار پايدىلىق بولسا، باشقىلار ھەرگىز بىزار بولمايدۇ، سىزنىڭ تور بېكىتىڭىز مال سېتىۋالىدىغان تور بېكەت تۇرۇقلۇق، سىز ساياھەتچىلىكنىڭ ئېلانىنى ئېلان قىلسىڭىز بولمايدۇ. تور بېكىتىڭىزدە ئېلان قىلغان ئېلان جەزمەن تور بېكىتىڭىز تەمىنلەيدىغان مەزمۇن ۋە تور بېكىتىڭىزنىڭ خاراكتېرى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، سىز ئېرىشىپ بولغان بەلگىلىك ئابونتلاردىنمۇ ئايرىلىپ قالىسىز. ئۇنداقتا، سىز قانداق قىلىسىز؟ سىز گۇگېل ئېلان كىرىمى باشقا يولنى تاللىشىڭىز كېرەكمۇ؟ ئەگەر سىز ئۆز مەھسۇلاتىڭىز ساتماقچى بولسىڭىز، ئۇنداقتا، مەخسۇس بىر مەھسۇلات تونۇشتۇرۇش بېتى ئېلان قىلىپ، ئۇنى باش بەتتە مەلۇم كۆزنەككە ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز بولىدۇ، ئېلانلارنى مۇۋاپىق تەڭشىشىڭىز، بەك كۆپ ئېلان ئورنى تەسىس قىلىش ۋە ئاجايىپ-غارايىپ قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.

4. ئۆزىنى ئاساس قىلىش

نۇرغۇنلىغان ئەركىن كەسىپتىكى خادىملار تېما يوللىغان ۋاقىتتا دائىم ئۆزىنىڭ مەۋقەسىنى ئاساس قىلىدۇ، تورداشلار ياكى خېرىدارىنى بولسا، ئىككىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ خىل تور بېكەتمۇ باشقىلارنى ئاسان بىزار قىلىپ قويىدۇ. ئۇنداقتا، سىز بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ بۇنىڭدىكى بىرىنچى ئۇسۇل تورداشلار ئېھتىياجىنى بايقىشىڭىز كېرەك. سىز ئاشۇ بىر قىسىم تورداشلارنىڭ مەلۇم ئېھتىياجىنى بايقاپ، شۇ بويىچە مەزمۇن ئېلان قىلسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر پەقەت ئۆزىڭىزلا قىزىقىدىغان، ئانچە كۆپ ئادەم قىزىقمايدىغان سوغۇق تېمىلار ئۈستىدە پىكىر قىلسىڭىز، ئاخىرىدا ئېرىشىدىغىنىڭىز ئارتۇقچە جاپا، ئۇنىڭ ئۈستىگە بار بولغان تورداشلاردىنمۇ قۇرۇق قالىسىز. شۇڭلاشقا، سىز مەزمۇن ئېلان قىلىشتىن بۇرۇن، ئۆزىڭىزنى تورداشلار ياكى ئابونتلار ئالدىدا تۇرۇۋاتىمەن، دەپ پەرەز قىلىڭ. ئۇلارغا نېمە دېسىڭىز بولىدۇ، ئۇلار سىزنىڭ قايسى گېپىڭىزگە قىزىقىدۇ؟ سىز بۇلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويسىڭىز بولىدۇ. سىز مەزمۇن ئېلان قىلىشقا مۇشۇنداق ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان ۋاقتىڭىزدا ئاندىن باشقىلارغىمۇ ۋە ئۆزىڭىزگىمۇ مەنپەئەت يارىتالايسىز. ئەمەلىيەتتە باشقىلار سۆزلەپ يۈرگەن «قوش ئامەت» دېگەنلەر مۇشۇنداق باشقا نەرسە ئەمەس.

5. ھەق ئېلىش ئۆلچىمى

ھازىرغىچە ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئاشكارا ئېلان قىلىش ياكى قىلماسلىق بىر قىزىق نۇقتا سۈپىتىدە كېلىۋاتىدۇ. ئەمما بىز ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنىڭ ئاشكارا بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىمىز. بۇنداق بولغاندا، سىز بىر قىسىم سىزگە ھەقىقىي ئېھتىياجى بار ئابونتلارنى قولغا كەلتۈرەلەيسىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز ۋاقىت، زېھنىي كۈچ جەھەتتىن كۆپ نەرسىنى تېجەپ قالالايسىز. ئەگەر سىز بۇلارنى ئوچۇق ئېلان قىلماي، ئابونتلار بىلەن كېلىشمەكچى بولسىڭىز، ئۇلار بىلەن باھادا كېلىشىشكە مەجبۇر بولىسىز، كېلىشەلمىسىڭىز ۋاقتىڭىز ۋە قىلغانلىرىڭىز بىكارغا كېتىدۇ. سىز ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئېلان قىلغان ۋاقىتتا، ئۆزىڭىزنىمۇ ۋە قارشى تەرەپنىمۇ ئويلىشىڭىز كېرەك. باھانى بەك يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بېكىتىپ قويسىڭىز بولمايدۇ.

6. خاسلىققا ئىگە بولماسلىق

بىر تور بېكەت ئۈچۈن خاسلىق ناھايىتى مۇھىم. دەل مۇشۇ خاسلىق تور بېكىتىڭىزنى باشقا تور بېكەتلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا سىز تور بېكىتىڭىزنى خاسلىققا ئىگە قىلىشقا سەل قارىماسلىقىڭىز كېرەك. دۇنيادا پەقەت ھەقىقىي خاسلىققا ئىگە نەرسىلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ. خاسلىقى يوق، پەرق قىلغىلى بولمايدىغان، ھە دېسىلا خەقنىڭ نەرسىلىرىگە تەقلىد قىلىنغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ۋاقىتلىق نەرسىلەردۇر. ئۇنداق نەرسىلەر قانچە تېز مەيدانغا كەلسە شۇنچە تېز غايىب بولىدۇ. شۇڭلاشقا، سىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرىمەن، ئىگىلىك تىكلەيمەن دەيدىكەنسىز، ئاۋۋال ئۆزىڭىزنى تەۋسىيە قىلىدىغان تور بېكىتىڭىزنى خاسلىققا ئىگە قىلىشىڭىز كېرەك. بۇ ئەمەلىيەتتە تور بېكىتىڭىزنىڭ خاسلىقى بولماستىن، سىزنىڭ خاسلىقىڭىز بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ.

7. مەشغۇلات ئۇسۇلى ئېنىق بولماسلىق

نۇرغۇنلىغان ئەركىن كەسىپتىكى خادىملار بۇ نۇقتىغا سەل قارايدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا سىز ئابونتىڭىزغا كېيىنكى قەدەمدە نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈشىڭىز كېرەك. ئەگەر ئابونتىڭىز ھەر قېتىم تور بېتىڭىزگە كىرگەندە بىر مەشغۇلات ئۇسۇلى ( يەنى سىز قالدۇرغان) نى ئېسىدە تۇتۇۋېلىپ چىقىپ كەتسە، بۇنىڭ تور بېكىتىڭىزنىڭ زىيارەت سانىنىڭ كۆپىيىشىگە پايدىسى بار. شۇڭلاشقا، سىز ئابونتلارغا كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى ئەپچىللىك بىلەن كۆرسىتىشنى ئۇنتۇماسلىقىڭىز كېرەك.

مەنبە: نۇر تور بېكىتى

مەنزىل:http://nur.cn/html/news/20277.shtml



无觅相关文章插件,快速提升流量


2 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • بوستاني | 2012.05.21 جاۋاب

    ئۇيغۇر بەگ تۇراسى سىزگە ۋە سىز ئارقىلىق تۇرايىڭىزلاردىكى بارلىق بلوگگىرلارغا كەمىنە بوستانىدىن قۇتلۇق سالام. بۈگۈن سىزنىڭ تۇرايىڭىزغا كىلىپ غەزىنىلىرىڭىزنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولدۇم. تۇرايىڭىزدا كۆزنى قاماشتۇردىغان غەزىنىلىرىڭىز كۆپ ئىكەن. ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن ئاز بىر قىسمىنى كۆردۈم. كۆرگەنلىرىمدىن ماڭا تەسىر قىلغىنى،1-، بەت يۈزى پاكىز، ئېنىق،سەھىپىلىرى مول ۋە رەڭدار ئىكەن.2-،بىكەتلەرئۇيۇشمىسى ئىجادى يول ئاچقان،3-،ۋودپرەس يېڭىلىقلىرى ۋە تەجىربىلىرى ۋودپرەسچىلەرگە پايدىلىق،4-،بلوگگىرلارنىڭ تور بەتكە بولغان ئىجتىھاتى بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزگە ئۈلگە بولىدۇ.
    كەمىنە بوستانىي، 60 تىن ھالقىغان،توردىن ساۋادىم يوق، كومپۇتەردە باشلانغۇچ يارتىن سىنىپ سەۋىيەدىكى،تاغ-دالىدا كۆپ يۈرگەن، پەننى ئىزدىنىش بىلەن شوغۇللانغان بىر بلوگ ھەۋەسكارىمەن. شۇڭا، باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن،ب ەش ئاينىڭ ئالدىدا «ئاكادېمىيە» نامىدىكى تور بىكەتتىن بىرنى قۇرۇۋالغان ئىدىم. مەقسىدىم پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە، پەلسەپە ۋە تىلىمىزغا ئائىت بىلىم غەزىنىلىرىنى بىر بىرىمىزگە يەتكۈزۈش. ئۇسولدا،دەرسخانا، كىتاپ، مۇئەللىمدىن پەرقلىنىدىغان سۆھبەت، بايان، مۇھاكىمە ۋە شەخسى چۈشەنچىلەرنى سۆزلەش.ئەمما،تور بىكىتىمنىڭ ئەھۋالىدىن قارىغاندا، ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق دىگەندەك بولۇۋاتىدۇ. تۇرايىڭىزدىن كۆرگەن «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس» بولۇۋاتىدۇ. شۇڭا، ئالدى بىلەن، «ئاكادېمىيە تورى»نى ۋاقتىڭىز بولسا بىر ئارىلاپ باقسىڭىز، ئۇنىڭدىن كىيىن بىر مەسلىھەت ياكى بىر ياردەم بەرگەن بولسىڭىز دىمەكچىمەن.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.05.22

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، ئىجتىھاتىڭىزدىن تولىمۇ سۈيۈندۈم، ئىشىڭىزغا قولاي كەلسۇن.
      بلوگىڭىزغا بىر قۇر نەزەر سېلىپ چىقتىم، ھېچقانداق بىر كەمچىلىك بايقىمىدىم، سىزگە قانداق ياردەم ياكى تەكلىپ لازىم بولغىيتى؟

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif