يېڭى WordPressچىلەرنىڭ 5 قىززىق ئىشلىرى، سىز قانچىسىنى قىلىپ باقتىڭىز؟

6a00d8341c997e53ef0133ec3de277970b 800wi conew1 يېڭى WordPressچىلەرنىڭ 5 قىززىق ئىشلىرى، سىز قانچىسىنى قىلىپ باقتىڭىز؟

ييېقىندا، ھەرقايسى WordPressچىلەرنىڭ بلوگلىرىنى ئارىلاش جەريانىدا، يېڭى بلوگگېر دوستلار ئوڭاي سادىر قىلىدىغان بىر قانچە قىززىق ئىشلارنى بايقاپ قالدىم. بۇ قىززىق ئىشلار ھەم ئۆزۈمنىڭ كەچۈرمىشىدىمۇ ھەم بولغاچ، مۇشۇ يەردە مۇشۇ قىززىقلاردىن بەھرمەن بولۇشنى خالىدىم. سىز مۇشۇ ئىشلاردىن قانچىسىنى قىلىپ باقتىڭىز ۋە ياكى بۇنىڭدىن باشقا ‹‹ئەخمىقانە››ئىشلىرىڭىز بارمۇ-يوق، ئىنكاسدا يۈز كۆرۈشەيلى!

1.Spam(يەنى ئەخلەت ئىنكاسلار)نى تەستىقلاش ھەمدە ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب يېزىش

يېڭى يېڭى WordPressچىلەرنىڭ سپەم ھەققىدىكى تونۇشى يوق ياكى يىتەرلىك بولمىغاچقا، بىر زاماندا تۇيۇقسىز يۇپىرىپ كېلىدىغان نامەلۇم كىشىلەرنىڭ نامەلۇم تىلدىكى (كۆپىنچە ئىنگىلىزچە ياكى خەنچە ) ئىنكاسلارنى كۆرسە خۇش بولۇپ تەستىقلايدىغان، بەزى بلوگگېرلار ھەتتا مۇشۇ ئىنكاسلارغا ئەستايىدىللىق بىلەن جاۋاب يېزىپ ‹‹ئۇيغۇرچىنى بىلمىدىڭىزمۇ؟››دەپ ئالاھىدە كۈيۈنۈپ كىتىدىغان ‹‹ئەخمىقانە››ئىشلارنى سادىر قىلىدۇ.

2.توختىماي ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش

ئۇسلۇب ھەققىدىكى چۈشەنچىسى ئېنىق بولمىغان ياكى رازى بولغۇدەك ئۇسلۇب تاپالمىغان يېڭى بلوگگېرلارنىڭ دائىملىق قىلىدىغان ئىشى ھەرقايسى ئۇسلۇب بلوگلىرىغا بېرىپ توختىماي ئۇسلۇب چۈشۈرۈش ۋە توختىماي ئۇسلۇب ئالماشتۇرۇش. بىر ھەپتىدە قانچە قېتىم ئۇسلۇب ئالماشتۇردى، بلوگگېرنىڭ ئۆزىمۇ بىلمەسلىكى مۇمكىن. سىزمۇ مۇشۇنداق قىلىپ باققانمۇ؟

3.قىستۇرمىنى بىر پاتمان قاچىلىۋېتىش

بلوگىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش مەقسىدە يۈرگەن يېڭى بلوگگېرلار باشقىلاردىن ياكى ئۆزى ئىزدەپ تاپقان بىر قىسىم زۆرۈر قىستۇرمىلارنى قاچىلاشتىن باشقا، يەنە باشقا لازىم بولمايدىغان قىستۇرمىلارنىمۇ كۆپ قاچىلىۋالىدۇ. بەزىدە دوستلارنىڭ بەزىدە بلوگگېرلارنىڭ ئاجايىب ئىقتىدارلىق قىستۇرما تارقاتقانلىقىنى بايقاپ قالسا، ئاشۇ قىستۇرمىلارغىمۇ كۆزى چۈشۈپ قاچىلىۋالىدۇ تېخى…ئاندىن قارىسا بلوگىنىڭ سۈرئىتى شۇنداق ئاستىلاپ كەتكەن، سەۋەبىنى تاپالمىغاچقا بېرىپ بوشلۇق ساتقان تەرەپنى ئىزدەپ بوشلۇقىڭ بەك ئاستىكەن دەپ باھانە تاپىدىغان گەپ…

4.يازما يوللاش سۈرئىتى ئاتتەك تىز

يېڭى بلوگگېرلار يېڭى بلوگ يازغاچقىمۇ، بلوگ يېزىش قىزغىنلىقى ئاجايىپ يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭلاشقىمىكىن، بلوگ يېڭىلاش سۈرئىتىمۇ مۇناسىپ ھالدا ناھايىتى تىز بولىدۇ، بەزى كۈنلىرى كۈنىگە بىرنى يوللىسا، بەزى كۈنلىرى كۈنىگە تۆت-بەشنى بىراق يوللىۋېتىدۇ، بەزىدە بلوگ يېزىش ئۈچۈن تاماقمۇ يېمىگەن كۈنلىرى، ئۇخلىماي ئاتقۇزغان تاڭلىرى بولىدۇ.

5.ئىستاتىسكا ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولۇش

يېڭى بلوگگېرلار يېڭى بلوگ باشلىغانلىقىغا قارىماي، بلوگىنىڭ زىيارەت سانىغا ئالامەت دىققەت قىلىدۇ. ئاز چاغلاردا تۇيۇقسىز ئېشىپ كەتكەن زىيارەت سانىدىن ھاياجانلىنىپ يۈرىكى ئويناپ كەتسە، كۆپىنچە چاغلىرىدا ئاشمايۋاتقان ياكى ئۆزىدىن باشقا ئادەم كەلمىگەن ئاشۇ بلوگىدىن ئىچى سىرىلىپ، ئۈمىد ئىچىدە داۋاملىق بلوگ يېزىشقا تىرىشىدۇ.

يەنە قانداق قىززىقچىلارنى قىلىسىزكىن؟ بىرلىكتە مۇنازىرە قىلمامدۇق…


4 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • بۇ تېمىغا يالغۇز مەنلا كىرگىنىمدىن قارىغاندا،پەقەت مەنلا ئەخمەق ئوخشايمەن!

  • ماۋۇ تېمىنى كۆرۈپ، دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلارنى بىلىۋالدىم..مەنمۇ بەك قىززىق ئىشلارنى قىلىپتىمەنغۇ… :mrgreen:

  • كۆلچەك | 2012.09.5 جاۋاب

    ئوتتەك قىززىپ،پوختەك سوۋۇيدىغانلارمۇ بار، :lol:

  • مەن قىلىپ باققان ئىشتىن بىرى باركەنغۇ…. :oops:

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif