[تەسىرات] تەتىلدىكى پارچە-پۇرات ئىشلار(1)

pizn

تەتىل توشۇپ،مەكتەپكە قايتىپ كېلىۋالغانلىقىمغىمۇ خېلى كۈنلەر بولۇپ قالدى.جىددىيچىلىك ئەمما خاتىرجەملىكتە ئۆتكەن ئەشۇ بىر ئايغا يەتمىگەن تەتىل مەزگىلىمنى ئويلىسام،ئۆزۈمنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ بولۇپ قالغانلىقىمنى ھىس قىلماقتا ئىدىم.

بۇ تەتىل مەزگىلىم ھەقىقەتەن ئالدىراش ئۆتتى،ھەتتا ساۋاقداشلار يىغىلىشى دەپ يېقىن بۇرادەرلىرىمىز شۇنچە ئىزلىسىمۇ،ئۇ يىغىلىشلارغا بارغۇدەكمۇ ۋاقىت يوقنىڭ ئورنىدا ئىدى،ئەھۋالىمنى بىلگەن،چۈشەنگەن تۇققانلار مېنى كەپتۇ دەپ ئاتايىن مېنى كۆرگىلى كېلىشتى،خىجالەتچىلىكتە ئۇلارنىڭ قېشىغا بارالمىغانلىقىمنى چۈشەندۈرگەچ،يەنە شۇ ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۇلارنى يولغا سالاتتىم،چۈشەنمىگەن تۇققانلىرىم بولسا <<خەق دېگەن ئىچكىردە ئوقۇيدىغان داشۆسېڭ،بىزدەكلەرنى ئۇنتۇپ قالمىسا بولمايدۇ!>>دەپ ھىڭدىن سېسىق گەپلەرنى ئەۋەتىشتى،كۈلۈپ قويۇپ ئىشلىرىمنى داۋاملاشتۇرۇۋېرەتتىم.

تەتىلدىن بۇرۇن تۈزگەن پىلانلىرىممۇ ۋاقىت تۈپەيلى تاشلىنىپ قالدى،ئەتتىگەنلىكى ئازراق بىكار بولغاندا بلوگىمنى ۋە بىرقىسىم كەسپىي بېكەتلەرنى يوقلاشنى باھانە قىلىپ ئازراق ۋاقىت تورغا چىققاننى ھىسابغا ئالمىغاندا،كۆپ قىسىم ۋاقتىم ئۆيدە ۋە كەچلىك بازاردا تىجارەت قىلىش بېلەن ئۆتۈپتۇ.كەچلىك بازار-ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي يېمەك-ئىچمەك مەدەنىيىتىنىڭ ھازىرقى زاماندىكى تىز رېتىملىك تۇرمۇشقا ماسلىشىش جەريانىدا پەيدا بولغان مەھسۇلى بولغاچ،مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى زامان تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ،بۇيەردە بىز يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلاردىن ئاددىي ئىشلەمچى-خىزمەتچىلەرنى ئۇچرىتاتتۇق،بۇ يەردە كۈندە ھەرخىل ۋەقەلەر بولۇپ تۇراتتى،مەنمۇ ئەشۇ كەچلىك بازاردا مېنى چوڭقۇر ئويغا سالغان نۇرغۇن ئىبرەتلىك ۋە تەسىرلىك ئىشلارغا شاھىد بولۇپ قالدىم،بۇ يازمام-دەل ماڭا تەسىر قىلغان بىر نەچچە كىچىك ئىشلاردىن تەركىپ تاپقان تەسىرات خاراكتىرلىك يازما ئىدى…

 

بېلىق ۋە چاي ھەققىدىكى قىززىق پاراڭ

tetil

ناھىيىمىزنىڭ مىللىي پىيادىلەر كوچىسىغا جايلاشقان بۇ كەچلىك بازاردا ئۆپكە-ھېسىپ،داغلانغان توخۇ،كاۋاب توخۇ،ئۈچەي كاۋاب،گۆش كاۋاب،جىگەر كاۋاب،بۆرەك كاۋاب،داغلانغان بېلىق،قورساق دېگەندەك بىر قاتار مىللىيچە يېمەكلىكلەرنى شۇنداقلا مىۋە-چىۋە قاتارلىق تەييار يېمەكلىكلەرنى تاپقىلى بولاتتى، ناھىيىنىڭ قاق مەركىزىگە جايلاشقان بۇ بازاردا ھەرخىل،ھەرخىل كىشىلەر توپى كەلگەچكە،بىزمۇ كۈندە ھەرخىل-ھەرخىل پاراڭلارنى ئاڭلاپ تۇراتتۇق،بۇ ھەرخىل پاراڭ قاتارىدا ئاڭلىسا ئادەمنىڭ كۆڭلى ئېلىشقۇدەك دەرىجىدە يېمەكلىك ھەققىدىكى پاراڭلارمۇ بار ئىدى.بۇلاردىن بېلىق باققان يەم ۋە قارا چاي ھەققىدىكى ئۆسەك سۆز مېنى ناھايىتى قىزىقتۇردى.

بىز بېلىقنى مايدا داغلاپ پىشۇرۇپ ساتاتتۇق،بىر كۈنى بىر ياش يىگىت كەلدى،بۇ دەل بازانىڭ ئەڭ قىززىق ۋاقتى بولۇپ،ئۇ يىگىت كېلىپلا: <<ما بېلىقلىرى ھېلىقى بوۋاقلارنى چاناپ قىيما قىلغان گۆش بىلەن باققان بېلىق شۇمۇ!ئاڭلىسام،دوختۇرخانىدىكىلەر بىر قىسىملىرىمىز ئالدۇرۇۋەتكەن ھامىلە ياكى بوۋاقلارنى ئاشۇنداق بېلىق باقىدىغان يەم-غەشەك زاۋۇتىغا بىرەمىش،شۇنداق يېمەكلىكنى يىگەن بېلىقنىڭ ئىچى تاماكا چەككەندەك قارا چىقامىش!…>>دەپ ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەشكە باشلىدى،ئاندىن بېلىقنى ئۈرۈپ-چۈرۈپ قاراشقا باشلىدى(ئادەتتە ئوتخور بېلىقلارنىڭ ئىچى شۇنداق قارا چىقاتتى)،ئەتراپىمىزدىكىلەر بىر قىسىم بولۇپ تۇرغاندا ئۇ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى: << قارىسامغۇ شۇنداق بېلىقلارنىڭ ئۆزىكەن،ئەمما بۈگۈن تۇيۇقسىز بېلىق يىگۈم كەپ قالدى،بوپتۇلا،بۈگۈن يېگىرمە كويلۇق ئېپ قۇياي!>> دېدى-دە،تەييار قىلىپ قويغان بېلىقنى كۆتۈرۈپلا ماڭدى،ئۇ كەتكەندىن كېيىن ھەممىمىز كۈلۈپ يېتىۋاپتۇق…

يەنە بىر كۈنى،ئولتۇرۇپ بېلىق يەۋاتقان بىر كىشى تۇيۇقسىز <<چاي>>دەپ توۋلاپ قالدى،مەن چەينەكنى كۆتۈرۈپ چاينى ئەمدى قۇياي دەپ تۇرۇشۇم ئۇ كىشى تۇيۇقسىز: <<ئۇكاموي،ما قۇيغان چېيىڭىز قانداق چاي؟>> دەپ سوراپ سالدى،<<قارا چاي ئا…>>  گېپىم تۈگىگىچىلا ئۇ پىيالىنى ۋاققىدە تاشلاپ ماڭا گۈركىرىدى: <<نېمە ماڭا چوشقىنىڭ چېيىنى قۇيىسە؟>>،<<نېمە نېمە؟>>مەن ھىچنىمىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم،<<بۇ قارا چاينى بارغۇ ئۇكام،ئىچكىرىدە چوشقىلارغا دەسسىتىپ ياسايدىكەن،شۇڭا چايلار شۇنداق قاتتىق ھەمدە رەتلىك چىقىدىكەن!>>دەپتى شۇ ھامان بۇ قىپقىزىل ئۆسەككە كۈلۈپ يېتىۋاپتىمەن…

تانسا ئويناۋاتقان <<ھىجابلىق قىز>>

ajayib rasim

ھەر قېتىم يۇرتۇمغا قايتقىنىمدا،يۇرتۇمنىڭ بارغانسىرى ئۆزگۈرۈپ مېڭىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن.كىشىلەرمۇ بارغانسىرى ئۆملىشىپ،ياخشىلىشىپقا قاراپ يۈزلەنگەكدەك ھىس قىلىمەن،بۇرۇنقىدەك كوچا-كويلاردا مەست بولۇپ يېتىپ قالىدىغان ئەرلەرنى،كۈپكۈندۈزدە كىشىلەر توپىدىن ھېيىقماي خېرىدار توۋلايدىغان سەتەڭلەرنى،توپلىشىپ جىدەل چىقىرىدىغان لۈكچەكلەرنى كۆرمىگىلى خېلى زامانلا بوپتۇ،مەسچىتلەرگە كىرىدىغان كىشىلەر،مىللىيچە كىيىنىدىغان قىزلىرىمىزنى كۆپ ئۇچرىتىدىغان بولدۇم.

بىر كۈنى،بىر يېقىن دوستىمىز ئاچىسىنىڭ تويى مۇناسىۋىتى بىلەن،بىر قىسىم ساۋاقداشلارغا بىر ئۈستەل ئاجرىتىپتىكەن،شۇ باھانىدا ساۋاقداشلارنى كۆرىۋالسامكەن دەپ شۇ تويغا قاتناشقىلى باردىم.بۇ توي كەچقۇرۇن بىر زالدا ئۆتكۈزۈلگەن ياشلار تويى بولۇپ،تويى بولغان قىز-يىگىت كىرىپ كەلگەندىن كېيىن،شوخ مۇزىكىلار قۇيىلىشقا باشلاپ،قىزغىن ناخشىلار ئىچىدە ئۇسسۇل ۋە تانسىلار باشلاندى.تۇيۇقسىز،يان ئۈستەلدىكى بىر قىز دىققىتىمنى تارتتى،چۈنكى ئۇ قىز ھىجابلىق ئىدى،ئەمما ئۇ ئولتۇرغان ئۈستەلدە يىگىتلەر ھەدەپ ھاراق ئىچىشمەكتە ئىدى،قىزنى بەلكىم بىرەر تۇققىنىڭ بولغاچقا بىرگە كەلدى دەپ ئويلىدىم،ئەمما بۇ قىزدا ھىچقانداق قۇرۇنۇش يوق،پات-پات تانسىغا ياكى ئۇسسۇلغا چۈشۈپ تۇراتتى.ئەتراپتىكى باشقا كىشىلەر بولسا بۇ قىزنى كۆرسۈتۈپ قەقەقلەپ كۈلۈشەتتى…

مېنىڭ ئۇ قىزغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىمنى بىر دوستۇم سىزىپ قالدى بولغاي،مەسخىرە ئارىلاش كۈلگەچ: << ھازىرقى قىزلار دېگەن ئاقسا،نامازنى بىلمەيدۇ،بۈۋمدەك كىرىپ نەلەرگە كىرىپ ئويناپ يۈرۈيدۇ،دىبا(دىسكوخانا)غا بارە،بۇنداق بۈۋملەرنى جېق كۆرىسەن!…>>دېدى.<<ياغلىق قاپاق>>نىڭ بىرسىكەندە بۇ دېگەن گىپىمنى ئىچىمگە يۇتۇۋەتتىم.



无觅相关文章插件,快速提升流量


باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif