- سەھىپە:ئۇنىۋېرسال
- | باھا:12
- | زىيارەت: 1 قېتىم ئوقۇلدى
- | خەتكۈچ:
يېقىندىن بىرى،نۇرغۇن تونۇشلىرىم ھىندىستان كىنوفىلىمى ‹‹مېنىڭ ئىسمىم-خان›نى كۆرۈپ بېقىشىمنى تەۋسىيە قىلىشتى.بۇرۇندىن ھىندىستاننىڭ كىنوسىنى ياخشى كۆرمەيتىم،قاچانلا قارىسا يېرىم يالىڭاچ ھالدا يۈگۈرۈشۈپ سەۋدايىلەرچە ئىشىق-مۇھەببەت ئىزھار قىلىشقان،ئۆزگەرمەس مۇھەببەتنى باش تىما قىلىپ قانلىق ئېلىشقان.ئۇنىڭ ئۈستىگە نۇرغۇن ھېكايىلەر بىزگە تونۇش بولغاچ قايتا-قايتا تەكرار مەزمۇن بولغان بۇنداق كىنولارنى كۆرگەندىن ھوللىۋودنىڭ بىر فانتازىيىلىك كىنوسىنى كۆرگەن ئەۋزەل دەپ قارايتىم.بىر ئەمەس،نۇرغۇن دوستلىرىم كۆرۈپ باق دىگەندىكىن،بۇ زادى شۇنداق ياخشى كىنومىدۇ دەپ بەيدۇلاپ بېقىۋېدىم،بۇ كىنونى كۆرگەن خەنزۇتورداشلارمۇ ئىجابىي باھالارنى يېزىشىپتۇ،شۇنىڭ بىلەن بۇكىنونى كۆرۈپ بېقىش ئىستىكى ئاخىرى تۇغۇلدى.
كىنونىڭ باش رولچىلىرى-ھىندىستاننىڭ داڭلىق كىنو چولپانلىرى بولمىش شاھرۇھخان(كىنودىكى ئىسمى رىزۋانخان) بىلەن كاجول(كىنودىكى ئىسمى ماندىرا)لار ئىدى.كىنونىڭ ۋەقەلىكى 11-سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھاياتىنى تەسۋىرلىگەن بولۇپ،رېئاللىققا شۇنداق ئۇيغۇنلىقى مېنى ناھايىتى جەلىب قىلدى.
كىنونىڭ ئاساسلىق ۋەقەلىكلىرى مۇنداق:رىزۋانخان ھىندىستاندىكى بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ،كىچىكىدىن بىر كېسەلگە گىرىپدار بولۇپ قالغانىدى(بۇ كېسەلنى،كىيىن ئۇ ئامىرىكىغا كەلگەندىن كىيىن ئاندىن بىلىدۇ)،ئۇ بالىلىق چاغلىرىنى ئاپىسى ۋە ئىنىسى بىلەن بومبايدىكى بورايۋال رايونىدا ئۆتكۈزىدۇ،ئۇ باشقا بالىلارغا ئوخشاش خۇشال ئوينىيالمىسىمۇ،ئەمما ئۇنىڭدىكى ئۆتكۈر مېڭە ئۇنىڭ ئۇستازىنىڭ ھەمدە مەھەللىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ.كىيىن،ئۇنىڭ ئىنىسى ئامېرىكىغا ئوقۇشقا بارىدۇ ھەمدە كىيىنچە شۇيەردە ئىشلەپ قالىدۇ.ئىنىسى-ئاپىسىنى ئەپكېلىۋېلىشقا ئۇرۇنغان ۋاقىتلىرىدا،ئاپىسى ۋاقىتسىز قازا قىلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۇ يالغۇز ئىنىسىنىڭ قېشىغا ئاتلىنىدۇ. ئايروپىلان بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئېغىزىدا،ئۇ ئامىرىكا ھاياتىدىكى تۇنجى كەمسىتىشنى باشدىن كەچۈرىدۇ،يەنى،ئۇنىڭ ئىسمى خان بولغاچقىلا ناھەقدىن ناھەق ئىككى سائەتلىك سوراققا ئۇچرايدۇ،كىيىن ھىندىستان ئەلچىخانىسىدىكىلەر ئۇھەققىدە مەلۇمات بەرگەندىن كىيىن ئاندىن قويۇۋېلىتىلىدۇ.بۇ چاغدا ئۇ ھىچنىمىنى بىلمەيتى.كىيىن،ئۇ ئىنىسىنىڭ ياردىمى بىلەن گىرىم بۇيۇملىرىنى سېتىش خىزمىتىنى قىلىدۇ ھەم مۇشۇ جەرياندا ھىندى دىنى مۇرتى بولمىش كاجولنى ئۇچرىتىدۇ ھەمدە كىيىن بۇ ئىككىسى ئۆز-ئارا باراۋەرلىك ئاستىدىكى نىكاھقا قەدەم قۇيىدۇ.
كىيىن،11-سىنتەبىر ۋەقەسى يۈز بىرىدۇ،بۇۋەقە بىلەن پۈتۈن ئامىرىكا مىقياسىدا مۇسۇلمانلارغا قارشى چەتكە قېقىش،كەمسىتىش كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ.ياتاق-مېھمانسارايلار مۇسۇلمانلارنى ھەيدەيدۇ،ھىجابلىق قىزلار تۇيۇقسىز زەربىگە ئۇچرايدۇ،ماللار بايقۇت قىلىنىدۇ...رىزۋانخانلار بولسا خىزمىتىدىن ئايرىلىپ،يېڭى خىزمەت تېپىشى قېيىنلىشىدۇ،چۈنكى،رىزۋانخان مۇسۇلمان ئىدى،نۇرغۇن شىركەتلەر ئۇنىڭ مۇسۇلمانلىقىنى باھانە قىلىشىپ ئۇلارنى يەكلىشىدۇ.كىيىن،رىزۋانخانلارنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىدىن بولغان خوشنىسى-ئافغانىستان جېڭىگە قاتنىشىپ قازا قىلىدۇ،بۇنىڭ بىلەن،كاجولنىڭ بۇرۇنقى يولدىشىدىن بولغان بالىسى-بۇخىل كەمسىتىش تۈپەيلى باشقىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈۋېتىلىدۇ.بالىسىنىڭ ئۆلۈمى-ماندىراغا ناھايىتى تەسىر قىلىدۇ،ئۇ بالىسىنىڭ ئۆلۈمىنى-رىزۋانخاندىن،بۇ بىگۇناھ مۇسۇلماندىن كۆرىدۇ،ناۋادا مۇسۇلمانلار بولمىسىدى.بالىسى ئۆلمەيتى دىگەن قاراش ئۇنى رىزۋانخاندىن ئايرىيدۇ،رىزۋانخان ئايرىلىدىغان چاغدا ئۇنىڭدىن قاچان قايتىپ كىلىشىنى سورىغىنىدا،ماندىرا ئۇنىڭغا قاچانكى ئۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان،ئەمما تېررورچى ئەمەسلىكىنى پرىزدىنىتقا ئېيتالىغاندا ئاندىن قايتىپ كېلىشىنى دەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن،رىزۋانخاننىڭ مۈشكۈل سەپىرى باشلىنىدۇ...
ئۇ بۇ سەپەردە نۇرغۇن قېيىنچىلىقلارغا ئۇچرايدۇ.پۈتمەس-تۈگىمەس كەمسىتىش،چەتكە قېقىش،ماندىراغا بولغان سېغىنىش.ئەمما،ماندىرانىڭ سۆيگۈسى ئۇنى داۋاملىق سەپەر قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئۇ-قارا تەنلىك دوستلىرى بىلەن بىرگە،بىر چىركاۋدا قېرىندىشىدىن ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى ھەمبەھىر بولىدۇ،بىر مەسچىتتە رادىكال ئىسلام ئۇنسۇرىنىڭ رەزىل پلانىنى ئاشكارىلايدۇ،ئامىرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگىنى تەرىپىدىن تېررورچى دەپ قارىلاپ تۇتۇلۇپ قاماققا سولىنىدۇ،كىيىن بىر مۇخبىرنىڭ ياردىمىدە قاماقدىن چىقىپ،ئاپەتكە ئۇچرىغان يەرگە بېرىپ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق نۇرغۇن كىشىلەرگە تەسىر قىلىدۇ.ماندىرامۇ بۇ تەسىرلەر ئارقىلىق بالىسىنىڭ قاتىلىنى تاپىدۇ.رىزۋانخاننىڭ ئىش-ئىزلىرى ھەرقايسى تېلىۋىزىيەدە بەس-بەس بىلەن تۇنۇشتۇرۇلىدۇ،خۇددىي پرىزدىنىتنىڭ سۆزى بۇيىچە ئېيتىلغاندا ئۇنىڭ تېلىۋوزغا چىقىش سانى پرىزدىنىتتىن كۆپ بولۇپ كىتىدۇ...كىيىن،ئۇنىڭ بوشاشماس ئىرادىسى-ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرىزدىنىتى بولمىش تۇنجى قاراتەنلىك پرىزدىنىتىنى تەسىرلەندۈرىدۇ ھەمدە ئۇنىڭ قۇبۇل قىلىشىغا ئېرىشىدۇ.ئۇ-بۇ پۇرسەتتە،ماندىرانىڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلايدۇ،يەنى بېرىپ پرىزدىنىتقا مۇشۇ فىلىمدىكى ئەڭ ۋەكىللىك جۈملە بولغان :‹‹مەن مۇسۇلمان،ئەمما مەن تېررورچى ئەمەس!...››دەيدۇ.
