- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:9
- | زىيارەت: 1,326 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ:
ئىلاۋە: دوستۇم ئەركىنىڭ بۇ ھېكايىسى مەن ھازىرغىچە ئوقۇغان ھېكايىلەر ئىچىدە سۆيۈپ ئوقۇغان ئەسەرلەرنىڭ بىرىدۇر. 2008- يىلى سابىق بەرقى مۇنبىرىگە يوللىنىپ تورداشلارنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ۋە قىزغىن ئالقىشىغا ئېرشكەن بۇ ھېكايە 2009- يىلى بەرقى تورىنىڭ ۋاپاتى بىلەن ئىز - دېرەكسىز غايىپ بولغاندا دوستۇم ئەركى ئۆزىدە بۇ ھېكايىنىڭ ئورگېنالىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىپ بەكمۇ ئەپسۇسلانغان ئىدى. شۇ ۋاقىتتا مېنىڭمۇ ئىچىم ئېچىشقان ھەم پات-پات ئەركى بىلەن بۇ ھېكايە توغرىسىدا سۆزلىشىپمۇ قوياتتۇق . دوستۇمنىڭ ماڭا بەرگەن يېڭى يىللىق سوۋغىسى « ئادىشىم چايان» نى كۆرگەندىن كېيىن مەنمۇ ئۇنىڭغا يېڭى يىللىق سوۋغا بېرىش ئۈچۈن جىق ئويلاندىم. كاللامغا تۇيۇقسىز بۇ مەرھۇم ھېكايە كەلدى. بىر كۈن ئىز قوغلاپ ئاختۇرۇش، بوشاشماسلىق نەتىجىسىدە ئۇنىڭ ئاV غا باغلانغان بىر تۈركۈم چاتما ھېكايىلىرىنى قولغا چۈشۈردۈم.
ئاVنىڭ تەرجىمھالى
مېنىڭ ئابدۇۋەلى ئېسىملىك بىر ساۋاقدىشىم بولىدىغان، ،گەرچە مەرھۇم بىلەن پەقەت ۋە پەقەت ئۈچ ئايلا ساۋاقداش بولالىغان بولساممۇ،لىكىن ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرغان تەسىرى بەكلا چۇڭقۇر بولدى،باشقا ساۋاقداشلارغىمۇ شۇنداق بولغان بولسا كىرەك ،دائىم شۇ توغۇرلۇق پاراڭ ئۈزۈلمەيتتى،مەرھۇمنىڭ كەينىدىن گەپ قىلىش تازا ياخشى ئىش بولمىسىمۇ،ئۇنىڭ دۇنيادىن مۇشۇنداقلا ئىز-دىرەكسىز كىتىپ قالماسلقى ھەم باشقىلارنىڭ ئېسىدىن چىقىپ قالماسلىقى ئۈچۈن شۇڭا ئۇنىڭ تەرجىمھالىنى يېزىپ قويۇشنى توغرا تاپتىم.
ئاVنىڭ بويى بىر مېتىر 75لەر ئەتراپىدا،ئۆزى گەۋدىلىك،قاش-كۆزى قاملاشقان،چاچ پاسۇنى بولسا بولسا ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان چولپانى لېيۇ دې خۇا نىڭكىگە ئوخشاش ،بەزىدە قاتۇرۇپ تىك قىلىۋالىدۇ،ساقال-بۇرۇتىنى كۈندە بىر قىتىم قىرىپ تۇرىدۇ،ئۇنىڭ دىيىشىچە ساقال-بۇرۇت ئادەمنى مەينەت كۆرسىتەرمىش...
ئاVنىڭ تولۇق ئىسمى ئابدۇۋىلى،ئۇنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكى ماڭا ئىنىق ئەمەس،بەزىلەر ئۇنى قەشقەرلىك دەيدىكەن،بەزىلەر خوتەنلىك،لىكىن ئۇنىڭ سۆزلىشى ھىچبىر قەشقەرلىككە،ياكى خوتەنلىككە ئوخشىمايتتى،ئۇيغۇرچە سۆزلىشى ئۆلچەملىك ئورتاق تىل ئىدى،لىكىن كۆپىنچە ھالدا خەنزۇچە سۆزلىشىنىلا ئاڭلاش مۇمكىن بولغاچقا ئۇنىڭ خەنزۇچىسى ئۆلچەملىك خەنزۇتىلى ئورتاق تىلى بولماستىن راۋان بولغان شىنجاڭنىڭ خەنزۇلىرى سۆزلەيدىغان بىڭتۈەن تەلەپپۇزى ئىدى. ئۇ باشقىلارنىڭ «سەن قەيەرلىك» دىگەن سۇئالىغا «شىنجاڭلىق»دەپلا جاۋاپ بىرەتتى،شۇڭا ئۇنىڭ شىنجاڭلىق ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن باشقىنى بىلمەيمەن.ئۇنىڭ ئارخىبىنى قولغا چۈشۈرۈش مۇمكىن بولمىدى،شۇڭا ئۇنىڭ يۇرتى دىگەن يىرى قۇرۇق تۇرۇپ تۇرسۇن.
بىز ئەسلى ئۇنى تولۇق ئېسمى بىلەن ئابدۇۋىلى دەپ ئاتايتۇق،لىكىن بىر قىتىم ئوقۇتقۇچىمىز خەنزۇچە ئا بۇ دۇ ۋېي لى دىسە بەك ئۇزۇن بۇلۇپ كىتىدىكەن، ئاۋېي دىسەك ھەم قولايلىق ھەم راھەت ئاڭلىنىدىكەن دەپ ئۇنى ئىسمىنى ئاۋېيغا ئۆزگەرتىپ قويدى،ئۇمۇ خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلدى ھەم بىزنىمۇ ئۇنى ئا ۋېي دەپ چاقىرىشنى ئىيتتى، ئۇنىڭ تەلىپى بويچە مەكتەپتىكى 30غا يىقىن ئۇيغۇرمۇ ئۇنى خەنزۇلارغا ئوخشاش ئاۋېي دەپ ئاتايدىغان بولدۇق.كىيىنچە ئۇ ئىنگىلىزتىلىدا Vھەرپىنىڭ ئوقۇلشىنىڭ ۋېي غا ئوخشىشىپ كىتىدىغىنىنى ھەم غەلبىگە ۋەكىللىك قىلدىغىنىنى بىلگەندىن كىيىن تاپشۇرۇق دەپتەر ۋە كىتاپلىرىغا ئىسمىنى ئاVدەپلا يازىدىغان بولدى ،بىزمۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنى ئاVدەپ ئاتايدىغان بولدۇق...
ئاVنىڭ دىيىشىچە ئۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى ئۇيغۇرچە ئوقۇغان،تولۇقسىزنى قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇغان، سىنىپىنىڭ ئۆگىنىش ھەيئىتى بولغان،ئاندىن كىيىن ئاتا-ئانىسى ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغانلارنىڭ ئىستىقپالى بولمايدىغانلىقىنى بايقاپ ئۇنى خەنزۇ مەكتەپكە يۆتكىگەنكەن،ئۇ خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدا دەرسلەرگە يىتىشەلمەي قىلىپ نەتىجىسى زور دەرىجىدە چىكىنگەن،لىكىن ئاتا-ئانىسى ئۇنى قايتا-قايتا ئۈچ قىتىم ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرۇپ ئالى مەكتەپكە ئۆتكۈزگەن ،ئۇنىڭ تەلەپپۇزى تازا ئۆلچەملىك بولمىسىمۇ ئۇ ئۆزىنى مىنكاۋخەن دەپ ئاتايتتى.
ئۇنىڭ بىلەن تونۇشقان كۈن ھىلىمۇ ئىسىمدە،ئاV بىلەن مەكتەپتە تىزىملاتقان كۈنى تونۇشتۇم،ئىككىمىز بىر ياتاققا بۆلۈنۈپتۇق،ئىككىمىز بىر قاتار تونۇشۇپ بىر نەرسىلىرىمىزنى رەتلەپ بولۇپ تۇرساق ياتاققا ئىككى خەنزۇ كىردى،ئۇلارمۇ بۇ ياتاقنىڭكىكەن،شۇنداق قىلىپ بىر ياتاقتا ئىككى خەنزۇ،ئىككى ئۇيغۇر بولدۇق،ئۇلار بىلەنمۇ بىر تونۇشۋەتكەندىن كىيىن ئاV خەنزۇلارغا بىزنىڭ مىللى ئۆرۈپ ئادەتلىرىمىزنى چۈشەندۇرۇپ ياتاقتا تاماق يىيىشكە بولمايدىغانلىقىنى،بىزنىڭ ئىستاكانلىرىمىزنى ئىشلەتمەسلىكنى سۆزلەپ ئۆتتى،ئۇلارمۇ ئۆزلىرىنىڭ دىققەت قىلدىغانلىقىنى بىلدۈردى.مەن ئاVنىڭ بۇ ئىشىدىن بەكمۇ زوقلاندىم لىكىن ئارقىدىنلا ئۇ يانچۇقىدىن بىر قاپ تاماكا چىقىرىپ بىزگە سۇندى،ئۇ ئىككى خەنزۇ چەكمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى،مەنمۇ رەت قىلدىم،مەن بۇرۇن باشقىلارنىڭ كەينىگە كىرىپ ئۆگىنىپ قىلىپ ئۈچ يىلغا يىقىن چەككەن بولساممۇ دادام 30نەچچە يىل چىكىپ بىزگە قاتتىق نەسىھەتلەرنى قىلىپ تاشلىغاندىن كىيىن مەنمۇ تاشلىغان ئىدىم.
مەن ئۇنىڭ تاماكىنى شوراپ پۈۋلىۋىتىشلىرىگە قاراپ ئۇنىڭ تاماكا چىكىشنى ئەمدى ئۆگىنۋاتقىنىنى ھىس قىلدىم،لىكىن تۇنجى تونۇشقاچقا ئۇنىڭدىن سوراشنى بىئەپ كۆردۈم.
شۇنداق قىلىپ ئوقۇش باشلاپمۇ كەتتۇق، ئوقۇش جەريانىدا ئاVنىڭ خەنزۇتىلى ئېغىز تىلىدىن باشقا جەھەتلەردە بەكلا ناچارلىقىنى بايقىدىم،ئۇ ماتىماتىكا قاتارلىق پەنلەردە بەكلا ناچار ئىدى.ئوقۇتقۇچى سۇئال سورىسا ئۇ تاغدىن-باغدىن گەپ قىلىپ ئوقۇتقۇچىنى كۈلدۈرۈپ يۈرۈپ قۇتۇلىۋالاتتى،لىكىن ئۇ ئاكتىپ بولغاچقا ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە قارىغاندا ئۇنىڭغا بەكراق ئامراق ئىدى،باشقا خەنزۇ ساۋاقداشلارمۇ ئۇنىڭغا باشقىچە ئامراق ئىدى،بولۇپمۇ قىزلار،خەنزۇ قىزلار ئۇنىڭ كىلىشكەن چىرايىغا،گەپدانلىقىغا ئامراق ئىدى؛ئۇ بولسا خەنزۇ ئوغۇللارنى تۇرۇپ تۇرۇپ ئۇيغۇرچە تىللاپ قوياتتى،لىكىن قىزلارنى تىللىمايتتى.
ئاV بەك گەپدان ۋە چاخچاقچى ئىدى،دائىم ياتاقتا قىزىقارلىق پاراڭلارنى سېلىپ ھەممىمىزنى كۈلدۈرەتتى،مەسىلەن ئۇنىڭ ئۆيىدىكى قاۋايدىغان مۈشۈك ،ئاياغ يەيدىغان ئىت ،ھاراق ئىچىدىغان خوراز،ئۇنىڭ دادىسنىڭ مەست بولۇپ قالغان چاغلىرىدىكى قىزىقچىلىقلىرى دىگەندەك ...لىكىن بەزى چاغلاردا ئاشۇرۋىتەتتى.
بىر كۈنى كەچتە ياتاقتا ئولتۇرسام ئاV كىرىپلا خەنزۇچە:
-تاماق يىمەمسەن ھەي،رامىزان كەلمەي تۇرۇپ روزا تۇتۇشنى باشلىدىڭمۇ يا؟
-بۇ توغۇرلۇق چاخچاق قىلما ماڭا،سەن بۇتساتۋادىن قورقمىغان بىلەن مەن خۇدادىن قورقىمەن.دىدىم قاپاقنى تۈرۈپ.
ئۇ گەپ قىلماي تاماكىدىن بىرنى تۇتاشتۇرۇپ ئورۇندۇققا يۆلەنگىنىچە شوراپ پۈۋلەپ ئويناشقا باشلىدى.
-ئاVساڭا تاماكا چەككىلى قانچىلىك بولدى؟
-بەش يىلدىن ئاشتىغۇ دەيمەن،تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا چىكەتتىم.
ئۇنىڭ يالغان گەپ قىلىۋاتقىنىنى بىلسەممۇ لىكىن ئۇنىڭ ناھايتى سىرلىق،ئەستايدىل سۆزلەشلىرىگە قاراپ چاندۇرماستىن سورىدىم:
-سەن نىمە تاماكا چىكىشنى ياخشى كۆرىسەن؟
ـ مەن ئادەتتە ئامرىكىنىڭ تاماكىلىرىنى چىكىمەن،بەزىدە كورىيەنىڭكىنىمۇ چىكىپ قويىمەن.
لىكىن ئۇنىڭ چىكىۋاتقىنىى بىر قېپى ئۈچ يۈەنلىك جۇڭگۇنىڭ تاماكىسى ئىدى،يەنە سورىدىم:
-سىنىڭ ھازىر چىكىۋاتقىنىڭمۇ چەتنىڭكىمۇ؟
-بۇ،بۇ... تەيۋەننىڭكىغۇ دەيمەن،بىر قېپى 8يۈەن،ئەرزانكەن،چىكىپ باقاي دەپ ئالغانتىم،سەنمۇ چىكىپ باقامسەن؟
ـ ياق،بولدى،مەن چەكمەيمەن.
ئۇ تاماكىسىنى كۈچەپ شورايتتى،لىكىن گىلىدىن ئۆتكۈزمەيتتى،كۆزىنى يۇمۇپ ئۇزاق تۇرۇۋالغاندىن كىين ئاستا-ئاستا پۈۋلەيتتى...
مەن ئۇنىڭ ھىچقاچان يالغۇز تاماكا چىكىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم، يولدا ماڭسا تاماكىسنى تۇتاشتۇرۇپ قويۇپ شوراپ ماڭاتتى، قاچانلا قارىسام ئادەم كۆپ جايلاردا باشقىلارغا تاماكا تەڭلەيتتى...
-يەنە بىر گەپ ئاV،ئۇيغۇرچە سۆزلەشنى مەشق قىلىپ قوي جۇمۇ،كىيىنچە شىنجاڭدا بۇنداق ئۇيغۇرچە خەنزۇچە ئارلاش سۆزلەپ يۈرسەڭ سەت تۇرارمىكى؟
-ۋۇ سو ۋېي ،(بەرىبىر)سىنىڭ بېشىڭ ئىشلىمەيدۇ،ھازىر ۋېييۈ بىلگەننىڭ نىمە پايدىسى،ھازىر خەنزۇتىلى بىلگەنلەرنىڭ قانچىلىك پايدىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن،مەسىلەن مىنكاۋخەنلەر ئادەم جىق يەدە خەنزۇچە گەپ قىلىدىغان بولسا ھەممە ۋېيزۇلار ھەۋەس قىلىپ قارايدۇ، باشلىقلارنىڭ،ھىلىقىچۇ،-تاماكىسىنى كۈچەپ بىرنى شورىغاچ داۋاملاشتۇردى،-ھىلىقىدەك ئىگىز باشلىقلارنىڭ ھەممىسى مانا مەندەك مىنكاۋخەن، مەن ۋېييۈنى ئوقالايمەن،بەزىدە دۇدۇقلاپ قالساممۇ باشقىلارغا گىپىمنى ئۇقتۇرالايمەن، سەن مەن بىلەن خەنزۇچە سۆزلەشسەڭ سىنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەڭمۇ مىنىڭغا ئوخشاش ياخشى بولىدۇ...
-ھە ماقۇل،لىكىن ۋېيزۇ ئەمەس ئۇيغۇر ،ۋېييۈ ئەمەس ئۇيغۇر تىلى دە .
-ۋاي،ۋاي...ماقۇل،ماقۇل چاتاق يوق،سەندەك مۇشۇنداق زاماننىڭ كەينىدە قالغان ئۇرغۇينى زە...قاپاقلىرىنى تۈرگۈنىچە بىر تال تاماكىسىنى تۇتاشتۇرغاچ پۇتىنى سوزۇپ ئورۇندۇققا يۆلىنىپ تاماكىنىڭ ئىسىنى ئاستا-ئاستا پۈۋلىدى.
-ئاV،سىنىڭ ئاناڭ ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ، سىنى نىمانداق ...
-ئاناڭ؟ ئاپاڭ دىگىنە ۋاي سەھرالىق!
...
گەپ قىلماستىن توپۇمنى كۆتۈرۈپ ياتاقتىن چىقىپ كەتتىم،چۈنكى مەن ئۇنىڭغا سۆزلىگەننىڭ پايدىسى يوقلىقىنى ھىس قىلغان ئىدىم،ئاVنىڭ بەزى قىلىقلىرى ماڭا ھەقىقەتەن ياقمايتتى...
ئاVنىڭ ئۆيىدىكىلەر پەقەت ئاددى خىزمەتچى ئىدى، ئۇ سىنىپتىكى خەنزۇلارغا ئامال بار ئۆزىنى پۇلى بار قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشاتتى،ئۇنىڭ كىيىملىرى سۈپەتسىز ،ئەرزان بولسىمۇ چوقۇم داڭلىق ماركا بەلگىسى بار ئىدى،سىنىپتا ئۇنىڭدىن باشقا بەش شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچى ھەممىمىز ئوقۇش ياردەم پۇلى ئۈچۈن ئىلتىماس يازغاندا ئۇ يازمىدى،مۇئەللىم ئۇنىڭغا ئېچكىرى بىلەن غەربى شىمالنىڭ تۇرمۇش سەۋىيە پەرقى تۈپەيلى بۇ پۇلنىڭ ئاساسەن غەربى شىمالدىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا بىرىلىدىغانلىقىنى ئۇنىڭمۇ بىر پارچە ئىلتىماس يېزىشىنى ئىيتقاندا ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆيىنىڭ ئىقتىسادىنىڭ ناھايتى ياخشى ئىكەنلىكىنى ،بۇ پۇلغا تىخىمۇ ئىھتىياجلىق كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى ئىيتقاندا مۇئەللىم ئۇنىڭ بۇ ئالىجاناب روھىغا مەدھىيە ئوقۇدى. ئۆيىدىكىلەر ئوقۇش پۇلىغا تۆلەشكە بەرگەن پۇلغا ئۇ كومپىيۇتېردىن بىرنى ئېلىپ ئاشقىنىغا كىيىم –كىچەك ئېلىۋەتتى،ئوقۇش پۇلىنى بولسا قەرز ئالدى،ئۇ توختىماي دەيتتى:
-بىز قاچانغىچە ئاتا-ئانىمىزغا تايىنىمىز؟ بىز ئۆزىمىز ئىگىلىك يارىتىشىمىز كىرەك،ئوقۇش پۇلىنى قەرز ئىلىپ، كىيىن خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئۆزىمىز قايتۇرساقمۇ بولىدۇ.
لىكن ئۇنىڭ ئوقۇش پۇلىغا كومپىيۇتېر ئىلىۋەتكەن ئىشىنى ئۆيىدىكىلىرى بىلمەيتتى،ھەم ئوقۇش ياردەم پۇلىمۇ ئىلتىماس قىلمىدى،ئاي ئاخىرىدا ئۇ ياتاقتا تەييار چۆپ يەيتتى،ھىچكىم ئۇنىڭدىن نېمىشقا تەييار چۆي يەيدىغىننى سورىمىسىمۇ ئۆزىچە: -مەكتەپنىڭ تاماقلىرىنىڭ بارغانسىرى ناچارلىشىپ كىتىۋاتىدۇ جۇمۇ،مۇشۇ كۈنلەردە تاماق يىسەملا ياندۇرۇپ ،ئاشقازىنىمنى بۇزىۋەتتى...دەپ قوياتتى.
ئاV تەنتەربىيگىمۇ بەك قىزىقاتتى،ھەممىدىن بەكرەك پۇتبۇلغا قىزىقسا كىرەك،ھەپتە ئاخىردا ئەرزان ماللار دۇكىنىدىن سىتىۋالغان كالوسىنىڭ كىيىمىنى كىيىپ مەيدانغا توپ تەپكىلى چىقاتتى،ئۇنىڭ سۈرئىتى ھەقىقەتەن تېز ئىدى، لىكىن ئۇ توپ ئىلىپ ماڭسا توپ ئۇنىڭغا يىتىشەلمەي قالاتتى،شۇڭا ئۇ ھەر قىتىم تىز سۈرئەت بىلەن ئوتتۇر مەيدانغا بارا-بارمايلا يىراقتىن ئۇراتتى،لىكىن ئۇنىڭ ئۇرغان توپى ۋارتاغا يىقىنمۇ كەلمەيتتى...ئۇ ھەر قىتىم ئۆزىنىڭ مەكتەپنىڭ سۇلياۋ چىمىغا تازا ماسلىشالمايۋاتقانلىقىدىن قاقشايتتى:
-قارا بۇ خەقنىڭ ئوساللىقىنى،ئازراق پۇلغا چىدىماي مۇشۇ چىمغىمۇ يالغان سۇلياۋ چىم قىلىپ قويغىنىنى،ئادەتتە توپنى ياخشى تىپىدىغانلار سۇلياۋ چىمغا ماسلىشالمايدۇ...بۇ خەققۇ پۇتبۇل تىپېدىغاننىڭ خىلى ئەمەس شۇڭا مۇشۇمۇ ئارتۇق كىتىدۇ...
ئۇ مەكتەپنىڭ تەنھەركەت يىغىنىدا بىزگە چوڭ بىر شەرەپ ئىلىپ كىلدى،100مىتىر ۋە 200 مىتىر تۈرىدە بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى،لىكىن كىم بىلسۇن شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ مەكتەپنىڭ ئىچىدە توختىماي يۈگرەيدىغان بولۇۋالدى،ئوقۇتۇش بىناسىدىن ياتاققا،ياتاقتىن ئاشخانىغا...بىر كۈنى ئۇنىڭ مەكتەپنىڭ سىرتىدا تېز سۈرئەتتە كىتىۋاتقان تاكسىنىڭ كەينىدىن قوغلاپ يۈرگىننى كۆرۈپ ھەيران قالدىم،مەكتەپنىڭ ئىچىدىغۇ خەنزۇلار يىنىدىن بىرسىنىڭ ۋىڭڭىدە قىلىپ ئۆتۈپ كەتكىننى سەزسىلا «شىنجاڭلىق لىيۇ شىياڭ» دەيدىغان بولدى...
ئاV ئىككى-ئۈچ كۈندە بىرەر قىتىم ياتاققا پىۋا پۇراپ دەلدەڭشىپ كىرىپ كىلەتتى،دەسلەپتە ئۇنىڭ قەيەردە،كىملەر بىلەن ئىچىۋالغىنى ماڭا نامەلۇم ئىدى،كىيىن باشقىلار ئۇنى مەكتەپتىن بەش يۈز مىتىر يىراقلىقتىكى كەچلىك بازاردا يالغۇز ئولتۇرۇپ ئىچىۋاتقىنىنى كۆرگەنلىكىنى ئىيتتى؛ئۇنىڭ ئىچىۋالغاندىن كىيىن ياتاقمۇ ياتاق كىرىپ جىق سۆزلەيدىغان ئادىتى بار ئىدى،ياتاقمۇ ياتاق كىرىپ خەنزۇلارنى تىللايتتى،«سەن چوشقىلار،سەن ئىتنىڭ باللىرى..»لىكىن ئۇ ئۇيغۇرچە تىللىغاچقا باشقىلار ئۇنىڭ نىمە داۋاتقىننى چۈشەنمەيتى، باشقا ياتاقتىكىلەر داۋاملىق ئاVنىڭ يەنە مەس ھالەتتە ئۇلارنىڭ ياتىقىغا كىرىپ ئۇلارنى ئاۋارە قىلۋاتقىنىنى ،مىنىڭ ئۇنى ياندۇرۇپ ئېچىقىشىمنى سوراپ كىردىغان بولدى،مەنمۇ ئامالنىڭ يوقلىقىدىن باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇنى كۆتۈرگەن پىتى كارۋىتىغا تاشلاپ قوياتتىم؛بىر قىتىم قوشنا ياتاققا كىرسەم ئۇ يەنە تاماكىسىنى يانتۇ چىشلەپ ئوڭ تەتۈر سۆزلىگىلى تۇرۇپتۇ،بىر خەنزۇ ئۇنى ياتاققا چىقىپ كەتسەڭ بولمامدۇ دىسە ئۇ ئاچچىق بىلەن :
-ھەي،نۇمۇسسىز ھارىمى،سەن مىنىڭ ياتىقىمغا كىرسەڭ،سائەت-سائەتلەپ مىنىڭ كومپيۇتىرىمنى ئوينىساڭ،ھەتتا مىنىڭ چاچ سوپۇن،كىر سوپۇن...سوپۇن سوپۇن قاتارلىق شەخسى نەرسىلىرىمنى ئىشلەتسەڭ بولىدىكەن،مەن سىنىڭ ياتىقىڭغا كىرسەم نىمە بوپتۇ؟
ئۇنىڭغىچە يەنە بىر خەنزۇ ئۇنىڭغا ئاچچىق قىلىپ:
- ئاVسىلەر ئۆزىڭلارنى مۇسۇلمان دەيدىكەنسىلەر،لىكىن مۇسۇلمانلار مۇشۇنداق ئىچىپ-چىكىپ يۈرسە بولامدۇ؟،-دىدى .
ئاVبولسا پەرۋاسىز:
-بىز يا سەن خەققە ئوخشاش تاڭسىڭنىڭ شاگىرتى بولمىساق ھاراق ئىچمەيدىغان،تاماكا چەكمەيدىغان،ئوت چۆپلا يەپ گۆش يىمەيدىغان،بەلدىن كەتكەن... بىز دىگەن ئەركەك ،مېنىڭ بوۋام ئىچمەيدىكەن،چەكمەيدىكەن،لىكىن دادام ئىچەتتى،مەن ئۇنىڭ ئىشلىرىنى تىخىمۇ راۋاجلاندۇرۇپ ھەم ئىچىپ ھەم چەكسەم نېمە بوپتۇ؟...
ھا ھا ھا ...
ئاV ھەممە خەنزۇلارغا قوشۇلۇپ قاتتىق كۈلدى.
ئاVنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ چىدىيالمىدىم:
ـ ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر ھەقىقى ئىسلام مۇرتلىرى ئەمەس،شۇڭا ئىچسە،چەكسە بولىدۇ،دىدىم چاخچاققا يۆلەپ.
ھى ھى ھى ...
ياتاقتىكىلەر كۈلۈشتى...ئاVبولسا:
-ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلەر بىن لادىنغا ئوخشاش سەللە تاقاپ يۈرىدىغان ،كۈنىگە 7ۋاخ ئىبادەت قىلىدىغان مەسچىتنىڭ ئاخۇنى...
