- سەھىپە:WP تېخنىكىسى
- | باھا:6
- | زىيارەت: 463 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، blog, wordoress, ئۇيغۇر
بىر قىسىم ئۇسلۇبلاردا پىكىرخانا دېگەن بۇ تاللاش يوق بولۇپ،بەزىدە بلوگ ئۈچۈن پىكىر-تەلەپ يىغىش ئۈچۈن بىر ئايرىم پىكىرخانا لازىم بولىدۇ،بۇ چاغدا پىكىرخانا ھۆججىتى يوق ئۇسلۇبلار مانا مەن دەپ چېنىپ قالىدۇ.بۇنداق ئەھۋالدا،بىز ئۆزىمىز قول سېلىپ،بىر مۇكەممەل بولغان پىكىرخانا قۇرۇپ چىقساق بۇ مەسىلىمۇ ھەل بولىدۇ.
ئەمەلىيەتتە،پىكىرخانا قۇرۇش مەشخۇلاتى ناھايىتى ئاددىي بولۇپ،بىز پەقەت ئۇسلۇب ئۈچۈن <<پىكىرخانا>>ناملىق بەت(page)دىن بىرنى قۇرۇپ،زىيارەتچىلىرىمىزگە ئىنكاس ھالەتتىكى پىكىر بىرىش مەيدانى ھازىرلاپ بىرىشتىن ئىبارەت.
پىكىرخانا پاسون ھۆججىتى قۇرۇش
1) ئۇسلۇب ئورۇنلاشقان ھۆججەت قىسقۇچنى تېپىپ(ئادەتتە /wp-content/themes/دېگەن يەردە بولىدۇ)،يەككە يازما ھۆججىتى single.phpنى تېپىڭ ھەمدە ئۇنى كوپىيە(复制)قىلىپ،كوپىيەلەنگەن single.php ھۆججىتى نامىنى guestbook.phpگە ئۆزگەرتىڭ.
بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت،پىكىرخانىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەسلىي ئۇسلۇب قۇرۇلمىسى بىلەن ئوخشاش قىلىشتىن ئىبارەت.
2) بىر ئۆلچەملىك كود تەھرىرلەش قورالى(مەسىلەن: editplus،ultraedit،notepad2 قاتارلىق قوراللار،ھىچ بولمىسا سېستىمىنىڭ ئۆزىدە بار notepad بولسىمۇ بولىدۇ)ئارقىلىق guestbook.php ھۆججىتىنى ئېچىڭ ھەمدە ھۆججەتتىن تۆۋەندىكى كودنى تېپىڭ.
<?php get_header(); ?>
ئاندىن بۇ كودنىڭ ئالدىغا تۆۋەندىكى كودنى قوشۇڭ.بۇنداق قىلىشدىكى پاسون ھۆججىتىگە ئىزاھات بىرىشتىن ئىبارەت.
<?php
/*
Template Name: Guestbook
*/
?>
3) تەھرىرلەنگەن guestbook.php ھۆججىتىنى ئۇسلۇب ھۆججەت قىسقۇچىغا يۆتكەڭ.
4)ئەمدى ئارقا سۇپىغا كىرىپ،بەتلەر تاللىشىدىن يېڭى بەت قۇرۇڭ،بەتنىڭ تىمىسىنى بولسا <<پىكىرخانا>>دەپ يېزىڭ،مەزمۇنىغا بولسا پىكىرخانىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇن يېزىڭ،مەسىلەن:بلوگىمىزغا نىسبەتەن قانداق پىكىرلىرىڭىز بولسا بۇ يەرگە بىرىڭ دېگەندەك.
5) ئەمدى ئەڭ مۇھىم بىر جاي قالدى:كۆرۈنگەن تەھرىرلىگۈچنىڭ سول تەرىپىدىكى <<بەت خاسلىقى>>دېگەن جايدىكى ئۈلگە تاللىشىدىن بىز بايا ياسىغان guestbookنى تاللايمىز،ئاندىن يوللاشنى باسساقلا،پىكىرخانىدىن بىرى پۈتىدۇ.
مەزكۇر يازمىدا ئىشلەتكەن كود
ناۋادا يۇقارقى مىسال كوددا مەسىلە كۆرۈلسە بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ سىناپ كۆرۈڭ
ھۆججەت نامى:پىكىرخانا كودى | ھۆججەت سىغىمى: نامەلۇم |
MDB تەستىقى:نامەلۇم | ۋىروسخورنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن! |
يۈك مەنزىلى:بۇيەردىن چۈشۈرۈڭ | [چاقماق(迅雷)نى ئىشلىتىپ چۈشۈرۈڭ] |
◎تۇرايىمىزدىكى يۇمتاللارنىڭ ھەممىسى توردىن يىغىلغان،سودا خاراكتىرىدە پايدىلىنىش مەنئىي قىلىنىدۇ. ◎نەشىر ھوقۇقۇمغا دەغلى قىلدى دەپ قارىسىڭىز،شۇ ھامان ئىنكاس قىلىڭ،24 سائەت ئىچىدە ئۆچۈرىمىز.

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- «مۈشۈكياپىلاق دۆلىتى : قورۇقچىنىڭ ئەپسانىسى» دېگەن كارتون فىلىمنى كۆردىڭىزمۇ؟ (12)
- ۋېرتىكال ۋە گورىزونتال باشلىغۇچى تىزىملىك ياساش
- كۆزىڭىزنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىڭ:3D ئۈنۈمى ئىشلىتىلگەن مۇنەۋۋەر بېكەتلەر
- [تەنەپپۇس مەزگىلى]مۇڭلۇق تاتارچە ناخشا-بۇلبۇل
- WordPressدە ئىنكاس يازغاندا چىراي ئىپادىسى قوشۇشنىڭ غەيرىي رەسىمىي تەدبىرى (قىستۇرمىسىز) (13)
- ھازىرقى بالىلار كارامەت… (8)
- Prestan Simple 2 ئۇسلۇبىنى يېڭى ئىشلەتكۈچىلەر بىر قىسىم تەڭشەشكە تېگىشلىك جايلار (17)