ئالدىنقى بىرھەپتە مۇقەددەم،نۇرقۇت مۇنبىرىدە مىكروبلوگ بىرمەزگىللىك ئاۋات پاراڭ تېمىسى بولغاندىن كىيىن،بۇ سېھىرلىك مەخلۇقاتقا بولغان بولغان قىزىقىشىم يۈزگەز ئېشىپ،شۇ ھامانلا ئىنقىلابىي يولداشلار تەرىپىدىن مودىغا ئايلىنىپ،بىرمەزگىل جۇڭگو تورىنى قاپلىغان بۇ دولقۇننىڭ كىچىككىنە شامىلىغا ئەگىشىش نىيىتىگە كېلىپ،بۇ ھەقتىكى ئېكىسپىدىتسىيەمنى باشلىۋەتتىم.
ئەڭ ئاۋۋال،سىناپ كۆرگىنىم QQنىڭ مىكروبلوگى بولغان بولۇپ،ئەمما بۇ مەخلۇقات ئۇيغۇر يېزىقىنى دەھشەت سۈزۈۋالىدىكىن،شۇ ھامان رايىمنى ياندۇردى،سىنا مىكروبلوگىنى بولسا،تىزىملىتىشنى ئاۋارىچىلىق كۆرۈپ سىناپ كۆرمىدىم،ئامال يوق،ئايرىم بىر سۇپىنى ئاجرىتىپ،بۇ تەتقىقاتىمغا ئاتاشنى قارار تاپتىم،شۇ ھامان توردىن ئېچىۋېتىلگەن كودلۇق مىكروبلوگ سېستىمىسىنى ئىزدەپ ئاخىرى PHPSayنى «بايقاپ» چىقتىم.قېنى ئاتامانلار،بۇ مەخلۇقات بىلەن بىرگە ئېتىشىپ كۆرەيلى!
مىكروبلوگ PHPSay سىستېمىسى ھەققىدە قىسقىچە كەلىمە
PHPSay مىكروبلوگ سىستېمىسى بولسا،PHPSay ئەترىتى تەرىپىدىن مۇستەقىل يېزىپ چىقىلغان يەككە كىشىلىك مىكروبلوگ سىستېمىسى بولۇپ،كۆرۈنۈشى شۇنداق ئاددىي ھەمدە سىپتا،قاچىلاش ئوڭاي،مەشغۇلات ئاددىي بولۇشىدەك ئارتۇقچىلىقلىرى بىلەن تورداشلارنىڭ ناھايىتى ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن.نۆۋەتتە ئەڭ يېڭى نەشرى 1.3 بولۇپ،ئالدىنقى نەشىرىگە سېلىشتۇرغاندا ئىقتىدارى تېخىمۇ مۇكەممەللەشكەن ھەمدە يېڭىدىن ئادرىس قىسقارتىش،ئىنكاس يېزىش،كۆپ مىكروبلوگلارنى ماس قەدەمدە تەڭ يېڭىلاش،ئىستاتىستىكا كودى قوللاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى قوشقان.
چۈشۈرۈش ئورنى:http://www.phpsay.com
كۆرۈش ئادرىسى:http://www.zhuliang.info
ئىجرا بولۇش مۇھىتى:PHP 5+ / Mysql 5+
ئادەتتە WordPress قاچىلىغان بوشلۇقىمىزدا ئىجرا بولىۋېرىدۇ.
سېستىمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش
ئەلۋەتتە،مەزكۇر سېستىمىنى تونۇشتۇرۇشىمدىكى ئاساسلىق مەقسەت-تەدبىركار ھەزرەتنىڭ يولىدىن مېڭىپ،سېستىمىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىقىپ،ئۆزىمىزنىڭ ‹‹ئۇيغۇرچە يېزىقتىدىكى مىكرو تۇرايى››مىزنى قۇرۇپ چىقىشدىن ئىبارەت.كەمىنە ئۇيغۇربەگمۇ بىر كېچىلىك ئىزدىنىشدىن كىيىن،مەزكۇر سېستىمىنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ رېتسىپىنى تېپىپ چىقتىم.مەزكۇر مىكروبلوگ سېستىمىسىنى قاچىلاپ بولغاندىن كىيىن،بوشلۇقىمىزغا قارايدىغان بولساق،_template نامىدىكى بىر ھۆججەت قىسقۇچنى ئىزدەپ تاپىمىز.ئاندىن،Notepad++,EditPlus قاتارلىق تەھرىرلىگۈچلەردە ھۆججەتلەرنى بىردىن-بىردىن ئېچىپ،ئىچىدىكى خەنزۇچە خەتلەرنى تەرجىمە قىلىپ چىقىمىز.بۇ ئارقىلىق،بلوگنىڭ سىرىتقى كۆرۈنىشىنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.ئەمدى،_static ھۆججەت قىسقۇچىدىكى ئۇسلۇب ھۆججىتى بولغان style.cssنى تەڭشەپ چىقساقلا،ئۇيغۇرچىلاشقان مىكروبلوگ سىستېمىسى تەييار بولىدۇ.
كۆرگەزمە كەمىنە ئۇيغۇربەگنىڭ مىكروبلوگى:
سېستىمىنىڭ ئەسلىدىكى 140خەت چەكلىمىسىنى بۇزۇش
(بۇ ئۇسۇل ‹‹نىدانىڭ ئويلىرى››دىن بىۋاستە ئېلىندى):بۈگۈن بۇ مىكرو بلوگنىڭ ئەسلى تەمىنلىگۈچىسىنىڭ تور بېتىدىن ئىزدەپ يۈرۈپ، ئاخىرى باشقىلار ئۆزگەرتكەن ئۇسۇل بويىچە يازما ئۇزۇنلۇق چېكىنىڭ 140 ھەرپ بولۇشتەك تازىمۇ بىمەنە (مەن ئۈچۈن، ئەمما باشقىلار ئۈچۈن قانداقكىن، بۇنى بىلمىدىم) بىر ئىشنى ئاخىرى تۈزىتىۋالدىم، تۈزىتىش ئۇسۇلى ئۈچ باشقۇچقا بۆلۈنىدىكەن، ئالدى بىلەن سانداندىكى ھەرپ چېكىنى ئۆزگەرتىدىكەنمىز، مەن 2800 دەپ كىرگۈزسەم، ساندان مەلۇمات تىپىنىڭ چېكى ئاران 255 دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن مەلۇمات تىپىنى ئۆزگەرتىۋەتتىم، ئىككىنچى قېتىمدا غول مۇندەرىجىدىكى index.php نىڭ ئىچىدىكى 140 دېگەن ساننىڭ ھەممىسىنى ئۆزگەرتىپ چىقىدىكەنمىز، ئەڭ ئاخىرىدا default نىڭ ئاستىدىكى index.html بىلەن js نىڭ ئاستىدىكى action نى ئۆزگەرتىۋتسەكلا بولىدىكەن، ئەمما يانفوندا يوللىسا يەنىلا 140 چېكى چىقىۋالىدىكەن، بۇنى ئوڭشاش ئۈچۈن m دىكى ماس ھۆججەتلەرنى ئۆزگەرتىپ قويسىلا بولىدىكەن.
WordPressدە مەزكۇر سېستىمىنى قوزغىتىش
بەلكىم،مىكروبلوگنى يېزىشنى باشلىغان ئىنقىلابىي يولداشلار ئۆزىنىڭ ئامراق بلوگىدا بۇ مىكروجاننىڭ پاراڭلىرىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنغۇسى كەلدى ھەقاچان،بۇنىڭ داۋاسىنى توردىن ئىزدەپ يۈرۈپ تاپتىم.ئۇ بولسىمۇ ماۋۇ(دىققەت!كەمىنە بۇنى ئۆزى سىناپ كۆرمىدى جۇما!) كودنى دىكى مۇۋاپىق جايغا قويۇڭ:
<?php $feed = fetch_feed(‘http://www.setlt.net/t/rss.php’);
$items = $feed->get_items(0,7);
foreach($items as $item) {
echo ‘<li>’.$item->get_title().’<br />’.'<span style=“float:right;“><a href=“http://www.setlt.net/t/“>’.$item->get_date(‘Y-m-j G:i’).’</a></span>’.'</li>’;
}
?>
http://www.setlt.net ماۋۇ ئادرىسنى ئۆزىڭىزنىڭ مىكروبلوگ ئادرىسىغا ئۆزگەرتىشنى ئونۇتماڭ.
شۇنىڭ بىلەن بۇ يازما مۇشۇ يەردە ئاياغلاشتى،ئىنقىلابىي يولداشلار ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبىسىنى ھەم سۆزلەپ ئۆتسىكەن دىگەن ئۈمىددىمەن.ئاخىرىدا بىرقىسىم مەخپىي ئارخىبلارنى پاش قىلىۋېتەي:
ئۇيغۇربەگنىڭ مىكروبلوگى:
http://uyghurbeg.net/t
تەدبىركارنىڭ مىكروبلوگى:
http://say.tedbirkar.net
پرېستاننىڭ مىكروبلوگى(خەنچە ئىكەن بۇ گۇينىڭ)
http://i.prestan.net/
نىدانىڭ مىكروبلوگى:
http://oy.torkatip.info
PS:بۇ يەرگە ئېلان داۋاملىق قوبۇل قىلىنىدۇ!

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- wordpressنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ۋە چۈشۈرۈش (2)
- ئۇيغۇربەگنىڭ 500 دوللارلىق كىرىم قىلىش جەريانىدىكى خەتەرلىك سەزگۈرەشتىس (1)
- [تەۋسىيە يۇمتال]سىھىرلىك چاسا 2.0 Beta1
- مۇنبەرنى قايتا گۈللەندۈرۈش خىزمىتىگە ئاتلىنايلى! (8)
- بىرنەچچە يۈرۈش WordPress چىراي ئىپادىلىرىنى توننىلاپ يوللىۋەتتۇققۇ! (13)
- [ئويلىرىم]‹‹مېنىڭ ئىسمىم خان››دىن تۇغۇلغان ئويلار (12)
- يېڭى ياش،يېڭى مەۋسۇم:بۈگۈنمۇ چوڭ بولىۋاتىمەن!… (12)