ھا ھا ھا ...
ئۇنىڭغا شۇنچە ئاچچىقىم كەلدى،شۇ چاغنىڭ ئۆزىدە مۇشت-پەشۋا بىلەن ئۇنىڭ ئەدىپىنى بىرەي دەپمۇ ئويلىدىم،لىكىن ئۇ بىرىنچىدىن ساق ئەمەس،ئىككىنچىدىن بۇ يەردىكى كۆپ سانلىق مىللەت يولداشلارغا ئويۇن قويۇپ بەرمەي دەپ بولدى قىلدىم،ۋە ئۇنى سۆرىگەن پىتىم ياتاققا ئەكىرىپ ئىتتىرىپلا كارۋىتىغا ياتقۇزۇپ قويدۇم.ئاV مەس بولۇپ قالسا تونۇش خەنزۇلارنى تىللايتتى،تونۇمايدىغانلىرىنى بولسا ئۇرۇمەن دەپ ئالدىغا يۈگۈرەيتتى،بىر خەنزۇنى بىكاردىن بىكارغا ئۇرۇپ قويۇپ مەكتەپنىڭ جازاسىغىمۇ ئۇچرىدى؛شۇڭا كىيىنچە خەنزۇلار ئۇنىڭ يانتۇ ماڭغىننى كۆرسىلا ئىشىكلىرىنى مەھكەم تاقاپ ئولتۇردىغان بولدى. ئىككى ئاي بولا بولماي ئۇنىڭ غەلىتە مىجەزى بارا-بارا ھەممەيلەنگە ياقماي قالدى بولغاي،ھىچكىم ئۇنىڭغا ئەستايدىل گەپ قىلماس بولدى،مەن ئۇنىڭ بەزى مىجەزلىرىگە ئاچچىقىم كەلسىمۇ لىكىن ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنداق ئادەم بولۇپ قالغىنىغا بەكلا ھەيران ئىدىم...
ئاV لېيۇ دې خۇاغا بەكلا ئامراق بولۇپ كارۋىتىنىڭ ئۇدۇلىدىكى تامغا پۈتۈنلەي لېيۇ دې خۇا نىڭ رەسىملىرى چاپلاقلىق ئىدى،ياتاقتا توختىماي ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلايتتى،لىكىن ئۇنىڭ ئۇيغۇرچە ناخشىلارغا ئۆچلۈكىنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن،بىر كۈنى كەچتە ياتاقتىكى ياڭراتقۇغا MP3نى چېتىپ ئابدۇللانىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاپ ئولتۇرغانتىم،ئۇ يەنە دەلدەڭشىپ ئىشىكتىن كىرىپ كەلدى دە ئۆزىنىڭ MP3ىنى چېتىپ يەنە شۇ لېيۇ دې خۇا نىڭ ناخشىلىرىنى قويۇپ كەتتى.
ـ قويساڭ بولمامدۇ بىر ئوبدان چىقىۋاتقان ناخشىنى،-دىدىم مەن نارازى بولۇپ.
-ۋاي،ۋاي...ئەجەپ بىر تومپاي بىر بالىسەندە،ھەي...ئۇ يەنە 50يىل ئىيتسىمۇ يىتىشەلمەيدۇ لېيۇ دې خۇا غا،ئۇ خەنزۇچە ناخشىلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئىيتماي تۇرۇپ نام چىقىرىمەن دەپ خام خىيال قىلمىسۇن،ناخشا دىگەننىچۇ مانا مۇنداق خۇا زەيدەك ئىيتىدۇ دەپ ياڭراتقۇغا ئەگىشىپ توۋلاپ كەتتى...
توۋا... ؟ قانچە ئويلاپمۇ يىتەلمىدىم. بۇ قىززىق دۇنيادا قىززىق ئىشلار ئەجەپ كۆپكىنا،« بىر كۈنى ئىچېپ ئۆلەسەن ھارىمى» دەپ تىللىدىم ئىچىمدە.
ئۇزاق ئۆتمەي ئاV سىنىپتىكى بىر خەنزۇ قىز بىلەن تېپىشىۋالغاندىن كىيىن شۇ ھەپتە ئىچىدىلا سىرتتىن ئۆي ئىجارە ئىلىپ ياتاقتىن كۆچۈپ كەتتى ، ئۇنىڭ خەنزۇ بىلەن يۈرگىنىگە قاتتىق ئاچچىقى كەلگەن بولسىمۇ ئا Vنىڭ سىرتقا كۆچۈپ كىتىشى يەنە بىر ھىساپتا ماڭا زور بىر خۇشاللىق بولدى،چۈنكى ئۇ بۇ ئىككى ئاي جەرياندا بەكلا ئىچىمنى سىققان ئىدى،ئەمدى ئىچىمنى پۇشۇرۇپ يۈرۈيدىغان ئىشلار ئازايدى ئەمەسمۇ.
شۇنداق قىلىپ ئاV يوق خىلى ئازادىلىك ھىس قىلىپ قالدىم ياتاقتا، ئۇ ئىككى خەنزۇ ئۇنىڭدىن كۆپ ياخشى ئىدى،ئارتۇق گەپ سۆزى يوق ،ئۆزىنىڭ ئىشىنى قىلىپ يۈرەتتى. ئا V بەزىدە سىنىپتا يا بولمىسا ئاشخانىدا ئۇچراپ قالاتتى،لىكىن گەپ-سۆز قىلىشمايتتۇق.
كىينچە ئاVدەرسكىمۇ چىقماس بولىۋالدى،قىز دوستىنىڭ دىيىشىچە ئۇ كۈندە مەس قايتىپ كىلەرمىش،بەزىدە ئۆيگە بولاققا ئورالغان نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ كىلەرمىش، تاماكىغا ئوخشىمايدىغان بىر نەرسىنى يۆگەپ چىكىپ 2-3سائەت مىدىرلىماي ئۇخلارمىش...
بىر كۈنى ئەتتىگەندە سىنىپقا چىقسام ئاVنىڭ قىز دوستى ھۇدۇققىنچە ئالدىمغا كەپتۇ؛
-ئۇ ئاخشام ياتاققا قايتتىمۇ ؟
-مەندىن سورايسىزغۇ، ئۇ سىز بىلەن بىللە سىرتتا تۇرىۋاتىدىغۇ .
ئۇنىڭغا گەپ قىلغۇممۇ كەلمىدى ئاVغا ئۆچلۈكۈمدىن.
چۈشكە يىقىن مەكتەپكە بىر قانچە ساقچى كەپتۇ،شەھەر سىرتىدىكى پويز يولىدىن پويز بېسىپ ئۈچ پارچىگە بۆلۈۋەتكەن بىر جەسەت بايقىلىپتۇ،ئۇنىڭ قانغا بويالغان ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىدىن ئۇنىڭ مۇشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكى مەلۇم بوپتۇ.
ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن مەلۇم بولۇشۇچە ئۇ ھادىسىگە ئۇچرىغان كۈنى كەچلىك بازارنىڭ ئالدىدىكى يولدا ئۇنىڭ بىر كىشىگە غەلىتە بىر خىل تىلدا بىر نىمىلەرنى دەپ كەينىدىن قوغلاپ كىتىپ قالغىنىنى كۆرگەنلەر بارمىش...
ئاVگەرچە مۇشۇنداقلا كىتىپ قالغان بولسىمۇ ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرغىنى تەسىرى بەكلا ئۇنتۇلغۇسىز بولدى...
مەنبە: كۆكلەم مۇنبىرى
توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- بلوگباس ئۇسلۇبى: ئۇسلۇبى تارقىتىلىدۇ
- ئەي خالايىق، يېڭى بىر ئۇسلۇب قاتىللىقىغا گۇۋاھ بولغايسىزلەر، تىز كېلىڭلار، قۇتقۇزۇڭلار… (34)
- كارتون دوپپا ۋە كارتون كىيىملەر لازىممۇ؟ بۈگۈن سىلەرگە سوۋغا قىلاي… (2)
- ۋەتەن بلوگى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن ئۇسلۇب!
- WordPress ئۇيغۇر مۇنبىرىنىڭ ئېچىلماسلىقى ھەققىدە قىسقىچە بايانات (32)
- [ WordPress ھاياتىنى باشلاش ] (1-قىسىم) WordPress نى تونۇش (32)
- [ ئىجادىيەتلىرىمدىن] ئۆزىنى يۇتۇۋېتىش
- ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار خالايىق، «2012-يىللىق 10 نادىر بلوگ»نىڭ بېلەت تاشلاش قىسمىنى باشلىۋەتتۇق!… (9)
- تۇرايىمىزنىڭ مىكرو ئۇچۇر(微信) ئاممىۋى سۇپىسى ئېلان قىلىندى، قوللاپ بېرىڭ… (12)
- بۈگۈن Godaddyدىن تىزىملاتقان تور نامىڭىز مۇقىممۇ؟ (11)
- ھەقسىز تور نامى .TKنى ئىشلىتىۋاتقانلار دىققەت، مۇتنىڭ ۋاقتى كەپتۇ! (14)
- [تەبرىكنامە] شىنجاڭدا تور تەلتۈكۈس ئەسلىگە كەپتۇ!