[مەخپىي رېتسىپ]WordPressدە تىزلەتمە كونۇپكا ئارقىلىق ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارىنى قوشۇش

wordpress-essentials

ھىم، ساۋاقداشلار، ئەمدى سىنىپقا قايتىپ كېرەيلى. بۈگۈنكى بۇ «گۇمپا»نىڭ سالمىقى سەل ئېغىر، نورمال ئەھۋالدا بىر-ئىككى قېتىمدا تۈگىمەيدۇ، ئەمما بۇ گۇمپىنى ئۆگۈنۈپلىۋالسا، بلوگدا خۇددى QQغا ئوخشاشلا تىزلەتمە كونۇپكا( تېزلەتمە كۇنۇپكا:Ctrl+Enter )ئارقىلىقلا ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارىنى ئاچقىلى بولىدۇ. ھىم، بۈگۈنكى دەرسكە قۇۋۋەتلىك يەپرەك كېلەرسىلەر، دەرستىن چۈشكەندىن كېيىن ئىختىيارىي تەجرىبە ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ، ئەمىسە دەرسخانىغا مەرھەمەت!…


تېخنىكىنىڭ پايانى ۋە بايانى

ئاۋۋال تۆۋەندىكى كودنى header.phpھۆججىتىنىڭ  دېگەن خەتنىڭ كەينىگە قويۇڭ

ئەمدى بۇ ئۈنۈمنىڭ يىلىكى ئورنىتىلدى. ئەمدى يۈرىكىنى ئورنىتايلى. comments.php ھۆججىتىنى ئېچىپ تۆۋەندىكى كودنى تېپىڭ :

"submit" type="submit" id="submit" .../> 

بەلكىم تۆۋەندىكىدەك بولىشىمۇ مۇمكىن :

"submit" type="submit" id="submit" tabindex="5" value="Submit Comment" />

دىققەت :  ئەمدى سەل نازۇك جايغا كەلدۇق، ئاندىن كودلاردىكى input دېگەن خەتلەرنى buttonغا ئالماشتۇرۇڭ.

ئىككىنچى خىل ئەھۋاللاردا ئۆزگەرتىلگەن كود تۆۋەندىكىدەك كود بولىشى مۇمكىن :

ئىزاھات : دىققەت قىلدىڭىزمىكىن، ئەسلى كوددىكى value="Submit Comment"ئۆچۈرۈلۈپ ئىككى buttonنىڭ ئوتتۇرىسىغا قوشۇلۇپتۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا، تۆۋەندىكى كودنى تېپىڭ:

 

يۇقارقى كودنى تۆۋەندىكى كودغا ئالماشتۇرۇڭ:

 

ئىزاھات : قارايدىغان بولسىڭىز ئۆزگەرتىلگەن كودغا onkeyup="javascript:return ctrlEnter(event);"بۇ كودلار قوشۇلغان.

شۇنىڭ بىلەن «Wordpressدە تىزلەتمە كونۇپكا ئارقىلىق ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارىنى قوشۇش»ناملىق يازمىمىزنىڭ پايانى تۈگىدى. ئەمىسە Ctrl+Enterنى بېسىپ ئىنكاس يوللاپ بېقىڭ، يوللاندىمۇ؟ يوللانغان بولسا مارەك ۋوسۇن، بۈگۈنكى دەرسنى ئۆزلەشتۈۋاپسىز!…

ساۋاقداشلار، ئەمدى تەجرىبىخانىغا قاراپ ئەمەلىي مەشىق بىلەن شوغۇللانغايسىزلەر!

PS : مەزكۇر يازما سىناق ئىنكاس قوبۇل قىلىدۇ! پۇرسەت غەنىمەت!…


16 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • ئەرك | 2012.02.15 جاۋاب

    دىۋاندا ئولتۇرۇپ ئۈگىنەيلى

  • تاتلىق | 2012.02.15 جاۋاب

    ئەرك ئەپەندىمگەھەمراھ بولۇپ ئۈگىنەي!!! :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.15

      ئۆگەنسىلە، دەرسنى خىيال سۈرۈپ ئولتۇرۇپ ئۇنتۇپ قالمىسىلا!…

  • ئۇدۇن | 2012.02.15 جاۋاب

    سىزنىڭ بلوگىڭىزدا يوقكەندە بۇ ! :grin:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.15

      ئەمدى بار بولدى…

  • نۇرقۇت | 2012.02.15 جاۋاب

    بىلىشىمچە wordpress تە بۇ ئىقتىدار ئەسلى ئۇسلۇبتا باردەكتى، ئىشقىلىپ مېنىڭكىدە باركەن.
    بۇ جەريان سەل مۇرەككەپ بولۇپ قالغاندەك. ساپ js كودى ئىشلەتسىڭىز ئاۋۇ ھۆججەتلەرنى ئۆزگەرتكىلى سالمايدۇ. document.onkeypress=function شەكلىدە فۇنكىسىيە چاقىرسىڭىزمۇ ئاستىدىكى كودنى ئۆزگەرتىپ قوشقان بېلەن ئوخشاش ئۈنۈم بىرىدۇ.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.15

      WordPressدە ھازىرچە بىۋاستە js ئويناپ ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تاپالمىدىم، بڭ ئىقتىدار ئۇسلۇبنىڭ ئۆزىگە قوشقان بولسا بولىدىكەن، بولمىسا ئامال يوقكەن…شۇڭا مۇرەككەپ بولسىمۇ قوشۇپ تۇردۇققۇ…

  • مۇشۇ ئىقتىدارنى بىر قوشۇپ باقاي. كارغا كېلەمدۇ كەلمەمدۇ بىلىپ باقاي :mrgreen:

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.15

      كارغا كەممىسە بىزدىن رەنجىمەڭ … لول لول…

  • ۋەتەن | 2012.02.16 جاۋاب

    بىزنىڭ بىلوگلارنىڭ تۇغما ئىقتىدارى بۇ :grin:

  • boghlan | 2012.02.16 جاۋاب

    بەگ بۇرادەر، نېمە ئۈچۈنكىن قايسى كۈنى تىزىملىككە قوشقان يازمىنى بۈگۈن ئەتىگەن ئېلان قىلىشقا تەڭشەپ قويغان، بۈگۈن ئېلان قىلىنىپتۇ، ئەمما «ئىكاس چەكلەنگەن» بوپ قاپتۇ، بۇ يازمىنىڭ ئىشىمۇ يا باشقا تەڭشەكنىڭ ئىشىمۇ؟ تەڭشەكلەرگە قارىسام نۇرمالدەك …

    يەنە بىر ئۆتۈنۈش: يازمىلارغا قىستۇرۇلغان رەسىملەرنى ئادەتتە تەڭشەك ئارقىلىق ئوتتۇرىغا توغۇرلايمەن، ئەمما يەنە ئوڭ تامغا يۆلىنىپ قېلىۋاتىدۇ، HTML كودى ئارقىلىق
    AlienCenter (خاتا بوپ قالسا ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز) قىلىپمۇ تەڭشەپ باقتىم، يەنە ئوخشاش، سەۋەب نەدىدۇ؟

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.18

      بۇ…نورمالدا كۈنتەرتىپكە قويۇلغان يازمىلاردا ئۇنداق مەسىلە كۆرۈلمەيتىغۇ؟ باشقا تەڭشەكلىرى قالدىمۇ نېمە؟ ئارقا سۇپىغا كېرىپ ئاشۇ يازمىنى تەھرىرلەش ھالىتىگە ئۆتۈپ قاراپ بېقىڭچە، ئىنكاسنى تاقاپ قويۇپسىزمۇ يوق…

  • رىنات | 2012.02.17 جاۋاب

    :grin: بىزنىڭ بىكەتلەردىمۇ تۇغۇلىشىدىنلا بار ئىقتىداركەن بۇ… ئەمما ئۆگىنىپ قويۇشقا تېگىشلىككەن.

    • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.18

      سىزنىڭ بېكەتلەرگە ئۇكۇل قىلىپ ئۇرۇۋەتكەنتۇق ئەمەسمۇ!

  • ئۇيغۇربەگ | 2012.02.18 جاۋاب

    سىزنىڭ بلوگنى تۇغدۇرغاندا قوشۇپ قويغانتۇق…

  • Sehrayim | 2012.02.18 جاۋاب

    جانغا ئەسقاتىدىغان نان يازما …

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif