يېڭى ياش،يېڭى مەۋسۇم:بۈگۈنمۇ چوڭ بولىۋاتىمەن!…


نەچچە كۈندىن بىرى يېڭى كەلگەنلەرنى كۈتۈش خىزمىتى بىلەن ئالدىراش يۈرۈپ،بۈگۈن ئۆزۈمنىڭ يېڭى بىر ياشقا كىرگەنلىكىمنىمۇ ئۇنتۇلۇپ قاپتىمەن.سەھەردە كېلىشكە باشلىغان قۇتلۇقنامە تېلىفۇن-ئېلخەتلىرىنى تاپشۇرۇپ ئالغاچ،ئۆزۈمنىڭ يەنە بىر ياش چوڭايغانلىقىمنى ئەسكە،ئىختىيارسىز كۈلۈپ قويدۇم.نەچچە يىل ئاۋۋال ‹‹18 ياش،18 قىسمەت››دەپ شېئىر يازغانلىقىم ئېسىمگە كېلىپ،ئۇ شېئىرىمنى قايتىدىن ئوقۇپ چىقتىم.ئوقۇغانسىرى بارغانسىرى شۈكلەپ قېلىۋاتاتتىم...

ۋاقىت نەقەدەر تىز ئۆتكەن ھە!نەچچە كۈندىن بىرى يېڭى كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنى كۈتۈش داۋامىدا ۋاقىتنىڭ نەقەدەر رەھىمسىزلىكىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھىس قىلماقتا ئىدىم.يۇرتىدىن ئەمدى ئايرىلغان بۇ گۈدەك ئېنى-سىڭىللىرىمىزنىڭ ئالىي مەكتەپكە يېڭى قەدەم قويغاندا بولىدىغان قىزىقىش ۋە ھەۋەسدە سورىغان ساددا سۇئاللىرىنى ئويلىغاچ،ئالدىنقى يىللىرى ئۆزۈمنىڭمۇ مەكتەپ قورۇسىدا نەچچە رەت ئېزىپ قېلىپ،بېشىم تايغان-ئايىغىم قايغان تەرەپلەردە پىرقىراپ يۈرگەنلىكىمنى ئەسلەپ قالدىم.بىزمۇ كەلگەندە ئۆز-ئارا تارتىنىشىپ،قىززىق سۇئاللارنى سوراشقان بولغۇيمۇتۇق،كىچىكلەردەك يەردىن ئۈستۈن قارىماي ئولتۇرغان بولغۇيمۇدۇق.مانا،ئەمدى بولساق،قېرى ئوقۇغۇچىلار دىگەن ئاتاقتا شىللىمىزگە چۈشكەن تۈرلۈك بېسىملار ئاستىدا بارغانسىرى پىشىپ مېڭىشقا باشلىغانىدۇق.مەكتەپكە كەلگەندە بۇرتىمىز ئەمدى خەت تارتقانىدى،ئەمدى بولساق ساقال قويۇپ يۈرۈيدىغان بولدۇق؛يېڭى كەلگەندە ئۆز-ئارا ‹‹سىز››لىشەتتۇق،ئەمدى ‹‹ۋاي ئاداش››دىيىشىپ،قەدىناسلاردىن بولۇپ كەتكەنىدۇق؛يېڭى كەلگەندە،بۇ يېڭى شەھەردىكى ھەممە نەرسىلەر ئاجايىب ئۆزگىچە تۇيۇلاتتى،ھەيرانلىق،ھەۋەس ئىچىدە كۆزلىرىمىز ئالا-چەكمەن بولۇپ كەتكەنىدى،ئەمدى،بۇ ھەيرانلىقمۇ يوق،چۈنكى بىز چوڭ بولغانىدۇق،كۆپنى كۆرگەچ ھەيرانلىقنىڭ ئورنىغا غەيرەت ئالماشقانىدى،مۇشۇ غەيرەتلا بىزنى ئۈمىدكە باغلاپ كۈنسىرى پىشىپ يېتىلدۈرۈۋاتاتتى...

ئالدىنقى كۈنلىرى تەدبىركارنىڭ بلوگىدا 80-يىللىرى توغۇلغانلارغا سۇنغان بالىلىق ئەسلىمىلەرنى كۆرۈپ،كىچىك ۋاقىتلىرىمنى ئەسلەپ قالغانىدىم،ئۇ چاغلار نەقەدەر گۈزەل ھە!ھىچنىمىدىن غېمىمىز يوق،ھىچنىمىدىن...تۈرلۈك بېسىم ۋە غەملەر ئاستىدا بارغانسىرى مۈكچىيىۋاتقان ئۆزۈمنى،شۇنداقلا ئۆزۈمگە ئوخشاش كىشىلەرنى كۆرگىنىمدە ئېختىيارسىز ئۆزۈمگە:‹‹كۆر ئۇيغۇربەگ،بۇ سەن،بۇ ھايات!...››دېگۈم كېلىدۇ .بېراق،روھىمنىڭ قېتىغا مۈككەن يەنە بىر ‹‹مەن›› بولسا:‹‹شۇنداق،بۇ ھايات،ئەمما بىلگىنكى،سەن بۈگۈنمۇ ھېلىھەم چوڭ بولىۋاتىسەن!...››دەپ جاۋاب ياندۇراتتى.

ئۆزۈمنى توختاتتىم،مۇزىكا ئاڭلىغاچ،يېڭى يېشىم،يېڭى مەۋسۈمۈم ھەققىدە ئويلىنىشقا باشلىغانىدىم...



无觅相关文章插件,快速提升流量


12 باھا يېزىلىپ بوپتۇغۇ؟ سىزلا يازمىغان ئوخشايسىز ...
  • تۇغۇلغان كۈنىڭىز قۇتلۇق بولسۇن! ئەتىلەردىن كېلىپ مېنىڭكىنى مۇبارەكلەشنى ئۇنتۇماڭ ماخما؟ 8)

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.09.6

      رەھمەت دوستۇم رەھمەت،سىزنىڭكىگە چوقۇم يېقىندىن تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان ئۇچار تەخسەمگە چىقىپ بارىمەن… 8)

  • قۇرۇق بولسىمۇ تۇغۇلغان كۇنىڭىزنى تەبرىكلەيمەن. :!:

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.09.6

      رەھمەت دوستۇم،ھىچ بولمىسا يوقتىن ياخشى ئەمەسمۇ؟ :twisted:

  • 台球厅 | 2010.09.6 جاۋاب

    很久没来了,赞一个

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.09.6

      欢迎光临。。。希望你能看得懂我写的内容,呵呵~~~~~~ :!:

  • يېڭى مەۋسۈم باشلانغاچقا مەنمۇ بەكلا ئالدىراش بولوپ كەتتىم ،شۇڭا بىگىمنىڭ مەۋلۈت كۈنىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن .
    ياشىغايلا ..ياشىغايلا …ئارمانلاردىن ئارتۇق ياشىغايلا بىگىم :!:

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.09.9

      ئۇنى بىر دىمىسىلە،چۈمۈلە شاھ ئالىيلىرى،بىزمۇ بىر دەرسكە كىرىپ كەتتۇق،ئۇيان-بۇيان چېپىپ چارچاپلا كەتتىم،نەچچە كۈن بۇرۇن يازغان خەتلىرىگە ئەمدى جاۋاب قايتۇرۇپ ئولتۇرۇپتىمەن،ئۇھ…
      رەھمەت سىلىگە…

  • تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزىۋالدىم دەڭ…
    قۇتلۇق بولسۇن… سوۋغات بېرەي دېسەم مۇمكىن بولماي قالدى.. ھې ھې

    • ئۇيغۇربەگ | 2010.09.9

      پوچتىدىن سېپ بەرسىلىمۇ بۇلاتتى ئەمەسما؟ :mrgreen: بوپتۇلا،قۇرۇق بولسىمۇ ئەمدى…ئۇنتۇپ قالمىغانلىرىغا ھەشقاللا…

  • يۈكسەل | 2010.09.10 جاۋاب

    روزا ھېيتىڭىزنى مۇبارەكلەيمەن ، بەگ ئېنىم!

باھا يوللاش( قەلب سۆزلىرىڭىزدىن قالدۇرۇپ كىتىڭ)


icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif