- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:5
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ: ، ئۇيغۇربەگ, ئەسلىمە
قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە،دىيارىمىزدا تور ھېلىھەم قامال قىلىقلىق مەزگىللەر ئىدى،ئۆيدىكىلەرگە ياردەملەشكەچ ئەلكۈيى تورىغا چىقىپ شۇ يەردىكى ئېسىل،ئىجادىي ئەسەرلەردىن ھۇزۇرلىنىپ،كۈنلىرىم تولىمۇ مەنىلىك ئۆتۈۋاتاتتى،ئەلكۈيىدىكى بەزى ئەسەرلەردىن ئېلھامىم تۇتۇپ كېتىپ،مەنمۇ بىر ئەسەر يوللىغانىدىم،ئويلىمىغان يەردىن تور ئۈزۈلگەندىن كىيىن ئالاقىمىز ئۈزۈلۈپ قالغان تولۇق ئوتتۇرىدىكى دوست ئورنىدىكى ساۋاقدىشىم بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم،شۇ ھاياجاندا توردا ئاشكارا ھالدا ئۆز-ئارا خەت يىزىشىپ،ئەھۋال سوراشدۇق،بارا-بارا ئەسلىمىلەر قەلئەسىگە ئاتلىنىپ ‹‹ئەلكۈيىدە يېزىشقان خەتلەر››ناملىق بۇ بىر يۈرۈش خەتلەر تەييار بولدى.بۇ خەتلەردە-جياڭسۇ ئۆلكىلىك خەنجىياڭ ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى شىنجاڭ سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان بولۇپ،بۇ مەزمۇنلار ئارقىلىق ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرىنىڭ بىر قىسىم كارتىنلىرىنى بىلىۋالساق ئەجەب ئەمەس.
ساۋاقدېشىم ئۇيغۇربەگكە سالام !
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ساۋاقدىشىم ھەم دوستۇم ئۇيغۇربەگ؛ قانداق ئەھۋالىڭ؟ سېنى ئەلكۈيىدە كۆرۈپ ئالەمچە خوشال بولدۇم. ئەدەبىيات ئۇچۇن قايتا قەلەم تەۋرەتكىنىڭگە خوشال مەن، ئىگەم قولۇڭغا دەت بەرمىسۇن. ئالدىنقى بىر نەچچە ۋاقىتلاردا سەن بىلەن سۆزلەشكەندە سېنىڭ ئۈگۈنۈش ئالدىراشچىلىقى بىلەن قەلەمنى قولۇڭغا ئالالمىغانلىقىڭنى ئاڭلاپ خاپا بولغان ئىدىم. بۇگۈن بۇ يەرنى سېنى كۆرۈپ بەكلا خۇشال بولدۇم؛ ئادەم دىگەن ئاجايىپ ھە! ئېچكىردىكى ۋاقىتلاردا ئەدەبىيات دەپ قېلمىغان ئشلىرىمىز قالمىغان ، ئەمدى بولسا بىكار ۋاقىتتا قىلىدىغانغا ئىش يوق ، ئىلھام يوق ئولتۇرۇپ قىلىۋاتىمىز. مەنمۇ ئالىي مەكتەپكە قەدەم باسقاندىن بېرى تۇزۇكرەك نەرسە يىزىپ باقماپتىمەن. بىكار ۋاقىتلىرىمنى ئۇنى- بۇنى قېلىپ ئۆتكۈزىۋىتىپتىمەن؛ ئۆزۈمگە ئاچچىغىم كېلىۋاتىدۇ. ئەسلى قىلىدىغان ئىشلارنى قىلمىغانلىقىمغا پۇشايمان قىلىۋاتىمەن؛ كۆرىۋاتامسەن ، ھەممە ئادەم ئىچكىردە ئوقۇيدىغان بولۇپمۇ ئىچكىردىكى بىزدەك شىنجاڭ سىنىپلىرىدا ئوقۇيدىغان بالىلارنى ئۆز ئەدەبىياتىنى ، تىلىنى ، دىنىنى چۇشەنمەيدۇ دەپ ئويلايدىكەن. ئەتىگەنكى ئاپتۇبوستا ئولتۇرغان كىشىنىڭ شۇنداق دىگەن گەپلىرى بەكلا كۆڭلۈمگە كەلدى. ئۇ ئادەمنىڭ دىيىشىچە بىز ھىچنەرسىگە يارىماس بولۇپ چىقىدىكەنمىز. ھەي،مۇشۇ خەقلەرنىڭ مۇشۇنداق دىيىشلىرىنى ئاڭلىسام بىرخىللا بوپ قالىمەن…
بولدىلا قاقشىماي بەلكىم ھەممە گۈناھ ئۆزىمىزدىدۇر . لىكىن شۇ تاپتا زىممىمىزدىكى يۈكنىڭ مەن ئويلىغاندىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىۋاتىمەن؛ تىرىشايلى ساۋاقدىشىم،تىرىشىمىساق مىڭ قاخشىغان بىلەن بىكاركەن،بولدى،خەتنى مۇشۇ يەردە توختۇتاي، ئاخىردا سېنىڭ تىخىمۇ بەك تىرىششىڭنى ، بېسىلىپ ياتقان ئەسەرلىرىڭنى كۆپرەك ئىكراندا نامايەن قىلىشىڭنى ئومۇد قىلىمەن…
ئىگەم ئىشلىرىڭنى ئاسان قىلسۇن. خەير،ئامان بول…
2010- 02 – 13 ئۈرۈمچى
ساۋاقدىشىم زۇلئاينىڭ خېتىگە جاۋاب خەت
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ساۋاقدىشىم زۇلئاي،
ياخشى تۇرۇۋاتقانسەن؟ئۆيۈڭدىكىلەر سالامەتمۇ؟باشقا ئىشلىرىڭ جايىدادۇر ھە؟نەچچە كۈن ئۆي ئىشى بىلەن ئالدىراش بولۇپ كېتىپ تورغا چىقمىغانىدىم،بۈگۈن <<ئەلكۈيى>>گە كىرىپ سېنىڭ تۆنۈگۈن قالدۇرۇپ قويغان خېتىڭنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيران بولدۇم ھەمدە خۇش بولدۇم،سېنى بۇ يەردە ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن،يېڭىچە سالاملىشىش،يەنى يېڭىچە سالام خەت شەكلىدىن ناھايىتى سۈيۈندۈم.نەچچە يىل بورۇن <<تەڭرىتاغ>>ژۇرنىلىدا <<توردا يىزىشقان خەتلەر>> دېگەن تىمىدىكى ماقالىنى ئوقۇپ توردا ئاشكارا پاراڭلىشىشقا ناھايىتى قىزىققانىدىم،ئەمدى،مانا بىر يىل كۆرۈشمىگەن ساۋاقداشلار <<ئەلكۈيى>>گە ئورتاق مەقسەددە يىغىلىپ ئاشكارا خەت يىزىشىپ ئولتۇرۇپتىمىز.
خېتىڭدە مەندىن قولىغا قەلەم ئالمىدى دەپ ئاغرىنىپسەن،ھەي شۇ،مەندىمۇ شۇنداق ئۆكۈنۈش بار.بىلىسەن،بىز ئەشۇ تۈرلۈك بېسىملارغا تولغان ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىدا ھاياتىمىزدا، شارائىتنىڭ چەكلىكلىگى بىزنى چۈشەپ تۇرسىمۇ تۈرلۈك مەزمۇنلۇق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باراتتۇق،ساڭا ئوخشاش ئەدەبىيات ئاشنالىرى دەم ئېلىش كۈنلىرىدە يىغىلىپ داڭلىق ئەسەرلەرنى ئوقۇش،تەجرىبە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ باراتتۇق.ئېسىڭدىدۇ،سېنىڭ يازغان شېئىرىڭنى مەن ياراتمايتىم،يازغان ئەسەرلىرىڭ گەرچە شۇنچە مەزمۇنلۇق بولسىمۇ لېكىن شىئىرىي ئۆلچەمگە چۈشمىدى دەپ لاياقەتسىز قىلىپ قۇياتتىم.سەن شۇ چاغدا قىلچە رەنجىمەي مەن دىگەن بۇيىچە يەنە ئۆزگەرتەتتىڭ.مەنمۇغۇ شۇنچىلىك ئاقسالىق قىلغىنىم بىلەن يازغان شېئىرلىرىمنى مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتسەم ئاراندىن ئاران بىرپارچە <<ئىشقىي نەزمە>>منى ئېلان قىلدۇرالىغانىدىم.شۇ چاغلاردا، ساڭا تېخى <<ئۇچقۇن>>دەپ تەخەللۇس قويۇپ بەرگەنىدىم(لېكىن بىلمىدىم،بۇ يەردە سەن زۇلئاي دىگەن نامدا يۈرۈيسەن…)،سېنى <<ئۆتكۈر>>تەخەللۇسلۇق ئەدىبىمىزدەك بولسىكەن دېگەن ئۈمىدىم بار ئىدى دىگىنە.ھەي شۇ،ھەر قېتىملىق <<نەۋرۇز يىغىلىشى>>نى تەشكىللىگەن چاغلاردا ئۇيغۇر،قازاق،خەنزۇ تىللىرىدىكى ئەسەرلەرنىڭ كۆزدىن كەچۈرۈشكە سېنى قۇياتتىم،سەن ھەربىر پارچە ئەسەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ چىقاتتىڭ،ئېرىنمەي بېرىپ نەچچە رەت ئۆزگەرتەتتىڭ،تولۇق ئوتتۇرا ۋاقتىمىزدىلا مۇھەررىرلىك،تەھرىرىلىك،كوررىكتورلۇق تەجرىبىمىز بولغانىدى،بولۇپمۇ 2007-يىلىدىكى نەۋرۇز مۇشائىرە يىغىلىشىمىزنى ئۆتكۈزگەندىكى كەيپىيات ئېسىمدىن كەتمەيدۇ.قەھرىتان سوغۇق بولغان ئاشۇ كۈنى،بىز سوغۇقدىن قورقماي مىللىي كىيىملىرىمىزنى كىيىپ ناھايىتى ئىللىق بولغان باھار مەنزىرىسىنى ھاسىل قىلغانىدۇق،بىر-بىرىدىن سەرخىل بولغان ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزنى ئوقۇپ ئەجدادلارنى ئەسلىگەن ئىدۇق،كىيىن مەن شۇ نەۋرۇز يىغىلىشىمىزدا تارتىلغان سۆرەتلەرنى <<دىيارىم>>قاتارلىق چوڭ توربېكەتلەرگە يوللىغىنىمدا << ئىچكىرىدىكى ئوقۇغۇچىلاردا ئۈمىد يوق دىسەك بۇلارمۇ بوش ئەمەسمۇ نىمە؟…>>دېگەندەك باھالارغا ئېرىشكەنىدۇق؛
توغرا دەيسەن،بەزى كىشىلەر <<ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكەنلەر>>نى ياراتمايدۇ،لېكىن مەن ئاغرىنمايمەن،چۈنكى مەن بىلىمەن،بۇنداق دىگەنلەرنىڭ بەلگىلىك ئاساسلىرى بار،ئارىمىزدىكى نۇرغۇنلىرىمىز ئاتا-ئانىمىزدىن ئايرىلىپ ياشىدۇق،ئەمدى بىزنى ھىچكىم كۆرمەيدۇ دىگەندەك قىپ ئۆزلىرىچە <<مەدەنىيلىشىپ>>، گەپ قىلسا <<ئەبجەش>>تىلدا سۆزلىشىپ كېتىدىغۇ،تېخى ئۆينى ياراتماي يىلدا بىر كەلسە مەكتىپىگە كېتىشكە ئالدىرايدۇ،لېكىن ئالتۇنمۇ ساپ بولمىغاندەك يەنە ئەنئەنە،كېلەچەك ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارمۇ يوق ئەمەس.راستىنى دېسەم،مەن تولۇق ئوتتۇرا ۋاقىتلىرىمدا ئۆزۈمدىن بەكلا پەخىرلىنەتتىم.شۇنچە بېسىملار ئاستىدا ئۇيغۇرچە گېزىت-ژۇرناللارغا ئاستىرىتتىن مۇشتەرى بولىشىمىز،بېشىمىزدىكى دوپپا-ياغلىقلار،كۈزەتچى قويۇپ قويۇپ ئوقۇغان نامازلىرىمىز…بۇ ئىشلارنى ئالىي مەكتەپتە تونۇشقان،باشقا مەكتەپدىن كەلگەن ئىچكىردىكى تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىغا دېگىنىمدە ھەيران قېلىپ ئاغزىنى ئېچىپ قېلىشتى،ئۇنىڭ شۇ ھەيران قىلغاندا قىلغان سۆزىمۇ ئەبجەش ئىدى…يېرىم يىل ئىچىدە نۇرغۇنلىغان سۇمبۇل چاچلار كېسىلدى،دوپپىلار-ياغلىقلار تاشلاندى،بەزى ئېغىزلارغا تاماكا-ھاراق ياماشتى،ئەڭ چاتىقى مېنىڭ گەپلىرىمگە شۇنچە ئىھتىيات قىلساممۇ ياتنىڭ گەپلىرى يامىشىشقا باشلاۋاتىدۇ…ھەي شۇ،بېراق،بېراق…ئالىي مەكتەپكە كېلىپ مەنمۇ ئۆزگىرىشكە باشلىدىم،بەش ۋاق نامازنى شۇنچە تەستە ئوقۇۋاتىمەن،گەپ مۇھىتتا ئەمەس ئۆزەمدە ئىدى،ۋاقىت شۇنچە كۆپ،ئەكەلگەن ئۇيغۇرچە كىتابلىرىمنىڭ چاڭ بېسىپ ياتقانلىقىنى ئەسلىسەم ئەتە ئالىي مەكتەپ ئىمتاھان كۈنى دىگەن كېچىسى ئوقۇۋاتقان <<ئۆزلۈك ۋە كىملىك>>دىگەن كىتابنى ئويلاپ قالىمەن.يېرىم يىلنىڭ ياقى بىرەر پارچە ئەسەر يازمىغىمنى ئويلىسام تۆت يىلدا تولدۇرۇۋەتكەن 11 پارچە خاتىرەمنى قۇچاقلاپ قويىمەن.لېكىن…لېكىن،تىرىشىش يەنە ئۆلمىدى،بۇنداق بولۇشلارنىڭمۇ سەۋەبى بار ئىدى،كەسپىمنىڭ ئەدەبىيات بىلەن ھىچقانداق مۇناسىۋىتى بولمىغاچقا يەنە شۇ كەسپىي بىلىملىرىم ئۈچۈن قەلەمنى ۋاقىتلىق تاشلاپ قويۇشقا توغرا كېلەتتى،ئۆيگە كەلگەندىن كىيىن كىتابنى قولۇمغا قايتىدىن ئالدىم،قەلەممۇ يېنىمدىن ئايرىلماس بولدى،ئۆلگەن تەپەككۇرلىرىم ئاستا ئاستا قىمىرلاۋاتىدۇ.بولۇپمۇ <<ئەلكۈيى>>گە چىققاندىن بىرى بۇ يەرلەردىكى تېتىملىق ئەسەرلەرنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ ئىلھاملىرىم قايناشقا باشلىدى.ئىشىنىمەنكى،بورۇنقى مەن چوقۇم ئەسلىنى تاپىدۇ.
قارا،بۈگۈن ئاشىق-مەشۇقلار بايرىمى دەپ بىزدە يوق بايرام ئۈچۈن يۇرتىمىزدىكى قاۋاق-دىسكوخانىلارنى ئاۋاتلاشتۇرۇۋاتقان ياشلىرىمىز نەقەدەر كۆپ ھە!…ھەي،بىھۇدە ئاغرىنىشنى قويۇپ ئۆزىمىزگە پىششىق بولايلى،شۇ تاپدا يازغان خەتلىرىم رېلىسدىن چىقىپ كېتەي دەپ قالدى،ئاخىرقى سۆزۈم: ئارزۇ-ئۈمىدىمىزنى ئۇنتۇلۇپ قالمايلى،كېلەچەك تىرىشقانلارغا مەنسۇپ،ئۆز كەسپىڭدە نەتىجە يارىتىشىڭغا تېلەكداشمەن!…
خەيىر،دوستۇم،مەنمۇ سۈنئىي تۇرمۇشدىن قايتاي،كىيىنكى خەتتە كۆرۈشەرمىز!…سېنى ئاللاھغا تاپشۇردۇم!
2010-يىلى 14-ئاپرىل شەھىرى توقسۇ
مۇناسىۋەتلىك يازما:

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- «1-قىسىم» HTML ئارقىلىق ئاددى تور بەت ياساش
- [مەخپىي رېتسىپ] jQuery ئارقىلىق يۆتكىلىشچان ۋىجىت ياساشنىڭ تەدبىرى، ئۆگەنمىگەنلەر ئارماندا!… (22)
- [ئالەششەنى]ناۋادا كىلاسسىك رەسىملەر 3D بولۇپ قالسا…مانا كارامەت!!!
- [تەبرىكنامە] شىنجاڭدا تور تەلتۈكۈس ئەسلىگە كەپتۇ!
- [ تىلەكنامە ]سالام قۇتلۇق 2011-يىلى…
- [wordpress قىستۇرمىسى] ئوقۇرمەنلەر تېمى(ئۇيغۇرچە قىستۇرما) (2)
- PHPSay مىكروبلوگ سېستىمىسى بىلەن ئېتىشىپ كۆرگۈلۇق!…