كىنو-يالغۇزلا رىزۋانخاننىڭ سەزگۈرەشتىلىرىنى ۋە ياكى ماندىرا بىلەن بولغان سۆيگۈسىنى ئىپادىلىمەيدۇ،بەلكى كۆپ كۆرۈنۈشلىك ۋەقەلىكلەرنى بىر-بىرىگە مەخپىي ھالدا جىپىسلاشتۇرغاندىن كىيىن كۆرۈنەرلىك ئۆنۈمگە ئېرىشتۈرىدۇ.رېژىسسور مۇۋاپپىقىيەتلىك ھالدا،ئاشىق-مەشۇق سۆيگۈسى ،ئانا-بالا سۆيگۈسى،دوستلار سۆيگۈسى ،ئائىلە سۆيگۈسى،دۆلەت سۆيگۈسى،دىن سۆيگۈسى،ناتونۇشلار سۆيگۈسىنى بىريەرگە جەم قىلىپ،كىنودا يېڭى بىر ھاياتنى تەسۋىرلەيدۇ.كىنو-مۇھەببەتنى باش تىما قىلغان ھالدا دىن،ئورۇش،مېنىڭچە،مۇشۇ نۇقتا تېلىۋىزورنىڭ ئەڭ يارقىن،ئەڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىدۇر.
كىنونىڭ يەنە بىر قىززىق يىرى،پېرسوناژلار ھىندى تىلىدا سۆزلەشكىنىدە،بىزنىڭ تىلىمىزغا يېقىن ھەتتا ئوخشىشىپ كىتىدىغان سۆزلەر بەك كۆپ ئۇچرايدۇ،بۇمۇ بىزگە بىرخىل يېقىنلىق ھىس قىلدۇرىدۇ.
ئېيتىشلارغا قارىغاندا،بۇ كىنو ھەقىقىي ۋەقەلىك ئاساسىدا ئۆزگەرتىلىپ ئىشلەنگەنمىش.
كىنودا ماڭا ياققان سۆزلەر:
رىزۋانخان:مېنىڭ ئىسمىم خان،بىر مۇسۇلمان،ئەمما تېررورچى ئەمەس!...
ماندىرا: نەپرەت بىزنى ئايرىدى،مۇھەببەت بولسا جەم قىلدى!...
رىزۋانخان:ناماز-ئادەمگە ياكى ئورۇنغا قاراپ ئەمەس،ئېتىقاد ئارقىلىق بەلگىلىنىدۇ.
ھەسىنە:ھىجابىم-يالغۇز مېنىڭ دىنىمنىلا بىلدۈرۈپ قالماسدىن،ئۇ يەنە مېنىڭ كىملىكىمنىڭ بەلگىسى،ئۇ مېنىڭ بارلىقىم.ئۇ دىمەك-مەن دىمەك!...
كىنونى كۆرۈپ بولغاندىن كىيىن ياشلىرىمنى ئېقىتىپ تۇرۇپ خاتىرەمگە مۇنداق يازدىم:
مەن ئۇيغۇربەگ،مەن بىر مۇسۇلمان،ئەمما تېررورچى ئەمەس...
مەزكۇر فىلىمنى شاھ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم گوروپپىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلەپ چىقىپتۇ،ھاجىتى بارلار تۆۋەندىكى ئادرىسدىن كۆرۈپ چىققايسىزلەر!

توختاڭ، تۆۋەندىكى يازمىلارغىمۇ ئىشتىھايىڭىز بولۇشى مۇمكىن
- [تەنەپپۇس مەزگىلى] سەرەڭگە ئادەمنىڭ 80 خىل ئۆلۈمى
- ئامېرىكا جەڭ فىلىملىرى بىلەن جۇڭگو جەڭ فىلىملىرىدىكى پەرقلەر، كۆرسىڭىز ھەممىنى بىلىسىز!… (36)
- [تەسىرات](Günesi gördüm)دىن تۇغۇلغان ئويلار (9)
- بلوگ سېستىمىسى] emlog 3.5.2 نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرى تارقىتىلدى
- WordPress بلوگىغا Favicon رەسىم قوشۇش تەدبىرى (12)
- مېدىيا فورماتلىرىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇرۇش قورالى Format Factory
- [بايقاش] بىر توربەتچىنىڭ توربەت ياساش خاتىرىسى (4)